karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1755 قېتىم كۆرۈلدى
nijat
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 19
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 سوم
تۆھپە: 283 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 289 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇرپان كارىزلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا رىۋايەتلەر

كارىزنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار يوق ، ئەمما ، تۇرپان دېھقانلىرى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن
مۇنداق ئۈچ خىل رىۋايەت بار
 
بىرىنچى خىل رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا چىگە بۇلاق ئەتراپىدا تاشئاخۇن ئىسىملىك بىر چارۋىچى بوۋاي ئۆتكەنىكەن . ئۇنىڭ توققۇز ئوغلى بار ئىكەن . تاشئاخۇن ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ نەۋرە – چاقىلىق بولۇپ ، جان سانى ئەللىككە يېتىپتۇ . بوۋاي بىر كۈنى بالىلىرىنى يىغىپ ، ئۇلارغا : "سىلەر ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار . مەندىن كېيىن قالساڭلار ، بۇ كىچىككىنە بۇلاق سۈيى تىرىكچىلىك قىلىشىڭلارغا يەتمەيدۇ . شۇڭا باشقا جايدىن سۇ تېپىشىڭلار كېرەك" دەپتۇ - دە ، ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلاپ ، توققۇز ئوغلىنى توققۇز تەرەپكە يولغا ساپتۇ . سەككىز ئوغۇل مەڭگۈ بۇلاق (مۈنكە بۇلاق) ، چىگە بۇلاق ، پاقا بۇلاق ، توشقان بۇلاق ، تاللىق بۇلاق ، توغراق بۇلاق ، سىڭگىم بۇلاق ، يىلان بۇلاق دېگەن بۇلاقلار ئەتراپىغا ماكانلىشىپتۇ . ئەڭ كىچىك ئوغۇل بولسا ، ماڭا - ماڭا تاغ باغرىدىكى ئوت - چۆپلەر ، يۇلغۇن ، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ياپيېشىل بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ . قارىسا بۇ يەردە چوكىدەك سۇ سىرغىپ ئېقىۋاتقان ، ئەتراپىدا نەم ئۆرلەپ تۇرغۇدەك . يىگىت سۇ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . قارىسا بىر تۈپ قومۇشنىڭ ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقانىكەن . ئۇ : "مۇشۇ جاي بولىدىكەن ، سۈيى ۋە يېتەرلىك ئوت - چۆپى بار ئىكەن" دەپ قايتىپ كېلىپ ، ئەھۋالنى ئاتىسىغا مەلۇم قىپتۇ . ئاتىسى ئوغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ قارىسا ، دېگەندەك ياخشى جاي ئىكەن . ئۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرگە كېلىپ بالىلىرىغا : "بۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرنى ئىچكىرىلەپ كولاڭلار " دەپ تاغنىڭ ئىچىگە قاراپ ئىككى – ئۈچ كۈن كولاتقۇزۇپتىكەن ، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە كۆل چېپىپ ، سۇنى كۆلگە باشلاپتۇ . كۆل ھەر كۈنى بىر قېتىم توشىدىكەن . شۇنداق قىلىپ كەنجى ئوغۇل مۇشۇ جايغا ماكانلىشىپتۇ . ئاتىسى : "بالام ، بۇ بۇلاقنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ چاپقانسېرى سۈيى ئۇلۇغلاپ بارىدۇ ، شۇڭا ھەر كۈنى ئاز - ئازدىن چېپىشنى داۋاملاشتۇر" دەپ تاپىلاپتۇ . كەنجى ئوغۇل شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ، تاغنىڭ ئىچى تەرىپىگە قاراپ ئېرىق چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپ ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ تىلىمغا ئايلىنىپتۇ . تىلىمدىن تەشمىگە ئايلىنىپتۇ . تەشمە ئۇزارغانسېرى لاي چىقىرىش ۋە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپ ، لاينى شۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىدىغان بوپتۇ . شۇنداق قىلىپ قىسقا تەشمىلىك بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بوپتۇ . كېيىن بۇ ئۇسۇل� باشقا جايلارغىمۇ تارقىلىپتۇ.
ئىككىنچى رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا بىر پادىچى بالا ئايدىڭكۆل ياقىسىدىكى بىر ئوتلاقتا مال باقىدىكەن . بىر كۈنى ئۇ چىڭقى چۈشتە مال بېقىۋېتىپ بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ - دە ، سۇ چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن نەم ئۆرلەپ تۇرغان يەرگە تاياقنى غۇلاچتىن ئوشۇقراق پاتۇرۇپ ، سۇغۇرۇپ ئېلىپ قارىسا ، ئۇچىغا لاي يېپىشىپ چىقىپتۇ . پادىچى بالا : "كولىسام سۇ چىقىدىغان ئوخشايدۇ" دەپ ئويلاپ ئەتىسى كەتمەن ئەكېلىپ قارىسا تاياق سانجىلغان تۆشۈككە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . ئۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ ، بۇ يەزگە بىر كۆل كولاپتۇ . ئەتىسى كېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، بۇ كۆلنىڭ يېرىمىغىچە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . پادىچى بالا بۇ ئەھۋالنى ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىلىك ئادەم كېلىپ ، سۇ چىققان يەرنى چوڭقۇرلاپ چاپقانىكەن ، كەتمەن سېپىدەك سۇ چىقىپ ئېقىشقا باشلاپتۇ . بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان دېھقان باشقا قاراپ چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ ، قازىدىغان توپا مىقدارى كۆپەيگەندىن كېيىن ، ئېرىق قېزىشتىن تەشمە قېزىشقا ئۆتۈپتۇ . تەشمە تېشىلىپ مەلۇم جايغا بارغاندا ، لاي چىقىرىش ، ھاۋا ئۆتۈشۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەى بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بولغانىكەن . كېيىنچە بۇ كارىز باشقا قارىتا ئۇزارتىلىپ قۇدۇق سانى تەدرىجىي كۆپىيىپ ، نۇرغۇن قۇدۇقلۇق كارىزغا ئايلانغانمىش.
ئۈچىنچى رىۋايەت: تۇردىئاخۇن ئىسىملىك بىر ئوۋچى ئايغىر بۇلاق تېغىغا شىكارغا چىققاندا ، كەچ قېلىپ دالىدا يېتىپ قاپتۇ . كېچىسى قۇلىقىنى يەرگە يېقىپ ياتسا ، يەر ئاستىدىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ . يەر ئاستىدا ئېقىن سۇ بار ئوخشايدۇ ، دېگەن خىيالغا كەلگەن تۇردىئاخۇن ئەتىسى بالىلىرىنى ئۆزى قونغان جايغا باشلاپ كېلىپ ، ئۇ يەرنى نەچچە غۇلاچ قازغانىكەن ، سۇ چىقىپتۇ . ئاندىن قۇدۇق سۈيىنى تەشمە ئارقىلىق ئېقىتىپ يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىپتۇ . توقسۇندىكى ساي كارىز مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانمىش
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-29 02:39 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 545 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 سوم
تۆھپە: 325 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 325 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كارىزنى  لىن زىشۈ  كەلگەندە  قىپتىكەن داۋاتقانغۇ  !
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-06 22:43 |
tirx
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 149
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 581 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 581 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كارىزنىڭ  تارىخى  3000يلدىن  ئاشىدۇ
پۈتۇن دۇنيادا  شنجاڭىنىڭ    
تۇرپان  قومۇل  گۇچۇڭ  تەرەپللەردە  ئەڭ  كۆپ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 00:39 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 526
شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kaptarدە2011-01-06 22:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كارىزنى  لىن زىشۈ  كەلگەندە  قىپتىكەن داۋاتقانغۇ  !


 ھاھ  ھاھ .....    راست  دەيسىز   ناننىمۇ  شۇ   بىزگە  ئۆگۈتۈپ  قويۇپتىكەن  ،   بىزگە  ئۈگۈتۈپ   ،  ئىجات  قىلىپ  بەرگەن  ئىشلىرى  بەك  كۆپ   بەك  كۆپ  ،   قانداقمۇ  رەھمەت  ئېيتىپ   بولارمەن  ؟  
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 01:54 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1363 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kaptarدە2011-01-06 22:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كارىزنى  لىن زىشۈ  كەلگەندە  قىپتىكەن داۋاتقانغۇ  !

تۇرپان مۇنارىنىمۇ،بىز كيۋاتقان دۇپپىنىمۇ لېنزىشۇي  قىپتىمىش.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-24 12:58 |
lazzat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 893
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 25 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 25 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 
تۇرپان<كارىز ئارامگاھى>دۆۋلەتلىك < 4 ئا>دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى.2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە تۇرپان كارىزى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇلۇپ،تۇرپان <كارىز ئارامگاھى>تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى20ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئارىسىدا2 -بۈلۈم دۆلەتلىك <4 ئا> دەىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ تەستىقلانغان ساياھەت مەنزىرە رايونى ھىساپلىنىدۇ. بۇ جاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى.نۆۋەتتە <كارىز ئارامگاھى>يىلىغا 300مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىسىل ساياھەت رايونىغا  ئايلاندى.2003-يىلى بۇ ئورۇنغا ئاپتۇنۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى <3 ئا> دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دەپ نام بەرگەن.ئومومى ئۇزۇنلۇقى5000كىلومىتىردىن ئاشىدىغان كارىز ئاساسلىغى تۇرپان،قۇمۇل،خوتەن قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ دۆلىتىمىزدە سەددىچىن سىپىلى،بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭ يەنە<يەر ئاستىدىكى سەددىچىن سېپىلى>دىگەن نامىمۇ بار.2007-يىلى 27-دىكابىرغىچە 1108 كارىزنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان
[ بۇ يازمىنىlazzatدە2011-03-25 15:46قايتا تەھرىرلىد ]
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-25 15:41 |
muqam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 119 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 119 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كارىز  توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۇرپان تەزكىرىسى تور بېكىتىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ ...
http://www.turpan.biz
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-26 12:37 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ئاۋال ئويلىساق :مەلۇم بىر قۇرلۇش ياكى ئىمارەتنىڭ ياسلىشى ئالدى بىلەن جۇغراپيلىك مۇھىت  تەرپىدىن بەلگلىندۇ،تۇرپانغا ئوخشاش مۇھىتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كارىزدىن پايدىلىنىپ سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ ،ئاۋۇپ كۆپەيگەنلىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق تۇرسا بىز يەنە نېمە دەپ، شىجاڭغا پالانغان لىن زېشۈ گە ئوخشاش كىشلەرنىڭ< ئېلىدا ئۆستەڭ چاپقانلىقى، ياكى بىزگە كازىر كولاپ بەرگەنلكى>..گە بەك ئىسلىۋالىمىز ؟كارىز قاچان پەيدا بولغان،لىن زېشۈ قاچان شىجاڭغا كەلگەن؟!!! بىز يەنە نېمدەپ خەخنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينايمىز؟...قىسقسى،كارىز بىزنىڭ،ئۇ ئەقىللق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ماددىي مىراسى.بىز پەقەت ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز ،ئەۋلادلارغا يەتكۈزشىمىز كېرەك _ئەلۋەتتە!
hawar
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 22:10 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1363 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر كىملەر تەرپىدىن ئاتالمىش تارىخچى ئاتالغان بىر لامزەللە يازغۇچىۈ كارىز تۇغىرلىق مۇنداق يازغان:لىن زىشۇي ئەسكەرلرى بىلەن ئىدىقۇت دىيارىغا چۇشكىن قىپتۇ،كېچىسى لىن زېشۇي ئۇخلاۋاتسا سۇنىڭ شېرلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇنۇپ ئەسكەرلېرىنى قۇدۇق قېزىشقا بۇيرۇپتۇ،قىزىپ بۇلۇپ يەنە بىرنى قىزىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئارقىمۇ ئارقا قۇدۇق قېزىپ كارىزنى كەشىپ قىپتۇ......قاراڭ ما لەقۋا يازغۇچىنىڭ بايانىغا،بۇ لەنىتى لىن زېشۇي دەۋرىدىن خلى ئۇزۇن دەۋىر شۇ ماكاندا ياشغان تۇرپان ئۇيغۇرلېرىنىڭ  كارىز قېزىپ تېرىقچىلىق قىلغانلىغىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ئەگەر بۇ  ئەبلەخ دىگەندەك كارىزنى لىن زېشۇي قازغان بولسا شۇنىڭ بۇرۇن ياشغان تۇرپان ئۇيغۇرلرىنى سۇ ئچمەي،سۇ ئىشلەتمەي قانداق تېرىقچىلىق قىلغاندۇ؟............
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-10 12:24 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي-دېمسىمۇ راسىت ئەمەسمۇ؟ كارىزنىڭ يىل دەۋرى 3000يىلدىن ئاشىدۇ،ئەمما ئۇ پالاندى >مىللىي قەھرىمان> شىنجاڭغا 1840-يىللاردا كەلگەن تۇرسا؟!!!تىخى ئېلى رايونىدا ئۆستەڭ قازغان تارىخىمۇ بار ئۇنىڭ.....     
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-14 14:32 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋەلى كېرەم كۆك ئالىپنىڭ «كارىز »ھەققىدىكى كىتابىنى بۈگۈن قايتا كۆرگەندىن كېيىن بۇ تېما ھەققىدە يەنە بىر نەرسە دېيىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقنى  ھېىس قىلدىم....
   كۆپچىلىككە ئايان بولسۇنكى «كارىز » ئاتالغۇسى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز.
  باشقىىسى ئىشەككە يۈك........................................
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-16 01:47 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى