saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 3801 قېتىم كۆرۈلدى
ئۆمەر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 390
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 790 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 799 سوم
تۆھپە: 435 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 435 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلار توپلىمى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلار توپلىمى

     ئاتاقلىق ئالىم، يىتۈك ئەدىب، چىن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1950 - يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»،«مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئۇيغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازغان. بۇ رومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچى.
     ھازىرغا قەدەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 - يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى» (1948 - يىلى، تيانشان نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، « قەشقەر كېچىسى» (1980 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئىز» (1985 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۇيغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.



ئىز

ياﺵ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰ.

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﮔﺎﮬﻰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ،
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭ ﺩﻩﺷﺖ-ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ.

ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﯓ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ،
ﮔﯜﻝ ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﭘﯘﺭﻛﯩﻨﻪﺭ ﺗﺎﯕﻼ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻝ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ،
ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻛﯚﭼﺴﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﮬﻪﭺ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ.

ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻕ،
ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻛﯘﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎ ﭼﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.


ﻳﺎﺧﺸﻰ

ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﺎﭖ ﻗﺎﻏﺎ – ﻗﯘﺯﻏﯘﻧﻐﺎ ﺟﺎﮬﺎﻧﺴﺎﺯﻟﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ،
ﺳﻪﮬﻪﺭ ﮔﯘﻟﺸﻪﻧﯩﺪﻩ ﺩﯗﺑﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﻗﺎﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﻧﺎﯞﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﻏﺎﭘﯩﻠﻼﺭ،
ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﺗﻪﮔﯩﺸﻤﻪﺱ ﺟﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﺯﻩﺭ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺗﻮﻧﻐﺎ،
ﻛﻰ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﯞﻩﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﮔﻪ ﻛﯘﻻ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺑﯩﻠﻼ ﺗﺎﻣﺎﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ، ﺑﻪﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﻪﺳﺮﻯ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﺘﯩﻦ،
ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻡ ﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﺑﻰ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﺑﻮﺭﯨﻴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺴﯩﺰ ﺳﯩﻴﺎﻕ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﺎﺟﯘ – ﺩﻭﻟﻪﺗﺘﯘﺭ،
ﺋﻪﺭﯨﻜﺴﯩﺰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺟﺎﮬﺎﻧﻜﻪﺷﺘﻪ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯘﻟﻤﻪﺋﯩﯟﺍ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ،
ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﯗﺭ، ﻻﭼﯩﻨﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻣﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ ﻳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺩﯨﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﺯ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﺪﺍ،
ﺑﻮﺳﯘﻗﺘﯩﻦ ﺩﺍﺟﯩﻤﺎﺱ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﮬﺪﯗ ﯞﺍﭘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.


قەلەمگە!

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .

نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .

مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .

قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .

كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن !

قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .

مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .

جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .

قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !


روبائىلار

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.

مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،
يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.
يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.

ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،
كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.
مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،
تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.

سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى.
سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.

ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.


ئايلىناي!

ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي .
قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي ،
كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي .

دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي ،
قايغۇ _ ماتەم ، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي .
سۇمبۇل چاچلىق ، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي ،
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي .

تىلى باغلىق ، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي .
ئايلىاي يۇرتۇم ئايلىناي ، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي ،
تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي !


خەجلە ، خائىنلىرەي خەجلە!

خەجلە ، خائىنلارەي، خەجلە ، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە ،
يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە .
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە ، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە ،
تالان _ تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە .

دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى ، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى ،
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە .

كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ،
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېيلە ، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە .

پالانى ئاقچىدۇر _ كۆكچى ، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى ، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.


توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا!

توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ،
تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن .
نېمە بۇ ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ ،
ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ ؟

ئاندا قىيقاس ،
مۇندا ئۇر _ پاپ ،
قول سۇنۇق ،
باش _ كۆز يارا ،
نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا .

تۈنۈگۈن < يولداش > دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن،
بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن .
بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى ،
تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى .

كارخانا نەيزە ياسار ، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ ،
كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ .
ئاقتى قانلار كوچىلاردا ، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا ،
ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا .

ئاقتى قان ، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى ،
نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى !
< توۋا> دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ ،
شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب ؟


جەنۇبقا خەت!

ئەي جەنۇب ، دەردمەن جەنۇب ، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب ،
خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب؛
گاھ يانار تاغدەك يېنىپ ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ ،
ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب .

كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ ، ئاھ _ زارلىرىڭ ،
كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ .
ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى ،
تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ ، پەريادلىرىڭ !

يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى ،
بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر _ زۇلۇمنىڭ قامچىسى .
كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك ،
ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى _ ئارغامچىسى ؟

ياق ، ئۈمۈت بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى ،
تاڭ ئېتىپ ئەلۋەتتە بىر كۈن سۈرتۈلەر كۆزنىڭ يېشى ،
كۈيلە _ كۈيلە ئەرك _ ئازادلىق كەتسە بۇ ئۆتكۈر بېشى ،
قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇر كۈلۈپ قەبرە تېشى .


باھار چىللايمەن!...

زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن ،
جانۇ _ جانىمدىن باھار چىللايمەن .
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك ،
ئاھ _ پىغانىمدىن باھار چىللايمەن .

نە تاقىتىم بار ، نە سەۋرىم ئەمدى ،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى .
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى ،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن .

ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق ،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق ؟
خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق ،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن .

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ ،
تىلىكىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ ،
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ ،
ئىسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن .

ئۈمىدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك ،
ئۈمۈت باغىدا ئاتتى ككپ چېچەك .
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك ،
كۈرەشچان تاڭدىن باھار تىلەيمەن .

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن .
ئارزۇيۇم باھار ، ئۈمۈدۈم باھار ،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن .

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،
خەلق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن .
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن ،
ئۇندىن ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن .

باھار چىللايمەن ، تۈنلەر كېچىسى ،
مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى .
رازىمەن شۇندىن ، قىلچە ئارمان يوق ،
بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى .


ئارمان نېمە

بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ، ماڭا بۇ جان نېمە،
سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان ، سەندىن بۆلەك جانان نېمە.
كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ،
مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ ، گۆر نېمە ، بوستان نېمە.

ھىچ تېگىشمەس بىر كۈنىڭنى دەۋرى-دەۋرانغا كۆڭۈل،
بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە.
ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز،
بولسا سەندىم بىر خەۋەر ،ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە.

تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى،
چاڭلىرىڭنىتۇتىيا قىلسام ئىدىم ، ئىمكان نېمە.
گۈلنى ھەر تاڭدا پۇراپ ، بولدۇم يەنە قىلماي شۈكۈر،
شۇنچە نەلە ئەيلىسە، ئۇ نېمدېگەن نادان نېمە.

كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم،
جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم ، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە.
ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى، قەلەندەردەك كىزىپ،
يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەرتكە بىر دەرمان نېمە.


ئۇچراشقاندا

سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈڭ سۇلتانىنى،
دېدىم سۇلتانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.
كۆزلىرى يالقۇنلۇق ، قوللىرى خېنىلىق،
دېدىم چولپانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.
دېدىم ئىسمىڭ نىمە؟ دېدى ﯪﻳﺨﺎﻧﺪﯗ،
دېدىم يۇرتۇڭ قەيەر ؟ دىدى تۇرپاندۇر.
دېدىم باشىڭدىكى ؟ دىدى
دېدىم ھەيرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ئايغا ئوخشار ، دېدى يۈزۈممۇ؟
دىدىم يۈلتۈز كەبى ، دېدى كۆزۈممۇ؟
دىدىم يالقۇن چاچار ، دېدى سۆزۈممۇ
دېدىم ۋولقانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم قىياق نەدۇر ؟ دېدى قاشىمدۇر،
دېدىم قۇندۇز نەدۇر ؟ دېدى ساچىمدۇر.
دېدىم ئون بەش نەدۇر ؟ دېدى ياشىمدۇر،
دېدىم جانانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ﺩﯦﯖﯩﺰ نەدۇر ؟ دېدى قەلبىمدۇر،
دېدىم رەنە نەدۇر ؟ دېدى لېۋىمدۇر،
دېدىم شېكەر نەدۇر ؟ دىدى تېلىمدۇر
دېدىم بىر ئاغزىمە ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم زەنجىر تۇرار ، دېدى بوينۇمدا،
دېدى يولۇمدا.
دېدىم بىلەيزۈكچۇ ؟ دېدى قولۇمدا،
دېدىم قۇرقارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم نىچۈن قورقماسسەن؟ دېدى تەڭرىم بار،
دېدىم يەنىچۇ ؟ دېدى خەلقىم بار.
دېدىم يەنە يوقمۇ ؟ دېدى روھىم بار،
دېدىم شۇرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ئىستەك نەدۇر ؟ دېدى گۈلۈمدۇر
دېدىم چىلىشماققا ؟ دېدى يولۇمدۇر.
دىدىم ئۆتكۈر نىمەڭدۇر ؟ دېدى قۇلۇمدۇر
دېدىم ساتارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق!


مۇزلىغان شەھەر

مۇزلۇق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق.
بۇلۇڭ- پۇچقاقنى قويماي چارلىدى_
قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.

كۇننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق.
ھەر نە شاتلىقتىن جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنۇر ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق.

كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللار،
ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.

تۇرغۇن تۇۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك.
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۈكۈك.

دوقمۇش-دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دۇغدىيىشىپ يۇرگەن يىرتىق چەكمەنلەر.
پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،
چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر.

مۇزلامىش شەھەر، مۇزلامىش ھېسار،
قۇۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار.
شەھەر ئۈستىدە لالما بولۇتلار،
ئوزۇق ئىزلىشىپ قىلىدۇ شىكار.

كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ
ئاچچىق ۋاقىراپ چالىدۇ گۈدۈك.

1946-يىلى 5-دېكابىر


تاڭ زىياسى يوقمىدۇر

بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر،
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر،

ئۆلگىدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بولغاي تاڭ ساباسى يوقمىدۇر.

بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن ،
تەشنە ئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمۇدۇر ؟

ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك ،
خەستە دىلگە بىر شىپا دۇرا- داۋاسى يوقمۇدۇر ؟

يار خىيالى بىرلە سولدۇم،يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟

بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ،مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنە ماسى يوقمىدۇر؟

كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟

1949-يىل


مەن ئاق بايراق ئەمەس

1
ﻛﯘﻣﯘﺵ ﻛﻪﺑﻰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ،
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﻪﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ .
ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﯪﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ،ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ.

ﻣﻪﺷﺮﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﯪﭘﺘﺎﭖ،
ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﯪﯞﺍﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ.
ﺷﯘﭼﯘﻗﻘﯩﻨﻰ ﺳﯘﻳﯩﺪﯗ.ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﻦ،
ﯰﺗﯘﭖ ﯰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺭ ﯬﻧﺪﯨﻦ.

ﻛﯩﭽﻪ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺗﯘﻟﻮﻥ ﯪﻱ،
ﯰﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﯰﻧﺪﺍ ﻗﯘﻧﻤﺎﻱ.
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻫﻪﻡ ﮬﯜﻛﻪﺭ ،ﺯﯗﻫﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﻯ،
ﯰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮﻯ.

ﺋﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯗ ﻗﯩﺶ - ﻳﯩﺰﻯ،
ﯪﻕ ﺷﺎﻳﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭ - ﻣﯘﺯﻯ.
ﻛﯚﻛﺮﯨﮕﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﺴﻰ ،
ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯰﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻗﺎﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﺴﻰ.

ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘﭼﯘﻗﻘﺎ ،
ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯘﺭﻟﯩﻘﺎ .
ﻛﯚﺭﻧﯩﺪﯗ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ ﻛﻪﺑﻰ،
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻗﻘﯘ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﻝ ﻛﻪﺑﻰ.
2
ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺎﭖ،
ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ،
ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: <<ﺑﯘﭼﯘﻗﻘﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ -
ﯰﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﯬﻝ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﯘﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ>>.
3
ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﯪﯕﻼﭖ ،
ﻛﯜﻟﯜﯞﻩﺗﺘﻰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ .
ﺩﯦﺪﻯ: ﻧﻪﺩﻩ ﭼﯘﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺟﺎﻧﺎﺏ ﺳﯩﺰ،
ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ ،ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ .

ﺩﻩﺭ ﯞﻩﻗﻪ ،ﯪﻕ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯗﻡ ،
ﺳﺎﻗﺎﻝ - ﭼﯩﭽﯩﻢ ﻫﻪﻡ ﻳﯜﺯﯗﻡ .
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﯬﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﯪﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ،
ﺗﻪﺑﯩﺘﯩﻢ - ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻢ ﯪﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻕ .

ﯪﺩﻩﻡ ﯪﺗﺎ ﻫﻪﻡ ﻫﺎﯞﺍ ،
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ .
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯮﻏﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﻩ .
ﺑﻮﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﯰﺭﯗﻕ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﯞﺍﺩﺍ ﺗﯧﺮﯨﻤﺪﻩ .

ﻧﻮﮬ ﻧﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﭘﺎﻧﺪﺍ ،
ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ .
ﯪﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،
ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ - ﯪﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

ﻗﻮﺵ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯘﻙ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ،
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭ .
ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺳﯘﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،
ﺷﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ،
ﻗﯘﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺗﻘﺎﻥ .
ﯪﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﻳﯘﻟﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﻡ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ - ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻥ ،
ﯪﺵ - ﺗﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻐﺎ ﻫﻪﻡ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻳﯩﺒﺨﺎﻥ .

ﯬﻱ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﻣﯘﻫﺘﯩﺮﯨﻢ ،
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯓ ﺷﯘﻧﻰ ﻫﻪﻡ .
ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ،
ﻧﻰ - ﻧﻰ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﮕﻪﻥ .

ﻗﻪﻏﻪﺯ ،ﻛﻮﻣﭙﺎﺱ ﻣﻪﺗﺒﻪﯬ ،
ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ .
ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺟﺎﻫﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ،
ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻜﻪﻥ .
4
ﺩﯨﻤﻪﻙ ،ﺗﺎ ﯬﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ -
ﺑﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ .
ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﯪﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻡ ﺋﺎﻕ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﯬﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﯪﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

ﺑﯘ ﮬﯜﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ،
ﯪﯕﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺟﺎﻥ - ﺗﯧﻨﯩﻢ .
ﭼﺎﭺ - ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﯪﻗﻠﯩﻐﻰ---ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﻪﺳﺮﯨﻨﯩﯔ ﯰﻟﻰ،
ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺷﯜ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ .

ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺗﯘﺳﺴﯩﻤﯘ ،
ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻗﺴﯩﻤﯘ .
ﺋﯧﮕﯩﻠﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻕ،
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﯬﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﯪﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﻮﻍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﻏﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ .
ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻳﺎﯕﻐﯩﺮﺍﻕ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰﯪﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ!!!...


چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ

نىم دىگەن ئۇزۇن كېچە ، ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى ،
چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، ئۇخلاق جاھانىم ئويغا نسۇن،
مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى رەيھانىم ئويغا نسۇن .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، يارنى چىللاپ ئويغى تىڭ ،
يۈزىگە قانات يېيىپ ، ئاستا سىپاپ ئويغى تىڭ .

ئاچسا يارىم كىرپىكىنى يەنە ئۇيقۇ باسمىسۇن ،
ئۇيقۇ بىرلە مەن غېرىپنى مەڭگۈ تاشلاپ ئەتمىسۇن .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، تاڭ ئاتىدۇ دەپ چىللاڭ ،
تاڭ ئالدىدا يارىڭىز سىزنى كۈتىدۇ دەپ چىللاڭ .

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،چىللاڭ ئۇ گۇلۇستانغا ،
يارىم ئويغا نسا خەۋەر بېرىڭ مەن باغرى قانغا.


ھىدايەتنامە

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى


تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن،
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەقبۇل ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى.


سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە،
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە،
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى،
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.


سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە،
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى.

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.


پىكىر دەرياسىغا قانچە تېرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن،
يېقىن كەلتۈرمە ئې رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.


بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال: قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۈر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل، نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئۇ ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.

مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
مۇنۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پاناھ بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقۇن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە، تەلقىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى


نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر،
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىردۇر،
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۈر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.


ئۈلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھىچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دېمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.


ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر ـ زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالتنى.

مىسال: پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى.


ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى يېتىپ ئاشار << سۈرە رەھمان >>،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە << ما تۇكەززىبان >>،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نېئمەتنى.


تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر،
نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى.

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلار قەسىت بىلەن ھەرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، بىرەر ساكىن ۋەياكى زىر،
چۈشەنمەكلىك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە-كارامەتنى.


پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
پۈتۈن ئىنسانغا يول باشچى بولۇپ يېتىشتىغۇ ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
، نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋەھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.


خاتىمە


بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق، قىلىشقا نېمە ھەددىم بار،
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.


باھار بولدى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئىلمىلىك ئەلگە،
ئىشەنگەن ھەم چۈشەنگەن ئەمەلدە ئىشلىگەنلەرگە،
قۇلاق سالماي ئۇلۇغ تەڭرىم سۆزىگە ئەمەل قىلماي،
قۇرۇق دەۋادا بولغانلار تويۇنماس بىر قوناق نانگە،
بۈيۈك ئىسلام ئۈگەتكەن بىزگە بىلمەك ھەم تىرىشماقنى.


چاقىرغان ئۈستۈن بولماققا، ئىگىلمەي ئەجنەبى خانگە،
ئۇلۇغ تەڭرىم ئېچىلدۇرساڭ دىلىم باغىدا گۈل-ئەترە،
تېمىتساڭ رەھمېتىڭ دەرياسىدىن قەلبىمگە بىر قەترە،
ئۆچۈرسەڭ چوڭ -كىچىك قىلمىشلىرىم قىلماي مېنى رەسۋا،
قىيامەت دەشتىدە ياپساڭ، گۇناھىم ئەيلىسەڭ سەترە،
ھاياتىم دۇنيادا قۇربانىڭ، گەر ئۆلسەم مەقسىدىم رىزۋان،
رەسۇلىللاھ يولىچۈن ئۆمرۈم بارىنى ئەيلىسەم نەزرە!...



http://www.nurlukislam.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-27 22:28 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 631 سوم
تۆھپە: 370 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 374 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 455(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي .بەك بوچى شېئېرلار جۇمۇ،مەنىسى بەك چوڭقۇر.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 00:21 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 733
شۆھرەت: 3795 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3796 سوم
تۆھپە: 2260 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2260 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1829(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   رەھمەت  ،  ساقلىۋالدىم  .  كېرەك  بولغاندا   ئاسان  تاپقىلى  بولمايدىكەن  .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 00:30 |
nadi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 416
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 167 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 167 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھارمىغايسىز  ، مەنىسى بەك چوڭقۇر ، ئادەمنى ئويلاندۇردۇ  .
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 11:11 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 317
شۆھرەت: 1755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1771 سوم
تۆھپە: 1027 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1031 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە، ئىنكاس يوللىماسلىقنى ئەمگىكىڭىزگە قارىتا ھۆرمەتسىزلىك دەپ ئويلىدىم، بىراق ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 20:27 |
Μμらic
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1286
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي ، رەھمەت سىزگە،مەنىسى  . بەك چوڭقۇر شېئېرلار   ...... ئاسان  تاپقىلى  بولمايدىكەن  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 03:21 |
yultui
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1337
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 55 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 55 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر ئۇيغۇر ئەدەبىيتىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز
ئۇيغۇرىمدىن پەخىرلىنىمەن!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-13 12:43 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 289
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1630 سوم
تۆھپە: 952 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 954 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ئومەر:  مەن بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى  يادقا بىلەتتىم ، شۇنداق بولسىمۇ قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم.
ئىنساننى ياخشىلىققا ، ئادىمىلىككە يىتەكلەيدىغان ،كۈچلۈك شېئىرى پۇراق، چوڭقۇر مەزمون، يۈكسەك ئېتىقات مۇجەسسەملەنگەن سۈپ-سۈزۈك تەپەككۈر بۇلىقىدىن ئېقىپ چىققان بۇ مىسرالار مەڭگۈ ئىسىمىزدى كۆتۈرۈلمىگەي!
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-13 13:33 |
taxkizi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 850
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 458 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 459 سوم
تۆھپە: 275 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 276 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 102(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر ئۇيغۇر ئەدەبىيتىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-15 11:29 |
ئەرتۈڭە
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 9147
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 488
شۆھرەت: 2680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2681 سوم
تۆھپە: 1561 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1565 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزكۇر دانىشمەن ئالىلىمىزنىڭ  ئابدىرىيىم ھېيىت ناخشا قىلىپ ئوقۇغان بىر شېئىرى بار ئىدى، مەن ئۇ ناخشىنى ئۈن ئالغۇدىن  كومپىيۇتېرغا ئالغان ئىدىم، تېكستىنى ئاڭلاپ كۆچۈرسەم بەزى سۆزلەرنى توغرا ئاڭلىيالمىدىم. مەسىلەن ئۇ شېئىردا مۇنداق مىسرالار بار ،كۆرگەنلەر بولسا بىر تولۇقى بىلەن يوللاپ قويساڭلا :

كىمدۇر ۋەتەننىڭ خائىنى ،
ئۇ بولسا خەلقنىڭ دۈشمىنى.
ۋىجدان يوقاتقان مەلئۇنى،
لەنەتكە لايىق ئەمدى.......( ئاڭلانمىغان يېرى)

يوقتۇر ئىرادە بىر نىيەت ،
بولغان تۇراقسىز. بەتنىيەت .
قايسى خەلققە مەنپەئەت
تاپماق ئۈچۈن........( ئاڭلانمىغان يېرى)

ئۇ ۋەتەن ساتقۇنلىنىڭ،
دىندىن چىقىپ قاچقۇنلىنىڭ،
دۈشمەنگە يول ئاچقۇنلىنىڭ ،
.............  مەخسەت دەرەم

دۈشمەنگە قىلغان غالچىلىق،
شەخسى ئۆزىگە مالچىلىق،
دائىم ئىشى يالغانچىلىق،
ئۆزىنى دىگۈزمەكچى تۆرەم.

مەخسەتقۇ : مەنسەپ پۇل تېپىش،
خەلقلىرىن ساپلا قۇل قىلىش،
راھەتتە ياخشى جان بېقىش،
ھەقتىن ئاداشقان مۇتىھەم  

مانا مۇشۇنداق مىسرالار بار ، بەزى يەرلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى، ھازىرغىچە چىققان كىتاپلىرىدىمۇ يوق ئىكەن. پەقەت مۇشۇ ناخشىدىلا بار ئىكەن .بىر ياردەم قىلساڭلا!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-30 15:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئالىم ، تىلشۇناس ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز