saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 7268 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 184
شۆھرەت: 1338 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1413 سوم
تۆھپە: 741 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 742 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تەبىئىي پەندىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى (ئاتتىلا)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sebir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-11-25)
تەبىئىي پەندىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا  ئونسۇ)
1. ئەل فارابى
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان ئەل فارابى 870-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب شەھىرىگە قاراشلىق ۋاسىچ ھەربى قەلئەسىدە بىر ھەربى قوماندان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 950-يىلى سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆز ھاياتىدا پەلسەپە، لوگىكا، گېئومېتېرىيە، ئاستىرونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، تەبىئەت، سىياسەت، ئىجتىمائىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، فىلولوگىيە، ھەربى ئىشلار، دىن، تەسەۋۋۇپ، ئىلاھىيەتشۇناسلىق، كاتىباتلىق، نۇتۇق، تىل، تىلشۇناسلىق، شېئېرىيەت، مۇزىكا، ئەخلاق، مېتودىكا، پەنلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 160پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ، ئىنسانىيەت مەنىۋىي كامالىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە قوشقان. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈنمۇ بىر يورۇق يۇلتۇز. شۇڭا ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ تەرىپلەنگەنھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېنگېلىز، نېمىس، فىرانسۇز، رۇس، لاتىن، تۈرك، ياپون قاتارلىق كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن. فارابى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئەينى چاغدىكى سۈرىيە ھۆكۈمرانى سەيفەددەۋلە ئۆزى بىۋاستە ئوقۇغان.
2. مەھمۇت قەشقەرى
مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 )
بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم .
3. تەجەللى
تەجەللى (1850 ~ 1930) ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان . ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان .
4. ئەلائىددىن خوتەنى
ئەلائىددىن خوتەنى (1150-1222 ) قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تەېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە .
5. غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى
غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى ( 1916 – 1994) پۈتۈن ئۆمرىدە ئەللىك يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرشىچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى .
6. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف
ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ( 1924~ 1944) مول بىلىملىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق - پەزىلەت ئىگىسى ، نۇرغۇن تارىخىي ، تېببىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمى بىلەن يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن . بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشىلىرىنى گۈللەردۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئۆزىنى بېغىشىلاپ بۇ ساھەگە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى .
7. غازىباي
( مىلادىدىن ئىلگىركى 3- 4 ئەسىرلەر ) ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ « غازىباينىڭ ئوت- چۆپ دورىلار قامۇسى » ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان . بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيىدىن 3- 4 ئەسىر ئىلەىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . 
8. ئابدۇقېيۇم خوجا
ئابدۇقېيۇم خوجا-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېينىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى. ئۇ ھازىر جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمىئىيىتى، جۇڭگو موزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمىئىيىتى، جۇڭگو تۈركلوگىيە ئىلمىي جەمىئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىلمىي جەمىئىيىتى، جۇڭگو دۇنخۇاڭ، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمىئىيىتى، قۇتاتقۇ بىلىك ئىلمىي جەمىئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلمىي جەمىئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىرگە»، «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان، قۇجۇ ئۇيغۈر خانلىقى دەۋرىدىكى بۇددىزىمغا دائىر مەشھۇر ئەسەر «مايتىرى سىمىت»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلدۇرۇشقا قاتناشقان.
9. قۇربان ۋەلى كىروران
ئارخېئولوگ، تىلشۇناس، تارىخشۇناس، قەدىمكى يېزىقلار ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى كىروران 1946-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى چەرچەن ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1957-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈپ، 1959-يىلىدىن باشلاپ تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن ھەم 1963-يىلى بايىنغولۇن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە يۆتكىلىپ تەرجىمانلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەدىمكى خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. 1972-يىلى 3-ئايدىن 1975-يىلى 8-ئايغىچە شىئەندە غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ تارىخ فاكولتېتىتىدا ئارخېئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇش بىلەن بىرگە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن قەدىمكى تۈركى تىلىنى ئۆگەنگەن ھەم ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق موزېيغا خىزمەتكە چۈشكەن. خىزمەت جەريانىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيسى» بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1979-يىلى 3-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە بېيجىڭ داشۆ جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا سانسىكىرت تىلى ئۆگۈنىش بىلەن بىرگە تارىخ فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن  «شىنجاڭ بۇددىزىم سەنئىتى ئارخېئولوگىيسى» بويىچە تەلىم ئالغان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئالىم ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئارخېئولوگىيە، تارىخ، پەلسەپە، قەدىمكى خەنزۇ تىلى، قەدىمكى خەنزۇ تىلى فونتېكىسى، بۇددىزىم سەنئىتى، قەدىمكى تۈركى تىل، سانسىكىرت تىلى، مىللەتشۇناسلىق، ئانتىرپولوگىيە قاتارلىق پەن ساھەسىدە ئەتىراپلىق يېتىلگەن. ئېنگىلىز، نېمىس، ياپون تىللىرنى ئىگىلىش بىلەن بىرگە ساك، توخرى، سوغدى، كارۇشتى، چاغاتاي قاتارلىق ئۆلگەن قەدىمكى تىللارنىمۇ ئۆگەنگەن، تۈرك قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى بىلىدۇ. قۇربان ۋەلى 1984-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىش ئىشلىرىغا كەسىپىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقان ھەم 2000 پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ توپلىنىشى ۋە 40 پارچە ئەسەرنىڭ نەشىرگە سۇلىنىشىغا بىۋاستە كۈچ چىقىرىپ، 1986-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 1987-يىلى تارىخ-تەزكىرە نەشىر قىلىش كەسپى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھەررىلىك ئۇنۋانى ئالغان. 1986- ۋە 1987-يىلى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولغان يۇقىرى قىممەتلىك ھۆججەتلىك ئەسەر-«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» (ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشى جەريانىدا يازغان تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ توپلىمى) بىلەن «قىزىل مىڭ ئۆي رەسىملىرى ھېكايىسى»نى نەشىر قىلدۇرغان. ئالىمنىڭ ئارخېئولوگىيە، تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي نەتىجىلىرى «خەلق گېزىتى»نىڭ خەلجئارا بېتىنىڭ 1987-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىدا «شىنجاڭدىكى قەدىمكى يېزىقنىڭ سىر دەرۋازىسىنى ئاچقان كىشى» ماۋزولوق ماقالە بىلەن مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان.
10. جامالىدىن
جامالىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئاستىرونوم، كالىندارشۇناس ھەم داڭلىق تارىخچى. بىراق ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. بىزگە پەقەت ئۇنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى قۇبىلاينىڭ مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدىكى شىمالىي پايتەختتە ئىسلام رەسەتخانىسى قۇرىغانلىقى، 1267-يىلى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىدىغان يەتتە خىل ئەسۋابنى كەشپ قىلغانلىقى، بۇ ئەسۋابلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ باشقا جايلىرىدا ياسالغان ھەرقانداق ئەسۋابدىن، جۈملىدىن مەشھۇر ئاستىرونوم گۇ شۇجىن ياسىغان ئاستىرونومىيە ئەسۋابىدىنمۇ كۆپ ئىلغار ئىكەنلىكى ، «ئۇزۇن يىللىق كالىندار» ناملىق بىر كالىندارنى تۈزۈپ چىققانلىقى ھەم كالىندار تۈزۈش جەھەتتە جامالىدىننىڭ گۇ شىجىنغا ئۇستاز بولغانلىقى، 18 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ جۇغراپىيلىك ئەھۋاللار، ناھىيە ۋە ئوبلاستلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، مۇھىم تارىخىي ئىش-پائالىيەتلەر، مەشھۇر-ئارشاڭ-بۇلاقلار، تاغ-دەريالار، تارىخىي شەخسلەر ھەمدە دانىشمەنلەر يازمىلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان، 600 قىسىم، 1300 جىلىدلىق «يۈەن دەۋرىدىكى بۈيۈك بىرلىك» ناملىق مەشھۇر تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقى مەلۇم.
11. يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۈۋرۈك.
تۆمۈر تۈۋرۈك (خەنزۇچە ئىسىمى لۇ مىڭشەن 鲁明善) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن  مەشھۇر ئاگرونوم بولۇپ، تۇرپان قارىغوجىدىن. ئۇنىڭ دادىسى ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇچە، سانسىكىرىتچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە تىل-يېزىقالرنى پىششىق بىلىدىغان داڭلىق تىلماچ ھەم موڭغۇل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلەيدىغان «خانزادىلەر مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. تۆمۈر تۈۋرۈك ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ھەم تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەڭ دائىرلىك بىلىم ئىگىلىگەن. كېيىن ئۇ بىر مەزگىل خۇنەن، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە ناھىيە ئەمەلدارى بولغان. تۆمۈر تۈۋرۈك يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ئىشلارغا ئەڭ قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۇزاقمەزگىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. 1314-يىلى كۆپ يىللىق ئىزدىنىشى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان، ھاۋا رايى، سۇ ئىنشائاتى، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىلىچىلىككە دائىر يېزا ئىگىلىككە دائىر مەزمۇنلارنى ھەم گۆش، تۇخۇم، كۆكتاتلارنى ساقلاش، چىلاش، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش، داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى توملۇق «تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كاتتا ئەسەرنى يېزىپ باستۇرۇپ، ھەرقايسى يېزىلارغىچە تارقىتىلغان ھەم كاتتا شۆھرەت قازانغان. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نوپۇزلۇق يېزا ئىگىلىك قوللانمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. نەتىجىدە جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىربالداق يۇقىرى كۆتىرىلگەن. بىر قىسىم زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش، سۇغۇرىلىش، ئوغۇتلاش ۋاقتى ۋە ئۇسۇللىرى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا مۇھىم ئاساس سالغان. غەربىي رايون ئەللىرىدە ئۆستۈرۈلىدىغان كۆممىقۇناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر، ئۈزۈم قاتارلىق بىرمۇنچە زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كىرگەن. ئۇ بىر ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتىمىزغا خاس بولغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، قېتىق ئۇيۇتۇش ۋە تۆل ئېلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى خەنزۇلار رايونىغا تونۇشتۇرغان. جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئالىم-مۇتەخەسىسلىرى تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە ھەم «تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومومىي تىزىمى» ناملىق كىتابتا: «تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابى سېستىمىلىق، ئېنىق، ئاممىباب يېزىلغان. ئۇنىڭدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يىغىش، ساقلاشقا دائىر بايانلار كىشىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ. مەزمۇنى ئىلگىرى يېزىلغان يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كىتابلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن مول بولۇپ، ھەقىقەتەن بىباھا كىتابتۇر...» دەپ يېزىلغان. نۇرغۇن ئالىملار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابىنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ دېھقانچىلىق دەستۇرىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەشكەن.
12. مەشھۇر دېڭىزچى ئىل ئىھمىش
جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان دېڭىزچىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا كىشىلەر ئەڭ ئاۋال ئىپتىخارلانغان ھالدا، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئوكيان (ھىندى ئوكيان) غا 7 قېتىم سەپەر قىلغان مەشھۇر خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭخېنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە موڭغۇل خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئىل ئىھمىش جېڭخېدىن 130 يىل بۇرۇن يىراق ھىندى ئوكيانغا بېرىشتەك شانلىق تارىخنى يېزىپ چىققان.
1278-يىلى قۇبىلاي جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى تاماملاپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى بىلەن ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىن باشقا پۈتۈن ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى بويسۇندۇرغان بولۇپ، بۇ چاغدا قۇبىلاينىڭ كېيىنكى نىشانى ئۇلۇغ ئوكيان ئاراللىرى ئىدى. 1280-يىلى 100 مىڭ كىشىلىك سۇ قوشۇنى ھازىرقى فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ پورتىدىن يولغا چىقىپ، كورىيە ئارقىلىق ياپونىيىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك  ئوكيان ھەربىي يۈرىشى ئىدى. لېكىن بۇ قوشۇنلار دېڭىزدا بورانغا ئۇچىراپ تەلتۆكۈست ۋەيران بولدى. 1283-يىلى قۇبىلاي ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، موڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ توپىلىڭى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. لېكىن، موڭغۇللارنىڭ دېڭىز-ئوكيان قوشۇنى ياپونىيىگە يۈرۈش قىلىش باھانىسىدا رەسمىي شەكىللەندى ھەمدە بۇ يۈزلىنىش ئارقىسىدا بىر تۈركۈم دېڭىزچىلار ۋە دېڭىز ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرى بارلىققا  كەلدى. ئىل ئىھمىش ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.
ئىل ئىھمىشنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم. ئۇ توغرۇلۇق قۇبلاينىڭ 2-يىلى، يەنى 1265-يىلدىن باشلاپ خاتىرە قالدۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئىل ئىھمىشنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى ھەم دېڭىز بويلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى بىلىمى ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن 1274-يىلى قۇبىلاي ئۇنى ھەربىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئوتتۇرانچى ۋازىرلىقىغا تەيىنلىگەن. كېيىن خۇبېي، خۇنەن، جەنچىڭ ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، جەنچىڭ رايونىدا ئىش باشقۇرغان. 1287-يىلى موڭغۇللارنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرى ۋېيتنامنىڭ كامپا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا ئىل ئىھمىش قۇبىلاينىڭ ئوغلى، جەنۇبنى تىنجىتىش تۆرىسى تۇغانغا ياردەملىشىپ دېڭىز ئارمىيە قوماندانى بولغان. 1293-يىلى يەنە ئۆزى بىۋاستە 30 مىڭ كىشىلىك سۇ قوشۇنىنى باشلاپ ھىندونېزىيىگە يۈرۈش قىلىشقا ئاتلانغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە گەرچە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، قۇبىلاي ئۇنىڭ دېڭىزچىلىق جەھەتتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىناۋەتلىك تۆرە، مەمۇرى ئىشلار مۇپەتتىشى قاتارلىق ئۇنۋانلارنى بېرىپ، دانىشمەنلەر ھوجىرىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن. 1312-يىلى ئۇنىڭغا يەنە «ۋۇ كېنەزلىكىنىڭ ئەمىرى» دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. ئىل ئىھمىش 1314-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئىل ئىھمىشنىڭ ئۆز ئۆمرىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلىرى تەڭ باراۋەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىختا ياراتقان ئۇتۇقلىرى يەنىلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى دېڭىز ئىشلىرى مۇتەخەسىسى. ئۇ 1272-يىلدىن 1301-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قۇبىلاينىڭ يارلىقى بىلەن بارۇب، زىڭگار (سىرىلانكا)، مابار (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى)، نانۋارا (ھىندونېزىيەدىكى سۇماترانىڭ غەربى)، سۇماترا قاتارلىق جايلارنى 20 يىل ئايلىنىپ، جۇڭگو زېمىنى بىلەن تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا بېرىپ-كېلىش جەھەتتىكى ئىشلارنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىڭ دەۋرىدىكى جېڭخېنىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە ھەم ماتېرىيال توپلاپ بەردى. ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياۋا تىلىنى (ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى بىر مىللەتنىڭ تىلى) بىلگۈچى شەخس بولۇپ قالدى.
13. مىجىت ناسىر
خەلق سۆيەر رەھبەر، يېزا ئىەىلىكى ئىلمى مۇتەخەسسىسى، ئەدىپ مىجىت ناسىر 1938-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارا بوز يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1957-يىلدىن 1962-يىلغىچە تاشكەنت يېزا ئىەىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئاگرونومىيە فاكولتېتى رۇس تىلى كەسىپىدە ئوقۇغان. 1962-يىلدىن 1986-يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن ھەم ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تەتقىقاتى ۋە پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن  مەسئۇلى بولغان. 1986-يىلدىن 1993-يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، نازىرى بولغان. 1993-يىلىدىن 1998-يىلغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1998-يىلدىن 2003-يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2003-يىلى 1-ئايدا پىنسىيەگە چىققان. ئۇ 1980-يىللاردا يېزا ئىەىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ چەتئەلگە چىقىرىدىغان 80 مىڭ خەتلىك ماتېرىيالىنى خەنزۇچىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. «كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى»، «كېۋەز سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى كۆپەيتىش» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1990-يىلدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە يۈزلىنىپ، تەسىر كۈچى زور بىرتۈركۈم ماقالىلارنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە «كۆڭۈل سوۋغىسى» (2000-يىلى)، «سەبىيلەرنى سۆيگەنلىك-كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك»، (2006-يىلى)، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي پەن تۆھپىكارلىرى» (2008-يىلى) قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ، بۇ ساھەدىمۇ كەڭ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
14. ھۇشۇر ئىسلام
كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئاسپارنت يېتەكچىسى ھۇشۇر ئىسلام 1942-يىلى 8-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېستېتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1964-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، بۇ مەكتەپتە 17 يىل ئىشلىگەن. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، بىر قاتار كەسىپىي، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھۇشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپارنت يېتەكچىسى، مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرىشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت ئالىمى، ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات، دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋەر مۇتەخەسىس (.ئۈچ نۆۋەت)، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋەر مۇھاجىر خادىمنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومېتىتى ھەيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي ئۇنۋان كومېتىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر، ئۇچۇر جەمىئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى»، «شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە ئىلمى» نۇقتىلىق پەن قۇرۇلىشىنىڭ يېتەكچىسى، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇغۇچىسى، تۆت خىل كومپيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل-يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇغۇچىسى. ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپرانت ۋە ياش تايانچنى تەربىيلىگەن. خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئىككى قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان، 10 پارچە ئىلمىي مەكتەپ دەرسلىكى يازغان، 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر-ئېلېكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان.
پەن-تېخنىكا جەھەتتە: دۆلەت «863» يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتىگە، دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فۇندى تەتقىقاتىدىن ئۈچكە، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولۇپ جەمىئىي 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سېستىمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ئارقىلىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2- ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئالتە تۈر «مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت» ۋە «خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە» دەپ بېكىتىلگەن. بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن. سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات تۈرىدىن سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق DOS2.0 دىن DOS6.2 گىچە، WHNDOWIS3.1/95/98/2000/XP  تۈردىكى ھەر خىل مەشغۇلات سېستىمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان. ئوخشىمىغان يۆلىنىش، ئۆخشىمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆلىنىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان.
ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىققىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفۇنلار شىنجاڭدا تورلاشتى.ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ، ۋېكتورلۇق ھەرپ، ئۈچ ئۆلچەملىك  ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتەردى. مېخانىك خەت بېسىش، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا، ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى.
دۆلەت ئىچى-سىرتىدا  ALTAYتىلى سېستىمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش سېستىمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك  ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى Unicode غا كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرچە، قازاكچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى. تورلاشتۇرۇشتىكى «كۆرۈش، مۇلازىمەتچى، مەلۇمات ئامبىرى»دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سېستىما قۇرۇلۇشى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. شاگىرتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە 20 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ساھەسىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش ۋە تورلاشتۇرۇش جەھەتتىن يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى.
ئەمەلىي قوللۇنىلىدىغان سېستىمىلار: كۆپ خىل يېزىق «شىڭ خەن» ۋە «بۇغدا» مەتبە سېستىمىسى، ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سېستىمىسى، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سېنتىزلاش سېستىمىسى، «ئۇيغۇرچە كومپيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى»، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە چاقىرغۇ، ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى «863» ۋە «ساردار»  تور بېكەتلىرى، «دەنچىن»  ماركىلىق ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل)، رادىئو ئىستانسى ھۆججەت تور سېستىمىسى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش، قوبۇللاش سېستىمىسى، ئۇيغۇرچە ئىشخانا، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سېستىمىسى، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، رۇسچە Linux مەشغۇلات سېستىمىسى قاتارلىقلار.
ھازىر ھۇشۇر ئىسلام يەنە كومپيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزىريىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىنئىككىنى ئىشلىمەكتە. ئۇ يېتەكىلىگەن ستودېنتلار كەشپىياتلىرى 6-نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ستودېنتلار ئىلىم-پەن، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نامىدىن 7-لىككە (مەملىكەت بويىچە چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتىدىن قالسىلا 2-لىككە) ئېرىشكەن. ھۇشۇر ئىسلام «مۇنەۋەر باغۋەن» مۇكاپاتىغا، شىنجاڭ ئۇنۋېستېتى «رىغبەتلەندۈرۈش» ۋە «تەشكىللەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئالىم ھۇشۇر ئىسلامنىڭ توختىماي ئىزدىنىش، بەل قۇيىۋەتمەي ئالغا ئىلگىرلەش، جۈرئەتلىك يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يۇقارقىدەك بىرقاتار نەتىجىلىرى تەبىئىي پەنگە «قىيىن»لىق ماركىسىنى ئېسىپ، ئۇنىڭدىن قېچىۋاتقان، تەبىئىي پەن ئۆگۈنىشكە سەل قاراپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان، «بىز ئەزەلدىن ناخشا-ئۇسۇلچى مىللەت، تەبىئىي پەندىن نەتىجە يارىتىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ» دەپ، روھى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭمۇ تىرىشسا تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نى-نى كارامەتلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئويغۇتىشىغا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىپ، جۈرئەتلىك ھالدا يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، تەبىئىي پەن ساھەسىگە قەدەم بېسىشىغا ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بولۇپ قالغۇسى. 
15. ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى
ماتېماتىكا پەنلىرى ئالىمى، دوكتۇر ئاشتى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى 1963-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەنشىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1984-يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شۇ فاكولتېتنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1985-يىلى 4-ئايدىن 1986-يىلى 2-ئايغىچە چاڭچۈندە ياپون تىلى ئۆگۈنۈپ، 1986-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ ئوكا ياما تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان. 1989-يىلى 5-ئايدا تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1992-يىلى 3-ئايدا 29 يېشىدا تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1993-يىلى 6-ئايدا دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى نەتىجىلىك تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دوكتۇر ئاشتى ئىدى. 1994-يىلى 6-ئايدىن 1997-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە ياپونىيە كىيوتو ئۇنۋېرستېتىدا ئالىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھېسابلاش ماتېماتىكىسىدىكى مۇرەككەپ دىففېرېنسال تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىش توغرىسىدا 16 پارچە پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، كەسپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مۇرەككەپ دىففېرېنسال تەڭلىمىسىنى يېشىشنىڭ يېڭى بىر  خىل ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى « قىسمىي C-N » ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان ھېسابلاش ماتېماتىكى سى ساھەسىدىكى 1940-يىلدىن بۇيانقى يېڭى نەتىجىلەر كىرگۈزۈلگەن ماتېماتىكا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن تولوق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا دەرس بېرىش بىلەن بىرگە ئاسپىرانت تەربىيلەش ھەمدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 15 نەپەر ئاسپىرانتنى تەربىيلەپ چىققان. دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئۈچنى، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى تەتقىقات تېمىسىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىنى، مەكتەپ تەتقىقات تېمىسىدىن بىر تۈرنى نەتىجىلىك ئىشلەپ تۈگەتكەن. 45 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. بىر پارچە ماقالىسى 1998-يىلى خەلقئارالىق ISTP غا كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىر پارچىسى 1995-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەنلەر مۇنەۋۋەر ئىلمىي  ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى گۇاڭ خۇا مۇكاپاتىغا، بىر قېتىم سىن شىنئاڭ ئىختىساس ئىگىلىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك «كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى» مۇسابىقىسىدە ئەلا باھالانغان. ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىلغار تەتقىقات ماقالىسى مۇكاپاتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى تەتقىقات تەرەققىيات مۇكاپاتى، ئىلغار ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئىككى نۆۋەت دۆلەت دەرىجىلىك ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان ھەم بۇ نەتىجىسى بىلەن 1997-يىلى 34 يېشىدا پروفېسسور بولغان.1999-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېستېتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ھېسابلاش ماتېماتىكىسى جەمىئىيىتىنىڭ  مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
16. ئابدۇللا قادىرى
قاناتلىق ئىنسان ئابدۇللا قادىرى 1957-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1968-يىلى تۇرپان 2-ئوتتۇرا ماكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1969-يىلدىن 1971-يىلغىچە تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە ئېنگىلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1981-يىلدىن 1984-يىلغىچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1985-يىلغىچە تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى ئېلېكتېرلەشكەن  مائارىپ ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1985-يىلىدىن باشلاپ تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش مەركىزى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئابدۇللاقادىرى يۇقارقىلاردىنباشقا يەنە 1986-يىلى ب د ت بالىلار فۇندى جەمىئىيىتىنىڭ تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشقان. 1987-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا ھازىرقا زامان مائارىپ تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنى زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە مەلۇم نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پەن-تېخنىكا كۇرسلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، 60 تىن ئارتۇق ئىجادىي ئەسەرلىرىنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرگەن. شۇ ئارقىلىق ۋىلايەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمىئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پەن-تېخنىكا يېتەكچىسى، مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇرپان 1- نومۇرلۇق ئايروپىلاننى  ياساپ، ئۇچۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەم شىياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىك خاتىرىسىگە سوۋغات قىلغان. ئۇ بۇ ئايروپىلانى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدىن چىققان تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئايروپىلان ياسىغۇچى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىسسىق ھاۋا شارى ئۇچۇرۇش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن شەخس،  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
1997-يىلدىن بۇيان ئابدۇللا  قادىر يەنە تۇرپان 2-، تۇرپان 3- قاتارلىق ئايرۇپىلانلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. پويىزنىڭ رېلىسىنى 45 گىرادۇسلۇق ئۇلاش قاتارلىق 12 تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكېدىمىيىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭدىكى ئېچىشتىكى ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭپەن-تېخنىكا يېتەكچىسى. ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادا قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىدىدە، تەبىئىي ماگىنىتتىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە ھەل قىلىش تۈرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
17. ئابدىۋايىت يۈسۈپ
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى،ماگىستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ئابدىۋايىت يۈسۈپ 1955-يىلى 9-ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى تيەنجىن ئۇنۋېرستېتىنىڭ خېمىيە سانائەت كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1978-يىلدىن 1980-يىلغىچە ئۈرۈمچى نېفىت-خېمىيە باش زاۋۇتىنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1981-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خېمىيە فاكولتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1981-يىلىدىن 1986-يىلغىچە شۇ فاكولتېتنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان. 1991-يىلدىن 1992-يىلغىچە شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا ياپون تىلى ئۆگەنگەن. 1994-يىلدىن  1997-يىلغىچە ياپونىيە ناگويا ئۇنۋېرستېتى خېمىيە سانائەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا نازۇك پەردە ئارقىلىق فىلتىرلەش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1997-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 2000-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت قىلغۇچى ئالىملىق سالاھىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ياپونىيە ناگويا ئۇنۋېرستېتى خېمىيە سانائىتى تەتقىقات .ىنىستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەريانىدا ياپونىيىلىك بىر نەپەر دوكتۇر ئاسپىرانتى، بىر نەپەر ماگىستېر ئاسپىرانتىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ نازۇك پەردە ئارقىلىق فىلتىرلەش تەتقىقاتىنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ پەردە ئارقىلىق ئايرىش ساھەسىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى دۇرناللاردا 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، مۇھىم ئىزاسى بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە شىنجاڭ پېداگوەىكا ئۇنۋېرستېتى ئىلىم-پەن كومېتىتىنىڭ ۋە ئۇنۋان كومېتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومېتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ بوستانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە تىزگىنلەش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پەن باشلامچىسى، ياپونىيە خېمىيە سانائىتى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
18. ئابلەھەت ئابدۇرېھىم
ئوتلاقچىلىق ئالىمى، پروفېسسور ئابلەھەت ئابدۇرېھىم 1952-يىلى 7-ئايدا قارا شەھەردە تۇغۇلغان. 1977-يىلى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى چارۋا مال دوختۇرلۇق فاكولتېتى ئوتلاقچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھازىر مەزكۇر مەكتەپنىڭ فاكولتېت مۇئاۋىن مۇدىرى، چارۋىچىلىق شۆبە ئىنىستىتۇتى باش ياچېيكا مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنۋېرستېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئىگە. ئوتلاقچىلىق ئىلمىدە ماگىستىر ۋە دوكتۇر يېتەكچىسى. 1993-يىلدىن  2005-يىلغىچە بەش قېتىم ياپونىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان، دەرس سۆزلىگەن، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ياپونىيىدىكى ئوب خرو چارۋىچىلىق ئۇنۋېرستېتى ئوتلاقچىلىق كافىدىراسى ھەم خوككايدو داكۈنوگاكۈيىن ئۇنۋېرستېتىنىڭ «ئالاھىدە تەكلىپقىلىنغان پروفېسسورى» بولغان. ھازىر جۇڭگو ئوتلاقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق سەككىز ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن مۇدىريەت باشلىقى. ھازىرغا قەدەر 10 نەپەر ئاسپىرانت، بىر نەپەر دوكتۇر تەربىيلىدى. پەن-تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا، دۆلەت ئىچى-سىرىتىدا «ئوت-چۆپ گېن بايلىقلىرىنى كۆپەيتىش، رەتلەش ۋە ئامبارغا كىرگۈزۈش»، «شىنجاڭ چىملىق ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «شىنجاڭ قارا ئىجىرىقى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» قاتارلىق 13 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈچ چىملىق ئوتى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن چىملىق ئوتى سورتى يوق بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. ئۇ 1998-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خىزمەتچىسى»، 2000-يىلى «گەۋدىلىك تۆھپىسى بار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس»، 2004-يىلى «گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان  بولىدىغان  مۇتەخەسىس» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «ياپونىيە خوككويدو چارۋىچىلىقى»، «شىنجاڭ قارا ئىجىرىقى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 42 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى مەملىكەت ئىچى-سىرىتىدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
19. ئابلىمىت ئابدۇقادىر
زوئولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئابلىمىت ئابدۇقادىر 1953-يىلى 12-ئايدا نىيە ناھىيىسە تۇغۇلغان. 1977-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكولتېتىنىپۈتتۈرگەن. ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكىلوگىيە، جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى، شۋېتسارىيە لوسان ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇغان. مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ھايۋانئاتلارنى قوغداش-قۇتقۇزۇش ئىلمىي جەمىئىيەتلىرى ۋە خەلقئارا ئىلمىي جەمىئىيەتلەرنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئابلىمىت ئابدۇقادىر جۇڭگو پنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان «جۇڭگو ياۋا ئېتى ۋە ياۋا تۆگىسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش، «شىنجاڭ قۇشلىرى بايلىق مەنبەسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش» قاتارلىق مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات تۈرىدىن 10 نەچچىنى تاماملىغان. بۇنىڭدىن ئۈچى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2- ۋە 3-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە «شىنجاڭنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلىرى» قاتارلىق سەككىز كىتابى نەشىر قىلىنغان. 43 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. پەننىي ئوموملاشتۇرۇش ماقالىسىدىنمۇ 137 پارچىنى ئېلان قىلغان. 1997-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ «فاڭ شۇچۈەن ياش ئالىملىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
20. ئادالەت ئەخمەتجان
مۇتەخەسىس مۇدىر ۋراچ، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئادالەت ئەخمەتجان (قاسىمى) 1946-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شاڭخەي 2-تىببىي ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئېغىز بوشلىقى تېببىي ئىلمى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1986-1987-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان.
ئۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرستېتى 1-دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئېغىز بوشلىقى تېببىي ئىلمى فاكولتېتىنىڭ دائىمىي مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېغىز بوشلىقى كېسەللىكلىرى سۈپەت-كونتىرول مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. تەتقىقات جەھەتتە يۇقىرقى ۋە تۆۋەنكى جاغ سۆڭەك زەخمىسىنى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇش، يۈز قىسىمدىكى ئۆسمىلەرنى ئاكتىپ داۋالاش قاتارلىق خەلقئارالىق يېڭىلىقلارنى اپتونوم رايونىمىزغا ئېلىپ كىرگەن. دۆلىتىمىزدىكى نوپوزلۇق ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 2003-يىلى ئۇ ئىشلىگەن تەتقىقات تېمىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىئقىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
21. ئامىنە ئابلىمىت
نۇقۇت تەتقىقاتچىسى ئامىنە ئابلىمىت 1983-يىلى شىىەنزە ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ يېزا ئىەىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن 1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە نۇقۇتنىڭ سورتلىرىنى يىغىپ، تاللاپ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق پەرۋىش قىلىش تەتقىقاتى، 1997-يىلدىن  1998-يىلغىچە نۇقۇتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەتقىقاتى، 1999-يىلدىن 2001-يىلغىچە نۇقۇتنىڭ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى، 2001-يىلدىن 2003-يىلغىچە ئەلا سۈپەتلىك خېنە سورتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەتقىقاتى قاتارلىق تۆت يتۈرلۈك تەتقىقاتنى مۇستەقىل ئىشلەپ نەتىجە قازانغان. 1999-يىلدىن 2001-يىلغىچە نۇقۇتنىڭ دورىلىق قىممىتىنى تەتقىق قىلىش تەتقىقاتى، 1997-يىلدىن 2000-يىلغىچە خەلقئارالىق نۇقۇت تەتقىقاتى، 2001-يىلدىن 2003-يىلغىچە قۇرغاق-قاقاس رايونلاردىكى ياۋايى دورىلىق ئۆسۈملۈك لوپنۇر كەندىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەتقىقاتى، 2004-يىلدىن كېيىن قۇملۇق كۆكەرتىش تەتقىقاتىنى باشقىلار بىلەن بىللە ئىشلەپ نەتىجە قازانغان.1986-يىلىدىن 1990-يىلغىچە سۇلۇ يارمىسىنى ئىجاد قىلىپ، 1999-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان بىر يۈرۈش نۇقۇت تالقانلىرى 1999-يىلى خەلقئارالىق 3-نۆۋەتلىك يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 26 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىر پارچىسى 1995-يىلى خەلقئارا ئاتۇم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ خەلقئارالىق يادرو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالانغان.
22. ئەسقەر ھەمدۇللا
شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور، دوكتۇر ئاشتى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئەسقەر ھەمدۇللا 1972-يىلى 2-ئايدا خوتەن شەھقرىدە زىيالىي ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ 1-قارار پەن-تېخنىكا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1993-يىلى مەكتەپنىڭ تاللىشى بىلەن جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرستېتىغا تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلگەن. 1999-يىلى ئالاقە قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا قايتىپ كەلگەن.. 2003-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماتېماتىكا پەنلىرى ئىلمى دوكتۇر ئاشتى سەييارە تەتقىقات پونكىتىغا كىرىپ، 2005-يىلى 9-ئايدا تەتقىقات ئىشلىرىنى غەلىبىلىك تاماملىغان. شۇ يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى «شىنجاڭدىكى 10 مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
 ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فۇندى، مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى «باھار پىلانى» تۈرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى تۈرى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات پىلانى نۇقتىلىق تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە ئالتە چوڭ تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 2006-يىلى ئۇ قاتناشقان بىر تۈر ئاپتونوم رايون بويىچە 3- دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېىشكەن. دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا 20 نەچچە پەرچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ھازىر ئەسقەر ھەمدۇللا ستودېنت ۋە ئاسپىرانتلارغا ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسى بوليىچە دەرس بېرىۋاتىدۇ ھەمدە كومپيۇتېردا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى تىل-يېزىق ئۇچۇرىنى بىرتەرپ قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تۆت چوڭ يۆنىلىشتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
23. ئەلى ھېسامىدىن
ئاستىرونومىيە مۇتەخەسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدۆلەتلىك رەسەتخانىسى ئۈرۈمچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى، دوكتۇر ئەلى ھېسامىدىن 1969-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 9187-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئاستىرونومىيە فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىدا قۇياش رادىئاتسىيسىنى كۆزىتىش ۋە قۇياش تاجىسى فىزىكىسى ھەمدە كورۇنۇگراف تەتقىقاتىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1993-يىلدىن  1996-يىلغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا رەسەتخانا ئورنىنى تاللاش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1996-يىلدىن 1998-يىلغىچە بېيجىڭ رەسەتخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزدىن ئالتىنى، جىددىي ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزدىن تۆتنى، يېڭى يۇلتۇزدىن بىرنى تاپقان. 1998-يىلدىن  باشلاپ ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىدا WLBI گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئىمپىلۇس يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان.
24. ئالىي ئارخىتېكتور ئەنۋەر ئابدۇرېھىم
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم 1953-يىلى 8-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان. 1977-يىلى لەنجۇ ئۇنۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-مېخانىك فاكولتېتىنىڭ مېخانىك كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىرقى شىنجاڭ بىناكارلىق لايىھىلىش تەتقىقات مەھكىمىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر ئۇ شىنجاڭ بىناكارلىق لايىھىلەش تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئارخىتېكتورى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت 1-دەرىجىلىك رويىخەتكە ئالغان ئارخىتېكتور، شىنجاڭ ئارخىتېكتورلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،  جۇڭگو مىللىي بىناكارلىق قۇرۇلۇش تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىزچىل بىلىم ئاشۇرۇپ، جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كەسپىنى، چوڭچىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا بىناكارلىق كەسىپىنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ياپون تىلى كەسىپىنى، شىئەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىدا مەملىكەتلىك نازارەتچىلىك ئىنژېنېرلىقى كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ قۇرۇلما لايىھىلەش كەسپىدە سەككىز يىل، بىناكارلىق لايىھىلەش كەسپىدە 22 يىل ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ھەر خىل ئىقتىدارلىق قۇرۇلما شەكىللىك قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلىگەن ھەم بۇنىڭ بىر قىسىمى ئەلا سۈپەتلىك لايىھىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بەش پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. «ئۇيغۇر خىش تۇقۇلما، چىنە خىش توپلانمىسى» دېگەن كىتابنى  يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئەسەر ھوقوقىنى ئالغان. دۆلەتلىك تۆت پاتېنت ھوقوقىغا ئېرىشكەن. شياڭگاڭ خەلقئارا پاتېنت تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ «دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش نەتىجە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 4-نومۇرلۇق پاتېنت شۇ كومىتېتنىڭ «2002-يىللىق ئالتۇنمېدال مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
25. ئەنۋەر ھەسەن
چارۋىچىلىق پەنلىرى پروفېسسورى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى، دوكتۇر ئاشتى ئەنۋەر ھەسەن 1958-يىلى 1-ئايدا كۇچاردا تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ يېزائىەىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى چارۋىچىلىق فاكولتېتى ئوتلاقچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى ياپونىيە راكۇنوگاكويىن (چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلغىچە ئۆز مەكتىپىنىڭ چارۋىچىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن  باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەنۋەر ھەسەن ئۆزىنىڭ ئىلىمگەە بولغان قىزغىنلىقى بىلەن توختىماي ئىلگىرلەپ، ھازىرغىچە خەلقئارا ۋە ياپونىيىدە ئېچىلغان يىغىنلاردا 10 قېتىم ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. 46 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ قاتناشقان ئىككى تۈر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ دۆلەت تەبىئىي پەن مەبلەغ تۈرىنى تەستىقلاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق بەش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، راكۇنوگاكويىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پرافېسسورى.
26. باقى يۈسۈپ ھاجى
مىللىي تىبابەتچىلىك مۇتەخەسىسى باقى يۈسۈپ ھاجى 1933-يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى بۇيا يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا تىبابەتچىلىككە دائىر دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلغان. 1981-يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ھەم ئۇزۇن يىللىق ئەمىلىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش بىرقەدەر قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، قان تومۇر سېستىىسى كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى، سۈيدۈك يولى سېستىمىسى كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە دىئاگىنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. «ئادىراسمان مەلھىمىنىڭ يېڭى دورا تەتقىقاتى» ۋە «غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق دىئاگىنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلەرنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق، دۆلەتلىك پەن-تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «زۇكام جەۋھىرى»، «قۇۋۋىتى ئەلا ئىچىملىكى»، «ئانار شەربىتى»، «قىزىلگۈل گۈلقەنتى»، «چايلىق»،«سىيادان مېيى» قاتارلىق دورىلارنى يېڭى دورا ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئاساس سالغان. سەھيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 26 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كېرست جەمىئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ھىلال ئاي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق 4-نۆېەتلىك پەن-تېخنىكا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى دورىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىي سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانلىرىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژۇرنىلى تۈزۈش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى»، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسى بويىچە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى»، «مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس» بولۇپ باھالانغان. ئۇ ھازىر جۇڭگو جۇڭيى تېبابەتچىلىك دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ پەخىرىي رەئىسى.
27. بەختىنىسا مۇھەممەتئېلى
يادرو بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بەختىنىسا مۇھەممەتئېلى 1962-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.  1981-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئاگرونومىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ يادرو بىئوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنغان. 1996-يىلى غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئاگرونومىيە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2000-يىل 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو يېزا ئىەىلىك ئۇنۋېرستېتىدا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيلەشكە قاتناشقان. 2004-يىلى تەتقىقاتچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
بەختىنىسا مۇھەممەتئېلى «شىنجاڭ قۇرۇقلۇق كېۋىزىنى يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق ئۆستۈرۈشتىكى ئوزۇقلۇق ئىلمى ئاساسى» (مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن فۇندى تۈرى، 1998-2000)، «گۈڭگۈرتنىڭ پاختا مەھسۇلاتىغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ مېخانىزىمى ئۈستىدە تەتقىقات» (ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيلەش فۇندى تۈرۈ، 2004-2006) قاتارلىق يەتتە پەن تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. يېزا ئىەىلىكمىنىستىرلىكىنىڭ 948 تۈرى، مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن فۇندى تۈرى، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى تۈر، ئاپتونو9م  رايونلۇق تەبىئي پەن فۇندى تۈرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياش تەتقىقاتچىلار فۇندىنىڭ ماددىي ياردەم تۈرى قاتارلىق 15 پەن تەتقىقات تۈرىگە قانىشىپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىدىن ئالتىگە، پاتېنت ھوقۇقىدىن ئىككىگە ئېرىشكەن.  مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 26 پارچە ماقالىسى، ئۆلكە،مىنىستىر دەرىجىلىك ژۇرناللاردا 20 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. 2003-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار پەن-تېخنىكا خادىمى بولۇپ باھالانغان. 1998-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىەىلىك پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئون پېشقەدەم، ئون ياش تۆھپىكار» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
28. پەرھات كېرىم
دورىگەرلىك ئىلمى بويىچە دوكتۇر ئاشتى، پروفېسسور پەرھات كېرىم 1960-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتىنىڭ داۋالاش فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپنىڭ يۈرەك قان تومۇرى، دورىگەرلىك بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلدىن 1994-يىلغىچە فىرانسىيە لىئېل 2-ئۇنۋېرستېتىدا دورىگەرلىك بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەم ئۆز مەكتىپىگە كېلىپ دورىگەرلىك كافىدېراسىدا ئىشلىگەن. 2000-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، باشقارما باشلىقى ھەم جۇڭگو دورىگەرلىك ئىلمىي جەمىئىيىتى قاتارلىق بىرقانچە جەمىئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان.              
پەرھات كېرىم ئۆلچەملىك مىكرو ئېلېكتر قۇتۇبى تەجرىبە تېخنىكىسى ۋە پەردە قىسقۇچ تەجرىبە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ دورىنىڭ يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپچىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشنى نەزىريە جەھەتتىن يېڭى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ۋىتامىن PP (نىكوتىن ئامىد) ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتىنىڭ ئۇچۇر ھۈجەيرە پەردىسىدىكى كالتىيسىينىڭ يولىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،  DSPMماددىسىنى بايقىدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئايرىما  ماددىسىدىن پايدىلىنىپ، قان نوكچىسىنى ئېرىتىش ۋە قان پىلانتىسكىسىنىڭ ئۇيۇشىشىغا قارىشى تۇرۇش مېخانىزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دورىلارنى ئېچىشنى فارماكولوگىيلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇ ھەرقايسى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى، بىرقانچە تۈرلۈك تەتقىقات تۈرى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ مەبلەغ تۈرىگە ئېرىشتى.
29. پەرىدە ئابلىز
تىببىي پەنلەر دوكتۇرى پەرىدە ئابلىز 1965-يىل 1-ئايدا تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر مەكتەپ قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. 1996-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 3-ئايغىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1999-يىلى 8-ئايدىن 2000-يىلى 3-ئايغىچە ياپونىيە چىبا ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىببىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچى سالاھىتى بىلەن زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2000-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 3-ئايغىچە شۇ ئىنىستۇتتا زەمبۇرۇغ ئىلمى ۋە تېرە كېسەللىكلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرستېتنىڭ دوكتۇر ئاشتىلىق مەركىزىگە قوبۇل قىلىنغان. 2006-يىلى 2-ئايدىن 5-ئايغىچە گولاندىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيسى زەمبۇرۇغ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن گوللاندىيىدە تەتقىقات ھەمكەرلىقىغا قاتناشقان. ھازىر ئۇ شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ماگېستېر يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
پەرىدە ئابلىز ھازىرغىچە ئامېركا ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا يەتتە پارچە، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا 13 پارچە يۇقۇرى سەۋىيلىك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى. ياپونىيە ۋە گوللاندىيىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭدىكى قۇملۇقرايونلار كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى تەتقىقاتى» ۋە «قارا زەمبۇرۇغلارنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مېخانىزىمى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق تەتقىقات تېمىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى. ئۆزى مۇستەقىل مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى «شىنجاڭدىكى تەسبىسىمان زەمبۇرۇغلارنىڭDNA  (گېن) تىپى» دېگەن تۈرنى ئىشلىدى.ئامېركا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە مەملىكەت ئىچىدە 25 قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە ئوقۇپ، خەلقئارادىكى كەسپداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.  بىر پارچە ماقالىسى ياپونىيىدە مۇنەۋۋەر تەتقىقات مۇكاپاتىغا، بىر پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچىدە مۇنەۋۋەر ئىلمىيماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 
30. تاشپولات تېيىپ
 
يىراقتىن سېزىش ئېكىلوگىيە ئالىمى تاشپولات تېيىپ 1958-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن. 1988-يىلى ياپونىيە توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنۋېرستېتى يىراقتىن سېزىش ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقات ئورنىدا ماگېستېر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1992-يىلى سانائەت ئىلمى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، قايتىپ كەلگەن. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1993-يىلى «شىنجاڭدىكى تۇنجى قېتىملىق 10 مۇنەۋۋەر ياش»، 1994-يىلى «شىنجاڭغا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن پرافېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ جۇڭگو جۇغراپىيە جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ جۇغراپىيە جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتىنىڭ 5-، 6-نۆۋەتلىك دائىمىي6 كومىتېت ھەيئەت ئەزاسى ۋە شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
تاشپولات تېيىپ ياپونىيە فىسيو ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، 2004-يىلى گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان  بولىدىغان مۇتەخەسىس بولۇپ باھالانغان. 1996-يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى «211 قۇرۇلۇشى» تارماق تۈرىنىنڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ بايلىق ئېكىلوگىيسى ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسى» نۇقتىلىق پېنىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى (ئومومىي مەبلەغ 14 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن) ۋە 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى (ئومومىي مەبلەغ 21 مىليۇن يۈەن) غا ماسىئۇل بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز تۈرگە، يەنى: دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فۇندى تۈرى (2 تۈر)، دۆلەتلىك مۇھىم ئاساس تەتقىقات تۈرى (1 تۈر)، خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرى (3 تۈر)، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى (1 تۈر) ۋە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى غوللۇق تەتقىقاتچىلار مەبلەغ تۈرى (1 تۈر) گە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تارىيم ئويمانلىقى جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ بوستانلىق-چۆل ئۆتكۈنچى بەلۋاغ مۇھىتى ئۆزگىرىشىنى يىراقتىن سېزىش تەتقىقاتى، تارىم ئويمانلىقى جەنۇبىي قىسىمىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش / تۇپراقنىڭ قاپلىنىش ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرى تەتقىقاتى قاتارلىق خەلقئارالىق، ئاپتونوم رايونلۇق سەككىز تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان. بىرنەچچە يىللىق تەتقىقاتى ئارقىلىق يەكۈنلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىلمىي ماقالە شەكلىدە «جۇغراپىيە ئىلمىي ژۇرنىلى»، «يىراقتىن سېزىش ئىلمىي ژۇرنىلى»، «جۇڭگو قۇملۇقى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «جۇغراپىيە ئىلمى دۆلەت زېمىن تەتقىقاتى»، «قۇرغاق رايون جۇغراپىيسى»، «قۇرغاق رايون تەتقىقاتى»، «قۇرغاق رايونلار بايلىقى ۋە مۇھىت» قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا ئېلان قىلغان بولۇپ، 70 پارچىدىن ئاشىدۇ. ئىككى پارچە مەخسۇس ئەسىرى بار.
31. تۇردى ئوسمان
شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى ئاتوم يادرو فىزىكىسى پروفېسسورى تۇردى ئوسمان 1938-يىلى چاپچال ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا فاكولتېتىدا ئوقۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكولتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى جەريانىدا ئاتوم فىزىكىسى، كۋانت مېخانىكىسى، ئاتوم ۋە ئاتوم يادرو فىزىكىسى، ئوپتىكا، يېقىنقى زامان فىزىكىسى، ئاتوم يادرو نەزىريىسى، فىزىكا تەجرىبە دەرسلىكى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. مەكتەپنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك ماتېرياللىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ تۈزۈشكە قاتناشقان «ئومومىي فىزىكا» ناملىق كىتاب مەكتەپ تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر دەرسلىك» بولۇپ باھالانغان.
تۇردى ئوسمان 1986-يىلدىن 1987-يىلغىچە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنۋېرستېتى فىزىكا فاكولتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا بىر يىللىق تەتقىقات پىلانىنى يېرىم يىلدا ئورۇنلاپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئىككى پارچە تەتقىقات ماقالىسى 1988-يىلى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى بويىچە باكۇدا ئېچىلغان 38-قېتىملىق «يادرو سپېكتروسكوپىيىسى ۋە ئاتوم يادرو تۈزۈلىشى» يىغىنىنىڭ دوكلاتلار تېزىسىدا ۋە خەلقئارالىق داڭلىق ژۇرنال «يادرو فىزىكىسى»دا ئېلان قىلىغان. بىر پارچە ماقالىسى 1990-يىلى دالىيەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 3-قېتىملىق يادرو قۇرۇلۇشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. ئىككى پارچە ماقالىسى 1992-يىلى ئالمۇتىدا ئېچىلغان 42-نۆۋەتلىك «يادرو سپېكتروسكوپىيىسى ۋە ئاتوم يادرو تۈزۈلىشى» يىغىنىنىڭ دوكلاتلار تېزىسىدا ئېلان قىلىغان. بىر پارچە ماقالىسى 1993-يىلى 4-ئايدا دۇبنا شەھىرىدە ئېچىلغان «يادرو سپېكتروسكوپىيىسى ۋە ئاتوم يادرو تۈزۈلىشى» يىغىنىنىڭ دوكلاتلار تېزىسىدا ئېلان قىلىغان. ئۈچ پارچە ماقالىسى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «خەۋەرلەر» گە بېسىلغان. بىر پارچە ماقالىسى 1995-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يادرو فىزىكىسى يىغىنىنىڭ «ئابستراكتلار كىتابى» دا ئېلان قىلىنغان. بىر پارچە ماقالىسى 1997-يىلى ئالمۇتىدا ئېچىلغان «ياردو فىزىكىسى ۋا رادىئاتسىيە فىزىكىسى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىننىڭ «دوكلاتلار تىزىسى» دا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە باشقا ژۇرناللاردىمۇ بىر قىسىم نوپۇزلۇق ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. ئۈچ قارار ماگىستىر، ئاسپرانت تەرربىيلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى 1989- ۋە 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 1989-يىلى «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالانغان.
32. تۇرسۇن ھۇشۇر
چارۋىچىلىق ئالىي ئىنژىنېرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقان تۇرسۇن ھۇشۇر 1942-يىلى قورغاستا تۇغۇلغان. 1959-يىلى ئىلى چارۋىچىلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدە ئىشلىگەن ھەم تېخنىك ئىنژېنېر، ئالىي ئىنژېنېر، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى،مۇئاۋىن نازىر، نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 2002-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
ئۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىگە قاتناشقان ھەم يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ قاتناشقان «جۇڭگو مېرىنوس قويىنى يېتىشتۈرۈش» تۈرىنىڭ تۈر نەتىجىسى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن. «شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق تۈرلەرنى باشقۇرغۇچى ھەم ئاساسلىق ئىجىرا قىلغۇچى بولغان ھەم يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تۇرسۇن ھۇشۇر يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ «مول ھوسۇل پىلانى» نى باشقۇرۇپ، نەتىجىسى مىنىستىرلىكنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەتلىك قوي يۇڭى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يۇڭلىرى ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھەم ئۇيۇشتۇرغۇچى بولۇپ،دۆلەت، ئۆلچەم ئىدارىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشتا پەقەت نەسلى ياخشىلانغان كالا 1990-يىلدىكى 533 مىڭدىن 2000-يىلى 1  مىليۇن 150 مىڭغا يەتكەن. ياخشىلانغان ئوتلاق 1 مىليۇن 700 مىڭ مودىن 12 مىليۇن 500 مىڭ موغا يەتكەن. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماللاردىكى كۆيدۈرگە كېسىلى ۋە چېچەك كېسىلى يوقۇتىلغان. ئۇ ئۆمەك باشلاپ ئەنگىليە، ئاۋسترالىيە،  كانادا، ئامېرىكا، قازاقىستان، قىرغىزىستانلاردا ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، نەسىللىك چارۋا مال سورتلىىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشتا بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بىر پارچە ماقالىسى «تۇلپار»مۇكاپاتىغا، بىر ماقالىسى 3-دەرىجىلىك «تەڭرىتاغ لوڭقۇسى» مۇكاپاتىغا، يەنە بىرى «يېزا ئىگىلىكى تۈپ ئاساسى» مۇكاپاتلىق ماقالىلىرىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىشلەپچىقىرى ۋە كەسپىي ساھەدىكى 13 پارچە ماقالىسى غەربىي شىمال رايونىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئابدىراخمان ئابباس بىلەن بىرلىشىپ يازغان «شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇققويى» ۋە «ئاۋسترالىيە قويچىلىقى» ناملىق ئىككى كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق بەش ئىلمىي جەمىئىيەتنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى.
33. تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتې ماتېماتېكا فاكولتېتىنىڭ دوكتۇرى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىريەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1961-يىلى 10-ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان. 1980-يىلدىن 1985-يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا تەقسىم قىلىنغان.  1987-يىلدىن1989-يىلغىچە مەزكۇر فاكولتېتتى ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان. ئۇ مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ، «ئۆلچەم نەزىريىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيلىك نەزىريىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى»، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى»، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. باشقىلار بىلەن بىرگە «دىسكىرېت ماتېېماتىكا»،  « IBM-PCئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لاھىلەش»، «C تىلىدا پروگرامما لاھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان. «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»،«ۋېۋېلت ۋە سىگىنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ يەنە دۆلەت تەبىئىي پەن فۇندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزلۈكسىز تاۋۇش پەرق ئېتىش سېستىما تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت رەسىم ئۆرنەكلىرى كۆپ ۋاستىلىك ئۇچۇر ئامبىرى سېستىما تەتقىقاتى» غا ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتناشقان. ھازىر يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەن اۇندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «كۆپ ۋاستىچىدە ئۇچۇر قىسىش ئۇسۇلى ۋە قىسقۇچى تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىككى تەتقىقات تۈرىدە ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم 1999-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ كيوشۇ ئۇنۋېستېتىغا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بېرىپ، 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن يېڭى پەن «ۋېيۋېلىت ئانالىزى» ھەققىدە بەزىبىر بۆسۈش خارەكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم شۇ سەۋەبتىن يېتەكچى پروفېسسورنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىدە داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، خەلقئاراداە تۇنجى بولۇپ «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىت نەزىريە سېستىمىسى» نى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسى «شاۋقۇن تازىلش ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىتلىرى» دېگەن تېمىدا 2003-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئېچىلغان «سىگىنال بىر تەرەپ قىلىش يىللىق يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ نەزىريە ئاساسىدا ئۇ يەنە «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش»، «سىگىنال ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش» ساھەسىدە 14 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. بۇلاردىن تۆت پارچىسى ئىسپانىيە، ئاۋستىرالىيە، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان يىغىنلاردا ئوقۇلغان ھەم يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. يەتتە پارچىسى خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۈچ پارچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ 14 پارچە ماقالە خەلقئارا پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا 19 قېتىم ئىشلىتىلگەن. 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بەش يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىت نەزىريىسى ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش دولقۇن سۈزگۈچلەرنى لاھىلەش تەتقىقاتى» ناملىق دېسىرتاتسىيسىنى ئوقۇپ، سورالغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، تولوق ئاۋاز بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەكتىپىدە جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ماگىستىر ئاسپرانتلار ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلغان ھەمدە مەكتەپ تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ «تېز سۈرئەتلىك پارامېتېرلىق ۋېيۋېلىت ئالگارىزىم بىلەن كومپيۇتېرلىق سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش يېڭى تېخنىكىسى» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ 1997-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولغان، 1996-يىلى رامكا بۇزۇپ ئۆرلەپ دوتسېنت بولغان، 2006-يىلى پروفېسسور بولغان.
34. تۆمۈر تۇرسۇن
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، زىرائەت تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجىرائىيە ھەيئىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئىتى تۆمۈر تۇرسۇن 1958-يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىنىڭ دېھقانچىلىق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەرر ئاكادېمىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان ھەم ئۇ بۇ يەردە 20 نەچچە يىل زىرائەت سورت بايلىقلىرىنى تولوقلاپ رەتلەش تەتقىقاتى ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش تەتقىقاتى كەسىپىي رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 23 تۈرلۈك پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش تېمىلىرىغا قاتناشقان ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىن سەككىز تۈرى پەن تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان «خېنەن كېۋىزى 15-نومۇرنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش» تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن تېخنىكىنى كېڭەيتىش تۈرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ قاتناشقان «تارىم ئويمانلىقىدىكى جايلاردا ساپ پاختا مەھسۇلاتىنى 100 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈشنىڭ يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش» تۈرى 1998-يىلى دۆلەتلىك پەن تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرەجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يەنە ئالتە تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان «بەرەڭگە (ياڭيۇ) دىن توكسۇنلاشتۇرۇلغان ئۇششاق بەرەڭگە ئېلىش ۋە بەرەڭگە ئۇرۇقىنى كۆپەيتىش تېخنىكىسى كېڭەيتىش» تۈرى، «جىڭ ناھىيىسىدە 100 كىلوگىرام ساپ پاختا ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» تۈرى قاتارلىق بەش تۈر پەن-تېخنىكا نەتىجىسى قىلىپ باھالانغان. 20 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان.
35. خالمۇرات غوپۇر
تىېبىي پەنلەر دوكتۇرى، پروفېسسور خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. روسىيەدە تېببىي ئىلىم بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان 10 مىليۇن يۈەنلىكتىن كۆپ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن اۇندى، دۆلەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قاتارلىق 26 تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم مەسئىۇل بولغان. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ پەن-تېخنىكا اۇندىغا ئېرىشكەن بىردىن بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىكى يېڭى سەھپىسىنى ئاچتى.
خالمۇرات غوپۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكا باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنژېنېر، تېخنىكلارنى يېتەكلەپ، دۆلەت ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى مەھسۇلاتقا ئايالاندۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، دۆلەتنىڭ مەشئەل پىلانى تۈرى، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك ۆارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش تەتقىقاتىغا مەسئىۇل بولدى. ئۇ يېڭى، ئىلغار قاراش تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىنجاڭ تۆمۈريول سېستىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، زامانىۋى ئۇيغۇر تېبىتى كارخانىسى-شىنجاڭ چىكاڭ خابۇ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپىي سەۋىيىسى ئەڭ يۇقۇرى زامانىۋى ئۇيغۇر دورىگەرلىكىنىڭ كەسپلەشكەن سەھنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا باشلامچىلىق بىلەن دۆلەتنىڭ GMP گۇۋاھنامىسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانا گۇۋاھنامىسىدىن ئۆتتى.
خالمۇرات غوپۇر بىر تۈردە «جۇڭخۇا تېبابەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى» غا، بىر تۈردە دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا، بىر تۈردە دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا، ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا، بىر تۈردە شىنجاڭ تېببىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ يەنە دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى ھەر خىل تېببىي ئىلىم ژۇرناللىرىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن 12 پارچىسى SCI, CA غا كىرگۈزۈلۈپ، SCI قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق نوپۇزلۇق تېببىي ئىلىم ژۇرناللىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى توغرىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلمىي ماقالە بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ SCI غا كىرىشتەك يېڭى سەھپىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭ سەككىز پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە 1-، 2- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە دۆلەت  1956ئىچى-سىرىتىدا سەككىز پارچە مەخسۇس ئەسەر نەشىر قىلدۇردى، ئىككى پارچە مەخسۇس ئەسەرنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشتى. ئالتە تۈردە دۆلەتنىڭ كەشپىيات پاتېنىتىغا ئېرىشتى، 13 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئەمىلىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ۋە تەتقىقات نەاتىجىلىرى دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى كەسپداشلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ 30 قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە خەلقئارالىق كوللېكتىپ تېببىي تەكشۈرۈش يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، چەتئەللەردە 20 نەچچە قېتىم مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ قۇرىغان تەتقىقات ئورنى ۋە ئۈچ تەجرىبىخانا دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك ئىدارىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك گۇۋاھنامىسىغا ۋە دۆلەتنىڭ GLP گۇۋاھلىقىغا ئېرىشتى.
خالمۇرات غوپۇر مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياش»، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى»، گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسىس، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالى، مەملىكەتلىك چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار نەتىجە مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. 2006-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قېتىملىق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 200 مىڭ يۈەن بىلەن تەقدىرلەندى.
36. خەمىت خەكىموف
ھايۋانات ئىرسىيەت ئالىمى خەمىت خەكىموف 1938-يىلى 10-ئايدا قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1956-يىلغىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا چارۋىچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان ھەم شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957-، 1959-يىللىرى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىدا گېنېتېكىدىن بىلىم ئاشۇرغان. 1959-يىلدىن 2003-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ يېزا ئىەىلىك ئۇنۋېرستېتى چارۋىچىلىق فاكولتېتىدا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن  ماگىستىر ئاسپرانت ۋە دوكتۇر ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنى، 60-يىللىرىدا ئىلى يىلقىسى، قوڭۇر كالىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ دېسىرتاتسىيە يازغان. 60-، 70-يىللاردا ئىلى ئاتلىرىنىڭ 2-ۋە 3-بەش يىللىق نەسىلچىلىك پىلانىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، نەسىلنى ياخشىلاش لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1985-1990-يىللىرى قوي خروموسومىنى تەكشۈرۈشتە ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويىنىڭ خروموسوم گۇرۇپپىسىنى ئىشلەپ چىقىپ شىنجاڭدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان.1982-يىلىدىن بېرى چاغانتوقايدا باشباي قويىنى قۇتقۇزۇش ۋە نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئىشلەپ، سانىنى ئەسلىدىكى 2000 دىن 600 مىڭغا يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پاقلان گۆشى تىپلىق يېڭى باشباي قويىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
خەمىت خەكىموف خىزمەت جەريانىدا «گېنېتېكا»، «نەسىلچىلىك»، «مىكرو بىئولوگىيە»، «بىئو ستاتىستىكا» قاتارلىق تۆت كىتابنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. خەنزۇ تىلىدىكى مەملىكەتلىك دەرسلىك «گېنېتېكا» نىڭ ئىككى بابىنى يازغان. ئۇ باش تۈزۈگۈچى بولۇپ «ئاناتومىيە»،«فىزىئولوگىيە» قاتارلىق كەسپىي دەرسلىكلەردىن 30 خىل كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىقۋە مال دوختۇرلۇق ساھەسىدە ئۇيغۇرچە دەرسلىك بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن.
خەمىت خەكىموف مەملىكەتلىك گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. ئىككى پارچىسى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىندا ئوقۇلغان ھەم يىغىن توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئا ق ش نىڭ «يېزا ئىگىلىك ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.
خەمىت خەكىموف گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان  بولىدىغان مۇتەخەسىس. ئۇ چارۋىچىلىق جەمىئىيىتى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ چارۋىچىلىق-دوختۇرلۇق ئىشلىرىدا تۆھپىسى زور شەخس دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر پارچە ماقالىسى لى رۇچى مۇنەۋۋەر ماقالە ھەم شياڭگاڭ خەلقئارالىق بونىڭدۇن فۇندىنىڭ ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. باشباي قوي تەتقىقاتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1988-يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىرسىيەت ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
37. دىلبەر توختى
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، ماگىستېر يېتەكچىسى، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقان دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىلمىي دۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مىكرو ئورگانىزملار تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىقتىسادىي ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى دىلبەر توختى 1960-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدا بىر يىل مىكرو ئورگانىزم بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ئارقىدىنلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكرو ئورگانىزم تەتقىقات ئورنىدا ئىككى يىل تەربيلەنگەن. دىلبەر توختى خىزمەت جەريانىدا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، مىكرو ئورگانىزم ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم ئىلگىرى-كېيىنبولۇپ دۆلەت تەبىئىي پەن فۇندى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ ئۈچ تەتقىقات تۈرىگە ررىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان. ئەنەىلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە ئاسپرانتلار ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىككى تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ھەمدە 36 پارچە پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان. بۇنىڭدىن ئۈچ پارچىسى خەلقئارالىق ژۇرناللاردا، يەتتە پارچىسى دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللاردا، 22 پارچىسى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان  قىلىنغان.
دىلبەر توختى 2004-يىلى «شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش» مېدالىغا ئېرىشكەن.
38. رەنا قاسىم
شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئايال دوكتۇر، دوكتۇر يېتەكچىسى رەنا قاسىم 1962-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1994-يىلدىن 1998-يىلغىچە ياپونىيە فۇشەن تېببىي دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى نۆۋەت ئاياللار ئىچىدە دورىگەرلىك دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ «شىنجاڭ توشقان زەدىكىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى توغرىسىدا دەسلەپكى تەتقىقات» ناملىق تۇنجى تەتقىقاتى ئاپتونوم رايون بويىچە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا قاتناشقان. ئۇ قاتناشقان «ھېلىلىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئۈستىدە تەتقىقات» نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان.
ئۇ ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقاندا ئىشلىگەن «چۆليالپۇزىنى ئېرىتكەندىن كېيىنكى تەركىبىنىڭ جىگەرنى قوغداشتىكى رولى» ناملىق تەتقىقاتى پاتېنت ھوقوقىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان ھەم ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئوقۇشتىكى 3-يىلى دانسېڭ (چۆل يالپۇزى ئائىلىسىدىكى بىر تۈر) ئىككى خىل يېڭى بىرىكمە ماددىنى بايقاپ ۋە ئاجرىتىپ ئېلىپ، دۇنيا دورىگەرلىك ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى  تولدۇرغان. ئارقىدىنلابۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئالدۇس فېرمېنتىنىڭ قايتىلىنىشىنى تۇرمۇزلاش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، دۇنيا دورىگەرلىك ساھەسىدە يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ چۆل يالپۇزى تەركىبىدىكى تېخى بايقالمىغان يېڭى تۆت تۈرلۈك ماددىنى بايقاپ، 3-بوشلۇقنى تولدۇرغان.شىنجاڭنى ئايلىنىپ بەزى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىگەر، دىئابىت كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقاپ، 1 مىليۇن 280 مىڭ يۈەنلىك تەتقىقات خىراجىتىنى ھەل قىلغان.
رەنا قاسىم ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىكى ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلدۇردى. بۇلاردىنبەش پارچىسى خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال ICS قا كىرگۈزۈلدى ھەم 17 قېتىم تەتقىقاتتا ئىشلىتىلدى. يەنە ئىككى پارچە ماقالىسى جۇڭگو پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇ مەسىئۇل بولغان «ئۆلچەملىك چۆل يالپۇزى ۋە شىنجاڭ چۆل يالپۇزىنىڭ دىئابىت كېسەللىكى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلىرى تەتقىقاتى» ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرلەش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئۇ 5-نۆۋەتلىك «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ياشلار پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»، شىنجاڭ «4-ماي ياشلىرى مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ «168» ئىختىساسلىقلارنىتەربىيلەش قۇرىلىشىدىكى ياش مۇتەخەسىس، تەبىئىي دورا ئۆسۈملۈكلىرى خىمىيىۋى پېنىدىكى غوللۇق كادىر ۋە ئەسىر ھالقىغان پەن-تېخنىكا باشلامچىسى، سەھيە مىنىستىرلىقىنىڭ  كۆرىنەرلىك تۆھپىسى بار ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس، «تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى ئەسىردىكى 10 مىليۇن ئىختىساس ئىگىسى قۇرىلىشىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇتەخەسىس»، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس، پرافېسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى قاتارلىق ناملارنى ئالدى.
39. روزى ھاجى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇدىر ۋراچى، پرافېسسور، مەملىكەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى رۇزى ھاجى مۇھەممەد 1934-يىلى 12-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان. 1956-دىن 1962-يىلغىچە شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتى) داۋالاش فاكولتېتىدا ئوقۇپ، شۇ مەكتەپ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى بىر تەرەپتىن داۋالاش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسپرانت تەربىيلىگەن. «ئىچكى كېسەللىكلەردىكى جىددىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش»، «يۈرەك كېسەللىكلىرى»، «يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى داۋالاش»، «يېزىلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش»، «رېماتىزم قىزىتمىسى ۋە رېماتىزم يۈرەك كېسەللىكى»، «يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار»،«ياشاشانغانلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان كېسەللىكلەر»، «سالامەتلىك ھەققىدە مەسلىھەت» قاتارلىق 12 پارچە كىتاب يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.بۇنىڭدىن ئالدىنقى ئۈچ پارچىسى سەھيە نازارىتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يۇقارقىلاردىن باشقا «جىددىي ئۆلۈم توغرىسىدا»، «تاجىسىمان ئارتېريە قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. بۇلاردىن «جىددىي ئۆلۈم توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە مەملىكەت بويىچە ئېچىلغان دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى چاقىرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. تىببىي ئۇنىۋېرستېت 1-دوختۇرخانىسى بويىچە سەككىز نەپەر داڭلىق مۇتەخەسىس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، «سەككىز چوڭ ئاتاقلىق دوختۇر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى شەخس، 20-نۆۋەتلىك سەھيە ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتى 1-دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەخسۇس مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
40. رۇستەم ئەلى نۇرۇم
يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى رۇستەم ئېلى نۇرۇم 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلدىن 1965-يىلغىچە شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى تىببىي ئۇنىۋېرستېتى) دا ئوقۇپ، شۇ مەكتەپ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغان. 1986-1987-يىلغىچە بېلگىيىدە، 1987-1988-يىلغىچە ئەنەىليىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى،  ئالىم دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى مۇئاۋىنمۇدىر ۋىراچ پرافېسسور بولغان. 1994-يىلى مۇدىر ۋراچ بولغان ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە خادىملارنى تەربىيلەش يېتەكچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.
رۇستەم ئەلى نۇرۇم بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «يۈرەككە تىڭشاپ دىئاگىنۇز قويۇش ۋە كۆپ ئۇچىرايدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دىئاگىنۇز قويۇش»، «يۈرەك ئېلىكتېر كاردىۇگراممىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگىنۇز قويۇش»، «ئىچكى كېسەللىكلەر قوللانمىسى»، «يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىكى جىددىي پەيدا بولغان كېسەللىكلەرگە دىئاگىنۇز قويۇپ داۋالاشتىكى يېڭى تەرەققىيات قوللانمىسى»، «يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دىئاگىنۇز قويۇپ داۋالاش ھەققىدە» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان ھەم «ئەمىلىي ئىچكى كېسەللىكلەر» دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلغان. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دائىر 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يېزىپ جۇڭگو ۋە چەتئەل ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ھەم مۇكاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى «جۇڭگو ئاتاقلىق دوختۇرلار ئالاھىدە داۋالاش قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.
رۇستەم ئەلى مەملىكەتلىك ئىچكى كېسەللىكلەر جەمىئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى، مەملىكەتلىك يۈرەك قوزغاتقۇچ ئېلېكترو فىزىئۇلوگىيە تەتقىقات جەمىئىيىتى، جۇڭگوچە ياۋروپاچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش جەمىئىيىتى قاتارلىق بىرقانچە جەمىئىيەتنىڭ ئەزاسى، «بېلگىيە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى» نىڭ مەسلىھەتچىسى. شىنجاڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلەر بۆلۈمىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان خادىمى.
41. رۇشەنگۈل ساۋۇر
دورىگەر مۇدىر ۋاراچ رۇشەنگۈل ساۋۇر 1958-يىلى 9-ئايدا خوتەندە تۇغۇلغان. 1979-يىلى بېيجىڭ جۇڭيى تىبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرستېتى دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1992-يىلىدىن تارتىپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
رۇشەنگۈل ساۋۇرنىڭ باشلامچىلىق بىلەنتىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق ھازىرغىچە 13 تۈر بويىچە 190 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى تەتقىق قىلىنغان. 80 خىلدىن ئارتۇق دورىنىڭ سۈپىتى ياخشىلانغان. دوختۇرخانا ئىشلەپچىقارغان تۆت خىل دورا دۆلەتنىڭ دورا ئىشلەش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. 29 خىل دورا «سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى» دىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورا قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 105 خىل دورا ياسالمىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «ئۇيغۇر دورىسى قۇرۇس ئىمساقنىڭ تەتقىقاتى» ۋىلايەت بويىچە پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر دورىسى خىمىرگاۋزىبەن ئەنبىرى»، «قورۇس (تابلېتكا) تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر دورىسى لوبوبۇ كىبىرى كومۇلىچىنىڭ تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر دورىسى-خىمىرى مەرۋايىت قورۇس (تابلېتكا) نىڭ تەتقىقاتى» قاتارلىقلار ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئۇ ئىلگىرى-كېيىن «مەملىكەت بويىچە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن 100 ياشنىڭ ئىسىمىنى ئاتاش مۇكاپاتى» غا، «شىنجاڭ بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ئايالنىڭ ئىسىمىنى ئاتاش مۇكاپاتى» غا، «شىنجاڭ بويىچە جۇڭيى تېبابىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى، «شىنجاڭدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان 10 ياش مۇكاپاتى» غا، مەملىكەتلىك ھەر مىللەت ئاياللىرى ئىتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكەتلك سەھىيە سېستىمىسى بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولغان. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دەپ نام بېرىلگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
42. زەپەر ئابلىز
تەبىئىي پەنلەر دوكتۇرى زەپەر ئابلىز 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى خىمىيە فاكولتېتىدا ئوقۇغان. 1983-يىلى 8-ئايدىن 1985-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىتىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان. 1985-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 3-ئايدا ش ئۇ ئا ر بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، ياپونىيىدىكى مەيسەي (Meisey) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خىمىيە فاكولتېتىتىدا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1989-يىلى لېكتور بولغان، 1991-يىلى دەرىجە ئاتلاپ دوتسېنت بولغان. 1991-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە توخۇ ئۇنىۋېرستېتى تەبىىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىگە يەنە ئوقۇشقا بارغان. 1993-يىلى 5-ئايدا ياپونىيىدە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى 4-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە توخۇ ئۇنىۋېرستېتىتىدا زىيارەتتىكى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان. 1994-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 11-ئايغىچە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دورا تەتقىقات ئورنىدا دوكتۇر ئاشتى سۈپىتىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 10-ئايدىن 2002-يىلى 3-ئايغىچە ياپونىيە پەن-تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈش كەسىپى گۇرۇھى چىبا ئۇنىۋېرستېتى ئانالىزمەركىزىدە تەكلىپلىك ئالىي تەتقىقاتچى بولغان. 1997-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە پروفېسسورلۇق سۈپىتىدە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى (جۇڭگو شيېخې تېببىي ئۇنىۋېرستېتى) دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ دۆلەتلىك دورىگەرلىك ۋە مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى ئانالىز تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ، دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى، ماسسا سېپېكتورى ئانالىز كەسپىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى، ئىلىم-پەن كومىسىيسىنىڭ ئەزاسى، ئاپاراتلار ئارقىلىق تەھلىل قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۇنداقلا جۇڭگو شيېخې ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، ئىلىم-پەن كومىسىيسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ.
زەپەر ئابلىزنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى: جۇڭگو ئانالىتىك ئۆلچەش ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ماسسا سېپېكتورى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى، ياپونىيە ماسسا سېپېكتورى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى، خەلقئارا ئاساسلىق ماسسا سېپېكتورى ئىلمىي ژۇرنىلى «Rapid common.Mass Spectrom» ۋە «J.Mass Spectrom» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى  ھەمدە «ياپونىيە ماسسا سپېكتورى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «ماسسا سپېكتورى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «خىمىيە ئانالىزى»، «دورىگەرلىك ئىلمىي ژۇرنىلى»، «تەجىربىخانا ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «تەھلىل قىلىش، ئۆلچەش ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق بىرقانچە ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى. ئۇ يەنە «J.Am.soc.Mass Spectorm»، «J.chromatogr.(A),(B)»، «Analytica chi mica Acta» قاتارلىق خەلقئارالىق ئاساسلىق ماسسا سپېكتورى ئىلمى، خىمىيە ئانالىزى كەسپى ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى «chin.chem.lett» ۋە ئالىي مەكتەپ خىمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى قاتارلىق بىرقانچە ژۇرنالنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قوشۇمچە پروفېسسورى، دۆلەتلىك دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مۇتەخەسىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسىسلەر ئورنىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەجىربىخانىلارنى دۆلەتلىك ئېتىراپ قىلىش كومېتىتې دورا بۇيۇملىرى شۆبە كومېتىتېنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەتلىك يېڭى دورىلارنى ئېچىش  قۇرىلىشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلۇش تېخنىكا كومېتىتېنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فۇندى كومېتىتې ھاياتلىق تېخنىكا بۆلۈمى ۋە خىمىيە بۆلۈمى تۈرىنىڭ باھالاپ بېكىتىش مۇتەخەسىسى، شىنجاڭ دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى. ئۇ 2005-يىلى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسىس بولۇپ باھالانغان. تۇنجى بولۇپ «يېڭى ئەسىردىكى يۈز مىڭلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى» دا دۆلەت دەرىجىلىك نامزات بولۇپ باھالانغان.
20 يىلدىن بۇيان ئۇ ئاساسەن ئورگانىك ماسسا سپېكتورى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئالدى بىلەن كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك گىدرو كاربون تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنىڭ ماسسا سپېكتورىنىڭ ئىئونلىنىش مېخانىزىمى، پارچىلىنىش رېئاكسىيە مېخانىزىمىبىلەن قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىلەىرى-كېيىن بولۇپ، خەلقئارا ئىزورمېر جىسىمنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى «زىچلىق قانۇنيىتى» نى پەرقلەندۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم يېڭى تىپتىكى ئاروماتىك ماددىلاردا SP2-H/O=C دىن ئىبارەت ئاجىز كۈچنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. MS/MS تېخنىكىسىنى قوللىنىپ نۇرغۇن تەبىئىي مەھسۇلات ۋە جانلىقلار مولېكۇلىسىنىڭ مولېكۇلا پەرقى ھەمدە ئۇلارنىڭ پارچىلىنىش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، بىرقاتار ئالاھىدە يېڭىچە پارچىلىنىش رېئاكسىيىسىنى بايقىغان ھەم خەلقئارادىكى كەسپداشلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن. «ئۇنىڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكىسى»، «پەن-تېخنىكا ئاخباراتى»، «J.chem.soc»، «Anal.chem»، «J.Mass Spectorm»، «Rapid common.Mass Spectrom»، «J.chromatogr.A»، «J.Am.soc.Mass Spectorm» قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە تۆت پارچە كەسپىي كىتاب يېزىشقا، بىر پارچە ئانالىتىك خىمىيە لۇغىتىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت (973) تۈر، (5، 9) تۈر ۋە دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فۇندى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىش ياكى قاتنىشىش، ماسسا سىپېكتورى تېخنىكىسى (MS/MS) شۇنىڭدەك رەڭ سىپېكتورى بىلەن ماسسا سېپېكتورىنى بىرلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ كۆپ خىل ماسسا سېپېكتورى ۋاستىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق «كوملېمېنتارىيىلىك (ئۆزئارا تولوقلاش خۇسۇسىيىتى) ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش» نى ئوتتۇرغا قويدى.
يېقىندا يەنە ئەڭ يېڭى سوۋۇتۇپ تۇمانلاشتۇرۇش ماسسا سېپېكتورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مولېكۇلىلار ئارىسىدىكى كۇۋالېنتسىز ئاجىز ئۆزئارا تەسىرنى، شۇنداقلا ئېرىتمىسىدىكى ئورگانىك مولېكۇللا بىلەن جانلىقلار مولېكۇلالىرىنىڭ تۈزۈلۈش ھالىتىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئۇ تەكلىپكە بىنائەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چوڭ يىغىنلاردا كۆپ قېتىم دوكلاد بەرگەن. 1998-يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ۋەتەننى سۆيۈ شتە خىزمەت كۆرسەتكەن نەمۇنىچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2000- ۋە 2004-يىلى جۇڭگو ئانالىتىك ئۆلچەش ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتى، جۇڭگو خىمىيە ئىلمىي جەمىئىيىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ كۆپ تۈر بويىچە مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى جۇڭگو شيېخې تىببىي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىلغار ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ ئۆزى ۋە كەسىپىي مۇۋاپپىقىيەتلىرى «دۇنيا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسلەر ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى قامۇسى»، «دۇنيا كىشىلىرى»، «پەن-تېخنىكا ۋە جۇڭگو كىشىلىرى» قاتارلىق چوڭ ئەسەرلەردە تونۇشتۇرۇلغان.
43. ساھىبجامال دۆلەت
نەزىريە فىزىكىسى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتۇر، پروفېسسور ساھىبجامالدۆلەت 1967-يىل 10-ئايدا خوتەن چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملاپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 10-ئايغىچە ئىتالىيە نەزىريە فىزىكا  تەتقىقات مەركىزىدە ئوقۇغان. 1997-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 8-ئايغىچە گېرمانىيە بوئىن ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەزىريە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا نەزىريە فىزىكىسى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2000-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن مۇئاۋىن پرافېسسورلۇققا ئېرىشكەن. 2002-يىلى 3-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە ئاىزىكىس تەتقىقات ئىنىستىتۇتى نەزىريە فىزىكىسى گۇرۇپپىسىدا دوكتۇر ئاشتى بولۇپ ئىشلىگەن. 2003-يىلى 10-ئاي ۋە 2004-يىلى 2-ئايدا ياپونىيە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزىدە زىيارەتتە بولغان. 2004-يىلى 4-ئايدا پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا فاكولتېتىتىدا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
پروفېسسور ساھىبجامال دۆلەت 2004-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە، 2005-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، 2007-يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە ئىتالىيە خەلقئارا نەزىريە تەتقىقات مەركىزىدە، 2004-يىلى 10-ئايدىن  12-ئايغىچە گېرمانىيە بوئىن ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا، 2006-يىلى 8-ئايدىن 2007-يىلى 2-ئايغىچە ياپونىيە يۇقىرى ئېنېرگىيلىك تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ كۋانت مەيدان نەزىريىسى ۋە زەررىچىلەر فىزىكىسى ساھەسىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 10پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدىكى ئىشلىگەن خىزمىتى خەلقئارادىكى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. زەررىچىلەر فىزىكىسى بويىچە داڭلىق ئالىم، پروفېسسور H.P نىللېس ساھىبجامالىنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالىسىنى باھىلغاندا مۇنداق تەكىتلىگەن: «ساھىبجامال ئۆز ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر فىزىكا ئالىمىغا خاس پەزىلىتىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ ئۇ ماقالىدىكى ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق، ئىنتايىنمۇھىم ۋە يېڭى مۇۋەپپىقىيەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى مۇنەۋۋەر ماقالە دەپ باھالاشقا بولىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە بولغاندا ئۇ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق».خەلقئارادىكى داڭلىق نەزىريە فىزىكا ئالىمى نام باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىسىم ئالىملار بۇ نەزىريىۋى تۈرلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ساھىبجامال يۈكسەك تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۇ تۈگۈننى ئاخىرى يەشتى. ئۇنىڭ ماقالىسىنىمۇنەۋۋەر ماقالە دەپ باھالاشقا بولىدۇ. ساھىبجامال دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش شەرتىنى تولوق ھازىرلىدى». پروفېسسور H. رويمېر باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ساھىبجامال تاللىغان  بۇ تېما يۈكسەك ماھارەتنى، ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەشنى ۋە بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن ئىنتايىن مۇرەككەپ نەزىريە فىزىكىسى ساھەسىدە بۆسۈپ ئىلگىرلەشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن مەسىلىدۇر. ساھىبجامالنىڭ ئەلا نەتىجىسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشكە بولىدۇ». داڭلىق نەزىريە فىزىكا ئالىمى R. فىلومېي مۇنداق دەيدۇ: «ساھىبجامالنىڭ K. ۋېدلاند بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ماقالىسى ئۆلچەملىكپايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ». بۇ يەردىكى «ئۆلچەملىكپايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ» دېگەن سۆز «نەزىريە فىزىكىسى تارىخىغا يېزىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، ئىنتايىن بۈيۈك باھا ھېسابلىنىدۇ.
پروفېسسور ساھىبجامال دۆلەت 10 قېتىم چەت ئەلدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، يەتتە قېتىم مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا 11 قېتىم ئىلمىي دوكلاد بەرگەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن «باۋجى ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ «مۇنەۋۋەر دوكتۇر ئاسپرانت» دېگەن نامنى ئالغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن «گۇاڭخۇا ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. «مەركىزىي زەرەت C=3، N=2 بولغان ئۇلتىرا سىممېترىك ئىككى ئۆلچەملىك كۋانت مەيدان نەزىريىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىشى» تەتقىقاتى ئۈچۈن «دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فۇندى» دىن 250 مىڭ يۈەنگە، «كومىتاتىپسىزلىق نەزىريىسى ۋە فىزىكىلىق تەسىرى ھەققىدە تەتقىقات» ئۈچۈن 260 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن. «خادىرون سپېكتورى تەتقىقاتى» ئۈچۈن «جۇڭگو  پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا ئىنىستىتۇتى تەجىربە مەركىزى» دىن 30 مىڭ يۈەنگە، «شىنجفڭ ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقات فۇندى» دىن30 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن.
ساھىبجامال دۆلەت ھازىر مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ فىزىكا ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مۇدىرى، ئىتالىيە ئابدۇسسالام (1978-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پاكىستانلىق فىزىكا ئالىمى) خەلقئارا نەزىريىۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ غوللۇق ئاسپرانتلار يېتەكچىسى.
44. غەيرەت تۇرسۇن
بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرستېتى مۇھىت ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرىلىشى تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مۇھىت ئىلمى ساھەسىدىكى دوكتۇر ئاشتى، پروفېسسور غەيرەت تۇرسۇن 1959-يىلى لوپنۇردا تۇغۇلغان. 1978-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جۇغىراپىيە فاكولتېتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم  قىلىنىپ، «قۇرغاق رايون جۇغراپىيسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1987-يىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىقىدىكى ئىقتىسادىي جۇغراپىيە تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكىلىپ، بايلىقنى ئېچىش، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ناھىيىلەرڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئومومىيۈزلۈك پىلانلاش، شەھەر-بازار قىياپىتىنى پىلانلاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فۇندى جەمىئىيىتى، شۇنداقلا، ئىتالىيە، گېرمانىيە، سابىق سوۋېت ئىتىپاقى ھەمكارلاشقان مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرىدىن 15 تەتقىقات تېمىسىنى پىلانلاپ، 1 مىليۇن خەتتىن ئارتۇق ئىلمىي تەجىربە، پىلانلاش ۋە تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقات دوكىلادىنى يېزىپ چىققان ھەم بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ۋىلايەت، 12 شەھەر، 60 تىن ئارتۇق ناھىيىدە، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئالمۇتا، ھىمكەنت، قاراغاندا، موسكىۋا، گرمانىيىنىڭ بېرلىن، غانۋېر قاتارلىق رايونلىرىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغان. 1993-يىلىدىن 1995-يىلغىچە جۇڭگو شەھەر پىلانلاش تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئالىي زىيارەتچى ئالىم بولغان ۋە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فاڭشەن رايونى چاڭگۇ بازىرىنى ئومومىيۈزلۈك پىلانلاش»، «تاڭشەن شەھىرىنى ئومومىيۈزلۈك پىلانلاش تۈزۈتىلمىسى دىن ئىبارەت ئىككى پىلانلاش تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. مۇستەقىل ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس پىلانلاش لاھىيىسى ۋە تەتقىقات تېمىسىدىن 12 نى پۈتتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى ۋە كادىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ  يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بايلىق ۋە مۇھىت ئىنىستىتۇتىغا دوكتۇرلۇقتىن ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ تىلى، ئېنگېلىز تىلى، رۇس تىلى، كومپيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن. گوۋېيۈەن تەرەققىيات مەركىزى، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسى مۇھىت تەسىرىنى نازارەت قىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا نازارەتچىلىك قىلىپ، تەتقىقات تېمىسىنىڭ باش دوكلاتى شۇنداقلا قىسمەن مەخسۇس دوكىلاتىنى يېزىشقا مەسىئۇل بولغان. گوۋېيۈەن تەرەققىيات مەركىزى تۈزىگەن «ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەتقىقاتى» ناملىق كىتابنىڭ ئۈچ بابىنى يېزىپ چىققان. بايلىق ۋە مۇھىت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىككى نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانتىغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغان. دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا 300 مىڭ خەتتىن ئارتۇق «شەھەر نوپۇسى، ئىقتىسادى ۋە مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى توغرىسىدا تەتقىقات» دېگەن دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيسىنى تاماملىغان. بۇ ماقالىدە جۇڭگودىكى 640 شەھەر ئومومىيۈزلۈك، بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئەتىراپلىق تەتقىقات ئوبېكتى قىلىنغان بولۇپ،مۇكەممەل يېزىلغان بۇ ماقالە مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
دوكتۇر غەيرەت تۇرسۇن 1997-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتى تەشكىللىگەن «ياش پەن-تېخنىكا ئالىملىرى مۇنبىرى» نىڭ 19-قېتىملىق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئاساسىي تېمىسى «21-ئەسىر چاڭجياڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇھىتىنى قوغداش» نى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە مۇنبەرنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. يېتەكچىسى باشلىغان «رايون ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ قىسىمىنى يېزىپ تاماملىغان. 1998-يىلى «جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە «ياش ئالىملار ۋەكىلى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 18 قېتىم دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى چوڭ ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشقان.
ئۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدا «بېيجىڭ شەھىرى مىيۈەن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مۇھىتى بىلەن ئەتىراپىدىكى رايونلارنىڭ نوپۇس، ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق تەتقىقات تېمىسىغا تۇتۇش قىلغان ھەم بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى مۇھىت ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان. «ئۈرۈمچىمۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي تەڭشەش تەرەققىيات تەتقىقاتى» غا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم ئىككى نەپەر خادىمنى تەربىيلەپ بەرگەن. «شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى بىرقانچە نۇقتىلىق مەسىلە» ناملىق تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم ئۈچ نەپەر خادىمنى تەربىيلەپ بەرگەن.
غەيرەت تۇرسۇن 1999-يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى مۇھىتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم بۇ جەرياندا تەكلىپ بىلەن پەن-تېخنىكا تەتقىقات تېمىسىدىن ئالتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ ئېكىلوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كومىتېتى، تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى بولۇپ باھالانغان. يەرلىك تەتقىقات ئورنىغا ئىككى نەپەر، شىنجاڭ ئېكىلوگىيە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىغا تۆت نەپەر خادىم تەربىيلەپ بەرگەن. يەنە ئۈچ نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانتنى تەربىيلەشكە مەسىئۇل بولغان. 2001-يىلى دوكتۇر ئاشتىلىق خىزمىتىنى تاماملىغان.
