turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 1401 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1059 سوم
تۆھپە: 541 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 541 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سالام ، «قوغۇنچى قىز»!-مەڭگۈتاش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-02)
رەسىم:

    
      ھەرۋاقىت بىر قوغۇننى كۆتۈرۈپ جەنۇب تامان قاراپ تۇرغىنىڭنى كۆرىمەن. ئۆيۈڭ بوغازدىمۇ؟ راھەتباغدىمۇ؟ ئاتا- ئاناڭنى، قېرىنداشلىرىڭنى، تەپكۈچ ئوينىغان دوستلىرىڭنى سېغىندىڭمۇ؟ مەھەللەڭدىكى توپا ئۆرلەپ تۇرغان ، سېنى پەپىلىگەن، ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان كونا ئۆيۈڭنى سېغىندىڭمۇ؟ سېنىڭ ئىپادىسىز كۆزلىرىڭ، نومۇسسىز ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدا ئاشكارە قىلىنغان، كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىڭنىڭ رىزىق قاچىسى بولغان ئانىلىق كۆكسۈڭ قانچىلىغان نومۇسسىز ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىغاندۇ؟ شۇ ۋەجى پايمال قىلىنغان، كەلگۈسى ھالال جۈپتىڭگىلا تەۋە بولغان قىزلىق نومۇسۇڭغا ئېچىنىمەن.
     سەن بەلكىم قايسىدۇر بىر چاغدا مېھرىبان داداڭغا ئەگىشىپ قوغۇن ساتقىلى ئېشەك ھارۋىنى ھەيدەپ شەھەرگە چىققاندا يولدىن ئېزىپ قالغانسەن؟ شەھەر كىشىلىرىنىڭ سوغۇق تەلەتى ۋە ئۆلگەن ۋىجدانى ، ماددىيەتكە تازىم قىلغان نومۇسسىز روھى سېنىمۇ ئاخىرى بىر ھەيكەلگە ئايلاندۇرغان ئىدى. خۇددى يولۋاس ، بۆرىلەرنى قىرىپ تۈگىتىپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇۋالغاندەك، قىزلىق نومۇس ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشكەن دەۋردە سېنىڭمۇ ھەيكىلىڭ قاتۇرۇلدى. سەن ماھىيەتتە قىزلىق ئىپپەتنىڭ تاشقا ئايلانغان ھەيكىلى. بىر دېھقان قىزىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئۇچرىغاندىكى تېڭىرقىشى، يېزىلارنىڭ تەڭقىسلىقى. قىزلىق پاكلىقنىڭ، ھايا ئىماننىڭ ئاجىز ھالسىرىشى.
       ھامىنى جەنۇبقا قاراپ تۇرغىنىڭ تۇرغان. سېنىڭ ئىسمىڭنى بىلمەيمەن. بەلكىم «ئايخېنىم» دۇر. سەن مۇشۇ مېھرى ئىسسىق زىمىندا تۇغۇلدۇڭ. ئۆزۈڭنى بىلسەڭ، بىر توپ ئىسسىق چىراي كىشىلەرنىڭ قۇچىقىدا ياشاپ كەپسەن. ئاتا- ئاناڭ نامرات بولسىمۇ ئىمان- ئېتىقادلىق كىشىلەردىن بولغاچ ساڭا باشقىلارنىڭ قىزلىرىدەك كىيگۈزەلمىسىمۇ، زاغرا تىللىرى بىلەن نومۇسلۇق ئادەم بولۇپ چىقىشىڭنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئۇلار ۋەتەن ھەققىدە شېئىر يازالمىغىنى بىلەن ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى بىلەتتى. 5 شەھەر، 12 تاغنىڭ ئالىپ تاغلىرىدىن ، ۋاشىنگىتوندىن، نىيۇيوركتىن ئېسىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. پالۋان بوۋاڭ كەزگەن ئاشۇ قاپتاللار، راجى بالا باغلانغان قاچورىلار ھەممىسى ئۇلارنىڭ سۆيۈشىگە ئەرزىيتتى. كەڭرى ھويلا، پەنجىرىلىك ئىشىك- دەرىزىلەر، يوتقان يىغىدىغان ئويۇق، ئاشلىق قاچىلىغان كۆندۈك ۋە تاشلىنىپ قالغان يارغۇنچاق تېشى.... ھەممە، ھەممىسى ئۇلار قەدىرلەپ كەلگەن نەرسىلەر ئىدى. ئۇلار سېنى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيتتى. ئاتاڭ تېرىغان كۆكچى، بېشەكچى، پوستىپىياز، جاغدا، چىلگە، خانىشلارنىڭ خۇشپۇرىقى تەبىئەتنى بۇزۇشقا خۇشتار ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ نەفسىنى يەنىمۇ تاقىلدىتاتتى. سەن سەرەڭگە ساتقۇچى قىز ھەققىدە ھېكايە ئاڭلىغان. ئۇ قىز زۇلمەت باسقان سوغۇق بىر كېچىنى  سەرەڭگە بىلەن يورۇتماقچى بولغاندا روھى ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن.  سېنىڭ پىشانەڭگە قوغۇن سېتىش پۈتۈلۈپتىكەن. قەلبىگە ھايا، ئىماننى نەقىش قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن بىر قەۋمنىڭ قىزى بولۇش قىسمىتى پۈتۈلۈپتىكەن.   چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرغان ساپ ھاۋالىق قوغۇنلۇقتىكى ساتمىدا ئولتۇرۇپ، مەرھۇم موماڭنىڭ رىۋايەتلىرىنى سېغىناتتىڭ. بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ رىۋايەتتىن يىراقلاشقان قەلبى شۇنچىلىك ئېچىرقاپ، شۇنچىلىك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. سەن ئېچىناتتىڭ، خۇددى ۋانكىغا ئوخشاش ئادرېسى نامەلۇم بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا پۈتكۈل تىلەكلىرىڭنى مۇجەسسەم قىلىپ، يەر شارىنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان بارلىق كىشىلەرگە ئەۋەتمەكچى بولاتتىڭ. چۈنكى، سەن ئەخلاق بەرباد بولۇشقا يۈز تۇتقان بىر دەۋرنىڭ شاھىدى ئىدىڭ. ئەرزان كۈلكىلەر ئاينىغان، دوستلۇق مەنپەئەتكە يەم بولغان، ھەممىلا نەرسە تاۋارلاشقان بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلاتى ئىدىڭ.
       تەكەببۇرانە قامەتلەر ۋە ئەرزان كۈلكىلەر قاپلاپ كەتكەن جەمئىيەتتە سەن ھارۋاڭدىكى ئاخىرقى بىر تال قوغۇندەك تاشلىنىپ قالغان ئىدىڭ.
       بالىلىق چاغلىرىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۆيۈڭلارنىڭ ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسالغان، غىچىرلاپ ئېچىلىدىغان قوش قاناتلىق ئىشىكى، ئويۇقتىكى كىرسىن چىراق، قات- قات يىغىۋېتىلگەن ئورۇن كۆرپىلەر، قوينۇڭدا پۇشۇلداپ ئۇخلايدىغان تاغىل مۈشۈك، بالىلار بىلەن ئېسىلىپ ئوينايدىغان، مېۋىسى تەملىك ئاق ئۈجمە دەرىخى، يەنە مەھەللەڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆل، ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان كونا مەسچىت مۇنارى. ئۆيۈڭدە ئوقۇلىدىغان ھۆكمەتلەر،  بۇلار ئەسلىمەڭدىكى نۇرلۇق روجەكلەر.
         سەن خىيالچان ئىدىڭ. رەڭدار ئالامانلارغا تولغان دۇنيانىڭ سىر- ھېكمەتلىرىگە ھەيران ئىدىڭ. كەم- كۇتسىز يارىتىلغان ئاسمان ۋە ئۆلچەملىك يارىتىلغان بارچە شەيئىي دۇنيانىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر قۇدرەت ئىگىسىنىڭ  قولىدا ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. نامراتلىق بىلەن قېرىغىچە كۈرەش قىلغان كەكە ساقال داداڭنىڭ ئىمان تۆكۈلۈپ تۇرغان ۋۇجۇدى، ئاناڭنىڭ چىت كۆينىكىدىن ماراپ تۇرغان مۇھتاجلىق سېنى پات- پاتلا  تەقدىر ھەققىدە خىيال سۈرۈشكە مەجبۇر قىلاتتى. ئىنسان نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغان؟ بۇ دۇنيادىكى ياشاشتىن مەقسەد نېمە؟ ئادەم ئۆلۈش بىلەنلا ھەممە ئاخىرلىشامدۇ؟
         خىياللىرىڭنىڭ ئايىغىنى چىقىرالماي توپا باسقان رىئاللىققا قايتىپ كېلەتتىڭ.
    ياق، ياق! دەيتتى بىر سىيما ئىچىڭدە تۇرۇپ: ئەي قىزىم، سېنىڭ ئىككى مۇسۇلماندىن تۇغۇلۇپ، كۇفرى زالالىتىدىن ھەقنىڭ ھىدايىتىگە مۇشەررەپ بولۇشۇڭ ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ نېئمەتتۇر. ئاتا- بوۋىلىرىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مېڭىپ كەلگەن ھەق يول مۇشۇ. قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [زارىيات: 56]
         ﷲ ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. چىرايلىق سۈرەتتە قىلدى. ئىمان نېئمىتىدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ نېئمەت ئەقىلدۇر. ئىنسان ئەنە شۇ ئەقلى بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ سەجدە قىلىپ ھۈرمەت بىلدۈرۈشىگە نائىل بولغان. لېكىن، شۇنىڭدەك ﷲ خالىغان ئىنساننىڭ ھەقنى تونۇپ توغرا يولدا مېڭىشى، خالىغان ئىنساننىڭ ئازغۇنلۇقنى تاللىشى ئۈچۈن بۇ دۇنيانى سىناق مەيدانى قىلىپ ياراتقان ھەم دوزاق، جەننەتنى قوشۇپ ياراتقان. ﷲ رەھىم قىلغۇچى سۈپىتى بىلەن دەۋزەقنى يەتتە، جەننەتنى سەككىز ياراتقان. ئەقىل، ۋاقىت، بايلىق ھەممىسى بىزگە بېرىلگەن ئامانەتتۇر. بىراۋدىن پۇل قەرز ئالساڭ چوقۇم قايتۇرغىنىڭدەك ئىنسان ﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەقلى، تاپقان پۇلى، ئۆتكۈزگەن ۋاقتى سەۋەبلىك چوقۇم سوراق قىلىنىدۇ.
        ناۋادا بۇ دۇنياغا كەلگەنلەر يەپ- ئىچىپلا ئۆلۈپ تۈگەيدىغان، ياخشىلىق قىلغۇچى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ھېچبىر پەرقى بولمايدىغان ئىش بولسا ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. ھەتتا ئەرەب مۇشرىكلىرىدىنمۇ ئېشىپ ﷲنى ئوچۇق- ئاشكارە ئىنكار قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. پەرۋەردىگار يەنىلا مەغفىرەت ۋە رەھمەت ئالقىنىنى ئېچىپ ئاشۇ ئازغۇن كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
ﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز» [تاھا: 124]


      ئەي قىز! ئۆلۈم ئىنساننىڭ ئىككىنچى ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قەبرە جەھەننەم ئازگاللىرىدىن بىر ئازگالدۇر ياكى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر» . بىر مۇسۇلمان ﷲ ۋە ﷲنىڭ رەسۇلى يەتكۈگەن ھەقىقەتلەرگە دىلىدىكى زەررە گۇمانلارنىمۇ تەلتۆكۈس يوقىتىپ ئىشەنمىگۈچە ئۇ ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. «ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن»دېگەن ئەقىدىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر «ھەممە ئۆلۈش بىلەن ئاياغلىشىدۇ، »دەپ قارايدۇ. ﷲ تائالا مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قوينىڭ ئەنتىنىمۇ ئېلىپ بېرىدىغان قىيامەت كۈنى ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان مۆئىمىندىن باشقىسى زىيان ئىچىدە بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟» [قىيامەت:36]
         بىلەمسەن. ئۆلۈم ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى باشلىنىشتۇر. پانىي دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن كېيىن قايتا ئۆلۈش يوق. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ قىيامەت كۈنى ئالا قوچقارنىڭ شەكلىدە بوغۇزلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بار. ئىسلام سېنىڭ ھاياتىڭنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. بىر ﷲقىلا ئىبادەت قىلغىن. ﷲنىڭ شېرىكى يوق. ئىنساننىڭ ئەرزىمەس ئابى مەنىيدىن يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇما. قىيامەت كۈنى نۇرغۇن يۈزلەر قارا بولىدۇ. شۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنياغا قايتىشنى بارلىق دۇنيالىرى بىلەن ياخشىلىق قىلىشنى، پۈتۈن ئۆمرىنى ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ھېساب- كىتاب تۈگىگەن، نامۇ- ئەمەل دەپتەرلىرى يېپىلغان ئۇ كۈندىكى ھەسرەت پايدىسىزدۇر، قىزىم!
        يەنە نۇرغۇن يۈزلەر تولۇن ئايدەك نۇرلۇق بولىدۇ. ئۇلار ﷲنىڭ كالامى بويىچە ياشىغان، ئەسىر سۈرىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن كىشىلەردۇر. ئەرشنىڭ سايىسىدىن ئۆزگە سايە بولمىغان ئاشۇ كۈندە ﷲقا كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى ﷲتائالا ئۆز سايىسى ئاستىغا ئالىدۇ. ھەۋزى كەۋسەردىن ئىچكەن ئاشۇ بەختلىك ئىنسانلار بۇ دۇنيادىكى چاغدا كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن، بوزەك قىلىنغان، خار كىشىلەر ئىدى. ئۇلار مۇھتاج تۇرۇپ باشقىلارغا بېرەتتى. ياخشى ئىشقا، تەقۋالىققا ياردەملىشەتتى، يامان ئىشتىن توسايتتى. ئۇلار نامرات ئىدى، ئاددىيغىنە كەپىلەردە ئولتۇراتتى. ئۇلاردا ھوقۇق، ئىمتىياز، پۇل، باشقىلار پەخىرلەنگەن نەرسىلەر يوق ئىدى. پەقەت ئۇلاردا ﷲ ۋە ﷲنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر راستچىل يۈرەكلا بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىجارىتى پايدا كەلتۈردى. ئۇلار بۇ دۇنيادا مېلى بىلەن ، جېنى بىلەن ﷲ يولىدا كۈرەش قىلغۇچىلار، ﷲنىڭ ھۆكمىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا ئەزىيەت چەككۈچىلەر ئىدى. ﷲ ھەقىقەتەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. مۆئمىنلەر بەختكە ئېرىشتى. بۇ ھەقىقەتەن كاتتا مۇۋاپپەقىيەتتۇر. بىلگىنكى، دەۋزەق ھاۋايى ھەۋەس، نام- ئاتاق قاتارلىق كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئوراپ قويۇلدى. جەننەت قارىماققا جاپالىق، مۈشكۈل ئىشلار بىلەن ئوراپ قويۇلدى. خالىغان كىشى مۆئىمىن بولسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن، ﷲنىڭ دەرگاھىدىكى ھېچنېمىگە زىيان ياكى پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
        ئۆلۈم يېقىنلاشتى، لېكىن، غەپلەتتىسەن. ئاۋۇ ئازغۇن كىشىلەردىن يىراقلاش، ﷲنىڭ ئايەتلىرى مەسخىرە قىلىنغان جايدا ئولتۇرمىغىن. ئىككى مۈرەڭدىكى كۈزەتچى پەرىشتىلەر ھەر بىر سۆزۈڭنى خاتىرلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئېيتىدۇ: «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسەدكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [ئال ئىمران. 104 ]
 «ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ﷲ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟...» [قەسەس: 50]
ياخشىلىققا بۇيرۇدۇڭمۇ؟ بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭمۇ؟ سېنىڭ سەن چۈشەنگەن ھەقىقەتلەرنى ئاشۇ نادان كىشىلەرگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيتىڭ بار. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دەۋەت ۋەزىپىسى بار. ئاخىر زاماننىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ﷲنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. ئەمدى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ چىققانلارنىڭ دەۋاسى باتىل.
بىر يۇرتتا بىر ئابىد كىشى بار ئىدى. كېچە- كۈندۈز ئىبادەت قىلاتتى. لېكىن كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسمايتتى. ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىغان بۇ مۇسۇلمان ئاخىرى شۇ شەھەردىكى پاسىق كىشىلەر بىلەن بىرگە ﷲنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ ھالاك بولدى.
      « تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل- مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى(1)(2) . راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(3) .  ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(4) .  ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقى بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)(5) .  سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر(6) .  ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر(7) .   ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سۇئال- سوراق قىلىنىسىلەر(8) .» [102- سۈرە تاكاسۇر]
     
دەۋەت ئىنساندىن، ھىدايەت ﷲتىن كېلىدۇ. مۇسۇلمانلىق ئاجىزلىقنىڭ، تەپرىقىچىلىكنىڭ، جىدەل- ماجرانىڭ، قالاقلىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېگەن بۈگۈنكى دەۋردە بۇرچۇڭ ئېغىردىن ئېغىر. چۈنكى،سەن ﷲنىڭ ئەھكاملىرى ئويۇنچۇققا ئايلانغان، ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە ﷲنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇپ، باشقا چاغدا نەفسى خاھىشىغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتىسەن، قىزىم!
بۇ ئاۋاز يىراقلاشتى. سەن يەنە رىئاللىققا قايتىپ كەلدىڭ.

     كىشىلەر ئالدىراش ئىدى. شەيتان تەرىپىدىن چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ھارام نەرسىلەرگە ئېرىشىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئىدى. بىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقىدىغان ئاتا- ئاناڭ ياراتقۇچى بەرگەن رىزىققا شۈكرى قىلىشنى بىلەتتى. سېنىڭ قىز بولۇپ يارالغىنىڭغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن بىرگە مۇشۇنداق بىر دەۋردە قىز بولۇپ ياشىغانلىقىڭدىن خەۋپسىرەيتتى. ئاتاڭنىڭ قورايدەك قاتقان ۋۇجۇدى، يۇمشاق دىلى ئۆز پۇشتى ۋارىسى بولغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن چوغ بولۇشقا ھەرزامان تەييار ئىدى. بىر دىنسىز مەلئۇننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا سورىشىغا چىداپ تۇرالماي ئوغاق ئورنىغا ياراق ئالغان قەھرىمان سالى دورغىنىڭ يۇرتدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرى خالاپ يات تائىپىلەر قۇچىقىغا كېتىۋاتقان قىزلارنى توسۇپ قېلىشقا قادىر بولالمىسىمۇ ئۆز قىزىغا ئىگە بولۇشنى بىلەتتى. شېھىدلەر ھەققىدىكى قىسسەلەر ئاتاڭنىڭ ياۋاش، ئەمما ناھەقچىلىك ئالدىدا ۋولقاندەك قاينايدىغان قانلىرىغا ئوزۇق بولۇپ تۇراتتى. ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن بۇ دىيارغا يىراق ئىقلىملاردىن كېلىپ شېھىد بولغان تالاي كىشىلەرنىڭ قەبرىسى«پالانچى غوجام»،« پۆكۈنچى ئەۋلىيا»نىڭ جايى دەپ ئاتىلىپ، شۇلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىدىغان، تىلىكىنى تىلەيدىغان قەبىھ بىدئەت قىلىقلار كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى چىرماپ كەتكەن ئىدى. ھەق سۆزلىگەن كىشى چەتكە قېقىلاتتى. ئۆلۈكلەرگە جاۋابنامە قوشۇپ كۆمۈشتەك بىمەنىلىكتە ئۇچىغا چىققان ھاماقەت ئادەتلەر سۈننەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۆلۈم ئۇزاتقاندا ئاغامچا تۇتۇپ «فىدىيە» ئالىدىغان، قىرائەتلەرنى باھاغا سۇندۇرۇپ ساتىدىغان نادان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئاتاڭدەك قەلبى ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىغان كىشىنىڭ قەلبىنى پۇچۇلايتتى. شۇ سەۋەب بۇ دىيار كىشىلىرىنىڭ توپراقتىن رەڭ ئالغان چېھرىدە بەخت جۇلاسى، شېرىك توزانلىرى قونغان ھاياتىدا ئىمان لەززىتى بولمايتتى. ﷲ بەرگەن ماللىرىدىن سەدىقە- ئېھسان قىلمايتتى. ئۆشرە- زاكاتنىڭ نېملىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر ساناقلىق ئىدى. ئۇلار دىن ھەققىدە «ئاتا- بوۋىلاردىن تارتىپ شۇنداق» دېگەن جاۋابنى ھېيىقماي بېرىشەتتى. مال – دۇنياغا بولغان مۇھەببەت ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ كەتكەن، ئىمان بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالغان ئىدى.
     ئۇلار  ئۇلار جاھىللارچە ئەمەل قىلاتتىكى، ئاقىللارچە تەپەككۇر قىلمايتتى. بىدئەتخور ئاخۇنۇمغا ئەگىشەتتىكى، سۈننەتكە ئەگەشمەيتتى. قىسمەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ﷲنىڭ ئايەتلىرى پوشكال ياكى پۇلغا تەڭداش ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
      ھەسەن بەسرى ( رەھىمەھۇللاھ ) مۇنداق دەيدۇ : « ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن. ئەھلى سۈننەت ئۈستىدە بولۇڭلار. چۈنكى ھەم ئىلگىرى زامانلاردا ھەمدە كېيىنكى زامانلاردا ئەھلى سۈننەتتىن بولغانلارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز ئىدى. ئۇلار دەبدەبە ئىچىدە ياشىغانلارنىڭ يولىدا ماڭمىدى. بىدئەت ئەھلىگە ئەگەشمىدى. پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر بۇ ئادىتى ئۈستىدە قېلىشتى. ئىنشائاللاھ سىلەرمۇ مۇشۇنداق بولۇڭلار.»
بىر كىشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوغلىغا نەسىھەت قىلىدۇكى: ئەمدى بىرەر ئاخۇنۇمدا ئوقۇغىن، ئاچ قالمايسەن.
      دىنىي ئىلىمنى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈگەنگۈچىنىڭ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى ھەتتا جەننەت ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدىغانلىقى، ھالبۇكى جەننەت ھىدىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىدىن كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ھەدىسلەردە قەيت قىلىنغان.
       ئۇششاق تاش قاچىلانغان خالتىلارنى كۆتۈرۈپ خەتمە ئوقۇپ پۇل ئېلىپ يۈرگەن بۈۋىملەر،  يېتىم ھەققىنى يەۋاتقان قارا نىيەت تۇغقانلار خۇددى ھەق ئىسلامنىڭ، سۈننەتنىڭ، شەرىئەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى جاكارلىماقچى بولغاندەك شۇنچە خاتىرجەم ئۆتۈشمەكتە ئىدى.
خۇددى مۇنۇ ھەدىستىكى ھېكمەت ئۆزىنى ئاشكارە قىلماقتا ئىدى:
      پەيغەمبەر (س ئە ۋ)ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن بازارغا چىقىپ شۇنداق دىدى: ئى ئىنسانلار، بەشكە بەش بولدى،- دىدى. ساھابىلەر: ئى ﷲ نىڭ ئەلچىسى، بەشكە بەش بۇلدى دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ دەپ سۇراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام دېدى:1.ھەرقانداق بىر مىللەت ئەھدىنى بۇزىدىكەن ﷲ ئۇلارغا ئۆز دۈشمەنلىرىنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ.2- ﷲ چۈشۈرگەننىڭ باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئۇلار ئارىسىدا پەقىرچىلىق ئاشكارا بولىدۇ.3- زىنا پاھىشە ئوچۇق- ئاشكارا بولسا ئۆلۈم- يېتىم كۆپىيىپ كېتىدۇ.4- ئىنسانلار جىڭ-تارازىنى كەم قىلدىكەن، ﷲ ئۇلاردىن ئۆسۈملۈكنى مەنئى قىلىپ قويىدۇ ۋە قەھەتچىلىككە دۇچار قىلىدۇ.5-ئىنسانلار زاكاتنى مەنئى قىلىدىكەن، ﷲ ئۇلاردىن يامغۇرنى توسۇپ قويىدۇ. ئەگەرھايۋانلار  بولمىسا ئىدى. ﷲ يامغۇر ياغدۇرمايتتى.

      سەن،  «ئۆزلىرى» ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان، تاكاللىشىپ قالسىمۇ «ئۆزلە» دېيىشىدىغان بۇ يۇرتتا ئەخلاقنىڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماققا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتىڭ. ھاراق سۇدەك ئىچىلىدىغان، تانسىلار ئومۇملاشقان، ئازابلىنىش تۇيغۇلىرى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن، ئېتىقاد مەسچىتلەردە غېرىبسىنغان ھالەتتە ... بۇ سەن ئىزدىگەن نەرسىلەر ئەمەس ئىدى. قىزلار كوچىلاردا يۈرۈشەتتى. ياغلىق، لېچەكلەر ئاللىقاچان قازناقلارغا «يەم» بولغان ئىدى. ئىپپەت ئەرزان مالغا ئايلانغان، ئىپپىتىنى ساقلىغانلار «مەتۇ»غا، ئاشنا تۇتمىغانلار «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان»لارغا ئايلىنىشقا باشلىغان، كىشىلەر گۇناھ- مەئىسىيەتكە بېشىچىلاپ چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. خۇددى ئۆلىما ئابدۇۋەلى قارىي ئېيتقاندەك گۇناھ قىلغۇدەك ھالى قالمىغاندا ئاندىن ئىسلامغا كىرىدىغان ئادەملەر كۆپ ئىدى.
       مۇشۇنداق بىر دەۋردە ئىمانىنى، ئىپپىتىنى ئىسلام بۇيرۇغان دائىرىدە ساقلاپ قېلىش بەسى مۈشكۈل ئىدى. لېكىن، باشقا نەرسە زامانغا بېقىپ ئۆزگەرسىمۇ، دىن زامانغا بېقىپ ئۆزگەرمەيتتى.ئىلاھىي بۇيرۇقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيتتى.  1400  يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تەرتىپلەپ، ئىنساننى ئىنسانىي قىممەتكە ئىگە قىلغان بۇ ئىلاھىي مىزان تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى. نەفسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان شەقىي بەندىلەر قەبىھ گۇناھلار بىلەن پەخىرلىنىشمەكتە ئىدى.
گاھىدا ئاشۇ ئاتا- بوۋىلىرىڭ زامانىدىكى مەدرىسلەرنى سېغىنىپ قالىسەن. ئاپئاق ساقال، نۇرانە چىراي ئۇستازلارنىڭ سۈزۈك ئەقىدىدە سۇغۇرۇلغان ئۈگۈتلىرىنى سېغىنىپ قالىسەن. كىتابلار كۆيدۈرۈلگەندە، ئۇستازلار زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندۇرۇلغاندا كۆيۈپ كەتكەن سېرىق ۋاراقلىق ئېسىل كىتابلارنى، مۇسۇلمان بولۇپ ياشاپ قېلىشتىن ئۆزگە «سەۋەنلىكى» بولمىغان تەۋەررۈك ئۇستازلارنىڭ سىماسىنى سېغىنىپ قالىسەن. شۇنداق. بۇ دىياردا تالاي ئۇستازلار ئۆتكەن. ئۆيلىرىنى، مال -دۇنيالىرىنى ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلغان ، ئۇلار ساھابىلەر ھاياتىنى ئۆرنەك قىلغان، سەدىقىنى مەخپىي قىلىدىغان، كېچىلىرى بىدار بولغان، ﷲنى زىكرى قىلىش بىلەن قەلبى ئارام تاپىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەمدى ، ئاۋۇ دوقمۇشتىكى ساقالسىز بوۋايغا قاراپ باقە، موخوركىنى ئاچچىق – ئاچچىق شۈمۈرىدۇ. نەۋرىسىگە تاماكا ئەپكىرگۈزىدۇ.  دىن نەزىر ۋە ئۆلۈم، ھېيت نامىزىدىن باشقا چاغدا ئېسىگە كەلمەيدىغان بۇ جاھىل كىشىلەرگە قارا، ئۇلار كوردۇر، ھەقىقەتنى كۆرمەيدىغان. گاستۇر، ھەقىقەتنى ئاڭلىمايدىغان.
ئاتا- ئاناڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەنمۇ مۇسۇلمان ھېسابلىنامسەن؟ ياق، ياق.قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى كەرەملىك ﷲ ھەر بەندىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئۇنى ياكى ھىدايەت قىلىدۇ ياكى زالالەتتە قويىدۇ. مۇسۇلمان خەنزۇ بار، كاپىر ئۇيغۇر بار. 50 يىللىق ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە بۇ دىياردىكى ئىسلام مەسچىتلەرنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئۆمۈچۈك تورىدەك غېرىب ھالەتكە چۈشتى. ئىچكىرىدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ياشلار ئىچىدە ئاينىش ئېغىر ھالەتتە. ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئىنتايىن تۆۋەن ساننى تەشكىل قىلغان. ئىسلام دىنى « ياشانغانلار دىنى»غا ئايلىنىپ قېلىشقا يۈز تۇتقان.
 ﷲ نىڭ ئەمىرلىرى ئورۇنلانمىغان، ﷲ نىڭ دىنى ئۈستۈن بولمىغان، ﷲ نىڭ نېئمەتلىرى زايە قىلىنغان دىيارنىڭ نۇسرەت تېپىشىدىن ئۈمىد كۈتىۋاتامسەن؟ ياق، ياق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى، توزكورلۇقىمىز تۈپەيلى تارتقۇلۇقلار بەرھەقتۇر. مىللەتنى سۆي، لېكىن، مىللەتچىلىكتىن يىراق بول، چۈنكى ﷲ ياراتقان زىمىندا ئىككىلا تائىپە بار. مۇھەببىتىنىڭ ﷲ ئۈچۈن، نەپرىتىڭ ھەم ﷲ ئۈچۈن بولسۇن. ﷲ رىزالىقى ئۈچۈن يولغا چىقىپ مىللەتچىلىك توزانلىرىدا ئاخىرەتلىكىنى ھالاك قىلغان ئىنسانلار بار. مەخلۇقلارنى ئىلاھ تۇتىۋالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىگە ئۇ يەر بۇ يەردىن داۋا ئىزدەپ يۈرگەنلىكىگە قارا. خۇددى يالماۋۇزنىڭ ھالقىلىق بېشىنى تاپالماي، پۇت قولىنى كېسىۋەرسە، بىرىنىڭ ئورنىغا ئونى ئۈنۈپ چىققاندەك قەلبى تەقۋالىق لەززىتى بىلەن يۇيۇلمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسى زەھەرلىك ئىدىيىلەر بىلەن يۇيۇلغان. ئۇلارنىڭ بەخت چۈشەنچىسى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىنغان. ئۇلار كۈلىدۇ، ماددى مەنپەئەتى ئۈچۈن. يىغلايدۇ ھەم ماددىي مەنپەئىتى ئۈچۈن.  تۆت تەڭگە ئۈچۈن ئۆلىمالارنى ژاندارمىخانىلارغا چېقىپ مائاش ئېلىپ، يەنە مۇسۇلمانلىق قالپىقى كىيىپ يۈرۈۋاتقان ماۋۇ ئىنسانلارغا قارا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇپراققا قايتىدىغانلىقىنى، ئۆزى تىللىغان، ئۆزى ساتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشمەيدۇ. ئۇلار جان جەھلى بىلەن دەۋزەققە ئوتۇن بولىدىغان تەنلىرىنى سەمىرتىشنىڭ كويىدا. ئۇلار تەقۋالىق ئىزدىگۈچىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق شەيتان ھەۋەسلىرىنى بېسىشىپ، قەبىھ ئەمەللىرى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلارسوغۇق سۇ قۇيۇلۇپ ئاستىدىن ئوت يېقىلغان قازاندىكى پاقىغا ئوخشاش ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىلگەن كىشىلەر بولۇپ، ھاكىمىيەت ماشىنىسى ئەنە شۇ كىشىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ سىتراتىگىيىلەرنى يۈرگۈزۈشىدۇ. ﷲ بەرگەن ئەقىلنى ئۆزىنى ھالاك قىلىشقا، قېرىنداشلىرىنى ۋەيران قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ.
مۆئمىنلەر بىر بىنانىڭ خىشىغا ئوخشاش بولۇپ بىر- بىرىنى چىڭىتىپ تۇرىدۇ. 00 10 چاقىرىم يىراقلىقتىكى بىر مۇسۇلماننىڭ كۈلپىتى قەلبىڭنى ئۆرتىيەلمىسە، مۆمىنلەرنىڭ غەلبىسىدىن قەلبىڭ قۇۋانمىسا دېمەك ئىمانىڭدا مەسىلە بار. بىزنىڭ قەلبىمىز ئۈممەتتە بولۇشى كېرەككى، يۇرتۋازلىق، تەپرىقىچىلىك كۆزلىرىمىزنى باغلاپ قويمىسۇن. چۈنكى، بۇ شەيتاننى خۇش قىلىپ، ﷲ نى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« ئۈممىتىمنى تەقدىرگە ئىشەنمەسلىك، يۇرتۋازلىق، ئېنىقلىماي ھەدىس رىۋايەت قىلىشتەك ئۈچ ئىش ھالاك قىلىدۇ .»(«ئەسسەغىر» 440،« ئەلئەۋسەت»)

ئەي قوغۇنچى قىز! دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇن – تاماشىدىن ئىبارەتتۇر. سەن قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىقچىلىقتا بۇ دۇنيادا بىر كۈن بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز تۇرغاندەك ھېس قىلىسەن. بىلسەڭ ئۇ كۈن خامان يىغىلىدىغان كۈندۇر. نۇرغۇن كىشى شەقىيلىكى سەۋەبلىك خار بولسا يەنە نۇرغۇن كىشى مۇتتەقى بولغانلىقى ئۈچۈن نىجات تاپىدۇ. ئۇ كۈنى قاچىدىغان جاي بارمۇ؟ ئۇ كۈن ﷲ نىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقان كۈندۇر. ئاۋۇ قوشنىسىنى چېقىپ مائاش ئېلىپ يەۋاتقان، ئاۋۇ تۇل چوكاننى پايلاۋاتقان ئادىمىي شەيتانلارنىڭ دۇنيادا تاپقان دۇنياسى، ۋاقىتلىق شەيتانىي لەززەتلىرى ئاخىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كەلدى. چوشقىنىڭمۇ كەينىگە تىزىلىدىغان بۇ بىر بۆلۈك كىشىلەر ھەقىقەتەن بۇ كۈنى ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىلەرنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ. نەفسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەفسى – خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىلەر قانداق كىشىلەر ئىدى؟ ئۇلار نەفسىگە ياققان ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلاتتى. ياقمىغانلىرىنى تاشلاپ قوياتتى. ئۇلاردىكى تۇراقسىزلىق، مۇناپىقانە قەلب بىلەن قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ئەسقاتمىدى. ئۇلار ئىلاھى ھۆكۈمگە ئەمەس، قەلبىدىكى ئارزۇ- ھەۋەسلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەر بولۇپ، ئىنسان قەلبى ﷲ نىڭ ھۆكۈملىرىگە چىن قەلبىدىن بويسۇنمىسا، پەيغەمبەر ھۆكۈملىرىگە تەستىق سالمىسا ئۇ ئىنساننىڭ شەكلەن ئېيتىپ قويغان ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ. نەفسى- خاھىشىغا ئەگىشىش بىر تۈرلۈك ئازغۇنلۇق.
بۇ دىياردىكى كىشىلەرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ يولىدا قانچىلىك مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىسەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى تېخى نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدىلا شامان ۋە ياكى بۇددا دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئەجدادلار خاتا ئىش قىلمىغان، ئۇلارنىڭ ھەممە نېمىسى توغرا. ئۇلارنى ئىنكار قىلىش ئاسىيلىقتۇر.
ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ﷲ ئۈچۈنلا دۈشمەن بولۇشقان كىشىلەرنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى مۇشرىكلار قوشۇنىدا، ئۆزى ئىسلام قوشۇنىدا، قېرىنداشلىرى مۇشرىكلار سېپىدە، ئۆزى مۇسۇلمانلار سېپىدە تۇرۇپ ئاشۇ بىر قورساق قېرىنداشلىرىنى ئىككىلەنمەي قىلىچ بىلەن ئىككى پارە قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قەلبى ئېچىنمىغان. چۈنكى ﷲ رىزالىقى بىلەن تولغان قەلبتە كۇفرىغا مۇھەببەت نېمە ئىش قىلسۇن؟ بۇ كىشىلەر ئاتا- بوۋىلىرىغا قارغۇلارچە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ.
ﷲ نىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى تەستىقلاپ بەزى ھۆكۈملىرىدە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىدىغانلارنىڭ ھالى نېمە بولار؟ ماددى پەلسەپەنىڭ قانغۇچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر ئارىمىزدا ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە، دەۋاسىنىڭ ئالىيلىقىغا قاراپ ھەۋەسلەنمىگىن. ئۇلار ﷲ ۋە ﷲ نىڭ رەسۇلىغا تەلتۆكۈس بويسۇنمىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئىبادەت قىسمىغا ئەمەل قىلىپ، سودا-سېتىق، ئىجتىمائى ۋە سىياسى قىسىملىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان، ئۆزىمىزگە قولاي بولغان قىسىملىرىغا ئەمەل قىلىپ ‹‹ۋەزىيەت كۆتۈرەلمەيدىغان›› قىسىملىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان، ئۆزىمىز كۆنۈپ قالغان ۋە ئۆزىمىزگە ياققان قىسىملىرىغا ئەمەل قىلىپ ياقمىغان قىسىملىرىنى تاشلاپ قويىدىغان بۇنداق ‹‹چالا مۇسۇلمان›› لىقنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىسلام دىنىغا چىن قەلبىمىز-چىن دىلىمىز بىلەن ئىتىقاد قىلىپ ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن ئىنشاﷲ ئۈستۈنلۈك، ئەزىزلىك، مۇۋاپىقىيەت ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى دۇنيادىكى بەخت-سائادەت بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ، ئەجدادلىرىمىزنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئىسلام مانا شۇنداق ‹‹ئىسلام›› ئىدى. بۇ ‹‹ئىسلام›› بولسا ﷲ تەئەلانىڭ ئىنسانىيەتكە قاراتقان قانۇنىيتىدۇر.
ئى مۆئمىنلەر ! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنىڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ بەزى ئەھكاملىرىنى تەرىك ئەتمەڭلار) شەيتاننىڭ يوللىرىغا (يەنى ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇقتىن-ئوچۇق دۈشمەندۇر
-[بەقەر سۈرىسى 208-ئايەت]
مەۋدۇدى يۇقىرىقدىكى ئۈچ ھالەتنى ئىنسان قەلبىدىكى ئۈچ بۇدقا ئوخشىتىدۇ ھەم ئۇنى چېقىپ تاشلىماي تۇرۇپ ھەقىقىي نىجادلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

ئەي قىز! سەن يىلتىزى بار، ئېتىقادى بار بىر قەۋمنىڭ پەرزەنتىسەن. سەندىكى ئېتىقاد ۋە ھايا ئالدىدا بارچە ئازدۇرۇشلار ۋە مىكىرلەر كار قىلماس ئىدى. قاچانكى، بۇ يىلتىزدىن يىراقلاشتىڭ، خارلىقىڭ باشلاندى. بۇ دىن خارلىقنىڭ ئەمەس، ئەزىزلىكنىڭ دىنى ئىدى. پۈتكۈل ئالەمگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئىماندا راستچىل ساھابىلەرنىڭ، مۆئمىنلەرنىڭ دىنى ئىدى. تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى« ﷲ دىن ئۆزگە بارلىق مەخلۇقاتلار مەئبۇدلۇققا يارىمايدۇ، »دېگەن نۇقتىدا. بىكار ئۆتكەن ۋاقىت ئەڭ چوڭ زايە قىلىنغان ئامانەتتۇر. بۇ ئەقىل بىكارغا بېرىلمىگەن. بۇ ھېساب ئېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئىنسانغا تاللاش ئىختىيارىلىقى بېرىلگەن. دىن ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆردۈڭمۇ؟ ئۆلۈمنى بىر دەقىقە بولسىمۇ كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ باقتىڭمۇ؟ بۇ غەپلەت، بۇ زايە قىلىشلار كەلگۈسىدىكى نادامەتنى زىيادە قىلىدۇ. تۈرلۈك ئالامانلارغا تولغان دۇنيادا تۈرلۈك پىكىر ئېقىملىرى ، تۈرلۈك مەپكۈرىدىكى ئادەملەر ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ماددىي مەئىشەتلىرى سېنى ھەيرەتتە قويمىسۇن. تەقۋالىق ئىزدىگەن كىشى ئۈچۈن جەننەتتىكى نېمەتلەر ھەيرەتتە قېلىشقا لايىقتۇر. بىر قەۋم ئىززىتىنى ﷲ تىن سورىسۇن. بىر ئادەم پەقەت ﷲ قىلا يالۋۇرسۇن.
بىر تال خورما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دەۋزەقتىن ساقلانغىن، قىزىم! ياخشى سۆزمۇ سەدىقە، كىشىلەر ياخشى سۆزگە بەكمۇ مۇھتاج بولۇپ كەتتى. ئاۋۇ تام تۈۋىدە قالغان غېرىب موماي، ئاۋۇ كېسەل ياتقان بوۋاي ھەممىسى بىر ئېغىز ياخشى سۆزگە مۇھتاج. بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرەش، بىر قېتىملىق نەسىھەت قىيامەت كۈنى ئەمەل تارازاڭدا ياخشىلىقىڭغا ھەسسە بولۇپ قېلىشى مۈمكىنغۇ- ئاخىر!  قىسقىغىنە بۇ ھايات ھامان ئاخىرلىشىدۇ. قەبرىدىكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى بىلەن ماددىي دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
كىيىم كەيمىگەندەك كىينىۋالغان ئاۋۇ قىزلار ﷲ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىققان قىزلاردۇر. كەھرىۋادەك ئىپپىتىنى خالايىققا نامايىش قىلىش ئۈچۈن چىققان قىزلاردۇر. ئۇلار تېنىدىن باشقا نەرسىسى قالمىغان قىزلاردۇر. ئىپپەت دالاسىنىڭ يىگانە چىنارلىرى، ئەدەب ئىقلىمىنىڭ سۇلتانلىرى، ۋاپا گۈلشەنىنىڭ گۈلى رەيھانلىرى بولغان بۇ قىزلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى خار قىلىشى شۇ دەرىجىگە باردىكى، يات ئىقلىمنىڭ ساياقلىرى ئۇلارنىڭ تېنىدىن خالىغان چاغ، خالىغان مەھەلدە ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى.  بۇ مۇسىبەتتۇر. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆلچەملىك ئورۇنۇپ يۈرگەن قىزلارنىڭ تېرىسىنىڭ قېرىشى بەدىنىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرگەن قىزلارغا قارىغاندا ئاستا بولىدىكەن. سەۋەبى يات ئەرلەرنىڭ قارىشى نەتىجىسىدە قىزلارنىڭ تېرىسىدىكى مەلۇم بىر خىل ماددا خوراپ كېتىدىكەن. بۇ مۇسلىمەنىڭ دۇنيالىق جەھەتتىكى ئالغان پايدىسى، قىيامەتتىكى پايدىسىنى ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بىزگە ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەن.بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى پايدا- زىيىنىمىزنى  ﷲ بىلىدۇ. قارىماققا بىزگە ئاۋارىچىلىق بىلىنگەن، ئېغىر تۇيۇلغان بۇيرۇقلاردىكى ھېكمەتنى ﷲ ياخشى بىلىدۇ.
 ئەي قىز! ساڭا قىلغان نەسىھەتلەر ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا بىلىشكە تىگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ئۈچ شەرت بولۇپ ھەرقانداق مۇسۇلمان بۇ ئۈچ شەرتنى ھەقىقى يۇسۇندا بىلىشى ۋە ھەقىقى يۇسۇندا ھاياتىغا تەدبىقلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىمانى مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز [يەنى ئىلاھىمىز] ﷲتەئەلا شۇنداق بىر زاتكى بىزلەرنى تەربىيلىگۈچى ۋە پۈتۈن كائىناتنى پەرۋىش قىلغۇچى ۋە پۈتۈن كائىناتقا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئۇ زات بولسا بىزنىڭ مەئبۇددىمىزدۇر. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىپ بويسۇنۇشقا لايىق ھېچقانداق بىر زات يوقتۇر،
مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى شەرتى ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىمانى مەجبۇرىيتى!.
بىزنىڭ دىنىمىز [يەنى ھاياتىمىزدا ماڭىدىغان يولىمىز] ئىسلام دىنى بولۇپ بۇ بولسا ياراتقۇچىمىز بولغان بىر ﷲنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇش، ئىتائەت بىلەن ئەگىشىش ۋە شىرىك ئەقىدىلەردىن ئادا-جۇدا بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن مەيدانىنى ئايرىشتۇر،
مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى شەرتى ۋە شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىمانى مەجبۇرىيتى !.
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز [يەنى بىزلەرنى جەننەتكە يىتەكلەيدىغان يولباشچىمىز] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ ئۇ ﷲنىڭ بەندىسى ۋە ھەق ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەرەبلەر خەلقىدىن بولغان سالىھ ئابدۇللا بۇلۇپ ئابدۇللاھنىڭ ئاتىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ،ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئاتىسى ھاشىمدۇر، ھاشىم بولسا قۇرەيىش قەبىلىسىدىن بۇلۇپ قۇرەيىش قەبىلىسى ئەرەبلەردىندۇر، ئەرەبلەر بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدۇر.
مانا بۇ بولسا ئىسلام دىننىڭ ئۈچىنچى شەرتلىرى ۋە شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىمانى مەجبۇرىيتى !.
بۇ ئۈچ شەرتنىڭ مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلىدىغان تەقەززاسى شۇكى: پۈتۈن كائىناتنى ۋە كائىنات ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان يەككە-يىگانە بىر ﷲنىلا ئىلاھىم [يەنى ھۆكۈمرانىم] دەپ تۇنۇپ، بارلىق ئىتائەت ۋە ئىبادەت [يەنى بەندىچىلىك ۋە قۇلچىلىق] لارنى پەقەت ئەنە شۇ شېرىكسىز يەككە-يىگانە بىر ﷲنىڭ ئۆزىگىلا قىلىش ۋە ئىبادىتىگە ھېرىسمەن بولۇش ۋە مۇھەببەت قىلىش ۋە بارلىق ئىتائەت ۋە ئىبادەتلەردە ﷲنىڭ دىنى بولغان ئىسلامغا بويسۇنۇش ۋە ﷲنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليۇرۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە ھاياتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليۇرۇق كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈشتۇر.
ئەي قىز! سۆز ئاخىرىدا ساڭا قايتا – قايتا تەۋسىيە قىلىدىغان ، سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭ ياكى نىجات تېپىشىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ شېرىك، ھەرقانداق شەكىلدىكى شېرىكتىن يىراق بولغىن. ﭘﺎﻙ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:«ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻏﺎﺷﯧﺮﯨﻚﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ»4-ﺳﯜﺭﻩﻧﯩﺴﺎ48ﯞﻩ116-ﺋﺎﻳﻪﺕ
ياخشى كۆرۈشۈڭ، يامان كۆرۈشۈڭ ﷲ ئۈچۈن بولسۇن. سېنى ۋە ساڭا ئوخشاش ﷲ نى تونۇش يولىغا قەدەم باسقان ھەمشىرىلەرنى مەسخىرە قىلىۋاتقان ئەخمەقلەرگە ئېيتىنكى:«ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﯞﻩﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ)ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺪﯗﺭ،ﺋﯚﺯﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ:<ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﻰﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍ-ﺟﯘﺩﺍﻣﯩﺰ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕﯞﻩﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﺑﻪﺩﻯﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ>ﺩﯦﺪﻯ.»[ 60 -ﺳﯜﺭﻩﻣﯘﻣﺘﻪﮬﯩﻨﻪ 4-ﺋﺎﻳﻪت .]
ﷲ سېنى توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، قىزلىرىمىزغا ، ئانىلىرىمىزغا، ئوغۇللىرىمىزغا، ئاتىلىرىمىزغا ھىدايەتنى نېسىپ قىلسۇن. دىن دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىۋەتسۇن.
زامان بىلەن قەسەمكى [1]، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر- بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. سۈرە ئەسىر [2.3]
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-10-31 12:17قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-31, 12:17
چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-31 11:06 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 653 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 692 سوم
تۆھپە: 350 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 351 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 480(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    
        اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا ھىدايەت قىلسۇن، ئامىن!..........
lutun
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 12:44 |
umud
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2021
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھنىڭ سالىمى،رەھمىتى،بەركىتى بارلىق مۆمىنلەرگەۋە ئۆزلىرىگە بولسۇن،ئاللاھ بارلىق قىز-ئوغۇللىرىمىزغا ئىمان،ئىنساپ،ھايا،غۇرۇر ئاتا قىلسۇن،امىن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 16:11 |
getlir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 345 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
تۆھپە: 207 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 207 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ئاللاھ سىزنىڭ تېنىڭىزنى سالامەت ، قەلىمىڭىزنى بەركەتلىك قىلسۇن . دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىگىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !
     مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىزدىن تەڭ ھوزور ئالايلى .  ئانامغا ئوقۇپ بەرگەنتىم بەك خوش بوپ كەتتى .
hawar
مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 18:32 |
bagdaxlik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 67 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 67 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!!
اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا ھىدايەت قىلسۇن، ئامىن!..........
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-31 20:11 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1289 سوم
تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 755 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۇ تاش سىزگە سالام .
ھارماس قوللىرىڭىزغا خۇدايىم دەرت بەرمىسۇن ،بەركەتلىك قوللاردىن تېخىمۇ مول مىۋىلەر كۇتىمىز.
رەھمەت سىزگە ،مەڭگۇ تاش !
ئەسىرىڭىزنى ساقلىۋېلىپ، ئالدىرىماي يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققۇم بار. چۈنكى ھازىر بەك كەچ بولۇپ قاپتۇ، قىزىمنى ئۇخلاتمىسام بولمىدى.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-01 00:02 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 556
شۆھرەت: 2860 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2861 سوم
تۆھپە: 1703 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1703 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1294(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ھەقىقەتەن  ياخشى  يېزىلغان  ئەسەركەن  ،   قىزىم  ساڭا  ئېيتاي  ،  كېلىنىم  سەن  ئاڭلا  .  ئۇلۇغ  ئاللاھ  قەلەمىڭىزگە  بەركەت  ئاتا  قىلسۇن  .  


sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-01 02:03 |
alim20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 132 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 132 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن. تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم.ئەمما بىر جۇملىنى چۇشۇنەلمىدىم .ئۇ جۇملە مۇنداق يېزىلىپتۇ؛ ئاللاھ ياراتقان زىمىندا ئىككىلا تائىپە بار. مۇھەببىتىىڭ ئاللاھ ئۇچۇن، نەپرىتىڭ ھەم ئاللاھ ئۇچۇن بولسۇن؛ دەپ يېزىلىپتۇ. ماقالىنىڭ باش ئاخىرىغا باغلاپمۇ چۇشۇنەلمىدىم .خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ-يا چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-02 17:39 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 337
شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېسىل يازمىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !  بۇ ھېكمەت ، دالالەتلەر  تېخىمۇ نۇرغۇن قەلىبلەرگە ئىماننىڭ نۇرلىرىنى ئاتا قىلغاي !
sarkar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-02 20:55 |
tagqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
شۆھرەت: 315 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 315 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 188 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم، مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
يۇرتۇم بەك گۈزەل،تاراتىنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-02 21:15 |
tagqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
شۆھرەت: 315 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 315 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 188 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم، مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
يۇرتۇم بەك گۈزەل،تاراتىنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-02 21:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز