مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، سۈر ھەيۋىسى پەلەككە يەتكەن قىسمەن چېرىك ئەمەلدارلار قىلمىشىنىڭ ئاشكارلىنىپ ئەمەل تەلپىكىدىنئايرىلىپ قېلىشىدىن ياكى داۋاملىق ئۆسۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، كۆڭلى بىئارام بولىدىغانلىقى تەبئى ئەھۋال. شۇڭا ئۇلار پالاكەتلىككە يۇلۇقماسلىق ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ پىلان تۈزىدۇ، بىراق كۆپىنچىسى<<كېسەلگە بېقىپ دورا بېرىش>>ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغاچقا ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ، غايەت زور مال-مۈلىكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئالدانغىنىنى بىلگەندە يىغلىشىنى ياكى كۈلۈشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدامچىلارغا قويۇلغان10پارىخور ئەمەلدارنى ئاشكارلاپ، <<قورسىقىدا ئاغرىقى بار>>ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇردى. <<مۇرادىغا يېتەلمىگەن>> پارىخورئەمەلدار
ئەمەلدار جىياڭ شېنيۇەن
ۋەزىپىسى: خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى
كىچىككىنە بايان: جياڭ شېنيۇەن ۋەزىپىدە ئولتۇرغان سەككىز يىلدا4مىليۇن940مىڭ يۇەن پارائالغان، ئەمما بۇ ھارام پۇلنىڭ 4مىليۇن200مىڭ يۇەندىن كۆپرەكىنى ئۈچ ئالدامچىغا ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىپ بەرگەن. ئەڭ كۈلكىلىك يېرى، بۇ ئالدامچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۆلكىدىكى <<نادان دېھقانلار>> ئىكەن.
تامچە باھا: جياڭ شېنيۇەن ئەسلىدە ئەمەل تەلپىكى سېتىۋالماقچى بولغانىدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن مۇرادىغا يېتەلمەيلا قالماستىن، قاراپ تۇرۇپ دېھقانلار قۇرغان قىلتاققا دەسسىدى
<<ئەڭ نومۇسسىز>>پارىخور ئەمەلدار
خې مىنشۈي
ۋەزىپىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋېن باشلىقى
كىچىككىنە بايان: خې مىنشۇي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، باشقىلار ئارقىلىق بىر<< قابىل كىشى>> بىلەن تونۇشۇپ قالدى. بۇكىشى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ ئالدىن 300مىڭ يۈەن<<ھەرىكەت خىراجىتى>> بەردى. خې مىنسۈي مۇئاۋېن ئۆلكە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئادەم يەنەئۇنىڭدىن يەنە بىر مىليۇن يۈەن<<تەشەككۈر پۇلى>>(ئەمەلىيەتتە خې مىنشۈينىڭ مۇئاۋېن ئۆلكە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈشى نورمال ئۆستۈرۈش تەرتىپىگە ئۇيغۇن ئىدى)ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا خې مىنشۈي ئەجنەبى قىزلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۇلاردىن ھۇزۇرلانماقچى بولىۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن يالغان ئەجنەبى قىزلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا دۇچار بولدى.
تامچە باھا: ئەمەل سېتىۋېلىش، ئەجنەبى قىزلارنى <<ئويناش>>غەرىزىدە بولغان بۇمۇئاۋېن ئۆلكە باشلىقىنى نومۇسسىز دېمەي نېمە دەيمىز؟
<<ئەڭ ئالدىراقسان>> پارىخور ئەمەلدار
ۋاڭ يۈجې
ۋەزىپىسى: خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋېن مۇدىرى
كىچىككىنە بايان: ۋاڭ يۈجېنىڭ ئوغلى 2004-يىلى ئۆكتەبىردە ئىقتىساد مەسلىسىگە چېتىلىپ قالغاچقا، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. <<ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن>>دېگەندەك ، ۋاڭ يۈجې ھەرھال ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى باشلىدى، بىراق ئوغلىنى قۇتۇلدۇرالمايلا قالماستىن، ئۆزى تەكشۈرۈلىدىغانلار قاتارىغا كىرىپ قالدى. ئەڭ كۈلكىلىك ئاقىۋەت شۇكى، ئالدامچىلار ئۇنىڭدىن2مىليۇن يۈەن <<ھەرىكەت خىراجىتى>> ئېلىپ يوقاپ كەتتى، ۋاڭ يۈجې<<ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك>>دېگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.