غەيرەت تۇرسۇننىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۈزلىنىشى ئېكىلوگىيلىك مۇھىتنى باھالاش، پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش تەقلىدىي تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ سىغىمىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش، ئايلانما ئىگىلىك ۋە ئېكىلوگىيلىك سانائەتنى لايىھىلەش، ئېكىلوگىينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نەم تۇپىراقتىكى بۇلغانما سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن تۇپىراقنى بىئولوگىيلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىن ئىبارەت. ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتې خىمىيىۋى قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ھەم مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇش فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇنىۋېرستېت مۇھىت ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىرغىچە 22 ماگىستىر ئاسپىرانت، ئىككى نەپەر دوكتۇر ئاشتى ئاسپىرانتنى تەربىيلىدى. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك مۇھىت ئاسىراش باش ئىدارىسىنىڭ شەھەرلىك ئېكىلوگىيلىك مۇھىتنى پىلانلاش مۇتەخەسىسى، دۆلەتلىك مۇھىت ئاسىراش باش ئىدارىسىنىڭ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش كومىتېتىنىڭ ئېكىلوگىيلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسىسى، مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي جۇغراپىيە تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.
45. كۈرەش مامۇتخان
مولېكۇلا ئىرسىيەت ئىلمى دوكتۇرى، شىنجاڭ پېداگوەىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى كۈرەش مامۇتخان 1965-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1988-يىلدىن 1989-يىلىغىچە شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى فاكولتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1989-يىلدىن باشلاپ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 100 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئىرسىيەت ئاساسى ۋە يادىرو تىپىنىڭ بۆلۈنىش ئەھۋالى» ۋە «شىنجاڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىستىمال قىلىدىغان دورا ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۆمۈرگە بولغان تەسىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى بويىچە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. «تۇرپاندا يىپسىمان باكتېريىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتىنى ئايرىش ۋە ئانالىز قىلىش» ناملىق تەتقىقات تېمىسىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن يېڭى باكتېريە تۈرلىرىنى ئېنىقلىغان.
ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا 16 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. 2002-يىلى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «JC ۋىرۇسىنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئانالىز قىلىش» دېگەن تېمىدا ئوقۇغان ئىلمىي ماقالىسى، 2003-يىلى ياپونىيە داتەي شەھىرىدە ئېچىلغان ياپونىيە ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ يىپسىمان تەنچىسى (mtDNA) DNA نىڭ ئىرسىيەت تۈزۈلۈشى» دېگەن تېمىدا ئوقۇغان ئىلمىي ماقالىسى يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرلار تېنىدە ياشايدىغان JC ۋىرۇسى DNA سىدىكى 73 دانە گېننىڭ رەت تەرتىپى خەلقئارالىق گېن ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك گېن رەت تەرتىپىنى دۇنياغا تونۇقان. 2000-يىلى ياپونىيىنىڭ خوككويدو ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم «تاغ تېكىستىنىڭ DNA ئانالىزى» دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان.2001-يىلى ياپونىيە كوشو ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتۇر ئاسپىرانت ئوقۇشىغا قوبۇل  قىلىنىپ، 2005-يىلى «JC ۋىرۇسىنىڭ DNA سى ۋە mtDNA ئانالىزى ئارقىلىق ھازىرقى زامان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىرسىيەت تۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن تېمىدا دوكتۇرلۇق ماقالىسىنى ياقلاپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تەبىئىي پەنلەر دوكتۇرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە شىنجاڭدىن چىققان قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ DNA سى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
46. كۈرەش ئىبىراھىم
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى، ماس قەدەملىك تەجىربىخانىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى دوكتۇر ئاشتى كۈرەش ئىبىراھىم 1956-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1975-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قايتا تەربىيەگە (چەت يېزا رايونلىرىغا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن چېنىقىشقا) چۈشكەن. 1978-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. خىزمەت جەريانىدا «بىئو-خىمىيە تەجرىبىسى ۋە خىمىيە ئوقۇتۇش دەرسلىكى» ناملىق نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغان. 1985-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان. 1989-يىلى 4-ئايدا بېلگىيە لىيژ ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بېرىپ، ياۋروپادىكى قەدىمىي دۆلەتكە كەلگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان.
دوكتۇر ئاشتى كۈرەش ئىبىراھىم بېلگىيە لىيژ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇش جەريانىدا ئۆزى ئىشلىگەن تەجىربىلەرگە ئاساسىدا ئىنگىلىز تىلىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «خىمىيە-فىزىكا ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلدۇرۇپ، خەلقئارا فىزىكا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا يەنە «VUX ئارقىلىق يۇمشاق X نۇرىنى سۈمۈرگەندىن كېيىنكى يەككە كۆپ ئاتۇملۇق مولېكۇلىدىن بۆلۈنگەن پارچىلار»، «ئالتە فتورلۇق بېنزۇلنىڭ 30-120CV ئېنېرگىيە دائىرىسىدىكى فوتوننى سۈمۈرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن پارچىلار» قاتارلىق ئوننەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى ئىنگىلىز، فرانسۇز تىلىدا يېزىپ، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نەشىر قىلىنىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. 1992-يىلى بېلەىيە ئۆتكۈزۈلگەن دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيە ياقلاش مۇنبىرىگە چىقىپ ماقالە ئوقۇپ ھەم سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن «تەبىئىي پەنلەر دوكتۇرى» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بېلگىيە ئاخبارات ساھەسى مەخسۇس ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى. 1993-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەجىربىخانىسى ئۇنى دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات نۇقتىسىغا قوبۇل قىلدى. 1994-يىلى 12-ئايدا بۇ تەتقىقاتنىمۇ تاماملاپ، مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىندى ھەم شۇنىڭدىن بۇيان مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقاتچى ئۇنۋانى بىلەن بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇنجى چوڭ كۆلەملىك ئەسۋاب، بېيجىڭ ئېلېكترون پوزىترون سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسى تەجىربىخانىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بۇ جەرياندا يەنە دۆلەت تەجربىخانىسىدىكى فوتو-ئېلېكترون سپېكتروسكوپ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق ھەر خىل فۇندىنى قولغاكەلتۈردى. تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا قاراپ مېڭىشى ئۈچۈن فوتو ئېلېكترون تەجرىبە ئەسۋابىغا جۇڭگودا تۇنجى لازېر نۇرى بىلەن رىتىملىق نېپىز قىلىپ تەييارلاپ، ئۇنى ئۆز جايىدا تەتقىق قىلىش تەجرىبە ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەم مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئىككى نەپەر دوكتۇر ئاشتى ئاسپرانت ئوقۇغۇچى 2006-يىلى دېسىرتاتسىيە ياقلىدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر ئىككى نەپەر دوكتۇر ئاشتى، تۆت نەپەر ماگىستىر ئوقۇغۇچى، سەككىز نەپەر دوكتۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەجرىبە ۋە دېسىرتاتسىيە ياقلاش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆزى مۇستەقىل دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى تەتقىقات ەۇرۇپپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 100 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىنى خەلقئارا ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ ھازىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ھەمدە مۇتەخەسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
47. كېرەم ئەلى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باغۋەنچىلىك ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر، دوتسېنت، ماگىستېر يېتەكچىسى، مەكتەپ پەن-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كېرەم ئەلى 1962-يىلى 10-ئايدا بۈگۈر ناھىيىسەىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىەىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1996-يىلىدىن 1999-يىلغىچە ياپونىيىنىڭ مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنىڭ اىزىلوگىيسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن  ئەۋەتىلگەن ئالى دەرىجىلىك زىيارەتچى مۇتەخەسىس سالاھىتى بىلەن ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆگۈنىش ۋە ھەمكارلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئىنگىلىزچە، ياپونچە، خەنزۇچە ۋە ئانا تىلىدا 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. شىنجاڭنىڭ ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان «شىنجاڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش ئىلمى»، «ئانار ئۆستۈرۈش ئىلمى»، «گۈل ئۆستۈرۈش ئىلمى»، «بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش ئىلمى»قاتارلىق يەتتە پارچە كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان.
كېرەم ئەلى ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئاساسلىق قاتناشقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەتلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش تەتقىقاتى «چۆللۈكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېكىلوگىيلىك ئالاھىدە باغ-ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش» ناملىق تەتقىقات نەتىجىسى ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئىلەىرلەش 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2002-يىلدىن باشلاپ دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فۇندىنىڭ «شىنجاڭدا ئاز ئۇچىرايدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىقلىقى ئۈستىدە تەتقىقات» ۋە كادىرلار مىنىستىرلىكىنىڭ «شىنجاڭ مۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ شورغا چىداملىق گېنى ئۈستىدە تەتقىقات» دېگەن دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تەتقىقات تېمىسىغا مۇستەقىل يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.
48. لالە سۈزۈك ھاجى
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پاتالوگىيە ئىلمى پرافېسسورى، ماگېستېر، دوكتۇر يېتەكچىسى لالە شۈزۈك ھاجى 1945-يىلى 2-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان. 1968-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكولتېتىنى  پۈتتۈرۈپ، 1982-يىلغىچە بۈگۈر ناھىيىسىدىكى 1-ئىيۇل توقۇمچىلىق فابرىكىسى دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن. 1982-يىلىدىن 1993-يىلغىچە شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1995-يىلى ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتىدا قوشۇمچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 18 نەپەر ماگىستېر، ئالتە نەپەر دوكتۇر تەربىيلىگەن. ئاسپرانت ۋە تولوق كۇرسلار ئۈچۈن تۆت پارچە دەرسلىك قوللانمىسى تۈزىگەن. 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا 2727 نەپەر بالىياتقۇ بوينى راكى ئۈستىدە پاتولوەىيلىك سىتاستىكا ئانالىزى يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە بالىياتقۇ بوينى راكى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۆزى يېتەكچى بولۇپ 1ې3 تەتقىقات تۈرىنى تاماملىغارن. ئۆزى يالغۇز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى بالىياتقۇ بوينى راكى ئىچىدىكى HPV نىڭ DNAسىنى ئېنىقلاش» قاتارلىق بەش تەتقىقات تۈرىنى تامالىغان ۋە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى HPV بىلەن يۇقۇملىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ ئېغىز بوشلۇقى راكى، قىزىل ئۆڭگەچ راكى، زەكەر راكى، مەقەت يولى تۇقۇلمىلىرى ئىچىدىن «HPV نىڭ DNA سىنى ئېنىقلاش» قاتارلىق سەككىز تەتقىقات تۈرىنى نەتىجىلىك تاماملىغان. ئىنەىلىزچە، خەنزۇچە ۋە ئانا تىلدا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان، 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئۈچ پارچىسى SCI دا، ئالتە پارچىسى ئامېرىكىدىكى Medline دا، 10 پارچىسى جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلەر سانلىق ئىسكىلاتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن «بالىياتقۇ راكى پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن مولىكۇلا  پاتىلوەىيسى بويىچە تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئايرىم-ئايرىم 2002- ۋە 2007-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. قالغان بەش پارچىسى دۆلەتلىك ھەم ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. ئۇنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ئامېرىكىدىكى «Cancer» (راك) ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان  قىلىنغاندىن كېيىن، 1993- ۋە 1996-يىللىرى ئامېرىكلىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم زور نەتىجە قازانغان. ئۇ ئامېرىكىدا كېسەللىك توقۇلمىسىنى كۈزەتكەندە ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئادەم توپچىسىمان ۋرۇسى (HPV) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ بۇ تۈرنى ئامېرىكىدا داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرمۇ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانماقتا.
49. مەدىنە ئابلىكىم
نەزىريە فىزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئايال ئالىم، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتۇر ئاشتى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە تۇنجى ئايال تەتقىقاتچى مەدىنە ئابلىكىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى شىنجاڭ پېداگوەىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى دۆلەتلىك ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېترىنىڭ فىزىكا فاكولتېتىنىڭ نەزىريىۋى فىزىكا مەيدان نەزىريىسى بويىچە ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بېيجىڭ يۇقىرى ئېنىرگىيە تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق بىلىميۇرتلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال توپلىغان ھەمدە نەنكەي ئۇنىۋېرستېتىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. 1994-يىلى ئاسپرانتلىقنى تۈگۈتۈپ، ئىتالىيىدىكى خەلقئارا فىزىكا نەزىريىسى تەتقىقات مەركىزىدە بىردىن بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە بىر يىل ئوقۇغان. بۇ جەرياندا ئەنگىلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 1995-يىلدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسىي زەررىچىلەر فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. ئوقۇشجەريانىدا ئىتالىيىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق يازلىق كۇرسقا، جۇڭگو، شوتلاندىيە،  فرانسىيە ۋە ئەنگىليىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرىغا قاتناشقان.
ئۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىپ «SINH-GORDON نىڭ چېگرالىق مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلتىرا سممېتېرىك كېڭەيتىلىشى» ناملىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسرتاتسىيسىنى ياقلاپ، ئەنگىلىيە نەزىريىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، 29 يېشىدىلا ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى خەلقئارالىق «ھازىرقى زامان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يېتەكچىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنگىلىيىدە يەنە يېرىم يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ژۇرناللاردا يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇلاردىن ئىككى خەلقئارالىق  ئىلمىي يىغىنلاردا ئوقۇلۇپ، يىغىن ئىلمىي ماقالە توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى چەتئەلدىن قايتىپ كېلىپ 2002-يىلغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە دوكتۇر ئاشتى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مۇشۇ ئورۇندا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
مەدىنە ئابلىكىم  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەندىن بۇيان بارلىقىنى تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جاپادىن قورقماي ئىزدىنىپ، خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان  قىلدۇردى. BES خەلقئارالىق ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىكى 100 نەپەر ئالىمنىڭ بىرى بولۇشتەك يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشتى.
مەدىنە ئابلىكىم دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى ئوقۇش ھاياتىدا گۇاڭجۇ ئوقۇش مۇكاپاتى، شاۋداۋ-كاڭيى ئوقۇش مۇكاپاتى، دورخام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش مۇكاپاتى، دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بروۋن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئاسپرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدا يەنە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، بەلكى، باكلاۋۇرلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېخانىكا، كۋانت مېخانىكىسى، كومپلكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكسىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۈچ دوكتۇر ئاسپرانتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش                                                               جۇڭگودا چىقىدىغان ئەڭ يۇقىرى نوپۇزلۇق فىزىكا ژۇرنىلى «يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى ۋە يادرو فىزىكىسى» ژۇرنىلىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ تەكشۈرۈش-بېكىتىش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە يېقىندا چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەتقىقات ئىنىستۇتلىرى تەرىپىدىن ھەمكارلىق تەتقىقاتىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان.
50. مەمتىمىن غېنى
ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ سانائەت پەنلىرى دوكتۇر ئاشتى ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ماشىنىسازلىق قۇرلۇش كەسپى ئىلمىنىڭ باشلامچىسى، ماگستىر ئاسپرانت يېتەكچىسى، تەجىربە ۋە ھېسابلاش مېخانىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، غەربىي شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 5-فاكولتېتى (ئايروپىلان فاكولتېتى) نىڭ قوشۇمچە پروفېسسورى، ياپونىيە توكيو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى دوكتۇرى مەمتىمىن غېنى 1958-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.1983-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر ااكولتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1990-يىلدىن 1992-يىلغىچە ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى ئالىم قاتارىدا ئوقۇغان، 1993-يىلدىن 1996-يىلغىچە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەم 1997-يىلى بىر يىل شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1999-يىلى ياپونىيە پەن-تېخنىكا يۈكسەلدۈرۈش جەمىئىيىتىنىڭ دوكتۇر ئاشتى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
مەمتىمىن غېنى ياپونىيە-جۇڭگو ئامادا پەن-تېخنىكا تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە ياپونىيىنىڭ «دۆلەتكە قايتقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار مۇكاپاتى» نى ئالغان ھەم ئۆز مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان. 1998-يىلى توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىلمىي دوكلات يىغىنى» ئىجىرائىيە ھەيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. تۆت قېتىم خەلقئارا يىغىننىڭ رەئىسى ۋە ئەزاسى بولغان. قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكا (ئالتە قېتىم)، ئىتالىيە، گېرمانىيە، كانادا، ھىندىنوزىيە، كورىيە،ياپونىيە (بەش قېتىم)، شياڭگاڭ (ئىككى قېتىم)، جۇڭگو (ئالتە قېتىم) قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىپ، بۇ يىغىنلاردا «سىنىك كاربونات دانچىلىرى بىلەن چىڭىتىلغان ئاليۇمىن قېتىشمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئانالىز قىلىش»  قاتارلىق 20 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغان. ياپونىيە ۋە جۇڭگودىكى دۆلەتلىك ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىپ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. يۇقارقى ماقالىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچى-سىرىتىدىكى كەسپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ۋە ئىلمىي توپلاملاردا 60 پارچىدىنئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارادىكى نۇقتىلىق ماقالىلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ يەنە «لايىھىلەش ۋە ئانالىز قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ كۆلەملىك ھېسابلاش مېخانىكا سېستىمىسىنى ئېچىش قاتارلىق ياپونىينىڭ تۆت چوڭ تەتقىقات تۈرىگە ۋە دۆلەت تەبىئىي پەن-تېخنىكا فۇندىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۈچ چوڭ تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇنلىغان. مەمتىمىن غېنى يەنە ئۆز يېنىدىن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ «تەجرىبە ۋە ھېسابلاش مېخانىكىسى تەتقىقات ئورنى» قۇرۇپ تەتقىقكات ئېلىپ بارغان. ھازىر بۇ ئورۇن مەمتىمىن غېنىنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
51. مەنسۇر سابىت
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ۋە ساياھەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر يېتەكچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ۋە ساياھەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «سەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى، شىنجاڭ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى مەنسۇر سابىت 1963-يىلى 8-ئايدا ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ۋە ساياھەت ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1995-يىلدىن 1998-يىلغىچە سەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رايونلار جۇغراپىيسى بويىچە ماگستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان. 2000-يىلىدىن 2002-يىلغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەربىيلەنگەن. مەنسۇر سابىت رايونلار جۇغراپىيسى ۋە قۇرغاق رايون بوستانلىق ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت تەبىئىي پەن فۇندى ۋە ئاپتونوم رايون تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ ئۈچ تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى رىياسەتچىلىك قىلغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى رىياسەتچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. تەتقىقات جەريانىدا ئۆگەن دەرياسى-كۇچار دەرياسى بوستانلىقىدىكى نوپۇس، تېرىلغۇ يەر، سۇ بايلىقى، ئېكىلوگىيە ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى  نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش،ئېكىلوگىيىنى قوغداش ۋە خەلق ئىگىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇشنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. جۇڭگودىكى «جۇغراپىيە ئىلمى»،«ئىجتىمائىي جۇغراپىيە»، «بايلىق ئىلمى»، «تەبىئىي ئاپەت ئىلمى»، «جۇڭگو قۇملۇقلىرى ئىلمى»، «رايونلارنى ئېچىۋېتىش ۋە تەتقىقات»،«قۇرغاق رايونلار بايلىقى ۋە مۇھىت»، «قۇرغاق رايونلار يېزا ئىگىلىك تەتقىقاتى»، «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» قاتارلىق نۇقتىلىق ژۇرناللاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بىر پارچە ماقالىسى ئاپتونوم  رايونلۇق تەبىئىي پەن ئىلمى ماقالىلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بىر پارچە ماقالىسى 5-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە خەلق نەشرياتى، مائارىپ نەشرىياتى، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 30 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە كىتابلىرى ۋە ئىجادىي كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ جۇڭگو ئالىي مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان جۇڭگو جۇغراپىيسى دەرسلىكىنىڭ شىنجاڭ قىسىمىنى يېزىشقا قاتناشقان.
مەنسۇر سابىت ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات جەھەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا  كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەتقىقات جەھەتتىكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان.
52.مۇرات مىجىت
ئازادلىق ئارمىيە 474-دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە يۈرەك سىرتقى ئۆسمە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋراچ مۇرات مىجىت 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگو ۋراچلار جەمىئىيىتى يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر شۆبە جەمىئىيىتى قاتارلىق مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئوننەچچە كەسپىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى ۋە دائىمىي ئەزاسى. ئۇنىڭ ئالتە پارچە ماقالىسى خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئالماشتۇرۇلغان. تەكلىپكە بىنائەن ئىلەىرى-كېيىن ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتكە بېرىپ خەلقئارا ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە يېڭى پەن-يېخنىكا تەتقىقات يىغىنىنى بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرغان. 1989-يىلى ئۇنىڭ «ئۆپكە قاپلىق قۇرتى ئىششىقىنى پۈتۈن ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيسى تەتقىقاتى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى جۇڭگو خەلقى ئازادلىق ئارمىيسى تەرىپىدىن پەن-تېخنىكىدا ئىلەىرلەش بويىچە 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2002-يىلى «ئوڭ تەرەپ ئوخرەك ئاستى ۋېنا قان تومۇرىغا نەيچە كىرگۈزۈپ، مېڭە تاللاش خارەكتېرىلىك ئوكۇل قويۇش تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى ۋېنا تومۇرى ئوپېرتاسىيىدە قوللىنىلىشى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ CABG ئايلانما ئوپېراتسىيسى مەزگىلىدە قان قېتىپ قېلىشنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ كىلىنكىلىق ئەھمىيتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئازادلىق ئارمىيە پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرلەش بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
53. مۇھەممەد تۇردى
ئورمانچىلىق ئالىي ئىنژېنىرى مۇھەممەد تۇردى 1955-يىلى 11-ئايدا كېرىيەدە تۇغۇلغان. 1973-يىلدىن 1977-يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇپ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيسىگە تەقسىم قىلىنغان. بۇ ئورۇندا 1985-يىلغىچە مەخسۇس ئىقتىسادىي ئورمانلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا شىنجاڭ باداملىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش، ئۆزئارا چاڭلىشالايدىغان ئەلا سورتلارنى تاللاش،ئىلمىي ئۇسۇلدا تىكىپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەتقىقت بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىۋاتقان ۋە تەبىئىي تارقىلىپ ئۆسكەن باداملارنىڭ ئۈچ خىل ئەسلى تۈرى، بەش خىل ئۆزگەرتىلگەن كەنجى تۈرى ۋە 40 تۈردىن ئارتۇق سورتى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «شىنجاڭ باداملىرى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلغان. شىمالىي شىنجاڭدا تارباغىتاي باربۇلۇق تېغىدىكى ئىپتىدائىي ياۋا بادامزارلىقنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بۇ يەرنى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات يېزىپ، ياۋا بادامزارلىقنى مەخسۇس قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ قۇرۇشقا ئاساس ياراتقان ۋە شىنجاڭدىكى باداملارنىڭ تۈرلىرى بىلەن ھەر خىل سورتلىرىنى يەركەنگە يىغىپ، سورتلۇق باغچا قۇرۇپ، 12 خىل ئەلا سورتنى تاللاپ چىقىپ، شىنجاڭدا ئەلا سورتلۇق بادامنى كېڭەيتىشكە ئاساس سالغان. 1983-يىلدىن 1984-يىلىغىچە لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېكىلوەىيە ئىلمى بويىچە، بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.
مۇھەممەد تۇردى 1990-يىلدىن باشلاپ ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن ئالىي ئىنژېنېرى، ئالىي ئىنژېنېر، پونكىت باشلىقى ۋە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. بۇ جەرياندا ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن زور كۈچ    چىقارغان. خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى ئەمىلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بۇ رايونلارنىڭ قۇم تىزگىنلەش پىلان لايىھىسى، گۇما ناھىيىسىنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تۈرىنىڭ پىلان لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسىئۇل بولغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ پىستە بادام، ئامېرىكا قارا ياڭىقى، تىكەنسىز جىغان قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئەلا سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭدا تەجرىبە قىلىپ كېڭەيتكەن ھەم كېڭەيتىشكە تېخنكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان. مەخسۇس ئەلا سورتلۇق ئىقتىسادىي ئورمانلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىلاستىنكىدىن 5000 دىن كۆپرەكنى، تەربىيلەش قوللانمىسىدىن 10 مىڭدىن ئوشۇقنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقان. 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. «شىنجاڭ باداملىرى»، «شىنجاڭ باغۋەنچىلىكى»، «ئەلا سورتلۇق بادام ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى»، «رەسىمگە قاراپ نەشپۈت دەرىخىنى چاتاش تېخنىكىسى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. «شىنجاڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتاش تېخنىكىسى» دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. «ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقىيەتلىرى» دېگەنكىتابنىڭ مۇئاۋىن تۈزىگۈچىسى بولغان. «ئانار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى»،«خوتەن باغۋەنچىلىكى»، «ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان. «شىنجاڭ مېۋىچىلىكى» ناملىق كىتابىنى نەشىرگە تاپشۇرغان. 1990يىلدىن 2005-يىلغىچە مەسىئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئورمانچىلىق ۋە پەن-تېخنىكىغا دائىر 40 تۈر ئىچىدىن يەتتە تۈر مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق سېستىمىسى بويىچە يەتتە قېتىم ئىلغار خىزمەتچى، ئىلغار باشقۇرغۇچى، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 1988-يىلى «جۇڭگودىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» شىنجاڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
مۇھەممەد تۇردى ھازىر شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئورمانچىلىق ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ گۈل-گىياھ ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو قۇرۇق مېۋىلەر جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك  مۇتەخەسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق سېستىمىسى ئالىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق ئۇرۇق-كۆچەت ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئىقتىسادىي ئورمانلار سورتلىرىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسىئۇلى، شىنجاڭ مېۋىچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقاد رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسىئۇلى، ئالىي ئىنژېنېر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
54. مۆمىن ھەبىبۇللا
مۇدر ۋراچ، دوتسېنت مۆمىن ھەبىبۇللا 1947-يىلى 8-ئايدا پىچاندا تۇغۇلغان. 1964-يىلدىن 1970-يىلغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ داۋالاش فاكولتېتىدا ئوقۇغان. 1972-يىلغىچە شىنجاڭ فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن، ئاندىن شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن. 1984-يىلدىن 1985-يىلى شاڭخەي 2-ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى رۇيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ كۆيۈك-شەكىل تۈزەش بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ ئۆز كەسپىدە 20 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، كۆيۈك-شەكىل تۈزەش جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسىسكە ئايلانغان. 1995-يىلى قارىمايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئادەم يارىلانغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ قارىمايغا بېرىپ نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزۋالغان. ئۇ ھازىرغىچە «جۇڭگو تاشقى كېسەللىكلەر ژۇرنىلى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئانا تىلىدا 15 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 1987-يىلى «كۆيۈك ۋە ئۇنى داۋالاش» ناملىق كىتابى شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن، «كۆپ ئۇچىرايدىغان كېسەللىكلەردىن سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى»، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئىلمىي دۇرنىلى» قاتارلىقلارنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئالتە قېتىم، چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۈچ قېتىم ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. 1999-يىلى كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مېدىتسىنا، ھۆسۈن تۈزەش مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «تارتۇق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 40 خىل كېسەللىك ئۈستىدە ئانالىز» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئىتالىيە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق جۇڭگوچە، غەربچىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاشتىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «يۇقۇملانغان قان فېرمىسى ئارقىلىق زەھەرلەنگەن ئېغىر كېسەلنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ھەم تەكلىپكە بىنائەنفرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان. «قوشكېزەكلەرنىڭ تېرىسىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئېغىر كۆيۈكنى داۋالاش» ناملىق ماقالىسى خەلقئارالىق يىغىنغا تاللانغان.
مۆمىن ھەبىبۇللا ئۆزىنىڭ بىرقاتار خىزمەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق 1991-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كىلىنكىلىق داۋالاش فاكولتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، 1993-يىلى ئىنىستىتۇت قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھازىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت جۇڭگو تېبابىتى ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
55. مىجىت خۇدابەردى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور مىجىت خۇدابەردى 1936-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئوخىمىيە فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەتە 48 يىل ئىشلەپ، 2004-يىلى پېنسىيىگە چىققان. ئۇ ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيسى، ئېكىلوگىيسى، تۈركۈمشۇناسلىقى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، قۇرغاق رايون ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق ئوننەچچە تۈرلۈك دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ خەنزۇ، رۇس، ئىنگىلىز ۋە ئانا تىلىغا پىششىق بولۇپ، جۇغراپىيە ۋە بىئولوگىيىگە دائىر 11 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان. ئالتە پارچە دەرسلىك كونسىپىكىنى تۈزىگەن. مەملىكەتلىك بىر تۇتاش دەرسلىك «ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيسى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان.
مىجىت خۇدابەردىنىڭ قۇرغاق رايون ئۆسۈملۈكلىرى جۇغراپىيسى ئېكىلوگىيسى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش، قوغداش جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىر قانچە بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، جەمىئىيەتتە ئىجتىمائىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى. كەسپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن  دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ 2100 تۈردىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىدى ھەم شۇ ئاساستا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ، شىنجاڭ فلورىسى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جۇغراپىيلىك تارقىلىش ئەھۋالى، مۇھىت شارائىتلىرى توغررىسىدىكى بىرقىسىم قانۇنىيەتلەرنى ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ 2000-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ نيۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرىنى ئېنىقلاش دەستۇرى» ناملىق كىتابىغا رايونىمىز ئۆسۈملۈكلىرىدىن 126 ئائىلە، 880 ئۇرۇقداش، 3400 دىن ئارتۇق تۈر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رايونىمىز ئۆسۈملۈكلىرى تەركىبىنى ئۆگۈنىشتە نەزىريىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ مەسىئۇل مۇھەرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭ فلورىسى» ناملىق كىتابنىڭ 4-تومى 2005-يىلى نەشر قىلىندى. «شىنجاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئائىلە، ئۇرۇقداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىشى» (1982-يىل)، «شىنجاڭ ھەسەل مەنبىئى ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش» (1993-يىل)، «شىنجاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلىرىنى ئېنىقلاش دەستۇرى» ناملىق ئۈچ كىتابى شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. ئۇ تۈزىگەن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» 1984-يىلى نەشر قىلىندى. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» (يېڭى نەشرى) نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، لۇغەتتىكى 50 مىڭدىنئارتۇق ئاتالغۇنى تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. تۈرلۈك ژۇرناللاردا 36 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى. گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگودا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ماقالە ئوقۇدى ھەم بىر قىسىم ماقالىلىرىنى چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، چەتئەلدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسىس، مەملىكەت دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان «ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس»، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، رايونىمىزدا «گەۋدىلىك تۆھپە كۆرسەتكەن پەن-تېخنىكا خادىمى»، ئۈچ قېتىم «ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ پەخىرىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باشقا ئىلمىي جەمىئىيەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن.
56. نائىل ھاجىيوف
ئالىي ئىنژېنېر نائىل ھاجىيوف 1943-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ كان-مېتاللورگىيە ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى سانائەت ئىنىستىتۇتى) نى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سېمۇنت زاۋۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1984-يىلى شىنجاڭ بىناكارلىق ماتېرىياللىرى سانائىتى لايىھىلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا يۆتكەلگەن. 1986-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2004-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
نائىل ھاجىيوف 1973-يىلى 9-ئايدا زاۋۇتنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتنىشىپ، 3-نومۇرلۇق خۇمداننىڭ كۈنلۈك سېمىنۇت پىششىق ماتېرىيال كۆيدۈرۈش ئىقتىدارى 700 توننىلىق قۇرۇلۇشى لايىھىسىنى ھەمدە خام ئەشيا تۈگمىنى،كۆمۈر ئېزىش تۈگمىنى، خام ئەشيا تەڭشەش ئۇچاستىكىسىنىڭ ئېلېكتر قىسىمىنىڭ لايىھىسىنى ئىشلىگەن. ئۇ ماشىنا ئېنېرگىيە بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، باشقىالار بىلەن زاۋۇتنىڭ ئۈسكىنىلىرىنى لايىھىلەپ، 1981-يىلى مەملىكەتلىك سېمىنۇت سۈپىتىنى باھالاشتا 3-بولۇپ باھالانغان، كېيىن يەنە ئىككى قېتىم غەربىي شىمال بويىچە ئىككى قېتىم 1-بولۇپ باھالانغان ھەم مۇكاپاتلانغان. 1984-يىلى شىنجاڭ بىناكارلىق ماتېرىياللىرى سانائىتى لايىھىلەش ئورنىغا مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سېمىنۇت زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق توققۇز سېمىنۇت زاۋۇتى ۋە كان رايونلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىق لايىھىلەرنى ئىشلەشكە، مەمۇرىي ۋە كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1995-يىلى تام ماتېرىياللىرىنى ئىسلاھ قىلىش بويىچە ئالاھىدە نەتىجە قازىنىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى لۇغىتى» نى تۈزۈپ، 2000-يىلى نەشر قىلدۇردى. 1991-يىلى گېرمانىيە خومبولىت شىركىتىنىڭ كولۇندىكى زاۋۇتىدا ئىككى ئاي ئۆگۈنىشتە بولغان. 1996-يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ كونتاكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مالىيە ئىنىستىتۇتىدا خەلقئارا پۇل كەسپىدە ئوقۇغان. 1989-يىلى ۋە 1993-يىلى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە زىيارەتتە بولغان. 1998-يىلى 12-ئايدا گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسېمبۇرگ قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تام ماتېرىياللىرىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭى تام ماتېرىياللىرى تېخنىكىسىنى ئۆگۈنىش بويىچە تەكشۈرۈشتە بولغان.
57. نېغمەت غۇجامبەردى
ئىقتىساد ئىلمى پروفېسسورى نىغمەت غۇجامبەردى 1952-يىلى قورغاستا تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە ھازىرقى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1977-يىلدىن 1980-يىلغىچە بىڭتۈەن 4-دىۋىزىيە شىتابىدا ئىشلىگەن. 1980-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇ ھازىر مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ پروفېسسورى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، ماگىستىر يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرىلىدىغان كەسپ يېزا ئىەىلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنىڭ يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن نۇقتىلىق تەربىيلەنگەن پەن-تېخنىكا تايانچىسى.
نېغمەت يۈسۈپ 1995-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «گۇاڭخۇا باشقۇرۇش» ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلى 12-ئايدىن 2002-يىلى 12-ئايغىچە دۆلەتنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش فۇندىنىڭ يوللىشى بىلەن روسىيە پېتربورگ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا «يېزا تاۋار ئىگىلىكى»، «يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ئىلمى»، «بازار ئىلمى»، «ھەسسىدارلىق ئىقتىسادشۇناسلىقى» قاتارلىق توققۇز پارچە ئىلمىي ئەسىرى، خەنزۇ تىلىدا «بىلىم ئىگىلىكى»، «بازار ئىقتىسادىي نەزىريىسى ۋە سىياسەت»، «بازارشۇناسلىق ئىلمى» قاتارلىق ئالتە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ۋە دەرسلىك كىتابى نەشر قىلىندى. دۆلەت (ئىككى)، ئاپتونوم رايون (تۆت) ۋە مەكتەپ (تۆت) دەرىجىلىك بولۇپ 10 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «بازار تىجارەت ئىلمى» ۋە «ھەسسىدارلىق ئىگىلىكى» ناملىق دەرسلىك كىتابى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالاندى. «يېزا تاۋار ئىگىلىكى» (ئۇيغۇرچە)، «شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئۇنى كىچىكلىتىشنىڭ تەدبىرلىرى توغرىسىدا»، «دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا» (خەنزۇچە) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ئىلمى» (ئۇيغۇرچە) ناملىق دەرسلىكى 1996-يىلى ئاپوتونوم رايون بويىچە زور ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بەش چوڭ تەتقىقات تۈرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يېزىپ چىقتى.
نېغمەت غۇجامبەردى ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس تەرەققىيات سىتىراتىگىيسى تەتقىقاتى مۇتەخەسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە نادىر ئەسەرلەرنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە كەسپداشلار باھالاش مۇتەخەسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ تەھرىرى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر، خەنزۇ بولۇپ يەتتە نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانتنى تەربىيلەۋاتىدۇ. ئىلگىرى تەربىيلىگەن بەزى ئاسپىرانتلىرى جۇڭگو ئىقتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە دوكتۇر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
58. ھاجى ئەكبەر ئەيسا
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر، ئاسپىرانت يېتەكچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ پەخىرىي پروفسسورى ھاجى ئەكبەر ئەيسا 1965-يىلى 9-ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ مەزكۇر مەكتەپكە تەقسىملەنگەن. 1995-يىلدىن 1999-يىلغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «شىنجاڭ ئەڭلىك ئوتىنىڭ ئۆسمىگە قارىشى تۇرىدىغان تەركىبى-ئەڭلىك ماددىسىنىڭ ئاجرىتىپ ئېلىنىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەتقىقاتى»، «شىنجاڭنىڭ كېۋەز چېچىكىدىكى فىلوسوننىڭ قان ئۇيۇتمىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەتقىقاتى»، «غەربىي قىسىمدىكى ئالاھىدە مىللىي دورىلار بايلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقاتى» قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە ئۇيغۇر تېبابىتىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى خام ئەشيا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2003-يىلى «6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەلا مۇكاپاتى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئىلغار ماقالىلارنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. سەككىز تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇ شىنجاڭ دورىگەرلەر جەمىئىيىتى جۇڭيى مىللىي دورىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ فىزىئولوگىيە ئىلمىي ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھازىر ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئىلمىي ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۆسۈملۈك بايلىقى خىمىيىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى.
59. ھامۇت ھاجى مۆمىن
چارۋىچىلىق ئالىي ئىنژېنېرى ھامۇت ھاجى مۆمىن 1941-يىلى 10-ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1959-يىلى ئىلى چارۋىچىلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ چارۋىچىلىق كەسپى پەن-تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ گوۋېيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسىس. ھامۇت ھاجى مۆمىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلىرى-كېيىن بولۇپ ئىلى ئوبىلاستلىق چارۋا-مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئىلى ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن سېكرىتارى ھەم باش ئىنژېنېرى بولغان. 1984-يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ھەم ئوبلاستلىق مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلدىن بېرى دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مول ھوسۇل پىلانى، گۆش كالىسى ۋە قويىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 12 خىل پەن-تېخنىكا تۈرىگە مەسىئۇل بولغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەتلىك مول ھوسۇلپىلانى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرلەش بويىچە 2-دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون بويىچە 1- ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا «ئېكىلوگىيلىك چارۋىچىلىقى» قاتارلىق 10 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. «چارۋا-ماللارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم» ناملىق ماقالىسى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2001-يىلى شياڭگاڭدا ئېچىلغان يىغىنغا يوللىنىپ مۇكاپاتلانغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە تەكشۈرۈش ھەم زىيارەتتە بولغان.
60. ھۈسەنجان تۇنياز
ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پروفېسسور ھۈسەنجان تۇنياز 1955-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى سابىق شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ يېزا ئىەىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئۆسۈملۈك ئاسىراش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپت9نوم رايوننىڭ «بېدە سېرىق يۆگىيىنى تىزگىنلەش»، «شىنجاڭدىكى مېۋىلىك دەرەخ زىيانداش ھاشارەتلىرىنى يوقىتىش» قاتارلىق تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 10 نەچچە تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. بۇنىڭدىن تۆت تۈر «ئاپتونوم رايونلۇق يېزا تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى» غا، ئۈچ تۈر «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئاتونوم رايون دەرىجىلىك «دېھقانچىلىق تېخنىكا ھۆددىگەرلىك خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان ھەم كۆپ قېتىم ھەر خىل تېخنىكا كېڭەيتىش، ئوموملاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالانغان. ئۇ يازغان، تۈزۈگەن ياكى تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان دەرسلىك، كەسپىي كىتاب ياكى ئەسەرلەرنىڭ سانى 60 پارچىغا يېتىدۇ. بۇلاردىن تۆت پارچە كىتابى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب رايونلىرى بويىچە 2- ۋە 3-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا كىتابى» بولۇپ باھالانغان. «PPR رىگىتسىيلىك ئىز چۈشۈرۈش مودېلىدىن پايدىلىنىپ 2-ئەۋلاد كېۋەز غوزا قۇرتىنىڭ ئاپەت پەيدا قىلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش تەتقىقاتى» قاتارلىق تەتقىقات ۋە كەسىپىي ماقالىلىرىدىن 80 نەچچە پارچىنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ بىر پارچىسى ئاپتونوم رايونلۇق «تەبىئىي پەنلەر مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتى» غا ـ3-دەرىجىلىك)، يەنە بىر پارچىسى ئاپتونوم رايونلۇق 1-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر پەننى ئومۇمىلاشتۇرۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ مەملىكەتلىك «ئالىي مەكتەپلەر پەن تەتقىقات باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس»، «مۇنەۋۋەر پەننى ئومومىلاشتۇرۇش يازغۇچىسى»، ئاپتونوم رايونىمىزدا «گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس»، 1-دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خىزمەتچىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ پەنتەتقىقات باشقۇرۇش ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ئالتە جەمىئىيەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
61. ئۆمەر موللا
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۆمەر موللا 1936-يىلى يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلدىن 1956-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكولتېتىدا، 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1961-يىلدىن 1962-يىلغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكولتېتىتىدا ئىشلىگەن. 1962-يىلدىن 2000-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكولتېتىدا ئوقۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئىقتىسادىي جۇغراپىيە ئىلمىي تەتقىقت جەمىئىيىتىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىپ ئىشلەنگەن تارىم ئويمانلىقىنى سۇغۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسىراش (2-قارار) قۇرۇلۇشىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي كادىرلارغا ئۇنۋان بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. «دۇنيا ئىقتىسادىي جۇغراپىيسى»، «دۇنيا تەبىئىي جۇغراپىيسى»، «گېئومورفولوگىيە»، «ئۇنىۋېرسال تەبىئىي جۇغراپىيە پىرىنسىپلىرى»، «جۇڭگو جۇغراپىيسى» قاتارلىق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان. تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «دۇنيا نوپۇسى»، «دۇنيا ساياھەتچىلىكى»قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزىگەن. 1990-يىلدىن باشلاپ نوپۇس ۋە مۇھىت يۆلىنىشى بويىچە ئۈچ قارار ئاسپىرانت تەربىيلىگەن. 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «يەر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى 1989-يىلى ئۆزبېكىستان جۇغراپىيە جەمىئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلغان ھەم قۇرۇلتاي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇستەقىل يازغان «ھىندىستان»، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىگەن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يەر ناملىرى قوللانمىسى»، «دۇنيا جۇغراپىيسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
62. ئۆمەرجان ئەلى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئۆمەرجان ئەلى 1964-يىلى 10-ئايدا كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە ئىشلىگەن. 1992-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى خىمىيە-فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغاچ، ماگىستىر دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، 1999-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى خىمىيە-فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا خىمىيە سانائىتى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلۇپ، 2002-يىلى رەسمىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن ھەم ئوننەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان. بۇنىڭدىن تۆت خىلى مۇنتىزىمسۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن. 10 تۈرلۈك نەتىجە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ماگىستىر دوكتۇر ئاسپىرانتلارنى تەربىيلىگەن. چەت ئەل ھەم مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر خىل كەسپىي ژۇرناللاردا 100 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. ئىككى پارچە ماقالىسى دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى، ئىككى پارچىسى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمىئىيىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالانغان. يەنە بىر پارچىسى شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تۆھپىكار--- پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)
   پەخىردىن قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدەتۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر  ساھەسىگە كىرگەن. 1996-يىلدىن 7-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 
   1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى» نى قۇرغان. 2000-يىلى 3-ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS موھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتىبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پرگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن.
    2000-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ 3Dكومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخىت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى، CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8 بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، 3D كۆرۈم ئېففىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
2008-يىلى 9-ئاينىڭ9-كۈنى پەخىردىن قارلۇق ئەسلىدىكى قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى تېخنىكا بۆلۈم ئاساسىدا بىر مىلىيۇن خەلق پۇلى مەبلەغ بىلەن قارلۇق مېدىيا تېخنىكا شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شىركەتتىكى ئاساسلىق 21 تېخنىك خادىمدىن تەركىپ تاپقان پايچىكلار قوشۇنى ئارقىلىق رايونىمىزدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
پەخىردىن قارلۇق-قارلۇق مدېىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 3D تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.

   ئابلىمىت ئابدۇقادىر، تەتقىقاتچى، پروفېسسور، زوئولوگىيە دوكتورى. 1973 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ‹‹جۇڭگو ياۋا ئېتى ۋە ياۋا تۆگىسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش››، ‹‹ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق رايونلىرىدىكى مۈشۈك ئائىلىسى ھايۋانلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قوغداش – پايدىلىنىش ئۈستىدە تەتقىقات›› قاتارلىق بەش تەتقىقات تۈرىنى، ‹‹شىنجاڭ قۇشلىرى بايلىق مەنبەسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش›› قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەككىز تەتقىقات تۈرىنى ھەمدە باشقا ئاكادېمىيە، ئىنىستىتۇت ۋە يەرلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن يەتتىنى تاماملىغان، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلىرى›› قاتارلىق ئالتە كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان، يۇقىرىدىكى پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار 37 پارچە نەزەرىيىۋى ئىلمىي ماقالىنى ۋە 130 نەچچە پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، 1997 – يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ‹‹فاڭ شۇچۈەن ياش ئالىملىرى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
مەزكۇر تەرجىمىھال ئابلىمىت ئابدۇقادىر قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


   تالىپ ئوسمان ، 1978 –يىلى 3 – ئايدىن 1979 – يىلى 7 – ئايغىچە ئۈرۈمچى 1 – دارىلمۇئەللىمىن (ھازىرقى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىنىستىتۇتى) دە، 1979 – يىلى 9 – ئايدىن 1984 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1992 – يىلى 9 – ئايدىن 1993 – يىلى 9 – ئايغىچە قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1984 – يىلى 7 – ئايدىن 1997 – يىلى 12 – ئايغىچە ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئەتنى قوغداش ئىشخانىسىدا ياردەمچى ئىنژېنېر، ئىنژېنېر، مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، چوڭ تىپتىكى ئىلمىي تەتقىقات، تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان ۋە تەشكىللىگەن. 1997 – يىلى 12 – ئايدىن 2005 – يىلى 12 – ئايغىچە ئورمانچىلىق نازارىتى تاشقى ئىقتىساد تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىش ئىشخانىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005 – يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ ئورمانچىلىق نازارىتى يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ ‹‹شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى››، ‹‹ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش مەخسۇس دەرسلىكى›› قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. گېزىت – ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.
   ھازىر ئۇ شىنجاڭ ھايۋانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تەبىئىي مۇزىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
( مەزكۇر تەرجىمىھال تالىپ ئوسمان قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى )

   ئەنۋەر مۇسا، 1983 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1983 – يىلىدىن 1997 – يىلى 10 – ئايغىچە ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئەتنى قوغداش ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 1997 – يىلى 11 – ئايدىن باشلاپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يوقىلىش گىردابىدىكى جانلىقلار تۈرى ئىمپورت – ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۈرۈمچى ئىش باشقارمىسىدا دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىر ، ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىمەكتە . ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش ، ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە يوقىلىش گىردابىدىكى جانلىقلار تۈرى ئىمپورت – ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا يەنە بەزى تەتقىقات تۈرلىرىگە، كۆپلىگەن ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ‹‹شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى›› دېگەن كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان . تۆت تۈردە ئۆلكە، مىنىستىرلىك دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 5 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھايۋانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى تۇرنىلار بىرلەشمە قوغداش كومىتېتىنىڭ كاتىپى، ئۇ ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› بولۇپ باھالانغان.
( مەزكۇر تەرجىمىھال ئەنۋەر مۇسا قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى )
 خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەممەد
مۇتەللىپ ياقۇپ
   ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئىلىم–مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان، ئىلىم ئارقىلىق ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم–پەن ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكۈر پەن، نازۇك ساھەلىرىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، تەبىئىي پەن تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى، ئىنىىستىتۇت ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرغۇن مۇھەممەد ئەنە شۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. 
  تۇرغۇن مۇھەممەد 1973-يىلى 3-ئايدا، تېكەس ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملاپ، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن - تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇغان. 1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1996–يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۈك خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 2001-يىلى9–ئايدا، لېكتورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2008-يىلى 3-ئايدا ئىنىستىتۇت ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 6-ئايدا، ئىنىستىتۇتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 2008-يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە، ئەنگلىيە كىلانفىيد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئالىي دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن.
   تۇرغۇن مۇھەممەد ئۆزىنىڭ 14 يىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدە، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋە ئانا يۇرتىغا زور شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 19 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلشىغا ئېرىشتى ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ئىنىستىتۇتنىڭ ئەڭ ياش غوللۇق خادىملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇ، بۇ جەرياندا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سەككىز تۈرلۈك تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتى. ئۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش تۈرگە ئۆزى مەسئۇل بولغان ياكى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، دۆلەت تەبىئەت پەنلىرى ئىلمىي فوندى مەبلىغى ئىككى، ئومۇمىي خىراجىتى 460 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلار ‹‹211 قۇرۇلۇشى›› فوند مەبلىغى بىر، ئومۇمىي مەبلىغى 30 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر پەن - تەتقىقات پىلانى ياش ئوقۇتقۇچىلار تەتقىقات تۈر مەبلىغى بىر، ئومۇمىي مەبلىغى 20 مىڭ يۈەن، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشكە قاتناشقان تۈر ئۈچ بولۇپ، ئومۇمىي مەبلىغى 650 مىڭ 500 يۈەن.
   ياش دوكتۇر تۇرغۇن مۇھەممەد مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندا ئېچىلغان 11 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، توققۇز  پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. ئۇ تەتقىقات جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى ھەل قىلىپ، ئىككى تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنشچان كەشپىيات يارىتىپ، دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
   ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا يارىشا مۇناسىپ شان – شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. 2000–ۋە 2001-يىلى ‹‹گۇاڭخۇا ئوقۇش مۇكاپاتى››نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن، ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى›› شەرىپىگە نائىل بولغان.
  بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

      خالمۇرات غۇپۇر— 1960–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1982–يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن . مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى.
     خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985–يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988–يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىرات تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983–يىلى جۇڭگو –سوۋىت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.
    ھەرقانداق ئارزۇ – ئارمان ، ئىستەك يۈكسەك جاسارەت ، ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادىدىن ئايرىلسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . خالمۇرات يۈكسەك جاسارەت قورقماس ئىرادە بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگەندى ، ئۇ ۋەتەنگە قايىتقان دوكتور ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ پروفېسسور ، دوكتۇر يېتەكچىسى ، مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنچى ، ئىككىنچى قاتلام) . ئىختىساس ئىگىسى ، ‹‹مەملىكەتلىك 1–ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى مىدالى››غا نائىل بولغۇچى ، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنگە قايىتقان چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ، مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم . سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىسى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسس ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دېگەن شەرەپىك ناملارغا ئېرىشكەن زىققا كېسىلى مۇتەخەسسىسى . ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن – تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسسى . شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ دوختۇرى ، 1985–يىلدىن 1988–يىلغىچە روسىيىدە سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا روسىيە دۆلەتلىك تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
   1993–يىلدىن باشلاپ  سىېنىت–پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى ، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى ، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ ‹‹ خەپرۇك بولمىسا دىمى سىغمايدۇ›› ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ‹‹ نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى›› ۋە مىدېتسىنادىكى ‹‹نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى›› گە ئاساسلىنىپ ‹‹زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى›› نى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1–نۇمۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ،كلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا ‹‹ جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر››، ‹‹جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى›› قاتارلىق بەش پارچە ئەسەر يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى،ئۇيغۇر تىبابىتى ، مىدېتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك  تەتقىقات تېمىسى بىلەن شوغۇللانغان، روسىيە ، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹ئاسپىرىن زىققا››تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن.


بىز ھازىرغىچە مەيلى پەن قارىشى جەھەتتىن بولسۇن، ۋە ياكى تارىختىكى ئىپتىخار ئىگىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشتا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن جەھەتتىكى نەتىجىلىرىگە ئەھمىيەت بەردۇقكى، تەبىئىي پەن نەتىجىلىرىگە سەل قاراپ كەلدۇق.
مەن خەلقىمىزنىڭ تەبىئىي پەن روھىغا ئىلھام بېرىش، خەلقىمىز ئىچىدىكى «تەبىئىي پەن قىيىن، بىز ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقىرالمايمىز»، «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تەبىئىي پەندە نەتىجە يارىتىلمايدۇ» دەپ قارىغۇچىلارغا، بىزمۇ تەبىئىي پەن ئۆگۈنىشكە، ئۇنىڭدىن يېڭىلىقىلارنى قېزىپ چىقىشقا بەل باغلىساقلا نى-نى ئىشلارنى قالالايدىغانلىقىمىزنى تونۇتۇش ھەمدە تارىخىي شەخسلەر ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئويلىنىش پۇرسىتى ۋە تەتقىقات يۆلىنىشى بىلەن تەمىن ئېتىش مەقسىدىدە، نۆۋەتتە تۇتۇش قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلاردا تەبىئي پەن روھى» ناملىق ئەسىرىم ئۈچۈن توپلىغان، خەلقىمىزنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى قەدىم ۋە زامانىمىزدا، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرىتىدا مەيدانغا كەلگەن مەشھۇر شەخسلەرنى مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم. . بۇ يازما كۆپچىلىككە ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بېرەلىسە، مەن شۇنىڭدىن خوشال.
ھۆرمەت بىلەن، مۇنبەردىشىڭلار ئاتتىلادىن!
بۇ مېنىڭ ئىشلەۋاتقان «ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي پەن روھى» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىمنىڭ بىرقىسىم ماتېرىياللىرى.
مەنبە: ئەمگىكىم

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-25, 15:38
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) نادىر ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-11-25 14:03 |
    aiturk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2522
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 295 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 172 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 172 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئۇستاز!!شۇنچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ بۇ ئېسىل تېمىنى يېزىپ كۆپ ئەجىر قىلىپسىز.ئاللاھ تىنىڭىزنى ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن!!!
    lutun
    كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-25 16:58 |
    arzuyum
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 335
    شۆھرەت: 1900 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1900 سوم
    تۆھپە: 1105 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1105 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 385(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى مەن مىجىت ناسىر ئەپەندىمنىڭ ئىسمى ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، مېنىڭ ئۆيۈمدە بار ئۇ كىتاپ، شۇ كىشىنىڭ يازغان كىتابىدىن ئوقىغان.
    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-25 18:43 |
    qatakqi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1537
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 298 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 299 سوم
    تۆھپە: 172 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 173 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 578(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىر تىما ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت! اللا موشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى نىسىپ قىلسۇن!
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-25 22:44 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1786
    شۆھرەت: 9816 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 9878 سوم
    تۆھپە: 5777 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5787 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2544(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەڭ ئاستىدىكى خالىمۇرات غوپۇر نىڭ ھازىرقى ئورنى توغۇرسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 00:17 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1786
    شۆھرەت: 9816 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 9878 سوم
    تۆھپە: 5777 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5787 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2544(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قاتتىق ئەجىر قىلىپسىز ئاكا  ،  ئالىملىرىمىزنى كىتاپ يۇزىدە بولسىمۇ بىر يەرگە ئېلىپ كەپسىز ،
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 00:19 |
    uyghurzade
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3203
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 127
    شۆھرەت: 740 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 725 سوم
    تۆھپە: 431 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 436 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

            قېرىندىشم ئاتېللا، سىزنىڭ بۇ تېمىدا ئىزدەنگىىنىڭىز ياخشى ئىشكەن. ئەمدى يەنە بىر نۇقتىدىن چىقىپ ئاشۇ تەبئىي زىيالىلىرىدا نمە كەم بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار نېمىنى نېمە قىلىش ۋە كىمگە خىزمەت قىلىش بەدلىگە شۇ شەرەپكە ئېرشىۋاتىدۇ؟ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىشدىغان يەرگە يەتتى. مەن بىر تۈركۈم تەبئىي پەن زىيلاليلىرىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىز. مەن كۆرگەن بىر قىسىم تەبئىي پەن زىياللىرى(ھەممىسى ئەمەس) شۇنچىلىك غۇرۇرسىز، مىللىي تۇيغۇسى شۇنچلىك ئاجىز؛ ھەتتا بەزىلىرى «ئۇيغۇردەك بۇنداق رودىپاي مىللەت يوقىلىشى كېرەك» دەپمۇ قارايدۇ.
    مەنمۇ بۇرۇن سىزدەك ئويلايتتىم، «تەبئىي پەنگە يۈزلەنسەك چوڭ ئشىلار ھەل بولىدۇ» دەپ بالىلارچە ئويلايتتىم. كېيىن بىلسەم، تەبئىي پەنچىلەر بازىس  ئۈچۈن بەكرەك خىزمەت قىلىدىكەن.رايونىمىزدىكى تەبئىي پەن زىيالىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. مەن «تەبئىي پەن زىياليلىرىغا تەنقىد» دېگەن تېمىدا بىر نەرسە يازماقچى بولۇپ ھېچ ۋاقىت چىقرالمايۋاتىمەن.


    ئۇيغۇرلاردا ئەمدى تەبئىي پەن خوراپاتلىقىمۇ خېلى ئاۋۇپ قالدى.بۇ خۇراپاتلىقنى تۇنجى بولۇپ ئەخمەتجان ئسىمايىل ئۆزىنىڭ بىر كىتابىدا باشلاپ بەرگەن. ئۇ قاراشلار شۇنچلىك گۆدەككى، ئەگەر شۇ قەلەمكەش ئۇستقۇرۇلما بىلەن بازىسنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەبئىي پەننىڭ رولىنى پەن جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن چۈشەنگىنىدە ئىدى، ئاشۇ گەپلىرىدىن خېجىلمۇ بولۇپ قالار ئىدى.
       قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاشۇ تەبئىي پەنچىلەرنىڭ كىم ئۈچۈن قانچلىك خىزمەت قىلۋاتقانلىقىنى ئويلىشدىغان ۋاقتى كەلدى.يوقمىكىن دېسەك، شۇنچە جىق زىيالىلىلار باركەن.ئۇلار تۆۋەندىكىدەك ئشىلارنى كۆرمەسكە سېلىش بەدىلىگە شۇنداق قالپاقنى كيىدۇ.تاشپولاتتەك ئادەملەرنىڭ قولىدىن ئەسلى توسۇش كېلىدۇ تۆۋەندىكى ئشىلارنى، لېكىن ئۇلار قىلمايدۇ. ئۇلارغا مەنپەئەت، مەنپەئەت ۋە يەنە مەنپەئەتلا كېرەك. يەنە بىر ئوقۇيلى مۇنۇ تېمىنى:
    ./read.php?tid=5371


    مۇشۇ تېمىنى يازغۇچە ئابدۇرىھېم ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمالىنى ياكى ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىىننىڭ تەرجىھالىنى يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن. سىز گېپىمنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن توختى مۇزارت بىلەن تاشپولات تېيىپنىڭ تەقدىرىنى، ئۆركىشى بىلەن ئەسقەر ھەمدۇللانىڭ تەقدىرىنى سېىلشتۇرۇپ بېقىڭ. كۆپىنچە ھاللاردا سېلشىتۇرۇش بىزگە ئۆزىمىز خاتا بىلىۋالغان نۇقتىلارنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.

       بۇ تېمىنى يەنە بىر ئوقۇيلى../read.php?tid=5371
    مېنىڭ يۇقىرىقى تەنقىدي پىكرىم تېما يازغۇچىغا ياكى ياخشى ئشىلارنى قىلۋاتقان ئەركىنكام قاتارلىق تەبئىي پەن زىيالىرىغا قارىتىلمايدۇ. ھەم بۇ ئارقىلىق تەبئىي پەن زىيالىرى بىلەن ئىجتىمائىي پەن زىيالىرى ئارىسدا چۈشنىشمەسلىك پەيدا قىلغۇممۇ يوق. بىراق، بەزى مەسلىلەر ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.

       يەنە بىرسى بۇ ھەقتىكى ئەمگەكنى يۈسۈپ ناسىر ۋە مۇختەر مۇھەممەت ئشىلەپ بولغان. سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىز مېجىت ناسىرىنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغانمۇ ياكى باشقا يەردىنمۇ؟ مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتمسىڭىز، بۇنداق ئىلمىي ئشىلاردا ياخشى بولمايدۇ.ئەگەر يەنە مېجىىت ناسىرنىڭ كىتابىىنىڭ قېلىپى بويىچە ماڭسا بۇنداق تەكرار ئەمگەكنى قىلغاندىن قىلمىغان ۋە شۇ زېھىننى باشقا يەرگە ئشىلەتكەن ياخشى.
          قانداق بىلىمنىڭ قانداق ئېھىتياج ۋە قانداق مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلىقى بۈيۈك گرمان مۇتەپەپپەككۇرى خابېرماسنىڭ«بىلىم ۋە ئىنساننىڭ مەنپەئىتى» دېگەن كىتابىدا ئېنىق يېزىلغان. خەنزۇچىسى بار بولۇشى چوقۇم. تېپىپ ئوقۇپ باقسىڭىز  مېنىڭ نېمشىقا بۇنداق تەنقىدي پىكىر بەرگىنمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشنىشىڭىز مۇمكىن.
    ئۇيغۇرزادە تور خاتىرىسى http://serhush.com
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 02:23 |
    uyghurzade
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3203
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 127
    شۆھرەت: 740 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 725 سوم
    تۆھپە: 431 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 436 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدۇقېييوم خوجا بىلەن قۇربان ۋەلىنى تەبئىي پەنچىلەر ئارسىغا قېتىۋالغىنىڭىز بەزى مەسلىلەرنى چۈشنشىڭىزدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئسىپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئارخېئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق پېنىنىڭ تارمىقى. ئىنسانشۇناسلىق ئىجتىمائىي پەن. شۇڭا ئۇلار بۇ كاتېگوريىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك.

    يەنە بىرسى، بۇنداق مەزمۇندىكى، بۇنداق قىلىپتىكى تېما كۆپ يېزىلدى. بولسا سىز ئۇلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ جاپانى يېڭىش تەجربىسىنى ۋە باسقان جەريانلىرىنى كۆپرەك تونۇشتۇرپ بەرگەن بولسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى زور بولاتتى.
       قەلەم تۇتۇۋاتقانلارنى ئاسان ئەمگەككە، ئاسان يولغان كۆنمەسلىككە چاقىرىمەن. يېزىقچىلىقتا ئاسان يول تۇيۇق يول.
    saltanat
    ئۇيغۇرزادە تور خاتىرىسى http://serhush.com
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 02:32 |
    uyghurzade
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3203
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 127
    شۆھرەت: 740 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 725 سوم
    تۆھپە: 431 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 436 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

         بىر ئشىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. مېنىڭ يۇقىرىقى تەنقىدي پىكىرنى بېرىشىم  تەبئىي پەندە ئوقۇغان بالىلارنى چۆكۈرۈشمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.مەن تونۇيدىغان بالىلار ئىچىدە يۇقىردا ئىسمى تىلىنغان بەزىلەردەك شەرەپكە ئېرشمىگەن بولسىمۇ، ئوقۇغان  تەبئىي پەن بىلىملىرىدىن  پايدىلىنپ خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلۋاتقانلار بار. ئۇلارغا ئېھىتىرام.  
          مېنىڭ تەنقىد ئوبيكتىم تەتقىقات قۇلچىلىقىغا بەنت بولغان، سايىسى تەجرىبىخانىنىڭ نېرسىغا چىقمايدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچنىلا كۆرىدىغان، مىللىي ھېسسىياتى ئاجىز تەبئىي پەن زىيالىلىرىدۇر.بۇنداق زەئىپ تەبئىي پەنچىلەر چەت ئەلدىمۇ خېلى بار، بەزىلىرى ئاللبۇرۇن ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىلىپ بولدى. بۇنداقلارنى قانچە تەنقىدلىسەم ئازلىق قىلىدۇ.
              ئاندىن فارابى تەبئىي پەن ساھەىسدە ئانچە-مۇنچە  ئىش قىلغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا پەيلاسوپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ تەبئىي پەن كاتېگوريسىگە كىرگۈزۈلىشى توغرا ئەمەس.
    ozgul munbar
    ئۇيغۇرزادە تور خاتىرىسى http://serhush.com
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 02:46 |
    imkan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1873
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 90 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 52 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 52 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

          بۇ ئىشقا ئوبدان تۇتۇش قىپسىز، ئاخىرى خەيرلىك بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن!
          كۆپىنچە كىشىلىرىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇرلىرىمىزنى خېلى ئوبدان تونۇيدۇ. مەتبۇئات، تاراتقۇلىرىمىزدىمۇ ئىجتىمائىي پەندىكى مەشھۇرلىرىمىز ھەققىدە جىقراق گەپلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ ھال بەزىدە تەبىئىي پەنچىلىرىمىز ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان،  تېگىشلىك قەدىرلەشكە ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. مەشھۇرلىرمىز ھەققىدە بولۇنىۋاتقان سۆھبەت-زىيارەتلەر، نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلىرىمىزنىڭ تۈرلىرى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق تەبىئىي پەنگە يېتەرلىك قىزىقماسىلىقىمىزنىڭ، ھەتتا بەزىدە تەبىئىي پەندىن ئەندىكىشلىرىمىزنىڭ سەۋەبىلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
         شۇنداق بىر بۆلۈك تەبىئىي پەنچىلىرمىز باركى، ئۇلار ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بېرىپ، مىللىتىمىز تەبىئىي ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئۆزىنىڭ بوشاشماس روھى بىلەن پەن-تەتقىقاتتىكى ئاز-تولا نەتىجىلىرى ئارقىلىق مىللەتنىىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش، مىللەت ئەزالىرنىڭ غورۇرىنى سۇغۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز تەر تۆكىۋاتىدۇ.
         تەبىئىي پەنچىلەرنىمۇ تونۇشتۇرۇش، لايىقلىرىنى تازا ماختاش كېرەك. ئۇلارنىڭ قايىل قىلارلىق نەتىجىرى ۋە ئىش-ئىزلىرىنىڭ ياش ئەۋلادلارغا بېرەلەيدىغان ئىلھاملاندۇرۇشىغا، ئومۇمىي توپنىڭ  ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.  بىر چاغلاردا «بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» ناملىق قىسىملىق كىتابلار بولىدىغان، ئىككى قىسمىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە. مۇمكىن بولسا، بۇ خىلدىكى كىتابلارنى داۋاملىق نەشىر قىلىش كېرەك ئىدى، بولۇپمۇ دۇنيا ۋە دۆلىتىمىز تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئاز-تولا كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇرلىرىمىزنى نۇقتىلىق يېزىش كېرەك. يېڭىدىن چىققان دوكتۇرلارنىڭ  ئىش-ئىزلىرى سىتۇدېنتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىغا بىر قەدەر ئوخشاشلىقى بىلەن خېلى ئوبدانلا يېتەكچىلىك، قوزغاتقۇچلۇق رولىنى ئوينىيالايدۇ.  
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-26 12:58 |
    iwirgholl
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 66
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 2833 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2849 سوم
    تۆھپە: 1645 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1646 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1670(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tohoturدە2011-11-26 00:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئەڭ ئاستىدىكى خالىمۇرات غوپۇر نىڭ ھازىرقى ئورنى توغۇرسىدا بىلىدىغانلار بارمۇ


    خالمۇرات غوپۇر دوكتۇر ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستىتنىڭ مەكتەپ مۇدىرى.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-27 11:06 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر