تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يېزىپ قويغۇم كەلدى.
مېنىڭچە ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ كۆپ قىسىم ئىتوتلىرىدا ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان سۆز-ھەرىكەتلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ (بۇندىن كېيىن بايقىغان ۋاقتىمدا چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمەن)، ۋە بۇ ئارقىلىق ئىتوتنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بۇ شەخسەن ماڭا ئانچە مۇۋەپپىقىيەتلىك بىلىنمىگەن تەرىپى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئارتىسلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە بېرىۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئورۇنداش ۋە سەھنە سۆزى جەھەتتە بولسۇن تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن خالمۇرات ئۆمەر ئورۇنلىغان «تۇنجى قار» ناملىق ئېتوت ماڭا نىسبەتەن ئورۇنداش، سەھنە سۆزى ۋە ھەرىكەت جەھەتلەردە ئىنتايىن ئىلمى ئورۇندالغان ئىتوت. گەپ-سۆزلىرى ئىنتايىن ئىلمى، قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك. مانا بۇ مەن ئەڭ قول قويىدىغان تەرىپى. ئىتوتتا باشتىن ئاخىر قاملاشمىغان ياكى ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەن گەپ-سۆز، ۋە ھەرىكەت ئۇچرىمايدۇ. شۇنچىلىك مۇۋاپىق، شۇنچىلىك يۇمۇرىستىك، ئىتوت بولا شۇنداق بولا! كۆپ قېتىم كۆرۈپ بولغان بولساممۇ ئۇدۇل كېلىپ قالسام يەنە بۇرۇنقىدەك قىزىقىپ كۆرىمەن. ئەگەر كۆرمەكچى بولساڭلار:
http://www.56.com/u11/v_NjQ0MDkyMjQ.html بەيدۇغا يېڭى يېزىقچە «تۇنجى قار» دەپ كىرگۈزسەڭلارمۇ تېپىپ بېرىدىكەن.
تۆۋەندە ئىتوتنىڭ قىزىقارلىق يەرلىرىدىن ئارىيەلەر:
« سەنغۇ بىر رومكا ھاراق بېرىمەن دېسە گۆردىمۇ يېتىپ چىقىدىغان نىمە.»
« مېنى قەستلەپ قويىڭە، جېنىم، بىر قەستلىۋېتىڭە!»
« كىتاپ بولا ماشناق بولا!»
« ھېي، داخان ئىزدەپ يۈرگىچە مۇشۇنۇڭغا ئۇقۇتىۋالە، بېسىپ ئوقۇپ قويىدۇ!»
« كۈندە بىلىملىكلا يۈرەتتىڭ دېگىنە!»
« مۇشۇنداق ئوقۇپ قىشنى يازغا ئۇلىمامدۇ!»
« ۋاي گۆشتىن قىممەت كىتاپلىرىڭ باكىنە سېنىڭ!»