تامچە باھا: <<پۇشتى ئۈچۈن يۈرىكىنىمۇ يېرىپ بېرىشكە تەييار>>ۋاڭ يۈجې ئوغلى ئۈچۈن<<جىددى>>ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، ئۇ ئاخىرىدا ئاتا-بالا تەڭلا ھالەك بولدى، قارىغاندا ھالال ياشىغان ئادەمنىڭ كۆڭلى ھامان خاتىرجەم ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ.
<<ئەڭ ئۆمرى كۆتە>>پارىخور ئەمەلدار
ۋاڭ كۈنشەن
ۋەزىپىسى: خېنەن ئۆلكىسى باۋدېڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ قالايلا دېگەنىدى
كىچىككىنە بايان: 2006-يىلى28-ئىيۇل ۋاڭ كۈنشەن باۋدېڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىلىقىغا رەسمى تەيىنلىنىدىغان چاغدا، ئۆسۈش مۇساپىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كارخانىلاردىن بىرمۇنچە پارا سوراپ ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەركەزدىكى قايسىبىر رەھبەرنىڭ<<ئەتىۋارلىق ئادىمى>>دەۋالغان بىرەيلەنگە <<ئىنئام>> قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ<<ئەتىۋارلىق>>ئالدامچى تۇتۇلۇپ، ۋاڭ كۈنشەننىڭ شېرىن چۈشلىرى بەربات بولدى.
تامچە باھا:تېخى رەسمى ۋەزىپىگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئاتتىن چۈشكەن ۋاڭ كۈنشەننىڭ<<ئەمەلدارلىق تەلىيى>>ھەقىقەتەن يوق ئىكەن!
<<ئەڭ ئازابلانغان>>پارىخور ئەمەلدار
چېن جيەنكاڭ
ۋەزىپىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى چىدوڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋېن باشلىقى
كىچىككىنە باھا: چىن جيەنكەڭ 2003-يىلى24-سېنتەبىر پارا ئېلىش، ئۇمۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانىدى. خوتۇنى ئۇنى كۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالدامچى لۇ مىڭشا1مىليۇن780مىڭ يۈەننى <<سوۋغا>>قىلىۋەتتى.
تامچە باھا: چىن جيەنكاڭ ئەسلىدە خوتۇنىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن<<قۇتقۇزۇش ھەركىتى>>مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ، خوتۇنىغا زىيانكەشلىك قىلدى، بىر مۇنچە پۇلدىن مەھرۇم بولدى،بۇ نىمە دىگەن زور ئازاپ -ھە؟؟
<<ئەڭ كۆرەڭ>>پارىخور ئەمەلدار
ۋاڭ خۇەيجۇڭ
ۋەزىپىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋېن باشلىقى
كىچىككىنە باھا: 2001يىلى نويابىردا ۋاڭ خۇەيجۇڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېين، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا <<مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنى بويسۇندۇرۇپ بولغان>>لىقىنى داۋراڭ قىلغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر پۇقراۋى كارخانىچىدىن بىر قېتىمدىلا2مىليۇن يۈەن سۇغۇرۋېلىپ، مەركىزى دۆلەت ئاپىراتىنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان ئالدامچىغا 1مىليۇن200مىڭ يۇەننى سېلىپ بەردى.
تامچە باھا: ۋاڭ خۇەيجۇڭنىڭ <<مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنى بويسۇندۇرۇش>>غەرىزى ئۆزىنىڭ موللاق ئېتىشىنى تېزلىتىۋەتكەنلىكىنى ئويلىساق، ھەقىقەتەن ئاچچىق كۈلۈشكە مەجبۇر بولىمىز.
<<ئەڭ قاپيۈرەك>>پارىخور ئەمەلدار
چېڭ ياۋنەن
ۋەزىپىسى: جىياڭسۇ ئۆلكىسى شۈيجۇ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سابىق مۇئاۋېن باشلىقى
كىچىككىنە بايان: دەنياڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جېڭجىياڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان مەزگىلدە، چېڭ ياۋنەن2مىليۇن500مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پارائالغان، يەنە780مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەنىدى. چېڭ ياۋنەن تېخىمۇ ئېگىز كۇرسىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، باشقىلارغا<<ھەرىكەت خىراجىتى>>بېرىشكە قوشۇلدى، بىراق<< ھەرىكەت خىراجىتى>>پۈتۈنلەي ئۇمۇمنىڭ خەزىنىسىدىن چىقتى، ئاخىرىدا ئۇ 1مىليۇن200مىڭ يۈەن خەلىق پۇلىنى ۋە40مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە تاشلاپ بەردى.
تامچە باھا: چېڭ ياۋنەن ئەمەل سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاۋارە قىلمىغان، بەلكى ئۇمۇمنىڭ خەزىنىسىگە قول تىققان، ئۇنى ئەلۋەتتە<<قاپ يۈرەك>>پارىخور خىيانەتچى، دېسەك بولىۋېرىدۇ.
<<ئەڭ خۇراپى>>پارىخور ئەمەلدار
لى خۇيگاڭ
ۋەزىپىسى:خۇنەن ئۆلكىلىك رەڭلىك مېتال سانە ئىتى زاۋۇتىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى(مۇئاۋېن نازېر دەرىجىلىك)
كىچىككىنە بايان: لى خۇيگاڭ جاھان كەزدى<<مۇنەججىم>>دىن پال سېلىپ يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا مۇنەججىم: <<سەندە ئەمەلدارلىق سالاپىتى ۋەتەلىيى بارئىكەن، مەن سېنى 10يىل ئىچىدە مۇئاۋېن زۇڭلى، ئەڭ بولمىغاندا مۇئاۋېن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلمەن>>دېگەندىن كېيىن، ئەمەل ئۈچۈن پۇل خەجلىگەن پۇلغا قورسىقى ئاغرىمايدىغان لى باش دېرىكتور مۇنەججىمگە 1مىليۇن500مىڭ يۈەن سۈڭگۈتتى، بىراق ئۇ ئالدامچىغا سۈڭگۈتكەن بۇ پۇل ئۇنىڭغا 15يىللىق قاماق جازاسى ھەددىيە قىلدى.
تامچە باھا: ئەرزىمەس بىر <<مۇنەججىم>> لى باش دېرىكتورنى ھالاكەت يولىغا باشلىغان، ئۇنىڭ پىتنە-توقۇناقلىرىغا ئىشەنگەن لى باش دېرىكتور بەك خۇراپىي ئەمەلدارمۇ قانداق؟
<<ئەڭ ئۇۋالچىلىق تارتقان>>پارىخور ئەمەلدار
جۈەن جىخۇ
ۋەزىپىسى:چۇڭچىڭ شەھىرى جىياڭبېي رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ سابىق دائىمى ھەيئىتى(مۇئاۋېن نازېر دەرىجىلىك)
كىچىككىنە بايان: جۈەن جىخۇ چارە كۆرۈلۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەتتا تېخىمۇ ئۆسۈش ئۈچۈن، <<كېسەلگە قارىتا دورا بېرىش>>ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارا ئالغان2مىليۇن900مىڭ يۈەن ھارام پۇلنى ئالدامچىنىڭ خۇرجۇنىغا سېلىپ بەردى.
تامچە باھا: جۈەن جىخۇنىڭ چارە كۆرپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئەسلىدىنلا<<ئۇۋالچىلىققا قالغان>>لىق ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن<<توخۇ ئوغۇرلىيالمىغاننى ئاز دەپ، بىر مۇنچە گۈرۈچنى ئىسراپ قىلغان>>، بۇنىمۇ<<ئۇۋالچىلىق تارتقان>>لىق دېسەك بولارمۇ؟
<<ئەڭ ئەخمەق>>پارىخور ئەمەلدار
تيەن يۈفېي
ۋەزىپىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى چىيەنۋېي ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى
كىچىككىنە بايان: تيەن يۈفېي خىيانەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزغان، شۇڭا جىنايىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، <<يۆلەنچۈك>>تېپىش ھەمدە تېخىمۇ يوغان ئەمەل سېتىۋېلىش كويىدا يالغان<<مەركىزى يەشكىلات بۆلۈمىدىكى باشقارما باشلىقى>>غا 470مىڭ يۈەن سۈڭگۈتتى.
تامچە باھا: تيەن يۈفېينىڭ ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى تۇرۇقلۇق، شۇنچىۋالا ساددىلىق قىلغانلىقىنى<<ئەخمەقلىق>>دېمەي نېمە دەيمىز؟ ئۇنىڭ بۇ ئەخمەقلىقى ھەرقانداق بىر ئادەمنى ئاچچىق كۈلۈشكە مەجبۇرلايدۇ ئەلۋەتتە،!
كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ ، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويۇڭ : ئەسكەرتىش 24 سائەت ئىچىدە پەقەت بىرلا قېتىم چېكىڭ [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-01-26 14:38قايتا تەھرىرلىدى ]