ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
<<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى>> تور بېكىتىمىز مەخسۇس كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى، قاتتىق دېتاللىرى ۋە پروگرامما لايىھىلەشنى ئاساس قىلغان كومپيۇتېر بىلىملىرى كەسپىي تور بېكىتى بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىدىغانلارنىڭ ياخشى سورۇنى بولالايدۇ.
بۇ پروگراما تور بېكىتىمىزدىكى 9 چوڭ تۈردىكى 48 سەھىپىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزدىكى كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ۋاقتىدا تېز خەۋەردار بولۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا قولايلىق ھازىرلاپ بېرىدۇ.
تور بېكىتىمىزدە ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئانا تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ بېقىشنى خالىسىڭىز تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ.
تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ يازما يوللاپ تۇرسىڭىز جۇغلانمىڭىزغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولالايسىز.
بىلگەنلىرىڭىزنى يوللاڭ، باشقىلار پايدىلانسۇن! بىلمىگەنلرىڭىزنى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن!
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، بايقىمىسا نېمە پايدا!
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى!
شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى يازما يېتەكچىسى 1.0 ھەقسىز چۈشۈرۈڭ
پروگراممىنى ئىجرا قىلغاندىكى چىقىدىغان كۆزنەك بولۇپ، <<پروگرامما ھەققىدە>> سۆزلىنىدۇ. بۇ ئۇچۇرمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ
.بۇ يەردە ئەڭ يېڭى 20 دانە تېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇندىن تور بېكىتىمىزدىكى تېمىلاردىن ۋاقتىدا تېز خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتال پروگرامما رايونى دېگەن تۈردىكى 6 سەھىپىنىڭ 20 ئەڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز تېمىلارنىڭ ئۈستىدىكى <<يۇمشاق دېتال پروگرامما رايونى>> دېگەن خەتنى باسسىڭىزلا شۇ سەھىپىگە كىرەلەيسىز.
بۇ تور پروگرامما رايونىدىكى 9 سەھىپىنىڭ 20 ئەڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۈستىدىكى <<تور پروگرامما رايونى>> دېگەن خەتنى باسسىڭىز ماس سەھىپىگە كىرەلەيسىز.
بۇ دېتال ئارقىلىق تور بېكىتىمىزدىكى 9 چوڭ تۈر 48 تارماق سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىلاردىن ۋە نادىر تېمىلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.
سىز بۇ دېتالنى خۇددى ناخشا - مۇزىكىلارنى كۆچۈرۈپ يۆتكەپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز. بۇ بىر تاللا exe ھۆججىتى بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز يېشىل دېتال. بۇ دېتال يەنە ۋەزىپە سىتونىنى ئېگىلەپ ئولتۇرمايدۇ. سىز بۇ دېتالنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا QQ غا ئوخشاش ئېكراننىڭ ئۈستىگە كىرىپ كېتىدۇ، سىز مائۇس سىترىلكىسىنى ئېكراننىڭ ئۈستىگە ئەكەلسىڭىزلا بۇ دېتال يەنە QQ غا ئوخشاش ئاستىغا تىزىملىك شەكلىدە چىقىدۇ.
بۇ دېتالغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ، تەلەپ - پىكىرلەر بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ. بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈزىتىمىز.
[ئىلاۋە] بۇ مەزكۇر دېتالنىڭ تۇنجى 1.0 نۇسخىسى بولۇپ، بىز بۇ دېتالنىڭ 2.0 ۋە 3.0 نۇسخىلىرىنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ بولدۇق. ئەسلىدە ھەممىسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى جەملەپ تۇنجى نۇسخىسىدىلا تارقاتماقچى بولساقمۇ ۋاقىت بەك قىس بولغانلىقى سەۋەبلىك ھەم شاھدىيار تورىدىكى تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن بۇ تۇنجى نۇسخىسىنى ئاددى بولسىمۇ تارقىتىپ تۇردۇق.
2.0 نۇسخىلىرىدا بىر قىسىم ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېر تور بىكەتلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى ۋە تېمىلىرىنىمۇ چىقىدىغان قىلىپ قوشماقچى.
بىزنى داۋاملىق قوللاپ بەرسىڭىز بىز شۇنچە كۆكلەيمىز!