ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ، ياخشىمۇسىزلەر!
مەن ئۆزۈم بىر يازغۇچى ياكى ئەزەلدىن بېرەر نەرسە يېزىپ باققان ئەمەس، مەن بۈگۈن ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلام كۆڭلۈم بىرخىل بولۇپ قالدى. چۈنكى مەن بۇيەرگە قايتىپ كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغاندى. چۈنكى يېقىندا قىسىمدىن چېكىنىپ قايتىپ كەلدىم. مەن ئاشۇ كۈنلەرنى، ئاشۇ دەقىقىلەرنى مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق كۆڭۈل سۆزلۈرۈمنى يېزىشنى ئويلۇشۇپ قالدىم. تەستىقلىغۇچىلار تەستىقلامدۇ ئۇنى بىلمەيمەن...
ئۆزۈم بولسام بىر ئوغۇل بالا، مېنىڭچە مەن بىر ئوغۇل بالا تارتىشقا تىگىشلىك جاپا-مۇشاقەتلەرنى تارتىپ بولدۇم دەپ قارايمەن.
2006-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى :
مېنىڭ ئېنىق ئىسىمدە مەن دەل مۇشۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭدىم، ئۆزۈم خالاپ ئەمەس چوڭلارنىڭ زورلىشى بىلەن ماڭدىم. مەن ئاشۇ ۋاقىتتا بەكمۇ چوڭ ئەمەس ، خېلىلىلا كىچىك ۋاقتىم، مەن ئاشۇ كۈندىن تا ھازىرغىچە خېلى كۈنلەرنى كۆردۈم بۇ كۈنلەرنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ يەنە بىر ئۆزۈم بىلىمەن. مەن ئاشۇ كۈنى ئۆيدىكىلەردىن خوشلىشىپ مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭدىم، بىلىمەن مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەردىن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش توغرا لېكىن... ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن!!! مەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ئاشۇ يۇرتتا ئوقۇشقا باشلىدىم 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مەكتەپكە كىردىم، مەن مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق نەرسىنى بىلمەيمەن. تاماكا، ھاراق ، ھەتتا يەنە بىر نەرسىلەر... ئۇلارنى ئېغىزغا قولغا ئېلىشقا ناھايتى ئۆچ ئىدىم. مەن ئاشۇ نەس باسقان يەرگە بارغان كۈندىن باشلاپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم، .ئادەتلىرىم ھەممىسى يوق بولدى. مەن ئۇيەردە ئۈچ يىل تۇردۇم ، ئۈچ يىل تۇرۇش جەريانىمدا ئۆزۈم تونۇمايدىغانلار بىلەن تونۇشتۇم. ھەتتا مۇھەببەتلەشتىم. مەن ئەنە ئاشۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنى قانچىلىك بەختىلىك دەپ ھېسابلايتتىم ھە! لېكىن ھەممىسى قىسقا ۋاقىتلىق بولدى. چۈنكى بىزنىڭ جەمئىيتىمىز ھەم بىزنىڭ ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ قالايمىقان يوللارغا كىرىشى بىلەن (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ) مېنىڭ ئاشۇ بەخىتلىك كۈنلىرىممۇ ئاخىرلاشتى. مەن تاماكا چېكىشنى ، ھاراق ئىچىشنى ھەتتا ... لارنى ئۈگەندىم. كېيىن ئاشۇ مەكتەپتە يەنى ساقچى مەكتەپتە ئوقۇدۇم...
ئىككىنچى يىلى مەنمۇ خىېلى ئۆزلەشتىم مەن ئاشۇ كۈنلەردە ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان قىزبىلەن بىللە ، قانچىلىك بەخىتلىك ھە ! مېنىڭچە ھەممەيلەن شۇنداق دەپ قارايدۇ... لېكىن تەڭدىن تولىسى ئۇزۇن ئەمەس، ۋاقىتىلىقلا خالاس.
مېنىڭمۇ ئەنە ئاشۇنداق بولدى. مەن ئاشۇ كۈنلەردە تۇرۇپلام خۇددى ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئالدىغان ئىدى!!! ئويلاپ بېقىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادەم تەرپىدىن ئالدىنىش قانچىلىك ئاچچىق ھە؟ مانا مۇشۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ... ئالدامچى ، يالغانچى تۇنجى مۇھەببەت!
مەن ئاشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن بىلەتتىم ئۇ ھامان بىركۈنى پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيمەن... مەن ئاشۇنداق قىلىپ يەنە بىريىلنى ئۆتكۈزدۈم لېكىن مەن ئۇنى يەنىلا ئۇنتالمايتتىم ، ئۇ ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلدى. لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم بىرخىللا ، بۇرۇنقىدەك ئەمەس. ئۇ مەندىن خۇددى يەنە ئايرىلىپ كېتىدىغاندەكلام... بۇنى بىلمەيتتىم، .ئاشۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە يۈردۈم... بىز مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالدۇق . ئاخىرى ئايرىلىش مىنۇتلىرى يېتىپ كەلدى، يەنى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاشۇ كۈندىن بىرھەپتە بۇرۇن مەن كۈتكەن ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋاقىت يېتىپ كەلدى، ئۇ يەنە مېنى ئالدىدى ، يەنە مەندىن يۈز ئۈرۈپ يەنە باشقىلارنىڭ قوينىدا ئاشۇنداق ئىشلانى قىلىپ يۈردى ... بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى ئاخىرى ئايرىلدىم ... ئاشۇ نەس باسقان يەردىن ئاشۇ نەس باسقان مېنى مۇشۇنچىلىك ئۆزگەرتىۋاتقان ئاشۇ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدىم... ھازىر جەمئىيتىمىزدىكى مۇھەببەت پەقەت پۇل بىلەنلام يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدىم... ئاشۇ مۇھەببەت دىگەن نەرسىدىن سەسكىندىم ... سەندىن سەسكىندىم...
مەن يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاشۇنداق قىزلار بىلەن نەچچە بىلەن يۈردۈم لېكىن بىر ھەقىقىي مۇھەببەتنى تاپالمىدىم . قانداق ئادەم چىرايدىن كۆرۈپ باھا بېرەلەيدۇ، ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيدۇ، ھېچقانداق ئادەم... مەنمۇ شۇ ؟
مەن ئاشۇنداق قىلىپ 5-6قېتىم ئاشۇ قىزلارنىڭ قولىدا ئالداندىم لېكىن مەن ھەقىقىي ياخشى كۆرسەم ئاشۇنداق ئالداندىم... ھەي
مەن ئاشۇنداق قىلىپ بۇ جەمئىيەتتىن سەسكىنىپ كەتتىم. ئاخىرى ئۆزۈمنى جازارلاش ، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەربىي بولۇش قارارىغا كەلدىم... ئاشۇنداق قىلىپ شىنجاڭ ئالاھىدە قىسىمغا ھەربىي بولۇپ كەتتىم ئاشۇ يەردە ھېچقانداق جەمئىيەت توغۇرلۇق، مۇھەببەت توغۇرلۇق ھېچقانداق نەرسە يوق... شۇنداقلا تاپالمايمەن... مەن ھەربىي بولۇش جەريانىدا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلدىم ھەم ئۆگەندىم ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەت قارشىنى ، كىشلىك قارشىنى ئۆزگەرتتىم. مەن ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ كېلىپ مۇشۇلارنى ئويلاپ قالدىمكى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى ئاشۇنداقلار دەپسەندە قىلۋاتىدۇ...
ئاخىرىدا گەرچە ئۆزۈمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ دېمەكچى بولغىنىم :
جەمئىيتىمىزدىكى ئاشۇنداق قىزلار، ئاشۇنداق ئوغۇللار، سىلەرنىڭ ئاتا ئاناڭلار يوقما؟ سىلەر توي قىلمايدىغانلارما؟ سىلەر ئەۋلاد قالدۇرمايدىغانلارما؟ سىلەر چوڭ بولمايدىغانلارما؟ بىز دىگەن مۇسۇلمان ئۆزۈڭلار ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ يۈزىنى تۆكەمسىلەر؟
سىلەرنىڭ ئاشۇ دېھقان ئاتا-ئاتاڭلارغا، ئاشۇ بىچچارە ئاتا-ئاناڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمامدا؟