turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 477 قېتىم كۆرۈلدى
tograk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 243
شۆھرەت: 2053 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2050 سوم
تۆھپە: 1064 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1076 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2317(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 زىيالىيلار ۋە ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-12-09)
           يېققىندىلا << مەلۇم ئۇنۋېرسىتنىڭ پىروفېسسورىنى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا بەك ئىچكىرلەپ ئارىلىشىپ كەتتى ، دەپ خىزمەتتىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇپتىدەك >> دېگەن گەپلەر تارالدى . بۇغۇ بىر مىش - مىش گەپ ، ئاق-قارىنى ئايرىماي تۇرۇپ << راست >> دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ مىش - مىش گەپ جەمئىيەتگە << ئۇنۋېرسىتنىڭ پىروفېسسورلىرىى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسا ، بولۇپمۇ بەك ئىچكىرلەپ ئارىلىشا بولامدۇ-يوق ؟ >> دېگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سۇئالنى تاشلىغاندەك قىلىدۇ . مېنىڭچە ، بۇ ھەقتىكى پىكىر ۋە كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىپ باقساق يامان كەتمەس .
            مۇنداقچە ئېيىتساق ، ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ئەسلىدىنلا ھۆكۆمەتكە تەۋە تۇرسا ، پىروفېسسورلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟ بولۇپمۇ بىزدەك پۇقرانىڭ نىمە چاتىقى ؟ . بىراق ، بىزنىڭ ھۆكۆمىتىمىز دېگەن << خەلق جۇمھۇرىيىتى >> نىڭ ھۆكۆمىتىدە ! ئۇنداقتا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسى ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن گەپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى پۇقرالارنىڭ زىيالىيىسى سانايدىغان پىروفېسسورلار ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشسشى ، ھەتتا << تېخىمۇ ئىچكىرلەپ >> ئارىلىشى كېرەك . ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ، ھەم ئۇمۇمنىڭ ، ھەم شەخسنىڭ مەنىپەئەتىگە چېتىلىدىغان تۇرسا ،  جۇمھۇرىيەتنىڭ پۇقراسى ، دۆلەتنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى بولمىش ھەر قانداق ئادەم ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا قانداقسىگە ئارىلاشماي تۇرالىسۇن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەت ئاساسى قانۇنىدا ھەر بىر پۇقراغا بەخشەندە قىلغان ھوقۇق تۇرسا ! زىيالىيلار دېگەن جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى ۋە ئۈيغاقلىرىدىن . شۇڭا ئۇلار ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرى ۋە ھۆكۆمەت ئىشلىرى خۇسۇسىدا ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . ھەم بۇ ھەقتە چۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلىشى كېرەك . بۇنىڭدىن 110 يىل بۇرۇن فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئېمىل زولا << درېفۇس دېلوسى >> غا ئارىلىشىپ ، پۈتكۈل دۇنيا زىيالىيلىرىغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنىدى .
             ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك ، مەيلى پىروفېسسورلار ۋە ياكى مۇتەخەسىس - ئالىملار بولسۇن ، ھەممەيلەن ئەل-ئاۋام بىلەن ياشاۋاتقان ئەھلى ئىلىملەر بولغانىكەن ، دېمەك ئۇلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەنلەر ، ئاۋامنىڭ دەردى- ھالى خۇسۇسىدا ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق كىشىلەر دېگەن گەپ . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا << ئارىلاشما >> ، << گەپ قىلما >> دېگۈدەكمىز ؟! بولۇپمۇ سىياسەتشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، سوتسولوگىيە ، ئانتروپولوگىيە ، پىسخولوگىيە ، ئېكولوگىيە ، قانۇنشوناسلىق ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسىس - ئالىملارغا كۆرە ئېيىتقاندا ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى شۇنداقلا ئۇلارنى << نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش >> ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت . بۇ جەھەتتە تەبىئىى پەنلەر ئالىملىرىنىڭ مەسئولىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر . دۇنياغا مەشھۇر فېزىك ئېينىشتېيىنمۇ ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئۆمۈر بويى ئارىلىشقانىدى . ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئېيىتساق ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئىچكىرلەپ ئارىلىشىپ ، ئادالەت يولىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئىككى قوۋۇز ھەق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدىغان زىيالىيىلار كۈرمىڭ . شۇڭا ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا قول تىققان ئالىم- مۇتەخەسسىسلەرنى ھەدېىسىلا << قولۇڭنى تارت >> ، << تىلىڭنى يىغ >> دەپ ئەيىبلەۋەرمەي ، ئۇلارنىڭ روھىنى تەشەببۇس قىلغىنىمىز تۈزۈك .              
