نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ خېلى چوڭ قىلىپ ئېچىلغان <ئارمان> تاللا بازىرىدىن <مېڭ نىيۇۋ> ماركىلىق قېتىقتىن ئىككى قۇتا ئېلىپ تەركىبىدىكى ئىشلىنىش ماتىرياللىرىغا قارىسام تەركىبىدە 明胶 دەپ تۇرىدۇ.
يىمەكلىكتە ئىشلىتىلدىغان 明胶 ، چوشقا ،كالا ،خېچىر،ئات قاتارلىق ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسىنى تازلاپ ،باكتىرىيەسىنى ئۆلتۈرۈپ شىرنىلەشكۈچە ھورلاپ ئاندىن سۇسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق ياسىغان ماددا. ئادەتتە يىمەكلىكلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.(مۇنبىرىمىز ئەزاسى مېلۇننىڭ چۇشەندۈرىشىدىن ئېلىندى).
تاللا بازىرى خوجايىنى xx ھاجىم ئىسىملىك 65 ياشلار چامىسىدىكى ساقاللىق كىشى ئىدى. مەن ئەھۋالنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈپ، بۇ نەرسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئسىتىمال قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئېيتىپ چىقىپ كەتتىم. ھاجىم بېشىنى لىڭشىتقىنىچە قالغان، ئىككى كۈندىن كىيىن كىرىپ قارىسام ھېلىقى قېتىق يەنە شۇجايىدا سېتىلىۋېتىپتۇ...
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە <مېڭ نىيۇۋ> نىڭ چوكا مۇزلىرىنى يەپ باقمىغانلار بەك ئاز بولىشى مۇمكىن، چوكا مۇز بىلەن قېتىقنىڭ خۇرۇچلىرى مېنىڭچە بولغاندە بەك چوڭ پەرقلەنمىسە كېرەك، بۇرۇن دىققەت قىلماي ئىستىمال قىلغان بولساق بۇندىن كىيىن بەك دىققەت قىلايلى. بالىلىرىمىزنىڭ يەۋاتقانلىرىغىمۇ نازارەت قىلىپ تۇرايلى...
مەنبە: ئۆزۈم
[ بۇ يازمىنىkarwanدە2011-01-28 01:42قايتا تەھرىرلىد ]