مەلىمىزدە 16غا يېقىن بالا بولىدىغان،يېشىمىزمۇ بىر ئىككى ياشلا پەرىقلىنەتتى .باللانىڭ ۋە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزنىڭ جىقلىقىدىن باشقا مەلىلەردىنمۇ باللا كېلىپ ئويناپ كېتەتتى..بەزىلىرى مەخسۇس تېپىشكىلى كېلەتتى بىر ئەترەت بولۇپ..ھەي .،.ئىشقىلىپ پەيزى ۋاخقلاكەندۇق...
. ئويۇنلىرىمىز تۆۋەندىكىچە : سۇغا چومۇش+بېلىق تۇتۇش ، تۇتۇشماق ، يوشۇنماق ، گاگار(شەكىل جەھەتتىن ئىككى تۈرلۈك) ، چانا(شەكىل جەھەتتىن ئىككى تۈرلۈك،بىسىمۇ ئىككى خىل) ، نۇر(شەكىل جەھەتتىن بىرنەچچە تۈرلۈك،ماتېرىيالى ئاساسەن تۆمۈر ،ياغاچتىن ياسالغىنى يوق دېيەرلىك) ، باسماق ئوقيا ، دەڭگەل ئېتشىش ، چېلىشىش ، تېپىشىش ، قەلەي، ياڭخار ، ئوشۇق ، دەر ، دۈملەمپىش ، تالدىن سەكرەش ، لەلەك ، دوسلۇق ( ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، 15~~20 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدىكى يەرگە خەرىتىسىنى سىزىۋېلىپ ، ئىتتىرىشىپ - تارتىشىپ بازا تالىشىدىغان ،ھەمكارلىشىپ ئوينايدىغان بىر جەڭگۋار ئويۇن) ، ساقچى- كانتو( سۇلياۋ پۇرچاق چىقىدىغان تاپانچىلار بىلەن ئويناپ قوياتتۇق) ، بىرتۆمۈر چەمبىرەكنى سىم بىلەن ئىتتىرىپ ماڭىدىغان بىر ئويۇن باتتى بىراق ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن... سالغىنىمۇ يامان جىق ئوينايدىغان ،بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى...قۇشقاچ ، پاختەك بەزىدە پوتۇلكا ، قۇتا دېگەندەكلەرنى چېچىپ ئوينايدىغان...ئەدەم جىق بوپقالسا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، باشتىن باشقا يەرلەرگە بوشراق ئېتىپ ئوينايتتۇق .. جەڭگى- جىدەلمۇ بوپقالاتتى...كېيىنچە پۇتبولمۇ ئوينىدۇق ..مەلىمۇ-مەلە مۇسابىقىلىشىمىز دەپ يۈرۈيدىغان.... مەلىمىزگە 200مېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا خىتايلانىڭ ئېتىزلىرى بولىدىغان ، خاڭگا ، شوغلا دېگەننى دەششەت كانتولايدىغان يازنىڭ كۈنى... بىر يولدىلا بىر مۇنچە باللا كىرەتتۇق ، ئىگسى بولسا كۈلگىنىمىزچە قاچاتتۇق. ..قېچىۋاتقاندا ئاياقلىرىمىز چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولاتتى.. تۇتۇلۇپ قالغانلار يېنىك دەرىجىدە مۇش-پەشۋاغىمۇ داخىل بوپقالاتتى.. يېمەيدىغان سەيلەرنى يۇلۇپ ، ئېتىزىنىڭ تېشىغا تاشلىۋېتەتتۇق( ئىشقىلىپ خىتايلا ئەتىسى قاقشاپلا قالاتتى ..يا بىزنى كېلىپلا سەن قىلدىڭ دەپ تۇتالمىغاندىكىن).... بىر يىلى ئىككى مودەك يەرگە قىچا تېرىپتىكەن.. تازا ئوخشىغان ۋاقتىدا كىرىپ ، قالايمىقان يۈگىرەپ ، چېلىشىپ دېگەندەك بىر ئاخشامدىلا تۈزلەپ تازىسىنى قويماپتىكەنمىز، ئەتىسى قىچىنىڭ ئىگىسى ئېتىزلىقىدا تۇرىۋېلىپ كىملەرنى تىللىدىكىن ئىشقىلىپ بەك تىللاپ كەتتى...بىز بىر ياندا ئويۇنىمىزنى ئويناپ كۈلۈپ ئولتادۇق...قىشنىڭ كۈنى مەخسۇس كىچىك پىچاقلارنى ئېلىۋېلىپ پارنىكلىرىنىڭ بىر پېشىدىنى تىقىۋېلىپ، نېرىقى پەشكىچە يۈگىرەيتتۇق.. بەك زىيان سېلىۋېتىپتىكەنمىز ئويلاپ باقسام ...
باشتىكىلىرى ساپلا ئويۇن، كەينىدىكىسى ئويۇن ئەمەس جۇمۇ!! ( گەرچە ئەينى ۋاقىتتا بىزگە ئويۇن بولسىمۇ ).
ھەممىزنىڭ مۇشۇنداق ئەسلىمىلىرىمىزنى يىغىپ ئەكىلىپ ، خام ماتېريال قىلىپ ، بىر باللا فىلىمى ئىشلەپ باققان بولساق، ھە؟؟!! چوقۇم پەيزى چىقاتتىدە...