ئۈيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ساختا دىگۈچىلەرگە
مەن بەزىدە ئەمەس كۆپۈنچە،بىر قىسىم ئۈيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس كۆپۈنچە ئۈيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن " ئۈيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلار ساختا،ئۇيغۇرلار قانچىلىك نەرسە ئشلىيەلەيتتى! يەنىلا داڭلىق ماركىلىقنى ئالغان ياخشى!" دىگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.مۇنداقلارغا تېشىمدا بىلدۈرمىگەن بىلەن ئىچىمدە "سەنمۇ ئۈيغۇر بولدىڭمۇ!" دەپ كېتىمەن. " ئۈيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى قانداقراقتۇ؟" دىگۈچىلەرگە بىلگىنىمچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرىمەن."ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئالىمىزدە!" دىگۈچىلەرگە "بارىكاللا! ئۇيغۇر بولسا سىزدەك بولسا" دەپ كېتىمەن.
مەن ئۆزۇم ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلىكترئۈسكۈنىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىپ بازارغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي .
مېنىڭ بىلىشىمدە شىنجاڭ رايونىدا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ھازىرچە يوق.ھەممىسى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە. مەن تۆۋەندە ئۇيغۇرچە ماركىلىق EVDئاپپاراتىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتەي.EVD ئاپپاراتى ئشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار كۆپۇنچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە كۆپرەك.زاۋۇتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆلۈمى چوڭراق،تېخنىك كۈچى كۈچلۈك، قېلىپلاشقان شېركەتلەشكەن بولۇپ بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى بولىدۇ.ئشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن. بەزىلىرى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش(قۇراشتۇرۇش) بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ.سىز قايسى ماركىنى چاپلەپ بەر دىسىڭىز شۇنى چاپلاپ زاۋۇتتىن چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ زاۋۇت پەقەت قۇراشتۇتۇپ چىقىپ مەھسۇلاتنى سىناپ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.EVD ئاپپاراتىغا كېرەكلىك سىرتقى قەغەز قېپىنى باسما زاۋۇتىغا زاكاس قىلىدۇ.تۆمۇر قېپىنى ئايرىم بىر زاۋۇتقا زاكاس قىلىدۇ،ئىچىدىكى لازىر نۇرلۇق باش،مېخانىك قۇرۇلما،مەنبە توك يولى،سېفىر يېشىش توك يولى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاۋۇت-كارخانىلاردىن زاكاس قىلىدۇ.EVD ئاپپاراتى زاكاس قىلغۇچى تەرەپ ئۆزى ئشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى،سۈپەت ئۆلچىمىنى زاۋۇتقا دەپ بېرىدۇ.زاۋۇت مال زاكاس قىلغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قۇراشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك بىر مەسىلە بازارغا سېلىنغان مالنىڭ باھاسى،سۈپىتى،ئقتىدارلىرىنى مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپ بەلگىلەيدۇ.چىققان مالنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان-بولىشى مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپنىڭ سودا ئەخلاقى،كەسىپچانلىقى،ئىنساۋىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . بازاردا سېتىلىۋاتقان باشقا داڭلىق ماركىلىق ياكى ئادەتتىكى ماركىلىقEVD ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىنىدۇ.بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بار بەزىلىرىنىڭ يوق.بىزنىڭ ماللىرىمىزنى ياراتمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز تېخى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولمىسا،باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش ئىشلىيەلەمتى!» دىيىشلىرى بار.بۇ يەردىكى مەسىلە زاۋۇت بولۇش بولماسلىقى مۇھىم مەسىلە .ئەمەس بەلكى قانداق چۈشۈنۈش مەسىلىسى.دۇنيادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى نەيكېنىڭمۇ زاۋۇتى يوققۇ! ئۇ قانداق قىلىپ دۇنياغا داڭلىق بولالىدى؟! ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت قۇرغانلارنىڭمۇ EVD ئاپپاراتى قۇراشتۇرۇش ئەلمىساقتىن قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا مىراس كەسپىمىكەن؟! سىزچە بىز ئۇيغۇرلار نان يېقىش،كاۋاپ پىشۇرۇش،قوي-كالا بېقىش،دېھقانچىلىق قىلىش،ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشقىلا يارالغان دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسىز! ھازىر بىزنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرمۇ قىلىۋاتىدىغۇ! ھەتتا بەزىلىرىنى بىزدىنمۇ ئاشۇرۇپ ياخشى قىلىۋاتىدۇ! ئېلېكترون تېخنىكىسى بولسا تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا پەيدا بولۇپ تەرەققى قىلىۋىتقان يېڭى تېخنىكا.باشقا مىللەتلەر چېغىدا ئۇيغۇرلارغا خاس ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۈگۈنۈپ ،تەرەققى قىلدۇرۇپ بىزدىنمۇ ياخشى قىلىۋاتسا بىز نىمە ئۈچۈن تېخى يېقىنقى زاماندىلا چىققان يېڭى تېخنىكىلارنى باشقىلاردەك ئۈگۈنۈپ ،باشقىلار چىقارغان مەھسۇلاتلارنى چىقىرالمىغىدەكمىز! دۇنياغا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقسانسىز بولمايدۇ.ئازدۇر -كۆپتۇر ئەيىپى بولىدۇ. ئاتالمىش سىز بىلىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئاشۇ داڭلىق ماركىلار بازارغا سېلىنغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟بۇرۇندىن تارتىپ بارمىتى؟زاۋۇتى بارمۇ يوق؟نەدە؟ بىلەمسىز؟.....داۋامى بار .
ھەرقانداق ئېلېكتر ئۈسكىنىسى بۇزىلىدۇ،پەقەت بۇزۇلۇش نىسپىتىنىڭ ئاز-كۆپلىگى ئوخشىمايدۇ.ئەگەر سىز ئالغان ماركىدىكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى بۇزۇلمىسا ياخشى ماركا،بۇزۇلۇپ قالسىلا ناچار ماركا دەپ ئويلايسىز.مېنىڭچە ھازىر بازارغا سېلىنغان ۋە سېتىلىۋاتقان «مەشرەپ»،«ئارزۇ»،«تەبەسسۇم»،«مۇراد» قاتارلىق ماركىدىكى توڭلاتقۇ،كىرئالغۇ،EVD ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش ئىقتىدارلىق باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش،باھاسى ھەم ئەرزان تۇرمامدۇ! مەشرەپ توڭلاتقۇلىرىنىڭ كاپالەت ۋاقتىىنى ھەتتا «12يىللىق ئەلا مۇلازىمەت» دەپ ۋەدە بېرىۋاتسا سىز ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتىڭىز!!!!!!!!! ھازىر ھۆكۈمىتىمىزمۇ يەرلىك كارخانىلارنى ،مىللى كارخانىلارنى زور كۈچ قوللاپ ھەر تۈرلۈك ئېتىۋار سىياسەتلەرنى چىقىرىۋاتسا،بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىماي،دەۋىرگە ماسلاشماي،ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چاقىرىغىغا ئاۋاز قوشمىساق،ئۆزىنى ئۆزى قوللىمىغان مىللەتنى ھۆكۈمەتمۇ قوللاپ زېرىكىدۇ،خۇدامۇ قوللىمايدۇ!
