saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1831 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1164 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1871(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دادامنىڭ قەبرە تېشىغا ___ مەڭگۈتاش

دادامنىڭ قەبرە تېشىغا
 
بوۋا ،كۆزۈڭنى قاغا چوقۇدى،
مومام تەشۋىشتە دۇرۇت ئوقۇدى.
دادامغا ئەزرائىل قول بەرگەن كۈنى،
تىلى سۆزلىمىدى،تېنى سۆزلىدى.
بىر كېچە تەڭرىنى چۈشەپ چىقتۇق بىز،
بىر كېچە ھىجراننى كۆشەپ چىقتۇق بىز،
ئاپئاق يوپۇقتىن توزۇيتتى غۇسسە.
 
قارايتتى تۈڭلۈكتىن،پەنجىرىلەردىن،
دادامنى چىللىغان ئاقكۆڭۈل روھلار.
 
ياغاچ ئات ئاقاتتى قولدىن -قوللارغا،
كۆز يېشى ئاقاتتى چىغىريوللارغا.
بىر توپ پەرىشتە كولايتتى يەرلىك،
«ئىز» لىرى كۆمۈلگەن رايىش دادامغا.
 
سەن تىككەن سېدىنى بېسىپتۇ تەشۋىش،
دوقمۇشتا قالغىنى يۆتەل ئاۋازى.
بىر ئۆمۈر تۇپراقنى ھاپاشلاپ ئۆتتۈڭ،
ھارۋاڭنىڭ چاقىدا قىسمەتنىڭ سازى.
 
گاھىدا ھاجىغا ئەگىشىپ ماڭساڭ،
گاھ تۆمۈر خەلپىگە بېرەتتىڭ سالام.
«ئويغانغان زىمىن» دا ئويغاندىڭ نەچچە،
ۋارىسلار يول ئالسا مەيخانە تامان.
 
ھۆكمىتىڭ قەبرەڭگە بولغاندۇ يوپۇق،
تەقدىرنىڭ كالتىكى ساۋىماس ئەمدى.
سەن ماڭغان يوللاردا ئولتۇرۇپ مەيۈس،
بىر- بىىرلەپ پۇرايمەن يارقىن ئىزىڭنى.
 
بېغىڭمۇ قۇرىدى ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ،
كۆتەكتە بىخ سۈرەر يېپيڭى ئارمان.
دىلىمدا ئۈندۈرگەن ئادىمىيلىكىڭ،
ئۇنتۇلغان قېنىمغا بەرمەكتە زۇۋان.
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-25 22:40 |
uamakugul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 403
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  يامان ئەمەس يېزىپسىز  بۇنڭدن كېيىنمۇ  تېخىمۇتىرشىپ ياخشىراق قىلاسىز  بۇلامدۇ ؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 11:01 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 317
شۆھرەت: 1755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1771 سوم
تۆھپە: 1027 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1031 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوسمانجان ئاكا، ھىجراندا داغلانغان دىللىرىغا سەۋر تىلەيمەن، بارلىق ئازاپ ۋە ھەسرەتلىرىنى شۇنداقلا ئۇلاردىن تاپقان ھېكمەتلىرىنى داۋاملىق قەغەز يۈزىدە ياق مۇشۇ توريۈزىدە كۆرسەم دەيمەن، ئۆزەمنى تونۇشتۇرسام مېنى تونۇيلا، لېكىن مۇشۇنداق سىرلىق سىردىشايلى، مەنمۇ ئانامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان، مېنىڭ ئاناممۇ دادىلىرى ماڭغان ئاشۇ يوللاردا ماڭغان، ئانام ماڭغان ئاشۇ يوللار ماڭىمۇ ئادىمىيلىك ھەققىدە دەرس بەرگەن، ھەرقېتىم يۇرتۇمغا بارغىنىمدا ئانام ماڭغان ئاشۇ يوللاردا ماڭغىنىمدا مېنىمۇ ئوخشاشلا ھاياجان ۋە ھىجران چىرمىۋالىدۇ......
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 15:43 |
qawux
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  يامان ئەمەس يېزىپسىز  بۇنڭدن كېيىنمۇ  تېخىمۇتىرشىپ ياخشىراق قىلاسىز  بۇلامدۇ ؟
تورداش   بۇ شېئرنى سىز  چۇشىنەلمىدىڭىزمۇ؟ يا مەن  ئىنكاسىڭىزنى چۇشىنەلمىدىممۇ؟
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-01 02:04 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
شۆھرەت: 665 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 665 سوم
تۆھپە: 397 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

3 -قەۋەتتىكى ئاداش  تۈپتۈز ئويلىۋالغان ئوخشايدۇ .........
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-01 02:21 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر