turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2492 قېتىم كۆرۈلدى
uyghur-korea
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4224
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان كورىيەدە

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلار. كورىيەدە ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان،مەردان ،راھىلە، گۈلمىرە قاتارلىق دوستلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
   بەلكىم مۆجىزە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن. بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كىشىنى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كورىيە SBS تېلۋزىيەسى STARKING پروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلانى كورىيەگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بۇ پروگراممىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز بۇلۇشى مومكىن. لېكىن كورىيەنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىمۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داڭلىق پروگرامما بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر،  تالانت ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئولارنىڭ ماھارىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا  كورىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار،كىنو ئارتىسلىرى سەھىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىشلىنىشىگە ياردەمدە بۇلىدۇ.STARKING سۆزىگە قاراپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چولپانلار پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىزغۇ-دەيمەن.
    گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى. يېقىندا توردىن  ئۆمەرجان ئاكىنىڭ خۇنەن تېلۋىزىيەسى ‹كىم قەھرىمان›پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتكەن فىلىمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىسىلا  كورلا تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى تاپتۇق. ئۆمەرجان ئاكىغا تېلفۇندا بۇ ئوي پىكرىمىزنى ئېتساق ، خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن فىلىمىلىرىنى چۈشۈرپ تەھرىرىلەپ، تەرجىمھالىنى يېزىپ SBS تېلۋزىيەسىگە يوللىدۇق. بۇ كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەرخىل تەلەپ -چەكلىمىلىرى شۇنچە كۆپكەن. ئۈچ-تۆت ھەپتە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئاخىرى SBS نىڭ تەكلىپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمەرجان ئاكىغا ئەۋەتتۇق. بىر ھەپتىدىن كىيىن كورىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى ئۆمەرجان ئاكىغا ۋىزا بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا كورىيەگە يىتىپ كەلدى.   
          ئايرودىرومدىكى ئىشلار بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۆمەرجان ئاكىنى كۈتىۋېلىشقا بىز بىلەن بىرگە ،كورىيە SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن  باشقا يەنە بىر قانچە كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر  كەلگەنىكەن. شۇ چاغدا بىلدۇقكى ئۆمەرجان ئاكا مۇنداقلا سەييارە ماھارەت كۆرسەتكۈچى بولماستىن ، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللى مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دېگەندەك ئالاھىدە سالاھىتى بار ئىكەن. مەسلىھەتلىشى ئارقىلىق تۇنجى كۈنى پارلامىنت ۋەكىللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.ئەتىسىدىن باشلاپ SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى باشقا مېھمانخانىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئاكا SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،  سىنغا ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇردۇق. بۇ جەرياندا ئۆمەرجان ئاكا كورىيەدىكى تۈركىيە ، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاشخانسىنىڭ نان-كاۋاپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تاماق يىمىدى. . . . . .
       10-ئاينىڭ 17-كۈنى STARKING پروگراممىسى سىنغا ئېلىندى. ئۆمەرجان ئاكىغا سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مەخسۇس تەرجىمان يوق. شۇنداقلا ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانىدىن باشقىلارنىڭ سەھنىدە تەرجىمە قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئاكا سەھنىدە خەنزۇچە سۆزلىدى. (خەنزۇچە تەرجىمان بولغاچقا). ئۆمەرجان ئاكا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن قالتىس ماھارەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن كۆرسىتىپ ، سەھنىدىكى چولپانلار ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى.ھەتتا سەھنىدىكى بەزى چولپانلار ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تاش چاققان ھالىتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ، بىر-بىرىنىڭ كەينىگە مۆكىنىۋېىلىشتى. ئاخىرىدا ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەندىن قىلغان كىرىمىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى قىينچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلىدىغان سۆزى ۋە گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سىن ئېلىش تاماملاندى.  
      10  -ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا ماھارەت كۆرسەتكەن پروگرامما تېلۋىزوردا تارقىتىلدى.مىق يىگەن كۆرۈنۈش كېسىۋېتىلىنىپتۇ. تېلۋىزوردا قۇيۇلغاندىن كىيىن رېژىسورغا تېلفۇن قىلىپ سەۋەبىنى سورىساق،  ئۇ كۆرۈنۈشنى تارقاتساق، دوختۇرخانىغا بىمار توشۇپ كېتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە كېسىۋىتلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇخېلى باركەن. بىز پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن پلاستىنكىسىنى قايتا رەتلەپ،پەقەت ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كۆرۈنۈشى بار قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن جەرياننى تەرجىمە قىلماي ،مۇھىم گەپ-سۆز ۋە كورىيەچە خەتلەرنىلا ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلدۇق. 
     
      تۆۋەندە بىز ئۆمەرجان ئاكا  ۋە بىر قىسىم كورىيە چولپانلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۆرەتلەر:
















 


      ئۆمەرجان ئاكا قاتناشقان كورىيە STARKING  پروگراممىسى:  
 

    كورىيە توغۇرسىدىكى تېمىلارغا قىزىقسىڭىز بلوگىمىزغا مەرھەمەت:    http://xjkorea.blogbus.com
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-09, 10:42
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-11-08 18:15 |
arknur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 73 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فىلىمنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.موشۇنداق ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ  كۆپ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-09 13:09 |
uyghurizlari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 264 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 264 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

bak yah xi ewar tip ciz   ...alla ha li sa mu xun dak uyghur kah ri miz kup lap qi kep   uyghur mel li ti miz ni dun ya hal ki ga to nu taili...leken umar jan ake miz uyghur dup bi si den ber ni ke yi wal han bul sa te hi mu yah xi bu lat ti kan...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-09 14:12 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1289 سوم
تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 755 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەردان ،مەخمۇتجان، گۇلمېرە، راھىلە : سىلەر يوللىغان تېمىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم . بەك ياخشى ئىش قىپسىلەر . بۇ ئىشتىن مەن سىلەرنىڭ پائاليەتچان بالىلار  ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدىم . كورىيەلىكلەر  ئۆز ھىسسىياتىنى شۇنداق تەبىئى، ئوچۇق ئىپادىلەپ تۇرىدىكەن . بىز ئۆزىمىز ئاپىرىن ئېيتقانغا ئوخشاش كۆرىيەلىكلەرمۇ ئۆمەرجان پالۋانغا قالتىس ھەيرانۇ -ھەس قالدى. پالۋىنىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنى قىلدىڭلار. بۇ ھەركىتىڭلار ئارقىلىق بۇ پالۋان بەلكىم دۇنياغا تونۇلۇپ كەتتى.ئۆمەرجان بىزنىڭ پەخرىمىز .ئەجرىڭلارغا تەشەككۇر .  ئۇندىن باشقا مەن سىلەر قۇرغان بىلوگغا كىرىپ ،نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم .زور ئىلھاملارغا ئېرىشتىم . بۇندىن كېيىن سىلەر قۇرغان بۇ بىلوگقا كىرىپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنى قارار قىلدىم .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-09 17:45 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 645 سوم
تۆھپە: 383 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 383 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاھ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەر، قىلغان ئەجرىڭلارغا رەھمەت! مەنمۇ بىر كۆرەي
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-10 16:39 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 996
شۆھرەت: 5360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5372 سوم
تۆھپە: 3164 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3168 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1973(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاھ نىمە دىگەن ياخشى ، مەن كەڭسايدا سىن فىلىمىنى كۆرۇپ باقتىم بەك نوچى ئىشلار بولۇۋېتىپتۇ ، جىمۇ ، نىمەدىگەن  كاتتا ئىشلار بۇ ،

ناۋادا خەقلەر بىر ئىككى تاشىنى چاقالىسىمۇ دۇنيانى ئايلىنىپ گوزا گوزاڭ قىلىپ بولاتتى ، ھەي ئۆمەرجانكا ئەمدى قايتمايلا پۇتۇن دۇنيانى بىىي ئايلىنىپ ماھارەت كۆرسەتسىڭىز ياخشى بولاتتى ، مانداق دۇپپا دىگەنلەرنى كىيۋالىمىز ئەمەسمۇ   ،

مەنمۇ كىرىپ باقايچۇ قېىنى قانداق كاتتا بىلىملەر باركىن ئۇ بىلوگدا
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-10 17:19 |
سةنةم
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 131 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 131 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تەشۋىقات بەك ياخشى بوپتۇ،قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن،ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈشنى خالايمەن...
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-10 21:22 |
kuyax-1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 151 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 153 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 92 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەتتىگەندىلا تورغا چىقىپ بۇ فىلىمنى كۆرۈپتىمەن، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. باشقىلارنىڭ مۇنچىلىك ماھارىتى بولسا  جاھانغا پاتمىقى تەس ئىدى، ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بىرنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىك ئوغلانلىرىمىز، خانىملىرىمىز بار- ھە. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ماھارەت- ئىقتىدارلارنى ئاتا قىلغاي.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-13 11:20 |
uyghur.yolwisi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
شۆھرەت: 878 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1014 سوم
تۆھپە: 493 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 494 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆزى بىلەن قاراپ ئوت قويغىنى ۋە چىگىلگەن لاتىنى يىراقتىن يەشكىنى ئېنىقلا سېھىر ئەمەسمۇ ؟
sarkar
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-14 14:31 |
koklam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2461
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆمەرجاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-15 13:14 |
uqkun128
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3583
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى uyghur.yolwisiدە2011-11-14 14:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كۆزى بىلەن قاراپ ئوت قويغىنى ۋە چىگىلگەن لاتىنى يىراقتىن يەشكىنى ئېنىقلا سېھىر ئەمەسمۇ ؟

ئۇ ئادەم خىسلەتلىك ئادەم، ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەرگىزمۇ سېھرىگەرلىك ئەمەس!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-15 15:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر