turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 303 قېتىم كۆرۈلدى
kawkaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 229 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 118 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 124 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم 5-قىسىم

تۈنۈگۈنلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھاڭۋىقىپ كىرىپ كەلگەنىدۇق ، مانا ئەمدى   ئالى مەكتەپ بىلەنمۇ ۋىدالىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز . ھەممىمىزنى ئورتاق بىر ھاياجان ،دىلىغۇللۇق ،كەلگۈسىگە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈش ھېس -تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى .ئەتىيازنىڭ غۇر -غۇر شاماللىرى يىڭى بىر يىشىل ھاياتنىڭ شەپىنى ئېلىپ كەلدى .
مەن بۈگۈن كومپىيوتىر دەرىجە ئىمتىھانىنى ناھايىتى ياخشى بەردىم . ئاللا خالىسا ،ئۆتۈپ كېتىشىمدە گەپ يوق . ئەمما ئوقۇش ئاخىرلاشقانسېرى ،مېنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ،غەش قىلىدىغان ئىشلار بىلەن تەڭ قەدەمدە مېنى بىئارام قىلماقتا . شامىل ئون نەچچە يىل ئوقۇغىنى يەتمىگەندەك ،ئاسپىرانلىقتىن ئېشىپ چەتكە  چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىغا ئېرىشتىم دەپ خۇشال بوپ يۈرىيدۇ ،ئەمما مەنچۇ ؟ ئۇ بولمىسا ،مەن كىمنى تىللاپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن ؟ دېپلومىمنى ئېلىپ مەن يۇرتۇمغا كىتەمدىم ؟ ئىككىمىزنىڭ ئىككى يۇرتتىن  ئىكەنلىكىنى بەش بارمىقىمدەك ئېنىق تۇرسا ، مەن يەنە نىمىشقا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ،ئاسماننىڭ تېگىدە مانتا يەپ ياشىغاندىمەن ؟ئۆيۈمدىكىلەر ،مېنى ھەرگىز غۇلجىلىققا بەرمەيدۇ .‹‹ۋىيەي ،نىمە دىگەن يىراق يەر ئۇ ،بىر كىچە چايقىلىپ ، ئۇخلاپ قوپساڭمۇ سۈيدۈڭنى تاڭ يورۇماي كۆرەلمەيسەن  ،شۇ يەرگە قىز بەردىم دەپ ،ئىڭەك يۆلەپ ئۆمرۈم ئۆتەمدا مېنىڭ ؟›› ئااپامنىڭ شۇنداق دەپ تۇرۇۋىلىشى ھازىرلا ،دادام  قولىدۇ ئاندىن ‹‹قىز بالا دىگەننى ،زادى ....ھەي بولدى ،ئاپىسى سەن نىمىدە دىسەڭ شۇ ››....مۇشۇلارنى ئويلىسام ،بىشىم زىڭڭڭىدە قىلىپ ،قېتىۋالغان كومپىيوتىردەكلا بولۇپ قالىدۇ .
بىر دەسسەپ ،ئىككى دەسسەپ كۇتۇپخانا ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقلاردا بىردەم ئارامىمنى ئېلىپ ،كاللامنى سەگىتەي دەپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .
-سابا ،ھوي پاڭ قۇلاق سابا !
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ،شامىلكەن .ئۇنى كۆرۈپ بىر ئۇھسىنىپ قويدۇم .
 قارىماققا ئۇ خېلى يەردىن مېنى كۆرۈپ يۈگرۈپ كەلگەن چېغى ھاسىراپ كەتكەنىدى .
-كۆزەينىكىڭ چۈشۈپ قالغۇچىمۇ يۈگرەمسەن ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ  ئەجەنسىنىپ ،-چاقىرمىساممۇ ئۆزۈڭ بىلىپ كېلىدىغان ۋاقتلىرىڭ بولىدىكەن -ھە سېنىڭ .
-ھا.....ھا......ھۇ....ھۇ....،-ئۆزۈڭ بىر ئەپتىڭگە قارىغىنا ،-دىدى ئۇ ئايىقىمنى  شەرەتلەپ قانداق كېتىپ بېرىپسەنكىن ،توۋا ،چاقىرمىسام مۇشۇ پېتى خەلقئارا چوڭ بازارنى بىر ئايلىنىپ كەلمىگىن ،ھېلىمۇ بۈگۈن كۆڭلۈم تۇيغاندەك كەپتىمەن .
    ئۇ بۈگۈن نىمانچە خوش بوپ كەتكەندۇ ،-مەن شۇلارنى ئولاۋېتىپ ئايىقىمغا قارىدىم .
-ئوھۇ، بۇ مەن ،نىمە قىلدىم ئەمدى ،مۇشۇنداق چىقتىمما ؟-پۇتۇمدا كومپىيوتىر زالىدىن كىيىپ چىققان  سۇلياۋ قاپ تۇراتتى .مەن بايا خىيال بىلەن پۇتۇمدىن سىلىۋىتىشنى ئۇنتۇپلا شۇ پېتى چىقىپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟-مەن پۇتۇمدىن سۇلياۋنى ئىتتىك سالغاچ شامىلغا قارىدىم ،-ئەجەپ خوش  قىلىۋىتىپتىمەن سېنى ھە ،ئوبدان كۈلۈۋال ،كىيىن ياپۇن پاپالىرىنىڭ ئالدىغا بارساڭ ، سېنى كۈلدۈرىدىغان مەن يوق ،غېرىپبىسىنىپ قالىسەن .
شامىل جىمىپ قالدى ،بەلكىم سۆزلىرىم ئۇنى بىئارام قىلدى ياكى بولمىسا ئۇنىڭمۇ كۆڭلى تىنچ ئەمەستۇر .
-ماڭە ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام .
بىز تاماقتىن كىيىن خۇڭخۇ كۆلى ئەتراپىنى ئايلاندۇق . خۇڭخۇ كۆلى بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەك سۈيۈملۈك تۇيۇلمايتتى .
-ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىلىق بەك جىق ئويلاپ كەتمە ،-دىدى شامىل يەردىن كۆزىنى ئۈزۈپ يىراقلارغا تىكىلگىنىچە ، خۇدا بۇيرسا ،مەن ئىككى يىل ئوقۇسام قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ ؟سەنمۇ ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ ،ئۈرۈمچىدە قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلغىن .ئاڭلسام ،بەشىنچى ئويدا مەمۇر قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى باركەن ،سەن نەنخۇدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش تاللا بازىرىغا  بېرىپ ،ئىمتھانلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغىن . ئاڭغىچە ،ياخشى تەكرار قىلىپ ئىمتىھان بېرىپ باققىن ،ئامال بار ئۈرۈمچىدە قىلىشنىڭ چوتىنى سوقۇپ قوي ،مەن قايتىپ كەلسەممۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىمەن .  شۇنداق بولغاندىلا ئىككىمىزگە ھەر جەھەتتىن شارائىت ئوڭ بولىدۇ .چىن پۈتسەڭ ،ياپونىيەگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشۇم  مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇش .بۇنىڭ ئۈچۈن قەيەردىلا يىلتىز تارتماي مەن ئۈچۈن ئانا تۇپرىقىمنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاش .شۇڭا مەن ئوقۇغان بىلىملىرىمنى ئىشلىتىشكە ئۈرۈمچىنىڭ شارائىتىنى لايىق تاپتىم .ھەدەممۇ ئۈرۈمچىدە ، مەن كىيىن دادام ئاپامنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋالساممۇ بولىدۇ .ئۈرۈمچى ھەم ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق .چۈنكى مەن بىلىمەن .سېنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر سېنى ھەرگىز غۇلجىغا ئەۋەتمەيدۇ .مەن ھەممىنى ئەتراپلىق ئويلاپ ،ئۆز ۋاقتىدا ،ئاسپىرانلىقتا ئوقۇشنى توغرا تاپقان .ئۇنداق بولمىغاندا ،مېنىڭ تولۇق كۇرس سەۋىيەم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مىغ -مىغ خىزمەت كۈتۈپ يۈرگەن سىتودىنتلارنىڭ ئارىسىدا ،مەن ئاللىبۇرۇن شاللىنىپ كىتەتتىم .مۇھىمى ،مەن ئارزۇلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن .  سېنىڭ كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇۋاتقىنىنى بىلىمەن .بىراق ،سەن ئەقىللىق قىز ، ساڭا ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ كارايىتى يوق .ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ،چوڭ ئارمانلارنى يولدا قۇيۇشقا بولمايدۇ .بەلكىم ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى دەل شۇ ئارمانلار ئۈچۈن .بىز 10يىل ياشايلى ،ياكى 30 يىلياشايلى ، خەلقىمىزنىڭ ئازراق ھاجىتىدىن چىقىپ ئۆتسەك ،مانا شۇنىڭ ئۆزى پاراغەت ،ئەنە شۇنىڭ ئۆزى -بەخت .خاتىرجەملىك ،بۇنى بىلەمسەن سابا ؟
 خۇدا خالىسا ،كىيىنكى ئىشلارنى  ، كىيىنگە بارغاندا ،بىر نىمە دىيىشەرمىز . ‹‹ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ ››دىگەندەك ، بار مەسلىھەتنىڭ ھەممىنى ھازىر دەۋالمايلى ،قانداق دەيسەن ؟
-بار گەپنىڭ ھەممىنى سەن قىلىۋاتساڭ ،مەن يەنە نىمە دەيتتىم ؟،-دىدىم مەن شامىلغا مەيۈس قاراپ ئۇھسىنىپ . مەن شۇ سېنى ياپۇنىيەگە بېرىپ ،پەتەك خوتۇندىن بىرنى باشلاپ كەلمىگىدى دەپ ئەنسىرەيمەن شۇ ،ھى......ھى....باشقا دىلىغۇلۇم يوق .
-ھى.......ھى.....سېنىڭ مۇشۇ يەرلىرىڭ ئوماق جۇمۇ ،بولمىسا ،قاش كۆزۈڭنىڭ تايىنىمۇ يوق نىمە سەن .
-ناۋادا دېپلوم ئالغۇچە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەمچۇ ؟ئۆيدىكىلەر ئۇ چاغدا مېنىڭ كۈدە كۆرپەم بىلەن مېنى قۇشۇپ ئېلىپ كېتىدۇ ،-دىدىمەن يىغلامسىراپ .
-ۋاي نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ،ئىمتىھاننى ئۆتكىدەك بەرمەي نىمىش قىلىسەن سەن ئەمدى؟دىگىنە  بۇكۇلىرىڭ بارمۇ -يە ،يوق خىيالنى قىلىۋەرمەي ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىل . بۇ يەرنىڭ ئىمتھانىدىن ئۆتەلمىسەڭ ،غۇلجىنىڭكىگە بېرىپ ئۆتۈپ ، ئالدىمدا غۇلجىغا بېرىپ ،ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تۇر .گەپ شۇ .ھېلى ئۇنى دىسە ،ھېلى بۇنى دەيدىكەنسەن ، بىشىمنى ئاغرىتىپ .نىمە قىلىسەن دەيمەن ،يوق ئىشلارنى ئارتۇق غەم يەپ . ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن ،سەن ھازىر پەقەت ھازىرنىڭ غىمىنى قىلغاچ تۇر .
گەپ شۇ يەردە ئۈزۈلدى .ئىككى كىشىلىك يىغىنىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . كىلەر ھەپتە كۆرۈشەيلى ،كۆرۈشكىچە خۇشۋاق بولايلى ...بىز كۆزىمىز قىيماي خوشلاشتۇق .
جېبران شۇنداق ئېيتقانىكەن ‹‹مۇھەببەت- ئىككى گۈلزار ئوتتۇرسدىكى تام .›› شامىل ئىككىمىز ئاشۇ تامنىڭ ئىككى يېقىدا تۇرۇپ مۇھەببەت گۈللىرىنى تەرمەكتىمىز ، ھەر ئىككىلىمىز بۇ تامنىڭ شورىلىرىدىن  ئارتىلىپ ،بىر بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشالايمىز ،ئەمما بۇ تامنى بۇزۇپ قويساق بولمايدۇ ،ئاشۇ تام بولغانلىقى ئۈچۈنلا ،بىزنىڭ مۇھەببەت رىشتىمىز باغلانغان .
ھەر قانچە قىلساممۇ كەيپىياتىمدىكى بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم .ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىميو ،يەنىلا كەلگۈسى تەقدىرىمدىن تەشۋىشلىنەتتىم . شامىل ياپونىيەگە ماڭسىلا ،مېنى ئۈمۈرلۈك تاشلاپ كېتىدىغاندەك بىر ئازان تۇيغۇسى قەلبىمنى چىرمىۋالغانىدى . شامىلنى تالاي قىېتىملاپ ئۇرغان سومكامنى يېنىمغا قۇيۇپ ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ  ئويلاپ باقسام ،شامىلنى  ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەنمەن .شامىل كەسىپ -خىزمەت ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىۋىتىپتۇ ،مەن بولسام مۇھەببەت ئۈچۈن خىزمەت تاللاۋېتىپتىمەن .بۇ ئىككى جىنىسنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك .ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قاچان قايتىپ كېلىسەن ،ئىمتھاننى بۇ يەرگە كېلىپ بېرەمسەنيا ،››دەپ بىسىم قىلىشلىرى ،مېنى ئىككى ئوتتۇرىدا ھالسىرىتىۋەتكەنىدى .مەن شامىل بىلەن يۈرگىنىمنى ئاپامغا دەسلىۋىدىلا ئېيتقانىدىم .ئاپاممۇ ئاخىرى يۈرۈش تەكلىۋىمگە ئاران قۇشۇلغانىدى :
-قېنى ئاخىرىنى قانداق چىقىراسەنكىن ،ئۇمۇ يوق ،بۇمۇ يوق ئولتۇرمىساڭلا بولاتتىغۇ .داداڭ سېنى فىزىكىدا ئوقۇتماي ،كۆڭلى يۇمشاقراق ئادەم بولىدىغان ئەدەبىيات دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇتقان بولسا ،بۇنداق چويۇندەك قاتتىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالماس بولغىيتتىڭمىكىن ؟ پىلانلىق تۇغۇتقا مۇنداقمۇ باش ئۇرۇپ ئەمەل قىپ كەتكەندىمەنمۇ ئەمدى ،بىر بالىنىڭ جاپاسى ئەجەبمۇ تەسكەنغۇ ،ئاللا ئىگەم ،- ئاپام غودۇرىغان پېتى چىقىپ كەتكەنىدى .مانا شۇ غودۇراشلارغىمۇ 3-4يىل بولاي دەپتۇ .
مەن ئۈچ ئاي مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا پىراكتىكىنى ئۈچ يىلدەك  بىلىنىپ ئاران توشقۇزدۇم . مانا بۈگۈن ئۇنى  ئەتىگەن ئايرۇدۇمدا ئۇزىتىپ قويدۇق ،ئۇنىڭ دادا -ئاپىسى ،ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزاتتى ،مەن بولسام ،كۆزۈمنى مىت قىلماي ،ئىچىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم .شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى ،ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ تۇردۇم ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ نومۇس قىلماي ماڭقامنى ئېقىتىپ يىغلاپ يۈرەي ، بۇمۇ بىر ھىسابتا بولغىنى ، ئۆزۈمنىڭ ئاتا -ئانىسىغا يىغلىمىغان قىز تېخى توي قىلمىغان يىگىتى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ئالدىدا يىغلاپ يۈرسە ،نىمىدىگەن سەت ئىش بۇ ....ئالى مەكتەپكە چىققاندا ،ئاپام -دادامدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەندە   بىكەتتە كۆزۈمگە مۇشۇنداق ياش كەلگەنمىدى ؟ ئۇ چاغدا ئالى مەكتەپكە چىقتىم دەپ خۇشاللىقىمدا ئۇلار يىغلىسا ،غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ‹‹بولدى ، نىمىگە يىغلايسىلەر ؟ئالىم مەكتەپكە ئۆتەلمىسەمغۇ ، قاتاردىن قالدى دەپ يىغلىغان بولساڭلار ،ئۆتۈپ كەتسەممۇ يىغلايدىكەنسىلەر ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ››دەپ غۇڭشىغان پېتى خوشلاشقانىدىم .››مەن سېغىنىشلىرىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،مەمۇلار ئىمتھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن  باش كۆتۈرمەي تەكرار قىلدىم .قاچانكى كىچىك ئاپام ‹‹سابا ، ئەمدى ئۇخلاڭ ،بەك كەچ بولۇپ كەتتى ››دىگەندىن كىيىنلا ،ئاستاغىنا ئوغرىلىقچە كومپىيوتىرنى ئېچىپ ،خەت ساندۇقۇمغا قارايتتىم .ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت بولسا ،ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كىتەتتىم .
-ياخشىمۇسەن سۈيۈملۈكۈم ،(قارا بۇنى ،كىتىۋىلىپلا سۈيۈمۈلۈكۈم دىيىشنى ئۆگىنىپتۇ  مانا )قانداق ئەھۋالىڭ ،بۈگۈن ئەتىگەن تۇردۇڭمۇ ؟
مەن ئەتىگەن تۇرۇپ يېرىم سائەت چېنىقتىم ،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغىمۇ ئاخىرى كۆنۈپ قالدىم .چېنىقىش مەيدانلىرىدا گۈزەل ياپون پاكارلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن . يەنە خاپا بولۇۋاتىسەن -ھە .ھى........ھى... ئەمما مەن شۇنداق سەپسېلىپ قاراپ باقتىم ،ھېچقايسسى ساڭا يەتمەيدىكەن .بىز بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ،خىراجىتىمىزنى كۆتۈرۈپ ،بىر تەرەپتىن ئوقۇيدىكەنمىز .  ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئوقۇپتىكەنمەن ،ھەر نىمە بولسا شۇ ئەسقىتىۋاتىدۇ .ياپۇنچە سۆزلەرگىمۇ خېلى ئۇستىراپ قېلىۋاتىمەن .ياپۇنچە سۆزلۈكلەرنى بىر ساۋاقداش قىز ئۆگىتىپ قۇيۇۋاتىدۇ . خاتىرجەم بول ئۇ بەك سەتكەن .بولۇپمۇ بۇرنى .ھا...ھا..... سەنچۇ ،ئىمتىھانغا ياخشى تەكرار قىلىۋاتقانسەن ؟ئاللاتائاللا مۇساپىرنىڭ تىلىكىنى بەكرەك بېرىمەن دەپتۇ ،مەن بۇ يەردە تۇرۇپ بىلسەڭ كۈندە بىر قىتىم ئاللاتائاللادىن ئىككىمىزنىڭ بەختىنى ،سېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ،ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاللاھتائاللادىن بۇ تىلەكلىرىمگە تېزرەك يەتكۈزسىكەن دىگەن ئۈمىدىم بار . قالغىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا بارغاندا ،تىرىشىپ -تىرمىشىپ  تىلەكلىرىمىزگە يېتىمىز . بۇ يەردە شىنجاڭدىن ئوقۇشقا كەلگەنلەر ،ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلار كۆپكەن ،مەن بۇ يەردە  ئويغۇر قېرىنداشلارنىڭ خېلى كۆپلىكىنى كۆرۈپ  ،دادام -ئاپام ۋە سىلەرنىڭ يوقلۇقۇڭلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، كۆڭلۈمنى توق تۇتۇپ يالغۇزسىراپمۇ كەتمىدىم .ئاندا -ساندا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە  ئۇلار بىلەن  ئىزدىشىپ تۇرىمىز .بىزنى بۇ يەردىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقمىز بولسا تارتىنماي ئېيتىشمىزنى ئېيتتى .ياپونلار پاكار بولغىنى بىلەن بەكمۇ قائىدە يوسۇنلۇق ئىكەن .  ئاممىۋىي ۋە شەخىسىي تازلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن .ئىلىم پەننى قەدىرلەيدىكەن ،بىلىم ئىگىلىرىنى ئەتىۋالايدىكەن . شۇنچىۋالا بىر كىچىك پادىشاھلىق دۆلەتنىڭ قانداقلارچە مەۋجۈت بولۇپ  دۇنيا ئىقتىساد -سودا ساھەسىدە بۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازىنىپ ،ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقىنىغا .بۇ يەردىكىلەرنى كۆرمىسەك پەقەتلا ئىشەنگۈڭ كەلمەيدۇ .ئۇلار ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەن ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشقا شۇنچىلىك ئىردىسى كۈچلۈك ئىكەن .بۇ خۇددى ۇۋىسىنى سۇ بېسىپ كېتىۋاتقان چۈمۈلىلەرنىڭ قىچىلىك ئۈمىتسىزلەنمەي ئوزۇقلۇق توشۇپ جانپىدالىق قىلىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ .بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ،مېنى يەنە بىكار چەتكە باشلانغان ئۇنسۇر دەپ مەن بارغۇچە تەلپىكىمنى تەييارلاپ ،ئارىمىزغا ياغاچ سانجىپ تۇرمىغىن .ھا..........ھا.....سەن بىلەن چېقىشقۇم كېلىپلا تۇرىدۇ دىسە ،ماقۇل قوزام  ،ياخشى ئۇخلا ،چۈشلىرىڭگە سۈرىتىم ھەمرا بولسۇن ،سېنى چوك سۈيۈپ :ھەمرىيىڭ شامىلدىن .
مەن تاتلىق سېغىنىشلىرىمنى  چۈشلىرىمگە يېتىلەپ ئېلىپ كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم .
گۈزەل ئەتىدە ،بىز ھەممىمىز چوقۇم گۈزەل  بىر مەنزىرىدە يازايمىز .ئۇ يەردە جىق نەۋرىلەر ،ئەۋرە چەۋرىلەر ،چۇرقىرىپ يۈرىدۇ .ئۇ گوياكى باغى گۈلىستان ،مەن ھەم شامىل بەرپا قىلغان ...

 خەيرى ،داۋامى ئەتىگە ئامانەت .

مەنبەسى -ئۆز قەلىمىم


-قانداق ئەھۋالىڭلار قىزلار ،دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىشنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ كەلدىڭلارمۇ ؟
-يەتتە كۈن بىر كۈندەكلا ئۆتۈپ كەتتى دىسە توۋا ،كەتمەي دىسەم ئۆيدىكىلەر كېلىسەن دەپ تۇرۇۋالدى .
-ھەي قىزلار ئاڭلىدىڭلارمۇ يوق ،دۆلەت بايرىمىدا دىلنۇر ھېلىقى مەكتەپتىن قوغلاندى بولغان يۇرتداش دوستىنى ئىزەپ گۇاڭجۇغا  بېرىپ كەپتۇدەك .
-ھەئە ،بىرلىرى دوستىنى ئىزدەپ بىرلىرى ،مەبىتىنى ئىزدەپ گۇاڭجۇغا ئىككىلىسى تەڭ بېرىپ كەپتۇمىشلەر .
-كىمكەن ئۇ سەن دىگەن مەبىتىنى ئىزدەپ بارغۇچى ؟
-مۇنىرەغۇ ،يەنە كىم بولاتتى ؟دىلنۇر ئىككىسى بېرىپ كەپتۇغۇ شۇ .
-مۇنىرە ؟!ئۇنىڭ مابىتى ئىچكىرىدىمىكەن ؟ نىمىش قىلىدىكەن ؟
 
-شۇ يەرە ئوقۇيدىكەن ،ئادىشىم ،سەن تېخى بىلمەمسەن ؟
-مابىتىنى  خوتەندە دىگەنيا ؟
-ئۆيى شۇ خوتەندىنكەن ،ئوقۇيدىغان يېرى كۇلىدىكەن شۇ .
-ئۇ ئىككىلىسى ئەسلى ھەممىدىن سىر تۇتۇپ مىڭىشىپتىكەن ،بىر پويىزدا ئۇچرىشىپ قاپتۇمىش . ھى.ھى.بۇلارنى قايسى كۈنى شەرىپەدىن ئاڭلىدىم .
-شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ تاپشۇرمىسى بويىچە ،ئۆيىدىكىلەر سوراپ ياتاققا تىلفۇن قىلسا ،سانجىغا دوستلىرىنىڭ مەكتىپىگە كەتتى دىمىۋىدۇققۇ ؟
-ئەسلى مۇنداق دەڭ .
-ھىم ،شۇنداق .
ياتاقتىكىلەرنىڭ كۇس-كۇس گەپلىرى شەرىپەنىڭ كىرىشى بىلەنلا قازانغا سۇ قۇيغاندەك شۇئان جىمىقتى .
-ۋىيەي ،نىمە بولدۇڭلار ،مەن كىرىشىم بىلەنلا جىمىپ كەتتىڭلارغۇ ،-دىدى شەرىپە سىرلىق كۈلۈپ ،-مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋاتقانمىتىڭلار ؟
-ياقەي ،دۆلەت بايرىمىدىكى چىقمىغان ھاردۇقنىڭ گىپىنى قىلىشىۋاتىمىز ،ئۆزەڭچۇ ،سىنىپقا چىقتىڭما ؟ئاپاڭ قېنى ؟
-نىمە ،شەرىپە ئاپىڭىز كەلگەنمىدى ؟-دەپ سورىدىم مەن يىڭى ئاڭلىغا ن بۇ گەپتىن .
-ھەئە ،باياتىن فاكولىتتا ،پەلەمپەيدىن چۈشۈۋىتىپ ،سىزگە ئاپام كەلدى ،دەپ ئېيتقانىمغۇ ،سىز ئالدىراش بىر ئىشقا مېڭىپتىكەنسىز ،قارىغاندا ئاڭلىماي قالغان ئوخشايسىز .
-كەچۈرۈڭ ،راستىنلا دىققەت قىلماي قاپتىمەن ،ئاپىڭىز ياخشىدۇ ،ئوبدان سىز بىلەن كەپتۇ .بىزمۇ ئاپىڭىزنى كۆرۈۋالىدىغان بولدۇق .
