1. يازما ۋە يازمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىش مەسىلىسى.
بۇ يازما مەن پىلانغا ئالغان «ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي پەن روھى» ناملىق ئەسەرنىڭ پەقەت بىر قىسىمى بولۇپ، ئەسەردە ئاساسلىق قىلىپ بىزنىڭ تەبىئىي پەن تارىخىمىز ۋە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تەبىئەت ھەم تەبىئىي پەن قاراشلىرىمىز، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز، تۈرلۈك فولوكلور مەدەنىيىتىدە ساقلانغان تەبىئىي پەنگە دائىر ئۇچۇرلار ھەم ئۇنىڭ رېئالنى يىلتىزى، بولۇپمۇ «دەدەقۇرقۇت»، «ئوغۇزنامە» ۋە نورۇز بايرىمىغا ئوخشاش مەنبەلەردە ئىپادىلەنگەن تەبىئىي پەن مۇۋاپىقىيەتلىرى سېستىمىلىق ئېچىپ بېرىلىش پىلانلانغان. شۇڭا بۇنى ئىلگىركىلەر قىلغاندەك شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئاددىي ھالدا تىزىپ قويۇش دەپ قارىمايمەن. يەنە شۇنداقلا بۇ يازمىدىكى شەخسلەرنىڭ كۆپ قىسىمى مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي پەن مۇتەخەسىسلىرى» ناملىق كىتابىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللاردىن ئىجادىي ھالدا ئالغان. شۇڭا ئۇنى «ئىجادىيىتىم» ئەمەس «ئەمگىكىم» دەپ ئالدىم.
2. تەبىئىي پەن خۇراپاتلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىمى بار. بىراق، بۇنى دەستەك قىلىپ تەبىئىي پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى يوققا چىقارساق، بىز ياشلارنىڭ تەبىئىي پەن ئۆگۈنىش قىزغىنلىقىمىزغا قايسى جەھەتتىن ئىلھام بېرەلەيمىز؟ بىزنىڭ تەتقىقات نۇقتىنەزىرىمىز بولسۇن ياكى رېئالنى مۇھىتىمىز بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە تۆۋەن سەۋىيىلىك، ھەتتا، قارىغۇلارچە مىللەتنى يىگلىتىش خارەكتېرلىك ئەبجەش مەسىلىلەر مەقسەتلىك ياكى مەقسەدسىز ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شالغۇت سەنئەت ئېكرانلىرىمىزدىن تارتىپ سەھنىلىرىمىزگىچە قاپلاپ كەتتى. تېخى مۇشۇ قۇربان ھېيتىنىڭ ئاخىرلىشىش مەزگىلىدە ئاقسۇ قار لەيلىسى بالىلار باغچىسىنىڭ سەنئەت نۇمۇرىنى قويسام، مەن كۆرگەن بەش نومۇردىن ئۈچى دېسكۇخانىلارنىڭ نومۇرلىرى. ئىچىم پۇشۇپ قانالنى يۆتكىۋەتتىم. بىزدە ئابدۇللانىڭ نومۇرىدىن زىيادەنىڭ (ئۆزبېك) نومۇرلىرى بەكلا غەلىيان پەيدا قىلدى. بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەتىل مەزگىللىرىدە سەنئەت ئۆگۈنىشكە بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا شۇ خىلدىكى تەربىيلەش مەركەزلىرىمۇ كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بىراق، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مودېل-ئەۋرىشكە ياساشنى ئۆگۈتىدىغان تەربىيلەش ئورنىدىن بىرەرسى بارمۇ؟! بۇ جەھەتتىن قانچىلىك ئاتا-ئانا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ؟ ئابدۇللا قادىرى نېمە ئۈچۈن يېتىم قالدى؟ قەرزگە بوغۇلدى؟ بىز يەنە «تەبىئىي پەن خۇراپاتلىقى» دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئايرىم تەبىئىي پەنچىلەردىكى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى سۆرەپ چىقساق، بالىلاردا تەبىئىي پەن قارىشى يېتىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى، بىر قىسىم ئۆسمۈرلىرىمىزدىكى تەبىئىي پەنگە قىزىقىش ئىستىكىنىمۇ يوق قىلىۋېتىمىز. مەكتەپلىرىمىزدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى ئوقۇتقۇچىغا ئۆچ بولسا، ئۇنىڭ دەرسىنى ئۆگەنمەسلىك بىر ئەمىلىيەتقۇ!
چۈشەنسەڭلار قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويغىنىم ھەرگىزمۇ تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى سۆرەپ چىقىش ئەمەس، بەلكى، ئۇلارنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلارنىڭ تەبىئىي پەن قىزغىنلىقىنى قوزغاش.
3. پەنننىڭ خىزمەت قىلىش ئوبېكتى ۋە بازىس ھەم ئۈستىقۇرۇلما مەسىلىسىگە كەلسە، مەن تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزەمنىڭ «تەرەققىيات ۋە ئىستىقبال» ناملىق يازمامدا ئوتتۇرغا قويغان.
4. كىمنى يېزىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇردا زىيالىي تولا. بىراق، مەيلى ئىجتىمائىي پەن ساھەسەدە بولسۇن ياكى تەبىئىي پەن ساھەسىدە بولسۇن يېتىشىپ چىققان زىيالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى زامان-ماكان ئامىلى ۋە مەۋجۇت تۈزۈلمە سەۋەبىدىن يېتەرسىزلىكلەردىن، ھەتتا خاتالىقلاردىن خالى ئەمەس. بۇنداق ئوتتۇرغا قويۇپ كەلسەك، بىرمۇ ياخشى كىشىمىز چىقمايدۇ. مەن بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا بىر قىسىم نوپۇزلۇقلىرىمىزنىڭ پاكىتلىق رەسچۋاچىلىقلىرىنى بىلگەنمەن. بىراق ئۇنى ھازىرغىچە بىركىمگە دېمىدىم ھەم ماڭا كۆرسەتكۈچىلەرگىمۇ دېمەسلىكنى ئېيتتىم. چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىز ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ئالىي نوپۇز ئىگىلىرى. بۇ رەسۋاچىلىق يامرىسا بىر پۈتۈن مىللەت روشەن ھالدا بىرنەچچە توپقا ئايرىلىشى مۈمكىن. مېنىڭ بۇنداق ئىشنى كۆرگۈم يوق. شۇڭا بىز روھ يېتىلدۈرۈشتە مەسىلىلەرگە سەگەك مۇئامىلە قىلساقكەن دەپ ئويلايمەن.
5. بەزىدە 10 خىل ئەمگەك بىر مەقسەد ۋە نەتىجە ئۈچۈن، يەنە بەزىدە بىر خىل ئەمگەك 10 خىل مەقسەد ۋە نەتىجە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى مۈمكىن. مېنىڭ كۆزلىگىنىم ھەرگىز ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەمەس، ئىجتمائىي ئۈنۈم. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ تېمىنى باشقىلار ئىشلەپ بولغان بولسا، مەنمۇ قىلىپ باقاي. باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەلىسە شۇ كۇپايە.
6. ئابدۇقېيۇم خوجا بىلەن قۇربان ۋەلىنى تەبىئىي پەنچىلەرگە قېتىشىمدىكى سەۋەب، ئاخېلوگىيە پەن ساھەسى نۇقتىسىدىن ئىنسانشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە بولسىمۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تېپىلمىلارنى ئانالىز قىلىش جەھەتتىن تەبىئىي پەنگە ناھايتى يېقىندۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر ئىككى پەننىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجە قازانغۇچىلىرى بولالايدۇ، دەپ قارايمەن.
7. فارابى تەبىئىي پەندە ئانچە-مۇنچە ئىش قىلغان ئەمەس، بەلكى دۇنيا پەن ساھىسىدە پەنلەرنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈرگە ئايرىپ چىققان ھەم تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىگە ئېنىقلىما بېرىپ چىققان. مۇزىكا ئىلمىدا فىزىكىلىق نۇقتىدىن (ئاكۇستىكا نۇقتىسىدىن) تەتقىقات ئېلىپ بارغان، فىزىكىدا نۇر ئىلمى ۋە ئوپتىكا توغرىلىق مەخسۇس ئەسەر يازغان. خېمىيىدە ماددىلارنىڭ شەكىل ھالىتى توغرىسىدا ئەسەر يېزىش بىلەن بىرگە ئاتۇم توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇڭا ئۇ قوش تەرەپتىن نەتىجە قازانغان مۇنەۋۋەر ئالىمدۇر.
بىز تارىخىمىزدىكى مۇنەۋۋەرلىرىمىزنى تەتقىق قىلغاندا ئىزچىل ھالدا ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەندىكى نەتىجىلىرىنى كۆرمەستىن، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ كەلدۇق. مەسىلەن، فارابى، ئەل خارازىمى، تەجەللى... دېگەندەك. نۇقۇل تەبىئىي پەن نەمۇنىلىرى ھەتتا تەتقىق قىلىنمىدى ياكى خەلققە بىلدۈرۈلمىدى. بۇ بىر بوشلۇق.
8. تەبىئىي پەندىكى مۇنەۋۋەرلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ شارائىتىم ھازىرچە يار بەرمەيدۇ. كېيىنچە يار بەرگەندە چوقۇم قىلىشىم مۈمكىن.
مەن يۇقارقى ئەسىرىمنى پۈتتۈرەلەمدىم-يوق، ھازىر بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. بىراق تىرىشىمەن ھەم دوستلارنىڭ مەدەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مېنىڭ ۋاقتىم بەك قىس. چۈشۈنىشنى خالىساڭلار تۆۋەندىكى ئادىرېسنى كۆرسەڭلار بولىدۇ.
http://www.tawpek.com/bbs/read.php?tid=3635