             يەنە ، ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا مۇنداقمۇ << ئارىلىشىدىغان >>  مۇتەخەسىس - ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس . مىسالەن ، چىرىكلىككە يان باسىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار ، خىيانەتچى مەنسەپدارلارنى ئاقلايدىغان قانۇنشۇناسلار ، كۈچلۈكلەر ئۈچۈن ھەدەپ كاناي چالىدىغان << گۇپپاڭچى >> ، <<ھەمكارلار >> بۇنىڭ تىمسالىدىندۇر . ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان دېيەلەيمىز ؟ كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى ، << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش >> قا بولمايدۇ ئەمەس ، بولىدۇ . مۇھىمى زادى كىم تەرەپتە تۇرۇپ ئارىلىشىشىڭىزدا . مىسالەن ، بەزىلەر << ئارىلىشىش >> ىڭز مەنسەپدارلار ۋە ئۇلار بىلەن مەنپەئەتدار گۇرۇھلارغا پايدىلىق بولغان بولسا ، ئۇ ھالدا  << ئارىلىشىش >> ئەمەس ، قانچە ئىچكىرىلەپ ئارىلاشسىڭىز شۈنچە ياخشى . ھالبۇكى ، << ئارىلىشىش >> تا ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش مۇددىئاسى بىلەن بەزى مەنسەپدارلار ۋە ئۇلارغا باغلانغان گۇرۇھلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زەرەر يەتكۈزۇپ قويغان بولسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ . يېققىنقى يىللاردىن بېرى ھەرخىل ۋاقە - ھادىسە ، تۈرلۈك تۇمەن چىرىكلىك قىلمىشى << تېزىنى باسسا ، مېزى چىقىپتۇ >> دېگەندەك ئۈزۈلمىگەچكە كۆزىمىزگە سىڭىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ . قىزق يېرى ، ھەر قېتىم مۇشۇ خىلدىكى ئىش چىققان ھامان نۇرغۇن مۇتەخەسىس - ئالىم ئۇنىڭغا بەس-بەستە << ئارىلىشىدۇ >> . بىراق ئۇلارنىڭ << ئارىلىشىشى >> مۇنداق ئىككى خىل تۈستە بولىۋاتىدۇ : بىرى ، مۇتەخەسىس - ئالىملار ئىش تېرىغۇچىنى << قوغداپ قىلىش >> مۇددىئاسىدا ئارىلىشىپ ، ھادىسسىنىڭ ئۇ كىشىگە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ، قۇرۇلۇش سۈپىتىدە قىلچە مەسىلە يوقلىقىنى جېنىنىڭ بارىچە ئىسپاتلاپ پەتىۋا تاپىدۇ ؛ يەنە بىرى ، مۇتەخەسىس - ئالىملار ئۇنداق ئىشلارغا گۇمانى نەزەر بىلەن ئارىلىشىپ ، مەسىلىنىڭ نېگىزى ۋە جاۋابكارنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ . ئالدىنقىلارنىڭ ( جاۋابكارلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەنمۇ تېخى ، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ) ئارىلىشىشى تەبىئيكى ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار مۇكاپاتلىنىشى ھەتتا ئۆستۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن . كېيىنكىلەرگە بولسا ئۇنداق ئامەت نېسىپ بولمايدۇ ، ئۇنداقلارنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدۇ . ئۇلار << ئارىلىشىمەن >> دەپ داۋاملىق << تىركەشسە >> گەپ-سۆزى چەكلىنىپلا قالماي ، ھەتتا ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىشى تۇرغانلا گەپ .
            بايا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش >> ئەسلىدە ھەربىر پۇقرانىڭ ، ھەربىر باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ، بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئولىيىتى ئىدى . دېمەك ئۆزىنى << زىيالىي >> ھېساپلايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئاۋام- پۇقراغا قارىغاندا << كۆپنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئارىلىشىشى >> كېرەك .ناۋادا بۇ خىل ئارىلىشىش << يامان غەرەز >> ياكى << ناتوغرا ئۇسۇل >> تۈپەيلى ئۇمۇمنىڭ ياكى شەخسنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۆزسە ، ئۇنداقتا بۇ ئىشنى قانۇنغا قويۇپ بىرىش كېرەك .دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قانۇنى ، مەكتەپنىڭ قائىدە - تەرتىپى بولىدۇ . مۇبادا ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ قائىدە - تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ، مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق . ناۋادا لاياقەتسىز ، بىلىمسىز ، ئىقتىدارسىز بولسا دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا خۇشياققۇدەك ئۆتەلمىسە ياكى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ پەزىلەتسىزلىك قىلسا ، ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەرگە چىقىش سالاھىيىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تاشلىيالمىغان مەكتەپ تەشكىلىنى << لاياقەتسىز >> گە چىقارغۇلۇق . بىراق ھەر قانداق ئورۇن ۋە تارماق << ئەل - ئاۋامنىڭ ئىشلىرىغا ھامىلىق قىلىپ ئارىلاشقان >> كىشىلەرگە << ئۈزەڭگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشتىڭ >> دېگەن باھانە بىلەن ئازار بەرسە زىنھار بولمايدۇ . ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان << مىش -مىش گەپ >> نىڭ دېگەندەك ئاساسى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدەك ئەھۋاللار جەمئىيەتتە يوقمۇ ئەمەس . بۇ گەپلەرنى ھازىرچە ئاساسسىز دەپ تۇرساقمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا تارقالغىنى راست ، ھېچبولمىغاندا پۇقرالارنىڭ << زىيالىيلار ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسىكەن >> دېگەن ئارزۇسىنى ، شۇنداقلا ئاۋام - پۇقرالارنىڭ دەۋرىمىز ئالىي مەكتەپلىرى ھەققىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۈنسايىن << يامۇللىشىپ >> كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . ئەجەبا ، بۇلار چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۇپ بېقىشىمىزغا ئەرزىمەسمۇ ؟

                ئاپتور : ليۇ شىتۇڭ ( شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن ئېلىندى) 
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-08, 21:31
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-08 20:47 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 935(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغراق ئەپەندى، تەخىرسىز تېمىدىن بىرنى تاشلاپسىز.
مۇشۇ كۈنلەردە ئاۋام -پۇقرا ''پروففېسسور''، ''دوكتور'' دېگەندەك قالپاقلارنى پەقەتلا  چوڭ بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىمىكىن دەيمەن.بەزىدە ئۇنى دۇكانلاردىن پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىغان باش كىيىمىدىن پەرقى يوقتەكلە ھېس قىلىپ قالىمەن.
بەلكىم بۇ ئەشۇلارنىڭ << زىيالىيلارنىڭ ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشىشىدىن قورقىدىغان  >>،<<زىيالىيلارنىڭ ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشىشىنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى دەپ بىلمەيدىغان >>جانباقتىلىق خاھىشىدىن بولسا كېرەك.
ماڭا  ''پروففېسسور''، ''دوكتور'' دېگەندەك قالپاقلاردىن كۆرە يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ''مۇستەقىل تەتقىقاتچى''دېگەن قالپاق تېخىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ. ''پروففېسسور''، ''دوكتور'' دېگەندەك قالپاقلارنىڭ ئۈستىگە  ''مۇستەقىل تەتقىقاتچى''دېگەن قالپاقنى قوندۇرۇپ قويسا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ ئەمما نېمىشقىدۇر ئۇلار ''مۇستەقىل''ماركىلىق ھەرقانداق قالپاقتىن ئۆلگىدەك قورقىشىدۇ.

ۋەھالەنكى ،خەنزۇ زىيالىيلىرى ئارىسىدا << زىيالىيلار نىڭ ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسش >>ئەھۋالى خېلىلا ئومۇمىيلىشىشقا باشلىدى.ھەتتا ئۇلاردا ''مۇستەقىل تەتقىقاتچى''،  ''مۇستەقىل يازغۇچى''' كىشىلىك ھوقۇق ھامىيلىرى''دېگەندەك يېڭى ئۇقۇملار ئۈزۈلمەي مەيدانغا كەلمەكتە.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-09 11:51 |
bozqir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 962 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 927 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 935(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ تېمىنى نادىرلاپ قويسا بولغىدەك.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-09 11:58 |
uyghuroghlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4970
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 37 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 37 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جاھاندا قىزىق ئىش نايىتى كوپ
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-14 18:05 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 400 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 410 سوم
تۆھپە: 238 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 238 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«تەخىرسىز تېما»دەڭ،ئالامەت ئۇنۋانكەن بۇ.
مانداق يامان ئەمەس مەزموندا يېزىلغان ئەسەركەن دەپ ئاتاشلا مۇۋاپىق كېلەتتى بولمىسا، چۈنكە بۇ خىلدىكى ۋايساش تۈسىنى ئالغان ئەسەرلەر جۇڭگوچىلىقتا كۈرمىڭ.زىيالىلار-ئەمىلىيەتتە خېلى جۈرئەتلىكرەكىلىرى ئېھتىيات بىلەن كاسىلداۋاتىدۇ،سىياسەتۋازلار ئۆز يوللىرىغا دادىل كېتىۋاتىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-16 08:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار