ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى abdul-ahadدە2011-11-21 00:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يېزىپ قويغۇم كەلدى.
مېنىڭچە ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ كۆپ قىسىم ئىتوتلىرىدا ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان سۆز-ھەرىكەتلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ (بۇندىن كېيىن بايقىغان ۋاقتىمدا چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمەن)، ۋە بۇ ئارقىلىق ئىتوتنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بۇ شەخسەن ماڭا ئانچە مۇۋەپپىقىيەتلىك بىلىنمىگەن تەرىپى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئارتىسلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە بېرىۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئورۇنداش ۋە سەھنە سۆزى جەھەتتە بولسۇن تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن خالمۇرات ئۆمەر ئورۇنلىغان «تۇنجى قار» ناملىق ئېتوت ماڭا نىسبەتەن ئورۇنداش، سەھنە سۆزى ۋە ھەرىكەت جەھەتلەردە ئىنتايىن ئىلمى ئورۇندالغان ئىتوت. گەپ-سۆزلىرى ئىنتايىن ئىلمى، قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك. مانا بۇ مەن ئەڭ قول قويىدىغان تەرىپى. ئىتوتتا باشتىن ئاخىر قاملاشمىغان ياكى ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەن گەپ-سۆز، ۋە ھەرىكەت ئۇچرىمايدۇ. شۇنچىلىك مۇۋاپىق، شۇنچىلىك يۇمۇرىستىك، ئىتوت بولا شۇنداق بولا! كۆپ قېتىم كۆرۈپ بولغان بولساممۇ ئۇدۇل كېلىپ قالسام يەنە بۇرۇنقىدەك قىزىقىپ كۆرىمەن. ئەگەر كۆرمەكچى بولساڭلار:
http://www.56.com/u11/v_NjQ0MDkyMjQ.html بەيدۇغا يېڭى يېزىقچە «تۇنجى قار» دەپ كىرگۈزسەڭلارمۇ تېپىپ بېرىدىكەن.
.......
مەنمۇ مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئىككى ئېغىز سۆز قىلغۇم كەلدى.
بۇ يەردە سىيىت نوچىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش تارىخىنى ياد ئەتكەنلىك دەپ قارىدىم.
ئابدۇكېرەم ئابلىز ھەقىقەتەن خەلىقنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەنىۋىي زوق بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن بىر قىسىم سۆزلىرى قىزقارلىقتەك تويۇلسىمۇ لېكىن دىيىلمەيدىغان زۆرۈرىيىتى يوق سۆزلەر كۆپرەك بولۇپ قالغان. ئاندىن تەكرار سۆز بەك كۆپ.
مەسىلەن: مۇشۇ قېتىملىق ئىتوتلاردىكى ھېلىقى ئۆي سېتىۋېلىش ئىتوتىدا ئايالىنىڭ تۇغۇتىنى ناھايىتى چاكىنا ئىپادىلەپ قويغان.
- سېنىڭ ئايالىڭ تۇغۇپتىما؟
-قانداق تۇغۇپتۇ،
-ئايالىڭنى قورسىقىدا سىرتمىسى بارمىكەن
-ئايالىڭ نېمە تۇغۇپتۇ...............
شۇ بىر سۆز تۈپەيلىدىن پۈتۈن ئىتوتقا تەسىر يەتكۈزگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش مىسال يەنە بار.
ئىتوتنى مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا، قانداقلا ئورۇندا بولسۇن مېنىڭچە يەنە بىر كۆرسىمۇ زېرىكمەيدىغان، يەنە كۆرسە ، قايتا كۆرگۈسى كىلىدىغان بولسا، مېنىڭچە نەتىجىلىك بولغىنى دەپ قارايمەن. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسەن پىكرىم.
كۈلدۈرۈش بىر قېتىملىق بولماي، ھەر بىر قېتىم كۆرۈلگەندە كۈلدۈرۈش.
مەسىلەن: كىم قاتىل؟ ئىتوتىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ ھازىر كۆرسىڭىزمۇ شۇنداق قىزقارلىق مەنىلىك.....
كۈلدۈرۈش ئاجايىپ بىر سەنئەت.