يەھۇدى مىللىتىنىڭ مال سېتىۋېلىشتىكى بىر ئادىتىنى ھەممىمىز بىلسەك كېرەك.يەنە يەھۇدىلار نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقچى بولسا ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ يەھۈدىلارنىڭ ماگىزىنىدىن سېتىۋالىدىكەن.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا شۇنداق ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى تارتىپ خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن بىر مىللەت ئاشۇ مىللى روھى بىلەن ھازىر دۇنيادىكى بايلار ئەڭ كۆپ مىللەتكە ئايلاندى.بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە ئامىرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسى ئامىرىكا نوپۇسىنىڭ 2-3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن،ئامىرىكا بايلىقىنىڭ 90 پىرسەنتى يەھۇدى بايلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن.كورىيەلىكلەر تاللا بازىرىدىن ھازىر ئىچمەكچى بولۇپ بىر خالتا سۈت سېتىۋالماقچى بولسا ساقلىنىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا قالغاننى سېتىۋالىدىكەن .ئۇلار ئەگەر بۇ سۈتنى ھېچكىم سېتىۋالماي ۋاقتى ئۆتۈپ بۇزۇلۇپ كەتسە ئشلەپچىقارغان كارخانىغا زىيان بولىدۇ دەپ ئويلايدىكەن.ئەگەر بىزدىمۇ ئاشۇ مىللەتلەردىكىدەك ئاشۇنداق مىللەتنى قوللاش روھىمىز بولغان بولسا،قانچىلىك تەرەققى قىلىپ كەتكەن بولاتتۇق ھە! بەزىدە ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشقاق» دىگەنگە زادى ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېمىسىغا كېلەيلى.يوقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقساندىن خالى بولالمايدۇ.ئۇنى پەقەت ياخشى قوللىسىق،پەرۋىش قىلساق،ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرسەك،ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ،باشقىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ،ھەتتا ئولاردىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن.شۇڭا ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ياراتمايدىغانلارغا تەسۋىيە قىلىدىغىنىم،ئەگەر ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز،ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە ماركىلىقنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ،كۆرۈپ بېقىڭ!ئۇلارنىمۇ ئاشۇ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئشلەپچىقارغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقارغان،ھەر گىز ئويغۇرلىرىمىز ئۆزلىرى يەر ئاستى زاۋۇتلاردا ياسىۋالغان ئەمەس! ئۇيغۇرلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئۇنداق ھۈنەرلىرىنى ئۈگۈنىۋېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! مۇشۇنداق قىلساق ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك كارخانىلارنى قوللاش،ئىقتىساتتا ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنى يۆلەش،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش سىياسىتىگە ماسلاشقان بولىمىز.ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىپ مال سېتىۋېلىشتا يەرلىك كارخانىلارنى ئالدى بىلەن ئويلۇشۇش،يەرلىك كارخانىدا بولمىسا ئاندىن سىرتنىڭ كارخانىلىرىنى ئويلۇشۇش دىگەن بەلگىلىمە بار.ھۆكۈمىتىمىز بىزنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان يەردە،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئازراق بولسىمۇ قوللاپ قويايلى! ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغىچە مىللەت ئۈچۈن جانلىرىنى ، ماللىرىنى ئاتىۋەتكەن مەرت-سېخىلىرىمىز مۇ كۆپقۇ!ئاشۇلارنىڭ روھىدىن ئۈگۈنەيلى،جارى قىلدۇرايلى! ئستىمالچىلىرىمىزغا ئەسكەرتىش: ئالىدىغان مالنى ئوبدان ئويلۇشۇپ،كۆپرەك كۆرۈپ ،سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئېلىڭ.مالنىڭ سۈپەت كاپالىتى،ئالماشتۇرۇش ۋاقتى،كاپالەت ۋاقتى توغرۇلۇق يازما ھۆججەت يازغۇزىۋېلىڭ.
ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ساتىدىغان تىجارەتچى كارخانىچىلارغا:ئىنساپلىق،ئىمانلىق،راستچىللىق بىلەن سودا قىلىڭ.ھەرگىز قوينىڭ بېشىنى ئېسىپ ئۆشكە گۆشى ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.سۈپەتنى،ئىناۋەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇڭ. تامام. ماقالىنى ئىشلەتكەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! مۇراد ئېلېكترون تورى.
http://murad.com.cn/