بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ رېستۇراندىن باشلىنىشى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە خاتىمەبۇلۇپ قالغۇسى ! نۇرغۇن ئەھۋاللاردا رېستۇراندا ئىچىلگەن شارابباتلار نىڭ كۈچى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا يىتىپ ئائىىلىدىكى كىشىلەرگە نۇرغۇن دېشۋارچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ ! ئەگەر ھەممە رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلمىسا ...................... مەن نۇرغۇن گۈزەل خىياللارنى سۈرۈپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۈز ئالدىمغا كەلتۇردۈم ! پاھ نىمەدىگەن ياخشى كۈرۈنۈشلەر بۇ ھە !
<<ئەگەر مەرىكە قىلماقچى بولساڭلار مەرىكىدە ھاراق قۇيمىساڭلار تىزىملىتىڭلار،بولمىسا باشقا رېستۇرانغا بېرىڭلار!>> نىمىدىگەن يېقىشلىق گەپ بۇ ! بۇسۇزنى دىگۈچى ھەقىقى ئەركەك سانىلىدۇ دىسەم ئارتۇق كەتمەس خالايىق ! مۇشۇ نداق كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر ياغسۇن ! بارا-بارا مەرىكە ئۈتكۈزمەكچى بولغانلار < مەرىكەمنى شاراپ قۇيۇش چەكلەنگەن رېستۇراندا ئۆتكۈزمەكچىتىم ، رېستۇران تۇنۇشتۇرساڭلار > دىسە ،نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى !
بۇزۇپ - چاچقان پۇللارنى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلساق نىمەدىگەن ياخشى ! قىيىنچىلىقى بارلارنى يىراق يەرلەرگە بېرىپ ئىزدەش ھاجەتسىز،ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇق تۇققان ئىچىدە چۇقۇم بار ! سوغۇق قىش كىرىپ قالدى ،بىرەر ئاكىمىزنىڭ ،يىراق تۇققان ھەدىمىزنىڭ بالىلىرىغا بىرجۇپ قىشلىق ئاياق ۋەياكى بىر مامۇق چاپان ئىلىپ سۇۋغا قىلساق بەك ياخشى بۇلىدۇ شۇنداقمۇ !
مەن يېقىندىلا قېيىن سىڭلىمنڭ قىزىغا بىرقۇر كىيىم سوۋغا قىلغان ئىدىم ، ئۇقىز شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتى ، مەن ئۆزۈممۇ شۇنداق راھەتچىلىك ھېس قىلىپ قالدىم ! ( ئاڭلىسام ئۇكىچىك قىزچاق باغچىدا <بۇكىيمىمنى زۇمە ئاپام تورئارقىلىق بەكمۇ يىراق يەردىن ئەكەلدۇرۇپ بەرگەن> دەپ باشقىلارغا دام قىلىپ يۈرگىدەك )زۇمە دىگىنى مىنىڭ ئىسمىمنىڭ قىسقارتىلمىسى ،ئۇقىزنڭ تىلى چىققاندا زۇمرەت دىيەلمەي زۇمە دەيتى ،تاھازىرغىچە شۇنداق ! مەن بەك مۇناسۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ كەتتىممۇ ھە
.
خۇلاسەم ئورۇنسىز خەشلىندىغان پۇللىرىمىزىنى كىچىككىنە بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتسەك ، سەنمۇ خۇشال ،مەنمۇ خۇشال ! نىمىدىگەن ياخشى !