مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى) 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جىن شۇرېن شامەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەرگە ۋاقتىنچە مۆھۈردارلىق ئىشلىرىنى بېجىرىپ تۇرۇشنى ھەم ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ تۇرۇشنى تاپشۇرىدۇ . بۇ چاغدىكى ئوردىنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان - تەرىنى غالجىرلىق بىلەن شوراپ ، ئۆزىنىڭ كەيىپ - ساپالىق تۇرمۇشىنى قامداشتىن باشقا ، ھېچقانداق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى قالمىغانىدى . ئۇ ، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن ناھايتى ئېغىر فېئوداللىق يۈك بولۇپ قالغانىدى . بۇ چاغدا ، قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتتىن ۋاڭلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ، << ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش >> نى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىدۇ . قومۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شىجاڭى ليۇ شىزېڭ رەئىس جىن شۇرېنغا مەلتۇپ يوللاپ ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ، ۋاڭلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، يەر - زېمىن ۋە پۇقرالارنى ھۆكۈمەتكە قارايدىغان قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . ئالاھەزەل شۇ ۋاقىتتا نەزەر ئۈرۈمچىگە چىقىپ ، جىن شۇرېن بىلەن كۆرۈشۈپ ، << ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىش >> پرىنسىپى بويىچە ، ئۆزىنىڭ ۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . جىن شۇرېن نەزەرگە ۋاڭلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ، << ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش >> نى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا سىلىق نەسىھەت قىلىدۇ . مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 ) 7 - ئايدا ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ ، لۇڭ شيېلىن ، چېن داشىڭ ، جۇيۈشيالارنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىدۇ . 8 - ئايدا لۇڭ شيېلىن ، چېن داشىڭ ، جۇيۈ شيالار كەينى - كەينىدىن قومۇلغا بېرىپ ، قومۇل ۋاڭىنىڭ << تەۋەلىكىدىكى يەر كۆلىمى ، ئادەم نوپۇسى ، بۇرۇندىن كېلىۋاتقان باج - سېلىق ۋە باشقا ئۆزگەرتىشكە ياكى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك ئىشلار >> نى ئېنىقلاشقا كىرىشىدۇ . نەزەر ۋە ئۇنىڭ جايلاردىكى قولچوماقلىرى فېئوداللىق ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا تەن بەرمەي ، باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى باشلانغان ھامان ، تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ، ئىشنى ئاقسىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ، تۇرۇپ يەر ۋە باج دەپتەرلىرىنى تاپشۇرمايدۇ ، تۇرۇپ ئوردىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىنى چاتاق چىقىرىشقا قۇترىتىپ ، باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . نەزەر يەنە جىن شۇرېنغا خەت يېزىپ ، بىر تەرەپتىن ، يالغاندىن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلغان بولۇۋالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، << ئوردا يەرلىرىنى ئېنىقلاشنى كەچۈرۈم قىلىش >> نى ۋە << بۇرۇنقى يەر - زېمىن ، پۇقرالار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاشلىق بېجى ، دەۋا ئىشلىرى ، ئەمەلدارلارنى ئىشقا تەيىنلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار >> نى ئىسلاھ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ . جىن شۇرېن بۇنى كەسكىن رەت قىلىپ ، نەزەر ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارغا تۈرلۈك تىزىم دەپتەرلىرىنى تېزدىن تاپشۇرۇش توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن ، باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى قومۇل ۋاڭىنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى ، باج ۋە نوپۇسىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملايدۇ . 11 - ئايدا ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىسلاھ لاسىيىسىنى ئېلان قىلىپ ، قومۇلدا ئۈچ ناھىيە تەسىس قىلىش ، ئەسلىدىكى قومۇل ۋاڭىنىڭ يەرلىرىنى ئىختىيارىي تېرىشىغا يول قويۇش ، باجنى ھۆكۈمەت ئېلىشنى بەلگىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، قومۇل ۋاڭىغا ئەۋلادتىن - ئەۋلاد مىراس بولۇپ كەلگەن ئىمتىياز ۋە يەر - زېمىن ، ئاھالە ، باج قاتارلىقلار ئۈزۈل - كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ . جىن شۇرېن نەزەرنىڭ قومۇل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى دېگەن قۇرۇق نام ئاستىدا نەزەربەنت قىلىپ قويىدۇ .
داۋامى بار ...
مەنبە : قومۇل ناھىيە تەزكىرىسىدىن