turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 1559 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-14)


       ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

            نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

 ئۆلۈم- ئىنساننىڭ بىلىش ئېڭى ۋە قۇدرىتىدىن ھالقىغان، ئىنسان قارشى تۇرالمايدىغان، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئوبىكتىپ مۇقەررەرلىك. ئۆلۈم- ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق مەنزىلىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى. ئۆلۈم ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت. بۇ چېكىتنىڭ كەينىگە ئىلاھىي ھۆكۈم بىلەن ھايات- مامات ھەقىقەتلىرى يوشۇرۇنغان.    
      ئۆلۈم ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ۋە تەپەككۈرىدە، دىنلارنىڭ ئېتىقاد- ئەقىدىلىرىدە، پەلسەپە ئىلمى تەتقىقاتىدا چوڭقۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ كەلدى. ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان ئادەمنىڭ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشى پەقەتلا بىر ئىپتىدائى تۇيغۇ. ھالبۇكى بۇ تۇيغۇنىڭ كەينىدە جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ ماھىيەتلىك سوئاللار بار.   
       ئۆلۈمنى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت دەپ چۈشەنگەن كىشىلەر قاراڭغۇلۇق، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتتى.   ھالبۇكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپمۇ بىلەلمىگەن نەرسىنى ئىمان بىلەن دىلى يورۇغان مۆمىن خاتىرجەملىك ئىچىدە بىلىۋالدى. ئىنسان بىكاردىن- بىكار يارىتىلمىغان. ئۇنىڭ يارىلىشى، ياشىشى، ئۆلۈشى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى يېشىمىدا چوڭقۇر ھىكمەت ۋە ئۇلۇغ مەخسەت بار. ئىسلام ئەقىدىسىگە سىڭىپ كەتكەن ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھاياتى مۇكەممەل سېستىما ۋە كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنتىقە ھاسىل قىلغان. ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى ئۆلۈم، قەبرە ھاياتى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى، قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرى، جەننەت نېمەتلىرى، دوزاخ ئازابى- مانا بۇلارنىڭ ھەر- بىرى ئىبرەت ۋە ھىكمەت شولىلىرى پارلىغان مۇپەسسەل ئىلىم.    
     قاراپ بېقىڭ! بۈگۈنكى ئادەم ھاياتى- دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ۋە ئاخىرقى مەقسىدى قىلىۋالدى. دۇنياغا بولغان زىيادە ئامراقلىق ئازراقمۇ بوشلۇق قويمىغان ھالدا ئۇنىڭ نەپسىنى ئىگەللەپ كەتتى. ئۆلۈم ۋە قىيامەت ئۇنىڭغا تولىمۇ يىراقتىكى ئىشتەك بىلىنىدىغان بولدى.      
     «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھىساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرىلىق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.» سۈرە ئەنبىيا 1-ئايەت. ئۆلۈمدىن سوزۇلغان ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىدىن ھايات ھەقىقەتلىرى چاقنايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر- بىرىمىزنى ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھەقىقەتلىرى ھەققىدە سوراش، سۆزلەش، تەپەككۈر قىلىش ۋە بىلىش بەختىدىن نېسىۋىدار قىلغاي! ئاللاھ- تائالا بىزنى قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھىسابتىن ئىلگىرى دۇنيادا ئۆزىدىن ھىساب ئالىدىغان، تەقۋالىق ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئاخىرەتلىك سەپىرىنىڭ ئوزۇقى قىلغان سائادەتمەنلەردىن بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي! 
     

 ئاللاھ خالىسا داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.



مەنبە: نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىنىڭ 2006- يىللىق 3- سانىغا بېسىلغان «ئۆلۈم ھىكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.

 
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-31, 23:02
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-31 20:01 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، « ئۇيغۇر بالىسى » قېرىندىشىم، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
      ماڭا كۈيۈنگىنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت. اللە ياخشى كۆڭلىڭىزگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن...
      بۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلار ئارقىلىق بىر- بىرىمىزگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، ئۆز- ئارا قوللاش، ئۆز- ئارا ياردەمدە بولۇش ئىتىقادلىق ھەر بىر ئىنسانىيەتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى ھەم مەجبۇرىيتى.
     سەمىڭىزدە بولسۇن قېرىندىشىم! مەن ھېچقاچان تەييارلىقسىز سەپەرگە چىقمايمەن.   
lutun
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-01 12:45 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    
       قەبرىدىن سادا      

     پەقەت ئەڭ شەقى كىشىلەرلا «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر» دەپ ھىسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيا ھاياتى ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھايات ئازاب ياكى نېمەتكە تولغان قەبرە ھاياتىغا، نىھايىتى يوق ئاخىرەت ھاياتىغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا ئۆلۈم ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا ئۆزگىرىش يەنى روھنىڭ تەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشىدۇر. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئايانكى، روھ تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئازاپ ياكى نېمەتنى ھىس قىلغان، بىلگەن ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان ھەدىسلەردە نۇرغۇنلىغان دەلىللەر كەلگەن.       
      ئاللاھ تائالا سۈرە غافىرنىڭ 45-46- ئايەتلىرىدە پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى قانداق جازالىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرئەۋىن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاپ نازىل بولدى. ئۇلار ئەتتىگىنى-ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋىن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!(دېيىلىدۇ)» ھىجرىيىنىڭ 774-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر مۇپەسسىر ئالىم ئىسمائىل ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بۇ ئايەت ئەھلى سۈننەتنىڭ ئازاب ياكى نېمەتكە تولغان قەبرە ھاياتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى ئاللاھ پىرئەۋىن جامائەسىگە بۇ دۇنيادا سۇدا غەرق بولۇش ئازابىنى، قىيامەت كۈنىدە دوزاخ ئازابىنى تېگىشلىك قىلدى. بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇلارغا ئەتتىگىنى – ئاخشىمى توغرىلىنىدىغان ئوت ئازابى دەل ئۇلار دۇچار بولىدىغان قەبرە ھاياتىدىكى ئازابنى كۆرسىتىدۇ››.  
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ھايات بار. بىرى تۇغۇلۇش بىلەن باشلىنىپ ئۆلۈم بىلەن ئاياغلىشىدىغان ھايات يەنى دۇنيا ھاياتىدۇر. ئىككىنچىسى قىيامەت كۈنىدە ئىنسان قەبرىسىدىن تىرىلىپ قوپۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھىساب بەرگەندىن كېيىن جەننەت ياكى دوزاخقا ئايرىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات يەنى ئاخىرەت ھاياتىدۇر. بۇ ئىككى تۈرلۈك ھاياتنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىنسان باشتىن كەچۈرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك ھايات بولۇپ، ئۇ قەبرە ھاياتىدۇر. قەبرە ھاياتى «الحياة البرزخية» دەپ ئاتىلىدۇ. «برزخ›› دىگەن سۆزنىڭ «دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنى ئايرىغۇچى» دېگەن ئىستىلاھ مەنىسى ئۇنىڭ ئەرەپچە «ئىككى نەرسىنى ئايرىپ تۇرغۇچى پاسىل» دىگەن لوغەت مەنىسىدىن كەلگەن. «ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى: ‹‹پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن. مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن. (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چۇقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ.» (سۈرە مۆئمىنۇن 99-100-ئايەتلەر)     
     ‹‹ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازاپقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرىلىدۇ» ( سۈرە تەۋبە 101-ئايەت). مۇپەسسىرلەر يۇقارقى ئىككى ئايەتتىكى توسما ۋە ئىككىنچى قېتىملىق جازا – بەرزەخ ھاياتىدىكى ئازابنى كۆرسىتىدۇ دەپ تەپسىر قىلىدۇ.  
      قەبرە ھاياتى ھەربىر مۇسۇلمان ئىشىنىشى زۆرۈر بولغان ئەقىدە ھېساپلىنىدۇ. قەبرە ھاياتىدىكى مۇھىم ھادىسە مۇنكىر-نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىنىڭ مېيىتنى سۇئال-سۇراق قىلىدىغانلىقى، مېيىتنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا ئازاب تارتىشى ياكى نېمەتكە ئېرىشىشى، ۋە بۇ ئازاب ياكى نېمەتنىڭ تاكى قىيامەتكىچە داۋام قىلىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە قەبرە ھاياتىنىڭ ھەقلىقىنى بايان قىلغان، دۇئالىرىدا قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن ھەم شۇنداق قىلىشنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە تەۋسىيە قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنۇ دۇئانى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۈگەتكەندەك ئۈگىتەتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم، ساڭا سېغىنىپ جەھەننەم ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن، دەججالنىڭ پېتنىسىدىن، تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ پېتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەندە ئەتتىگەن – ئاخشىمى ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىكى ئورنى توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەت نېمىتىنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاخ ئازابىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «بۇ سېنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنۇڭ، قىيامەت كۈنى تىرىلگەندە مانا مۇشۇ ئورۇن ساڭا تېگىشلىك بولىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىكى ئازابلىرى ياكى نېمەتلىرى ئايان بولىدۇ. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «قەبرە دوزاخ ئوتى يالقۇنجىغان ئورەكلەردىن بىر ئورەك ۋە ياكى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدىن ئىبارەتتۇر». (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بىرلىككە كەلگەن پىكىر شۇكى مېيتقا نىسبەتەن قەبرە ئازابى ياكى نېمىتى روھ ۋە تەنگە تەڭ چۈشىدۇ، ئادەم مەيلى ئوتتا كۆيۈپ، سۇدا ئېقىپ ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ ئۆلگەن بولسۇن، قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان بولسۇن، قەبرە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ ۋە سۇئال- سۇراق قىلىنىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرە تىلغا ئېلىنسا يىغلاپ ھەتتا ساقاللىرىمۇ كۆز يېشى بىلەن ھۆللىنىپ كېتەتتى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن «جەننەت بىلەن دوزاخ تىلغا ئېلىنسا يىغلىمايسىز، نىمىشقا قەبرە تىلغا ئېلىنسا يىغلايسىز؟» دەپ سورىغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: «قەبرە ئاخىرەتنىڭ تۇنجى مەنزىلىدۇر، ئەگەر بەندە قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئاسان بولىدۇ. ئەگەر قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلالمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئۇنىڭدىن بەتتەر تەس بولىدۇ». (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)    
      قەبرىنىڭ زۇلمىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مەسجىدنى سۈپۈرىدىغان بىر ئايال بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇ ئايالنى كۆرمەي ئۇنى ساھابىلەردىن سورىغان. ساھابىلار ئۇ ئايالنىڭ نەچچە كۈن ئىلگىرى كىچىدە تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنى ئويغىتىشنى خوپ كۆرمەي، دەپنە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ قەبرىسىنى سوراپ بېرىپ ناماز ئوقۇغان ۋە «بۇ قەبرىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا تولغان بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مىنىڭ ئوقۇغان نامىزىم بىلەن قەبرىنى نۇرلاندۇرىدۇ» دىگەن.(ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)  
    قەبرىنىڭ مېيىتنى سىقىدىغانلىقى: ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ھەرقانداق مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مەيلى قېرى، ياش، سالىھ، ياكى پاسىق بەندە بولسۇن، قەبرە مېيىتنى سىقىدۇ. ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ۋاپاتىغا ئەرش تەۋرىگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلغان جىنازا نامىزىغا 70 مىڭ پارىشتە ھازىر بولغان سەئىد ئبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، سەئىدنى قەبرە بىر قېتىم سىققاندىن كېيىن قويۇپ بەردى، قەبرىنىڭ مېيىتنى سىقىدىغانلىقى ھەقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولسا سەئىد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى.» (ئىمام ئەھمەد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان)
   قەبرىدىكى سوئال-سوراق: مېيىت قەبرىگە دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ روھىنى تېنىگە قايتۇرىدۇ ۋە پەرىشتىلەر تەرىپىدىن سوئال -سوراق قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە‹‹سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇلمۇسلىم»، «سۈنەنى ئەبى داۋۇد»، «سۈنەنى نەسەئى» لاردا خېلى كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن. بۇ يەردە ۋەكىلللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئىككى ھەدىسنىلا كەلتۈرىمىز. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: مېيىت قەبرىگە قويۇلۇپ ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ماڭغاندا، مېيىت ئۇلارنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە مۇھەممەد ھەققىدە نىمە دەيسەن؟ دەپ سورايدۇ. مۆئمىن بولسا ‹‹مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا «قارا، ئاللاھ سىنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭنى جەننەتكە ئالماشتۇرۇپ بەردى» دەيدۇ. ئۇلار جەننەتتىكى ئورۇننى كۆرىدۇ ۋە قەبرىدىن جەننەتكە بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىدۇ. ئەمما كاپىر ياكى مۇناپىق بولسا پەرىشتىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا: ‹‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نىمە دىگەن بولسا مەنمۇ شۇنى دەيتتىم» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا : سەن ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىمىدىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇمىدىڭ دېيىلىدۇ، ئاندىن تۆمۈر توقماق بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا شۇنداق قاتتىق ئۇرىدۇكى، ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن باشقىلار ئاڭلايدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)  
     بەررا ئىبنى ئازىپ رىۋايەت قىلغان سەكرات ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹.......روھ جەسەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نىمە؟ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇ ئادەم كىم؟ دەپ سورايدۇ. بۇ مۆئمىن دۇچ كىلىدىغان ئاخىرقى سىناقتۇر. مۆئمىن: «پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، ئۇ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەرىشتىلەر: ‹‹ئەمىلىڭ نىمە» دەپ سورىغاندا، مۆئمىن «ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتتىم» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاسماندىن «بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر سېلىنچا سېلىپ بىرىڭلار، جەننەتتىن بىر كىيىم كېيدۈرۈڭلار، ئۇنىڭغا جەننەتكە قارايدىغان بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىڭلار» دېگەن ئاۋاز كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەبرىگە جەننەتنىڭ خۇش-ھېدى تۇشۇپ، قەبرىسى كېڭەيتىپ بىرىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاي يۈزلۈك، ئىسىل كىيىملىك ،خۇشبۇي بىر كىشى كېلىپ: ساڭا سىنى خوش قىلىدىغان بىر نەرسە بىلەن خوش بىشارەت بىرىمەن. مانا بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەيدۇ. مۆئمىن ئۇ كىشىگە: ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرگۈچى يۈز بىلەن كەلگەن بۇ ئادەم (يەنى سەن) كىم؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن مۆئمىن: ئى پەرۋەردىگارىم، تىزراق قىيامەت بولسىكەن، ھەتتاكى مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە مال-مۈلكۈمگە قايتىپ بارسامكەن دەيدۇ. ئەگەر مېيىت كاپىر، پاسىق بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ «پەرۋەردىگارىڭ كىم؟» دىگەن سوئالىغا: «ھا..ھا.. بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن: دىنىڭ نىمە، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇ ئادەم ھەققىدە نىمە دەيسەن؟ دەپ سورسا ، ئوخشاشلا « ھا..ھا.. بىلمەيمەن» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاسماندىن بەندەم يالغان ئېيتتى، ئۇنىڭغا دوزاختىن بىر سېلىنچا سېلىپ بىرىڭلار ۋە دوزاختىن بىر ئىشىك ئېچىپ بىرىڭلار» دىگەن ئاۋاز كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبرىنى دوزاخنىڭ قىززىق ئوت يالقۇنى، سېسىق كۈيۈك پۇراقلىرى قاپلايدۇ. قەبرە مېيىتنى قاتتىق سىققانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشىپ كىتىدۇ. بەدبەشرە، كىيىملىرى ئەسكى، بەدبۇي بىر كىشى كىلىپ مېيىتكە: ساڭا يامان تۇيىلىدىغان بىر نەرسە بىلەن خوش خەۋەر بىرىمەن. مانا بۇ ساڭا دۇنيادا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. مېيىت: يۈزۈڭدىن يامانلىق بىلىنىپ تۇرىدۇ، سەن كىم؟ دەپ سۇرايدۇ. ئۇ كىشى: مەن سېنىڭ يامان ئەمەللىرىڭ دەيدۇ. كاپىر بولسا: پەرۋەردىگارىم، ھەرگىز قىيامەت قىلمىغىن دەيدۇ.(شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنىڭ ھەممە خىل رىۋايەتلىرىنى يىغىپ بىر سىياققا كەلتۈرگەن ۋە بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە لايىق سەھىھ ھەدىس دىگەن)  
      قىيامەت كۈنىگىچە يەنى بەرزەخ ھاياتىدا روھنىڭ قەيەردە قايسى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇم بولغان غەيپ ئىلىملەر جۈملىسىدىندۇر. بىز بۇ ھەقتە پەقەتلا بەزى ھەدىس ۋە سەلەف ئالىملاردىن كەلگەن بەزى مەلۇماتلارنى كەلتۈرەلەيمىز. ئەمما ئۇنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. مەشھۇر ئالىم ئىبنى قەييۇم بۇ ھەقتىكى بەزى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ مۇنداق يازغان: «بەرزەخ ھاياتىدا روھلارنىڭ ئوخشىمايدىغان، يۇقىرى – تۈۋەن دەرىجىلىرى بولىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى ئەڭ يۇقىرى مەنزىلدە بولىدۇ. ئاندىن شېھىتلەرنىڭ ئاندىن سالىھ بەندىلەرنىڭ روھلىرى جەننەت نېمەتلىرىدە بولىدۇ». «شرح العقيدة الطحاوية» كىتابىدا قەبرە ھاياتى توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «ھەربىر ئادەم مەيلى ئۇ قايسى خىل شەكىلدە ئۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، قەبرە ھاياتىدىكى ئازاب ياكى نېمەتنى تېتىيدۇ. بىزگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىش، ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر. روھنىڭ تەنگە قانداق قايتىدىغانلىقى، روھنىڭ قەيەردە، قايسى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ئازاب ۋە نېمەتنىڭ قايسى رەۋىشتە بولىدىغانلىقىدەك تەپسىلاتلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارتۇقچىدۇر. چۈنكى ئىنسان ئەقلى بۇ ئىشلارنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەمما ئاسمان-زىمىننى، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى جىمى نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر». « ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى)ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ –دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كىلىدۇ.» (سۈرە ياسىن 82-ئايەت) مانا بۇ ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ كۆز قارىشى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى ۋە بۇ دۇنيادىكى چەكلىك ھىس - تۇيغۇسى بىلەن ھەممە ئاجايىباتلارغا جاۋاب تاپماقچى بولغانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ. ئاللاھتائالا كىتابىدا ئېيتقاندەك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان، ئاخىرەت ۋە دوزاخ ئازابىنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇنداق كىشىلەر بەختكە ئىرىشكۈچىلەردۇر.  
    قەبرە ھاياتى ھەقتۇر. ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە نېمەت ھەقتۇر. پەقەت تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر ئىنساننى قەبرە ئازابىدىن ساقلايدۇ. مۆئمىن قەبرىسىنى ھاياتلىقىدىكى ياخشى ئەمەللىرى بىلەن بىزەيدۇ. سىمونت، گەج قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قەبرىنى ھەيۋەتلىك قىلىپ قاتۇرۇش، قەبرىنى بېزەش ئۈچۈن ئۇنى باغچىغا ئايلاندۇرىۋېلىش ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. مۇنداق قىلىش مېيىتنى قەبرە ئازابىدىن ساقلاش ئەمەس، ئازابىنى زىيادە قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىش پۇل مالنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن يات دىندىكىلەرگە تەقلىد قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جابىر رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرە قاتۇرۇشتىن ئۈستىگە گۈمبەز سېلىشتىن، قەبرىگە مېيتىنىڭ ئىسمى ۋە ۋاپات تارىخىدىن باشقا نەرسىلەرنى يېزىشنى چەكلىگەن. (ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) شۇنداقلا يەنە ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ياد ئېتىش، ئىبرەت ئېلىش، مىيىتلارغا خەيرلىك دۇئا قىلىشتەك مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا روخسەت قىلغان. ئەلى رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى يوقلاشتىن چەكلىگەن ئىدىم. ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ، قەبرىلەرنى يوقلاشتا سىلەرگە ياخشىلىق بار، كىم قەبرىلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولسا قىلسۇن، ئەمما بىھۇدە سۆزلەرنى قىلمىسۇن››.(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنى شەرھىيلەپ كۆرسىتىدۇ: كىشىلەر ئىسلامغا يىڭى كىرگەن چاغلاردا، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرى بىلەن ئارلىقى يىقىن بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتنىڭ قىلىقلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قەبرىلەرنى يوقلاشتىن توسقان. ئىسلام دىنى ئەھكاملىرى مۇقىملىشىپ، كىشىلەر دىنى ئەھكاملارنى پۇختا بىلگەن، قەدەملىرى دىندا مۇستەھكەم بولغاندا قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپلەرنىمۇ بېكىتىپ بەرگەن››.
      (داۋامى بار)   ئاللاھ خالىسا كېيىنكى قىسمىدا-قىيامەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئالامەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.  
          
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-05 17:45 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش مۇنبىرىدىكى بارلىق كۆرۈرمەن، ئەزالار ھەم باشقۇرغۇچىلار ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن! ياراتقان ئۇلۇق اللە تېنىڭىزلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق، ئىمان ئىتىقادىڭلارغا مۇستەھكەملىك ئاتا قىلسۇن، ئامىن!!!
     مىنىڭ باشقۇرغۇچىلاردىن ئىلتىماسىم: بۇ تېمىنىڭ داۋامى خېلى كۆپ بار ئىدى، مۇمكىن بولسا تاماملانغۇچە مۇنبەردىن چۈشۈپ كەتمىسە، رەھمەت.
hawar
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-14 14:17 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   
           قىيامەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئالامەتلىرى     
      
     قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئاللاھتائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن رەۋىشتە چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ مۇھىم تەركىبلىرىنىڭ بىرى. يەنى ئۇ ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا دۇنيادىكى ئەمەللىرىدىن بىرمۇ-بىر ھېساپ بىرىشىنى ۋە ئەمەللىرىگە يارىشا دوزاخ ياكى جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم كۇپۇرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قىيامەت كۈنى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەندىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدە، يەنە بەزىلىرى قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش، يەنە بەزىلىرى قىيامەتنىڭ شەكسىز كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەنىسىدە كەلگەن. قىيامەتنىڭ «قۇرئان»دا «يوم الواقعة, القارعة, الغاشية, الحاقة, الطامة, الصاخة, الرادفة» دىگەندەك تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن ئاتالغانلىقىنىڭ ئۈزى قىيامەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھېساۋىدىكى بەندىلەرنىڭ ھايات يېشىمىدىكى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭلىقىنى دەلىللەيدۇ.
 
    قىيامەتنىڭ ۋاقتى ئاللاھتائالا بەندىلىرىدىن مەخپى قالدۇرغان، ئۆزىگە خاس غەيب ئىلمىدۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىشىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھتائالا قۇرئاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورىغۇچىلارغا مۇنداق جاۋاب بىرىشنى بۇيرۇيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ. قىيامەت ئاسمان ۋە زىمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كىلىدۇ». (سۈرە ئەئراف 87- ئايەت) شۇڭا ھەرقانداق كىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قىياس-ئۆلچەملىرى، ھېساپلىرى يالغانچىلىقتۇر. ئىنىق بىر ۋاقىتنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشمۇ قۇرئان بىزگە بۇيرىغان، رەسۇلۇللاھ تەۋسىيە قىلغان مەنھەجگە خىلاپ بىھۇدە ئىشتۇر. بەندىلىك سالاھىيتىمىز بىلەن بىزگە ئايان بولغىنى قىيامەت كىشىلەر بىخەۋەر تۇرغان ھالدا تۇيۇقسىز كىلىدۇ. «ئۇلار (دۇنيادا سودا- سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ» (سۈرە ياسىن 49-50-ئايەت) ئاللاھتائالانىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئادەملەردىن مەخپى قالدۇرىشى ھەممىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار ھېكمەتلىرىندۇر. ئۇستاز سەييىد قۇتۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: «نامەلۇملۇق- ئېنسانىيەت ھاياتىنى ۋە ئىنسان پىسخىكىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم بىر ئامىل. ئىنسان ئۈچۈن ھاياتتا چۇقۇم ئاقىۋىتىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، قىزىقىدىغان بىر مەجھۇللۇق بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە ئاشكارا، ئېنىق بولۇپ كەتسە ئىنساننىڭ ھازىرقى پىسخىكىسىدا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشلىرى، پائالىيەتلىرى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. ئىنسان ياخشىلىققا ئېرىشىش ئارزۇسىدا ئۆزىگە نامەلۇم ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، تىرىشىدۇ، ئۈمىد باغلايدۇ، سىناپ باقىدۇ. مانا بۇ جەرياندا ئۆزى ۋە كائىناتتىكى يوشۇرۇن بايلىقلارنى بايقايدۇ. قاچان كېلىشى نامەلۇم ھېساپتىن قورقۇش ئۇلارنى ھەردائىم توغرا يولغا باشلايدۇ».  
    ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخپى قالدۇرغان بىلەن ئۇنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقى ۋە قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن. «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساپ ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى. ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر (قىيامەت توغرىلىق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرىمەكتىدۇر». (سۈرە ئەنبىيا 1- ئايەت) قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەرنى توپلاپ قارىغاندا، مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى، ئككىنچىسى، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-21 18:06 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     كىچىك ئالامەتلەر:  قىيامەتنىڭ بۇ كىچىك ئالامەتلىرىنى كۆرۈلگەن ۋاقىت ئېتىبارى بويىچە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلگىلى بولىدۇ.  
   1. ئىلگىرى يۈز بېرىپ كۆرۈلگەن ئالامەتلەر: 
   (1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشى ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىشى قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. سەھل  ئىبنى سەئىد رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەيغەمبەرلىككە  ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتىن قىيامەتكىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى مۇشۇ ئىككى بارمىقىمنىڭ ئارىلىغىچىلىك يېقىن» دىگەچ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسەتتى. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)     (2) ئاينىڭ يېرىلغانلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلغان بولۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا مۆجىزىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاينىڭ يېرىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى، (قۇرەيىش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ) بۇ داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر، دېيىشىدۇ». (سۈرە قەمەر 1-2- ئايەتلەر) «تەپسىر ئىبنى كەسىر»دە سۈرە قەمەرنى شەرھىلىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل كەلتۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد سەھىھ ھەدىسلەرنى  مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ، بىر پارچىسى تاغنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىر پارچىسى تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەنە كۆرۈڭلار» دېدى. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).   
   (3) ھىجاز رايۇنىدىن بۇسرا تۆگىسىنىڭ بوينىنى يورۇتالىغىدەك چوڭ ئوتنىڭ چىققانلىقى قىيامەتنىڭ يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت  قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ھىجاز رايۇنىدىن بۇسرا تۆگىسىنىڭ بوينىنى يورۇتالىغۇدەك چوڭ ئوت چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ». (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن بۇ ئالامەت ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك يۈز بەرگەن. ئىبنى كەسىر ۋە ئىمام شاھابىددىن ئەبۇ شامە كىتابلىرىدا بۇ ۋەقەنىڭ ھىجرىيە 654-يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى تەپسىلاتى بىلەن يازغان. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىمام نەۋەۋىي ھايات بولۇپ، ئۇ (شرح النووي على مسلم) ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: بىزنىڭ زامانىمىزدا يەنى ھىجرىيىنىڭ 654- يىلى مەدىنە شەھرىنىڭ شەرقى تەرىپىدىن ناھايىتى چوڭ ئوت كۆتۈرۈلدى. شام رايۇنى ۋە بارلىق يۇرتلاردا بۇ ھەقتە گەپ بولدى. مەدىنە ئەھلىدىن ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ماڭا خەۋەر قىلدى».
 
lutun
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-21 18:22 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       2. كىچىك ئالامەتلەرنىڭ ئىككىنچى تۈرى ئىلگىرى كۆرۈلگەن، شۇنداقلا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئالامەتلەر.  
     (1) ئۇرۇش- جەڭنىڭ كۆپىيشى: ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «تاكى ئۇرۇش كۈپەيمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېۋىدى، ساھابىلەر: قانداق ئۇرۇش؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلتۈرۈش، ئۆلتۈرۈلۈش» دەپ جاۋاب بەردى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)    
    (2) جاھالەتنىڭ يامراپ، ئىلىمنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى: ئەنەس رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. «ئىلىمنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراقلارنىڭ ئىچىلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىشى، ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قاراشلىق بولۇپ قېلىشى قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)  
    (3) ئەمەل تۇتۇشقا لايىق كەلمەيدىغانلار كىشىلەرنىڭ ئىش بېشىغا چىقىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندا سۆز قىلىۋاتاتتى. بىر ئەئرابى كېلىپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گېپىنى قىلىۋەردى. سورۇندىكى بەزىلەر: «رەسۇلۇللاھ ئەئرابىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئەمما جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدى»، دېيىشتى. يەنە بەزىلەر: «ياق، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گىپىنى تۈگىتىپ: قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا سورىغان كىشى قېنى؟ دېدى. ئەئرابى: مانا مەن ئى رەسۇلۇللاھ، دەپ ئورنىدىن تۇردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئامانەت زايا بولۇپ كەتكەندە قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ» دېدى. ئەئرابى: ئامانەتنىڭ زايا بولىشى قانداق؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل تۇتۇشقا لايىق ئەمەس كىشىلەر ئىش بېشىغا چىققاندا قىيامەتنى كۈتكىن» دەپ جاۋاب بەردى. ( ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) شۇنداقلا يەنە ھەدىستە ئېيتىلغاندەك تېگى پەس، مەككار، ئەخمەق ئادەملەرنىڭ ھۆرمەتلىك ۋە ئابرويلۇق كىشىلەردىن بولۇپ سانىلىشىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى. 
    (4) مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «تاكى مۇسۇلمانلار يەھۇدىلار بىلەن ئۇرۇشقان، يەھۇدىلار تاش ۋە دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالغان، تاش ۋە دەرەخلەر: ئى مۇسۇلمان! بۇ يەھۇدى مېنىڭ كەينىمگە ئۆتىۋالغان، ئۇنى ئۆلتۈر دىمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. لېكىن غەرقەد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى، ئۇ يەھۇدىلارنىڭ دەرىخىدۇر. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)          
     (5) قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يەنە تۈرلۈك ئالامەتلەر بولۇپ، بۇلار ھەدىستە تارقاق ھالدا كەلگەن. بۇلارنى جەملىگەندە: دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇققاندا، چاقىرىقى ئوخشاش ئىككى چوڭ گوروھ ئوتتۇرسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولمىغۇچە، يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كۆپىيىپ، زامانلار يېقىنلاشمىغۇچە (يەنى ۋاقىتلاردىن بەرىكەت كۆتىرىلىپ كەتمىگۈچە)، پىتنە-پاسات، ئۇرۇش – جىدەل كۆپەيمىگۇچە، مال-دۇنيانىڭ كۆپلىكىدىن مال ئىگىسى سەدىقە بېرىدىغان ئادەم تېپىشتىن غەم قىلىپ بىرەرسىگە سەدىقە بەرسە «مىنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق!» دېمىگۈچە، كىشىلەر ئىگىز ئىمارەتلەرنى سالمىغۇچە، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ «كاشكى ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسامچۇ» دەپ ئارزۇ قىلمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.  
    چوڭ ئالامەتلەر:
sarkar
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-21 18:32 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چوڭ ئالامەتلەر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە بىر قانچە تۈرلۈك ھادىسىلەرنى ساناپ ئۆتكەن. بۇلار تۆۋەندىكىچە: 
1. دۇخان يەنى ئاسماننى ئورىۋالىدىغان چوڭ تۈتۈن. ھۇزەيفە  ئىبنى ئۇسەيد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز غىفارى بىلەن ئۆز ئارا بىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتۇق. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ،«سىلەر نىمە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدى. بىز «قىيامەت ھەققىدە» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالامەت كۆرۈلمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ» دېدى ۋە بىرىنچى قىلىپ دۇخاننى سانىدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ سەئىد خۇدۇرى، ئىبنى ئابباس، ھەسەن بەسرى قاتارلىق چوڭ ساھابە ۋە تابىئىنلار «دۇخان» سۈرىسىدىكى «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ. بۇ قاتتىق ئازابتۇر» (10-11-ئايەت) دىكى تۈتۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالغان چوڭ ئالامەتلەردىن بىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ تۈتۈننىڭ  مەغرىپ-مەشرىقنى ئورىۋالىدىغانلىقىنى، زىمىندا 40 كۈن داۋاملىشىدىغانلىغى، مۆئمىنگە نىسبەتەن زۇكام تەگكەندەك بولۇپ كافىرغا بولسا تۈتۈن ئۇنىڭ بۇرنىدىن، ئىككى كۆزىدىن، قۇلىقىدىن، ئارقا پىشاپ يولىدىن كىرىپ پۈۋلىگەن شاردەك ئېسىلدۇرۇپ مەستەك قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.    
2. بىر تۈرلۈك ھايۋان (داببەھ) نىڭ مەيدانغا چىقىشى، يامانلىق كۆپىيىپ، پىتنە- پاساتلار تارىلىپ، ياخشىلىق ئازايغان ئاخىرقى زاماندا ئاللاھ تائالا بىر تۈرلۈك ھايۋاننى مەيدانغا چىقىرىدۇ. بۇ ھايۋان كىشىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە «نەمل» دە بۇ ئالامەتكە ئىشارە قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ئۇلار (يەنى كۇففارلارغا) ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ». ( سۈرە نەمل 82-ئايەت) مانا بۇ ئىنسانغا بېرىلگەن ھەق ئاگاھلاندۇرۇش، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرگە قايسى رەۋىشتە سۆزلەيدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇملۇق، ئۇنىڭغا ئىشىنىش بىزگە پەرز، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئىزدىنىش بىھۇدىدۇر.                                     
     3. كۈننىڭ غەرپتىن چىقىشى. بۇ قىيامەت بولۇش ئالدىدا ئاللاھ تائالا كائىنات ۋە ھاياتقا بېكىتكەن ئۇمۇمى قانۇنىيەتلەرنىڭ بۇزۇلىشىدۇر. قۇرئاندا قىيامەتنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن:« ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلەرنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ». (سۈرە ئەنئام 158-ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتتىكى قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرى – قۇياشنىڭ غەرپتىن چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ دەپ  شەرھىيلىگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە  رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كۈن غەرپتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، كۈننىڭ غەرپتىن چىققانلىغىنى كۆرگەندە كىشىلەر ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسا، بۇ چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)                                                     
     4. دەججالنىڭ پەيدا بولىشى. دەججال سۆزى ئەرەب تىلىدا ھەقنى يالغان بىلەن يۆگىگۈچى ئالدامچى، كاززاپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە ھەدىسلىرىدە قىيامەت يىقىنلاشقاندا مەشرىق تەرەپتىن بىر ئالدامچى دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى، ئاللاھتائالانىڭ ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرالايدىغان، ئۆلۈكنى تىرۈلدۈرەلەيدىغان، قاقاس يەرلەرگە زىرائەت ئۈندۈرەلەيدىغان، يەرئاستى بايلىقلىرىنى چىقىرالايدىغان كارامەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن دەججالنىڭ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىپ، نۇرغۇن  كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئىبنى ئۆمەر  رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دىدى: «ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس، ئاگاھ بولۇڭلار، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى سۇدا لەيلەپ تۇرغان ئۈزۈمدەك پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت  رىۋايەت قىلغان) ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «دەججال پەقەت مەككە ۋە مەدىنىدىن باشقا ھەممە جايغا ئاياغ باسىدۇ. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ھەربىر كوچىلىرىنى پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ قوغدايدۇ، كېيىن مەدىنە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئۈچ قېتىم تەۋرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مەدىنىدىن دىنسىز ۋە مۇناپىقلارنى چىقىرىۋېتىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)         
    5. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى. قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى خەۋەر بەرگەن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەججالنىڭ پىتنىسى كۈچىيىپ، مۆئمىنلەر قاتتىق قىسىلغان چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىشى ۋە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھۆكۈم يۈرگۈزىشىدۇر.                                  
    سۈرە نىسادا يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرەلمىگەنلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىيسانى تىرىك پېتى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق كەلگەن. «يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دىگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى.(ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر، ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى)». (سۈرە نىسا 157-158-ئايەتلەر) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى سۈرە زۇخرۇفنىڭ 61-ئايىتىدە ۋە ھەدىسلەردە بايان  قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە  رىۋايەت  قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:  «پەيغەمبەرلەر ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا، دىنى بىردۇر. مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يىقىن تۇرىمەن. چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مىنىڭ ئارلىقىمدا باشقا پەيغەمبەر يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرگەندە تونىۋېلىڭلار، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرا بويلۇق، تىرىسى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل كىشى، ئۇ بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تۆكىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇتلارنى چېقىپ توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدە 40 يىل تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدۇ. (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)                                                                         
    6. يەجۇج- مەجۇجلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى. ئاللاھتائالا قۇرئاندا زامان ئاخىرىدا يەجۇج-مەجۇج دېيىلىدىغان، سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ بىر قەۋمنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە پىتنە-پاسات تېرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇ قىيامەت يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان. «يەجۇج-مەجۇج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كافىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ». (سۈرە ئەنبىيا 96-97-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ يەجۇج-مەجۇج ھەققىدە خەۋەرلەر كەلگەن. زەينەپ بىنتى جەھش رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  كۆزلىرى قىزارغان ھالدا ئۇيقۇدىن ئويغاندى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچبىر ئىلاھ يوق، ئەرەپلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! چوڭ بالا-قازا كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۈگۈن يەجۇج-مەجۇجلارنىڭ تۇساق تېمىدىن مۇنچىلىك ئېچىلىپ كىتىپتۇ» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ھالقا قىلىپ كۆرسەتتى. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەجىبا ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر بار تۇرۇپ، بىزمۇ بۇ بالا-قازاغا دۇچار بۇلامدۇق؟ دەپ سورىۋېدىم ، رەسۇلۇللاھ «ھەئە، يامان ئىشلار كۆپىيىپ كەتسە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ھەدىسلەردە يەنە يەجۇج-مەجۇجنىڭ چىقىشى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈپ، دەججالنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن. ھەدىسلەردە يەنە ئىسلامنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق، يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمانى بار كىشىلەر تۈگەپ پەقەت ئەڭ يامان ئادەملەر قالغاندا قىيامەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس  رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «دەججال مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. دۇنيادا 40 تۇرىدۇ.(رىۋايەت قىلغۇچى 40 كۈنمۇ، 40 ئايمۇ، 40 يىلمۇ بىلمىدىم دەيدۇ) ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كىشىلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن) يەتتە يىل ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي تېنچ ھايات كەچۈرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال زىمىندىكى قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ. ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرۋالغان تەقدىردىمۇ، شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ. يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقىنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشى ھايۋانلاردەك ھۆركىرەيدىغان كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشنى بىلمەيدۇ، يامان ئىشنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئاندىن شەيتان بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مىنىڭ سۈزۈمگە كىرمەمسىلەر» دەيدۇ. ئۇلار «بىزنى نىمىگە بۇيرۇيسەن؟» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چۇقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ...(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)    
       بۇندىن باشقا مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ساناپ مۇنداق دىگەن: «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئاخىرقىسى يەمەن تەرەپتىن بىر ئوتنىڭ چىقىپ كىشىلەرنى توپلىشىدۇر». «سەھىھۇلبۇخارى»دىكى يەنە بىر ھەدىستە بۇ ئوتنىڭ ھەزەرى مەۋت تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەرنى شام رايۇنىغا توپلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.


ئاللاھ خالىسا كىيىنكى قىسمىدا قىيامەت توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ.
hawar
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-21 20:34 |
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 663 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 702 سوم
تۆھپە: 355 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 قىيامەت                                                       
      
« كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ. ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر. بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر» (سۈرە قىيامەت 7-12-ئايەتلەر)
ھاياتلىق گويا ئېقىنغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ئەجىلى پۈتكەنلەر ئۆلۈمگە يۈز تۇتسا، يەنە نۇرغۇن يېڭى جانلار ھاياتقا كۆز ئاچىدۇ. ھاياتلىق گويا مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ. بىر دولقۇن شاۋقۇن بىلەن دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ تۈگىگەندە، كەينىدىنلا يەنە بىر دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ. ياشىرىپ تۇرغان ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ قالغاندا، ئورنىغا يەنە ياپ-يېشىل كوكاتلار ئۈنۈپ چىقىدۇ. قۇياش زىمىننى ئىللىق نۇرى بىلەن پەپىلەيدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نىھايىتى، ئاياقلىشىش چېكى بولىدۇ. ھاياتلىق ھەرگىزمۇ ئۈزۈلمەس ئېقىن ئەمەس. شۇنداق بىر كۈندە كۈننىڭ نۇرى ئۆچىدۇ. يۇلتۇزلار تۈكىلىدۇ. دەريا – بۇلاقلار ئېقىشتىن توختايدۇ. گۈللەر توزۇپ قۇرۇيدۇ. ھەممە نەرسە ھەتتا كائىناتمۇ گۇمران بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاياقلشىشى ئۆلۈم دەپ ئاتالغىنىدەك، دۇنيانىڭ ئۆمرىمۇ چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى قىيامەت دەپ ئاتىلىدۇ.                                            
      مانا بۇ قۇرئاندىكى نەچچە يۈز ئايەتتە تەكرار-تەكرار زىكىر قىلىنغان، ئاللاھتائالا بەندىلىرىنى دەھشىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھېساپ كۈنىدۇر. مانا بۇ مۆئمىنلەر ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن، گۇناھكارلار يىراق سانىغان ھەسرەت-نادامەت كۈنىدۇر. مانا بۇ ھەر ئادەم دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازاغا ئېرىشىدىغان ھۆكۈم كۈنىدۇر. «(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ). ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ. ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ. ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ». (سۈرە ئەبەسە 33-41-ئايەتلەر)
قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ئاللاھقا مەلۇم بىر ۋاقىتتا جىمى جانلىقلار ئۆلۈپ، ھاياتى دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھنىڭ جىمى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ ھېساپ ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىغا يىغىدىقانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا دوزاخ ياكى جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مۆئمىننىڭ ئەقىدىسى ئۇنىڭسىز دۇرۇس بولمايدۇ. قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. قۇرئاندا « ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار ....» دىگەن ئىبارە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمەللەردىن ھېساپ ئېلىنىدىغان شۇنداق بىر ئۇلۇغ كۈننىڭ بارلىقىغا بولغان ئىماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە جەمىيەتنىڭ مۇستەقىم توغرا يولىدا بولىشىدىكى رولى تەڭداشسىز، شۇ سەۋەبلىك قۇرئان كەرىمدە قيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە نەچچە يۈزلىگەن ئايەتلەردە تەكرار ئېيتىلغان. سۈرە قىيامەت، سۈرە ھەشىر، سۈرە تەغابۇن، سۈرە ھاققە، سۈرە ۋاقىئە، سۈرە زەلزەلەگە ئوخشاش بىر قانچە سۈرىلەر قىيامەت كۈنىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بىر قىيامەت كۈنىنىڭ قۇرئاندا ئوخشاش بولمىغان 87 تۈرلۈك ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى ۋە ھەربىر ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولىشىمۇ بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سالمىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتائالا قىيامەت كۈنىنى ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن ئاتىغان. ئىسىملارنىڭ كۆپلىكىدىن مەقسەت ئىسىم تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇش، ئىنساننى ئوخشىمىغان ئىسىم ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئوخشىمىغان مەنا ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەشتۇر، چۈنكى بۇ ئىسىملارنىڭ ھەربىرى قىيامەت كۈنىنىڭ بىر سىرىنى، ھەر بىرى بىر سۈپىتىنى ئېچىپ بىرىدۇ».
«سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ تائالا خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ». (سۈرە زۇمەر 68-ئايەت). مانا بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، قىيامەت مۇنداق ئىككى چوڭ ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرى زىمىندىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق ۋە ئالەم ئاخىرلىشىدۇ. ئىككىنچىسى ئاللاھتائالانىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ، قەبرىلەردىن چىقىپ، مەھشەرگاھقا سوئال-سۇراق ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ، ئاخىرەت ھاياتى باشلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنىڭ باشلىنىشى ئىككى قېتىملىق سۈر بىلەن باغلانغان. قىيامەتنىڭ كىشىلەر بىخەۋەر تۇرغان ھالدا تۇيۇقسىز كىلىدىغانلىقى ۋە ئاز قالغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولاي، ھالبۇكى سۈر چالغۇچى سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئالغان تۇرسا، ئۇ رۇخسەتنى كۈتىۋاتىدۇ. قاچانكى ئۇنى چېلىشقا بۇيرۇق قىلىنسا، ئۇنى چالىدۇ». گويا بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلغاندەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھتائالا بىزگە كۇپايە، ئاللاھتائالا نىمە دىگەن ياخشى ئىگە دەڭلار» دېدى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ ئىسرافىل ئىسىملىك پەرىشتىنى قىيامەتنىڭ سېگىنالى بولغان سۈرنى چېلىشقا مەسئۇل قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنىش بىلەن كائىناتتا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. تەبىئەتنىڭ نورمال قانۇنىيىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئىنساننىڭ خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ھادىسىلەر ھەققىدە قۇرئاندا قەلىبلەرنى تىتىرەتكۈچى ئوبرازلىق بايانلار كەلگەن. «بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ. ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ» (سۈرە ھاققە 13-16- ئايەت). «ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا، ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ» (ئىنفىتار 1-5-ئايەت) «ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ. تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە مائارىج 8-9 ئايەتلەر). ئاللاھتائالا ھەممە نەرسىگە مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە مۇددەتنى بەلگىلىگەن. ئاستىرونومىيە ئىلمىدا يۇلتۇزلارنىڭ قېرىشى، ئۆلۈشىدەك ھادىسىلەر ھەممە ئىتراپ قىلغان ئىلمى ھەقىقەت. يۇقارقى بايانلار ئاسمان، زىمىن، قۇياش، ئاي-يۇلتۇز، تاغ، دەريا-دېڭىزدەك نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان، ئىنساننىڭ ئىگىدارچىلىق قۇدرىتىدىن ھالقىغان شەيئىيلەردىكى ئۆزگىرىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئايرىم-ئايرىم سۈرە ۋە ئورۇنلاردا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغاندا ئاسماننىڭ يېرىلىشى، كۈن نۇرىنىڭ ئۆچىشى، تاغلارنىڭ پارچىلىنىپ ئۇۋىلىنىپ كېتىشى، يەرنىڭ قاتتىق تەۋرىشى، يۇلتۇزلارنىڭ تۆكىلىشىدەك زور ھادىسىلەر بىلەن ئالەمنىڭ بىرلىكى بوزۇلىدۇ. زېمىندىكى جانلىقلار- ئىنسانلار، جىنلار، ھايۋانلار ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى جانلىقلار قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ قوپىدۇ، تۇنجى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغىچە ئۆتكەن جىمى ئىنسانلار، مەيلى ئۇ سۇدا ئېقىپ، ئوتتا كۆيۈپ، ھاۋادا پارتلاپ قانداق تەرىقىدە ئۆلگەن بولسۇن، ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلاھى بىلەن تىرىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى قېتىملىق سۈرنىڭ ئارلىقى 40. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 كۈن دىمەكچىمۇ؟» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 ئايمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 يىلمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى ۋە ئارقىدىنلا «شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ئادەم بالىلىرى خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىققاندەك قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئادەمنىڭ ھەممە ئەزالىرى توپىدا چىرىپ تۈگەيدۇ. پەقەت بىر پارچە سۆڭەك- قۇيرۇق سۆڭىكى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. قىيامەت كۈنى بارلىق جانلىقلار ئاشۇ سۆڭىكى ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)   
    تەۋھىد ئەقىدىسى ئىمان تارازاسىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەستىقلاش ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم كۇفرىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. كۆز كۆرمىگەن، ئەقىل يەتمەيدىغان ئىشلارغا پەقەت ئاللاھ خەۋەر بەرگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا شەك شۈبھىسىز ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ئىمان ھېسابلىنىدۇ ، ئەنە شۇنىڭدا كىشىلەر سىنىلىدۇ، دەرىجىلىرى بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن ئىمانسىزلار ئىنكار قىلغان بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا-ئاستا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر». سۈرە ھەج (22- سۈرە) 5-6 ئايەتلەر. ئاللاھنىڭ كۈندەك روشەن بۇ بايانلىرى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟
ئاخىرەت ھاياتى جىمى ئىنسانلار، جىنلارنىڭ جىسمى ۋە روھى بىلەن تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلىنىشىدىن باشلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئەمەللىرى سەۋەبلىك قايتا تىرىلگەندىكى ھالىتىدە پەرق بولىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بېجىرىم، چىرايلىق ھالەتتە بولىدۇ. يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتمىغانلار بولسا كەمتۈك، ئەيىبناق ھالەتتە قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پىيادىلىك بولىدۇ؛ ئىككىنچى تۈركۈم كىشىلەر تۆگىلىك بولىدۇ؛ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر يۈزى بىلەن ماڭغان ھالەتتە كېلىدۇ، ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ، ئادەم قانداقمۇ يۈزى بىلەن ماڭىدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئادەمنى پۇتى بىلەن مېڭىشقا قادىر قىلغان ئاللاھ يۈزى بىلەن ماڭدۇرۇشقىمۇ قادىردۇر» دېدى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە «بەنى ئىسرائىل» (17- سۈرە) دىكى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۇم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز» (97- ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ شەرھىسىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە «إحياء علوم الدين» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ئۆزى كۆرۈپ ئادەتلەنمىگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئەگەر ئادەم قورسىقى بىلەن ماڭىدىغان يىلاننى كۆرمىگەن بولسا مېڭىش ئۇقۇمىنى مەڭگۈ پۇتقا باغلاپ چۈشەنگەن بولاتتى. شۇڭا سەن قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى، دۇنيا ھاياتىغا ئوخشىمايدىغان ھادىسىلەرنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان» سۈرە بەقەرەنىڭ 275- ئايىتىدە ئېيتقىنىدەك: «جازانە ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەمدەك قوپىدۇ» ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەردىن نەرسە تىلىگەن ئادەم قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى يوق ھالدا تىرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). تەكەببۇر، ھالى چوڭ ئادەملەر قىيامەت كۈنى چۈمۈلىگە ئوخشاش كىچىك ھالەتتە بولۇپ، خالايىق ئۇلارنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). «بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئەگەر ئۇ ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدە يېرىم تەرىپى ئېقىپ ساڭگىلىغان ھالدا قوپىدۇ» (تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر بولسا يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ھالەتتە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. نامازنىڭ تەسىرىدىن پۇت-قوللىرى، پېشانىسى ئاق، نۇرانە ھالەتتە بولىدۇ. روزىنىڭ پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنىڭ پۇرىقى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي بولىدۇ. «حشر» سۆزى ئەرەبچە «توپلىنىش، يىغىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تىلىمىزدىكى مەھشەرگاھ سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن. «ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار (يەنى پۈتۈن خالايىق قەبرىلىرىدىن چىقىپ) يېگانە قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى مەھشەرگاھتا) ھازىر بولىدۇ». سۈرە «ئىبراھىم» (14- سۈرە) 48- ئايەت). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى زېمىننى سول چاڭگىلىدا ئاسماننى ئوڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ: «مەن پادىشاھتۇرمەن، زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قەيەردە؟،» دەيدۇ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا مەھشەرگاھنىڭ سۈپىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرۈسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز. ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز» (سۈرە كەھف 18- سۈرە).                         
     ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. مانا مۇشۇنداق ھېچكىم ھېچ نەرسىنى يوشۇرالمايدىغان، ھەممە ئاشكارا بولىدىغان كەڭ مەيدانغا بەنى ئادەم توپلىنىدۇ، پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قىيىن كۈندۇر، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدىغان، ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، كىشىلەر مەستەك گاڭگىراپ قالىدىغان كۈندۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالىڭاچ ۋە خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ» دېدى ، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر - بىرسىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراپ قالمامدۇ؟» دېدىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى ئائىشە، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىغۇدەك ھالى بولمايدۇ» دېدى (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) مەھشەرگاھتىكى يىغىلىشتىن تاكى ئاللاھنىڭ ھېسابىغا يۈزلەنگىچە ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامان، ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتىدۇ. سۈرە «مائارىج»دىكى: «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ» (4- ئايەت) ئايىتىدىكى 50 مىڭ يىلنى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زەيىد، زەھھاك، ئىكرىمە قىيامەت كۈنىدىكى بەندىلەرنىڭ ھېساب ئېلىنغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرۇش بەنى ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بىر ئىشتۇر. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى قۇياش مەخلۇقاتقا بىر مىل ئارىلىقىدا يېقىن قىلىنىدۇ» (رىۋايەت قىلغۇچى مىقداد: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مىل دېگەن سۆزى زېمىندىكى مۇساپىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى كۆزگە تارتىلىدىغان مىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، دېگەن) كىشىلەر ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن تەر ئوشۇقىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تىزىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بېلىگىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئېغىزلىرىغا تەردىن يۈگەن سېلىنىدۇ، دەپ قولى بىلەن ئاغزىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم مەھشەرگاھقا ھازىر قىلىنىدۇ. جەھەننەمنىڭ 70 مىڭ تىزگىنى بولۇپ، ھەر بىر تىزگىنىنى تارتىدىغان 70 مىڭ پەرىشتە بولىدۇ» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).                   
     جەننەتمۇ، دوزاخمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرگە توغرىلانغان، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن ھەممە ئەمەللەر ئاشكارا بولىدىغان بۇ پەيتتە قاتتىق قورقۇنچتىن كىشىلەر گاڭگىراپ مەستەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەيتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا شۇ ھالى يار بەرمەيدۇ. بۇ پەيتتە كىشى ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن، دادىسىدىن، بالىسىدىن، قېرىندىشىدىن قاچىدۇ. «دوست دوستىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھال سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قوۋم قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ». سۈرە «مائارىج» 10-14 ئايەتلەر. ئاللاھ تائالا ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەرنى مەھشەرگاھنىڭ قورقۇنچ ئازابلىرىدىن ئەمىن قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى خالايىقنىڭ مەھشەرگاھتا تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ ۋاقىت مۆمىنگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەتتا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت مۆمىننىڭ بۇ دۇنيادا ئوقۇغان بىر قېتىملىق نامىزىنىڭ ۋاقتىدىمۇ قىسقىدەك تۇيۇلىدۇ» دېدى. (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىتىدۇ. ئۇلار؛ ئادىل پادىشاھ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش، ئەس يادى ھەمىشە مەسچىتتە بولغان ئادەم، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىق ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر، ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، «ئاللاھتىن قورقىمەن» دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى، ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى، خالىي جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى». (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)  ئاللاھ خالىسا كىيىنكى قىسمىدا «شاپائەت» ھەققىدىكى تىما يوللىنىدۇ.  


 
sarkar
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 11:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر