تۆگىنىڭ مازار بىلەن نېمە ئىشى...
«چاشقانغا جان قايغۇسى،مۆشۈككە نان قايغۇسى بولىۋاتقاندا تۆگىنىڭ مازار بىلەن نېمە ئىشى»-ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن
مەن 2011-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى رايونىمىز شىنجاڭنىڭ مائارىپ بۆشۈگى دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئۇل سالغۇچىلار بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلارنىڭ يۇرتى بولغان ئاتۇش شەھرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىغا تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرىپ ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدىم، بۇ جەرياندا بۇ يۇرتتىكى بىر قىسىم مائارىپ ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن سەپنىڭ بىشىدا ئىشلەپ كىلىۋاتقان نەۋقىران ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلىم سۆيەر دېھقان ئاكا ئاغىنىللىرىم بىلەن نۆۋەتتىكى ئاتۇش شەھرىنىڭ مائارىپى توغرىسىدا ھەمسۆھبەتتە بولۇپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە يېقىندا ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئاتۇش شەھرىنىڭ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك شەھەر باشلىقى ھەرقايسى يېزىلارغا بىرىپ نۆۋەتتىكى قوش تىل سىنىپلىرىغا ئۆتىلىۋاتقان خەنزۇتىلى دەرسىنى كەلگەن يەردىنلا توختىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان خەنزۇچە ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈشنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇنىڭغا قارىتا ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىللىرى بۇ خىل ھەركەتنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ،بۇنداق قىلغانلىق ياش ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى بىلەن ئويناشقانلىق بولىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ پىداگوگىكا قائىدىسىگە تۈپتىن زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە نۆۋەتتىكى قوش تىل سىنىپلىرىغا ئۆتۈلۈپ كىلىۋاتقان خەنزۇتىلى دەرسىنىڭ بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا، ئانا تىلى بىلەن خەنزۇتىلىنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلىپ ئۈگىنىشىگە ئىنتايىن ماسلىشىپ كىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق پىكىر بەرگەن ھەمدە يولغا قويۇلماقچى بولغان خەنزۇتىلى ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش سەۋىيەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىدەك ئوبىكتىپ ئەمەلىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان، ئەپسۇس بۇ پىكىرلەرگە قارىتا شەھەردىن چىققان مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىمىز ئىنىق چۈشەنچە بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ خۇددى كىچىك بالىغا ئاچچىغلىغاندەك:- «سىلەرگە كۆپ گەپ قىلىشنى كىم قويۇپتۇ!؟ بىز دېگەننى قىلساڭلارلا بولىدۇ، ئىمتىھاننى ئالدىنقى كىتاپنىڭ(خەنزۇتىلى دەرسلىك)11-دەرسىگىچە،كىيىنكى كىتاپنىڭ(خەنزۇتىلى ئەدەبىيات دەرسلىكى)3-بۆلىگىگىچە ئالىمىز،شۇڭا مۇشۇ ئاي ئىچىدە 3-بۆلەككىچە تولۇق ئۆتۈپ بولىشىڭلار لازىم،ئىمتىھان سۇئالنى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆزى چىقىرىدۇ »-دەپلا كۆپنىڭ پىكىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدىكى بارلىق مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلار گاڭگىراش ئىچىدە گېنىرالنىڭ ئورۇنسىز بۇيرىقىغا قارشى تۇرۇشقا پىتىنالمىغان بىچارە پاچاق ئەسكەرلەردەك بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلغان.
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى (باشقا شەھەردە ئىشلەۋاتقان)بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىش مىنىڭ ئىدىيەمدىن پەقەتلا ئۆتمەي ھەم بۇ دەرتلىرىمنى تۆكىدىغان يەرمۇ تاپالماي ئامالسىز ھىلىقى بەشكىرەملىك ئايال ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش باغداش تورىغا كىرىپ قورساق كۆپۈكىمنى چىقىرۋىلىش نىيتىدە قوللىرىمنى كونۇپكا تاختىسىغا باستىم.
مەن دېمەكچى شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ يۇقارقىدەك قىلغىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش قائىدىسىگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ مائارىپتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى ئوقۇتۇش ،ئەپلەپ-سەپلەپ ئىمتىھان ئىلىش بىلەن نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتۇشىنى قانداقمۇ ئۈنۈملۈك يوغا قويغىلى بولىدۇ؟!
ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتۇشىغا قارىتا ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ھەرقايسى يىللىقلارغا ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ئېنىق سانى ۋە ئۆلچىمى توغرىسىدا ھۆججىتى بارمۇ -يوق؟بار بولسا نېمىشقا بەزى يەرلىك ئورۇنلار خالىغانچە بىر ئوقۇتۇش ماۋسۇمى ئىچىدىكى تۆت ئاينىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا بىر خىل دەرسلىكنى ،كېيىنكى بىر ئېيىدا يەنە بىر خىل دەرسلىكنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇ، بۇ مائارىپ قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوقۇتۇش ئەندىزسى. بىزنىڭ ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كاللىسى رەھبەرلىرىمىزنىڭ دانا مائارىپ باشقۇرۇش يىڭىلىقلىرى ئارقىلىق قايتا-قايتا ناخشا كۆچۈرسە بولىۋىرىدىغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئوخشاپ قىلىۋاتامدۇ-قانداق؟