-رەھمەت .
شەرىپەنىڭ خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ ماڭا ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ئىدى .ئەلۋەتتە ،بۇنىڭ سەۋەبى يوق ئەمەس .ئاڭلىشىمچە ،شەرىپە  بۇ يېرىم يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بىكار تەلەپ بىر بالا بىلەن تىپىشىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئاخشىمى بولسا پات-پات ياتاققا كىرمەس بولۇۋالدى .بىز كىرگەن تەكشۈرگۈچىلەرگە تولا يالغان سۆزلەپمۇ ،ئاخىرى ئېيتىدىغانغا يالغانمۇ قالمىدى .ئۆزۈممۇ يالغاننى قاملاشتۇرالمايمەن ،شۇ تۈپەيلى ،بىر كۈنى ئۇ قىزنىڭ تىلفۇنىنى مەن ئېلىپ قىلىپ ئاپىسىنىڭ ‹‹شەرىپە قىزىم ياتاقتا بارمۇ دىسە ،يوقتى دەپ قۇيۇپ ياتاقتىكى قىزلارغا قارسام ھېچققايسىسى بىلمەيمىز دەپ بىشىنى چايقاشتى .كەچۈرۈڭ ،مەنمۇ بىلمىدىم ،مەنمۇ باياراقتىلا ياتاققا كىرگەن دىسەم ،ئاپىسى ،ھازىر سائەت ئون بولاي دىسە نەگە كەتكەندۇ .››دەپ قۇيۇپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتكەنىدى .شۇنىڭدىن بېرى ئۇ قىز ماڭا ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان بولۇۋالدى .گەپ قىلساممۇ ،تۈزۈك گەپ قىلغۇسى كەلمەيتتى . 
بەزىمىزدە شۇنداق بىر ئىللەت بار .ھەقىقەتتە ،بىز ئۆزىمىزنىڭ ماڭغان يولىمىزنىڭ قانچىلىك توغرا، قانچىلىك خاتائىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىمىز .ناۋادا بىلىپ تۇرۇپ خاتا ماڭغان يولىمىزغا باشقىلار پىكىر بەرسە ،ياخشى نىيەتتە نەسىھەت قىلسا ، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزدا ئارا تۇرۇۋالغان تىكەن -خوخادەك كۆرۈنىدۇ ،قىلما دىگەنسېرى ،بىر قىلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ رايىنى سىنىغۇمىز كېلىدۇ . بۇ يولدىن باشقىلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئەمەس ،ئۆزىمىزنىڭ تونۇشى بىلەن چىقىپ كەتسەككەن دەپ ئويلايمىز .ئاقىۋەت پاتقاققا پېتىپ قالغاندا ،چوڭقۇر پاتقان پۇتلىرىمىزنى ئالالماي ،ياكى بولمىسا شۇ كويغا كۆنگەن مەپتۇنلۇقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ داۋاملىق شۇ ئەگرى يولدا كېتىپ قالىمىز .بۇئەگرى يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېچكىمگە بىلدۈرۈشنىمۇ خالىمايمىز ،بىلسىمۇ ئېتىراپ قىلمايمىز .توغرا يولدا ماڭغانلار ،مېڭىۋەرمىسۇنمۇ ؟بىزنىڭ قايسى يول بىلەن مىڭىشىمىز بىلەن ئۇ خەقنىڭ نىمە كارى ،ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا كېتىپ بېرىشىمنى بىلىمەن .ئىش ئۆگەتكۈدەك كىم ئىدى ئۇلار ؟....مانا بۇ ئەگرى يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلارنىڭ شەيتاننىڭ ئالىدا بەرگەن قەسىمى .
بەلكىم مەنمۇ شۇ تۈپەيلى شەرىپەگە تازا ياقمىغاندىمەن .بىراق مەن نىمە قىلدىم ؟ ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرى توغرىلىق ياتاقتىكى قىزلارغا گەپ تۇشۇغۇنۇممۇ يوق .ئۇ كۈنكى تىلفۇندا مەن قەستەن ئۇنى ئاپىسىغا يامان كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق دىگىنىم  يوق .مەن غەرەزسىزمەن .
ئەمما ئۇنىڭ كۆزىگە شۇندىن بېرى سىغماس بولۇپ قالغىنىم راست .بىراق ئۇ بۇلارنى مەندىن كۆرسە بولمايدۇ-دە ،بوپتۇ ،ئۇ ھامان بىر كۈنى چۈشىنىپ قالار ،بىزدە بىر گەپ بارغۇ ‹‹ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە
يىقىندا راست شەرىپەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى ،بۇنى ئوقۇرمەن دوستلار ،سىلەرگە دەپ بەرمەي ئۆتۈپ كەتكىلى تاسلا قاپتىمەن .شەرىپەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھېلىقى ئوغۇل دوستۇم دەپ ئاتىۋالغان ئاق سېرىق ئورۇققىنا بالا ئۆتكۈزۈپ بەردى .بىزپەقەت شەرىپەگە مېھمان سۈپىتىدە سورۇنىغا داخىل بولۇپ ئۇ چاقىرغان رېستۇرانغا ېبرىپ ،يەپ ،ئىچىپ ئويناپ كەلدۇق شۇ .ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە سوۋغاتلىقمۇ بەرمىدۇق .بىز بارغاندا ئوغۇللار بىر جوزا لىق ئولتۇرۇپ بوپتۇ ،ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىمۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدىم .ئۇلارمۇ قىزلارنى كەلسە كەلمەس تانسىغا تارتىپمۇ كەتمىدى ،بىز قىزلارمۇ ،ئۇلارغا پۇرسەت بەرمەي سورۇندىن چۈشمەي ئويناپ كەتتۇق .سورۇن شۇنداق ئاخىرلاشتى .
بىز قايتىپ كەلدۇق .ھەممەيلەن شەرىپەنىڭ سالغان داستىخىنىغا داخىل بولۇپ ،ئۇ نىمە دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتسە ،تىلفۇندا شۇ بويىچە دەيدىغان بولدۇق .‹‹يىگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ ئەمەسمۇ ››
-شەرىپەنىڭ ئاپىسى كىلىپ ،مەن شەرىپە بىلەن  ئاخشام بىر كارىۋاتتا ياتقانىدۇق ،پەقەت ئۇخلىغاندەك بولمىدىم .-دىدى مۇنىرە كېتىۋىتىپ ماڭا .قارىسام ئۇنىڭ راستىنلا ئويقۇسى قانمىغاندەك قىلاتتى .
-بۈگۈن جۈمە -ھە ،ئۇنداق بولسا ئۆزۈمنى سوراپ ،مەن بۈگۈن كەچ كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېتەي ،ئاخشاملىققا سەن مېنىڭ كارۋىتىمدا ياتقىن بولدى .
-ئەجەب ياخشى جۇمۇ سەن ،-دىدى مۇنىرە .
بۇ يىقىندا ئاپام ئۈرۈمچىدە بولغاچقا ،مەن پات-پاتلا كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېلىۋالىدىغان بولدۇم .بۈگۈنمۇ شەنبە-يەكشەنبە بولغاچقا ،تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ،مېھمان بولۇپ كەچ قايتتۇق .ئاپام مېنى كەچ قالدىڭ دەپ نەۋرە ئاكامنىڭ ماشىنىسىدا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى .مەن ئاپامغا قىيمىغان ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتىم ،مەن كىرىپ كەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ماشىنا قوزغالدى . مەن ياتاققا قايسىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر ئاھاڭدىكى ناخشىغا كەلسە-كەلمەس غىڭشىغاچ ،ياتاققا كىرىپ كەلدىم .كىردىمۇ ،تۇرغان ئورنۇمدا قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم .ياتاقتا شەرىپەنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ياتاقتىكى قىزلار ئولتۇراتتى .شەرىپەنىڭ كارۋىتىدا بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئورۇق كەلگەن ئايال ئولتۇراتتى ،ئېنىقكى ئۇ چوقۇم شەرىپەنىڭ ئاپىسى ئىدى .
ئايالنىڭ كۆزلىرى غەمكىن بولۇپ ،يەردىن كۆزىنى ئالماي ئولتۇراتتى .مەن قىزلارنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئاستا بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم .
شەرىپەنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى ئەللىك ياشلاردىن ئاشقان پىشقەدەم بىر ئەر مۇئەللىم ئىدى .بىز فاكولىتلاردا پەقەت باش سالىمى قىلىپ قۇيۇپلا ئۆتۈپ كىتىشەتتۇق .رىشىد مۇئەللىم بىزھەممەيلەنگە بىر قارىۋىتىپ مەن كىرمەستىن بۇرۇنقى سۆزلىرىنى يىغىنچاقلىدى :
-ئىش مانا مۇشۇنداق ،باللىرىم ،ئامال بار شەرىپەنىڭ دېرىكىنى قىلىڭلار .قالغان ئىشلارنى ئەتە سىز فاكولىتقا چىقسىڭىز ،دىيىشەيلى .
قارىغاندا رىشىد مۇئەللىمنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىلىق ھازىر خۇلاسە چىقارغۇسى يوقتەك قىلاتتى .
مۇئەللىم چىقىپ كەتتى .شەرىپەنىڭ ئاپىسى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ،شەرىپەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قاپقار كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى ،ئارىمىزدىكى بىر نەچچەيلەنمۇ ئۇ ھەدىمىزگە ھېسداشلىق يۈزىسىدىن جۈر بولۇپ كۆز يىشى قىلىشتى :
-بولدى يىغلماڭ ھەدە ،شەرىپە چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ .بەلكىم بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كەيپىياتى ئوڭشالغاندا ئۆزى قايتىپ كېلىشى مۇمكىن .
-شۇنداق ،بۇنداق يىغلاۋەرمەڭ ،قېنى بۇ چاينى ئىچىڭ ،ئەتىگەندىن بېرى تۈزۈك نەرسە يىمىدىڭىز .
بۇلۇۋاتقان ئىشلاردىن ئەجەبلىنىپ ،ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى بىر پارچە قەغەزگە كۆزۈم چۈشتى .
‹‹ئاپا ،ھەم دادا ،مېنى كەچۈرۈڭلار ،مېنىڭدەك يارىماس قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار .بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى ئەمەس ،بەلكى ئاپامنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىتى بار دەپ قارايمەن .ئاپا سىز نىمىشقا مېنىڭدەك يارىماس قىزنى تۇغدىڭىز ؟ئەجىبا مەن مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرۈش ئۈچۈن دۇنياغا تۆرەلدىممۇ ؟ مەن ئوقۇشقا كىلىپ ،ھېچ خۇشاللىق تاپالمىدىم ،باشقىلار كىيگەننى ئوڭلاپ كىيەلمىدىم ،باشقىلار خەجلىگەن پۇللارنى مەن خەجلىيەلمىدىم ،ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى مېنى دائىم قىسىپ خەجلەشكە ،ھالىمغا بىقىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ ،مېنىڭ بۇنداق ياشىغۇم يوق ،راستىنلا يوق .مېنى ئىزدىمەڭلار .مەن ئەمدى مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ،ئوقۇغۇممۇ يوق .....
خەتنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا مېنىڭ  پەيمانىم تاقەت قىلالمىدى .
-بۇ شەرىپەنىڭ خېتىمىكەن ؟ئۇ مۇشۇ خەتنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتىما ؟-سورىدىم قىزلاردىن .
-شەرىپە بەك ئەقىلسىزلىك قىپتۇ ،قاراڭ ،قىزىم ،ئۇ بىر چامادان بىلەنلا مۇشۇ بىر پارچە خەتنى ياشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ .ئۇ نەگە بارماقچىدۇ ،توۋا قىلدىم ،بۇقىزنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرمەمسىز ؟ ئۇ كاللىسىنى ئىشلىتەلمەپتۇ .ھەممە نەرسىنى ،  كىيىمنىڭ قىشلىقىدىن تارتىپ  ئاپتۇ-يۇ ،مانا بۇ سالاھىيەت كىنىشكىنى تاشلاپ قۇيۇپتۇ ،بۇ كىنىشكا نەگىلا بارسا ئىشلىنىدۇ ،ئۇ نەگە بارالايدۇ ،دەپ بىقىڭلار ؟ ئايال بىردەملىك ئېسىدىن كېچىپ يىغلايتتى ،سۆزلەيتتى
      شەرىپە ئەسلىدە ھېلىقى -كۈن -تۈنلە ياتاققا قايتمىغان چاغلىرىدا ،ئۆيىدىن بەرگەن ئوقۇش پۇلىنى ئاشۇ يىگىتى ئىككىسى بىرلىكتە ئويناپ خەجلەپ  تۈگىتىپتۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق دەرىس تاشلاپ ،ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ ، ئىككى يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن  ئاخىرى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش جازاسى بېرىپتۇ .ئاتا-ئانىسىنىڭ كېلىپ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇشىنى تاپىلاپ ،مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپتۇ .ئەمما شەرىپە ئاپىسى كىلىپ ئىككى كۈن ئۆتمەيلا قولىدا ئىككى -ئۈچ يۈز كويلا پۇل بار ئاپىسىنى ياشلاپ قۇيۇپ بىر چاماداننى سۆرىگەن پېتى ،لەنەتلىك خەتتىن بىرنى ياتاقتا ئاپىسىغا قالدۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ .‹‹ئەگەردە بۇ ئىشنى بىز قىلىپ سالغان بولساقچۇ ››دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم مەن .‹‹ئاپام كەينىگە تىڭڭىدە چۈشۈپ ،جايىدا شۈك بولۇپ ئۆلۈپ قالغان بولاتتى .››شەرىپەنىڭ ئاپىسى شۇنىڭغا قارىغاندا خېلى قەيسە ئايالكەن ،قارىماققا ئەللىككە بارمىغان ئايالكەن ،ئەمما چىرايىدىن خېلى جاپا تارتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ .
             ھەي بىچارە ئايال -نادان قىزنى تۇغقان ئايال .بالا تۇغۇپ ،ئۆزۈڭگە بالا تاپتىڭمۇ ؟
 
ۋۇجۇدۇم تەسۋېرلىگۈسىز بىئاراملىقتا مۇجۇلغاندەك بولدى .
              ئېلىپبەنى تونۇپ ئۆمرۈمدە ،ھىكايە -رومانلاردا ئۆيىنى ،ئائىلىسىنى ،قىسىقىى باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر توغرىلىق ئاڭلىغانمەن ،ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ قويغان خەتلىرىنىمۇ ئېغىز -قۇلاقلاردىن ،ھىكايە -ژورناللاردىن ئوقۇغانمەن .ھەممىسىدە ئۆزرە ئېيتىپ ،ئۆزىنى ئەيىبلەپ ،ئاتا-ئانىسىغا قىلالمىغان ياخشىلىقلىرىدىن سۆز ئېچىپ ، كەچۈرۈ سوراپ يازغانيۇ -ئاتا-ئانىسىغا گۇناھ قۇيۇپ ،بار توقۇمنى ئاتا-ئانىسىغا ئارتىپ ماۋۇنىڭدەك ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئايرىلىش خېتىنى ھېچيەردە كۆرمەپتىكەنمەن ،ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن ،ئىنشائاللا !
بىز ھەممىمىز بار ياخشى سۆزنىڭ ھەممىنى قىلىپ ئۇ ھەدىمىزنى تىنچلاندۇرۇپ ،ياتقۇزۇپ قويدۇق .
ئەتىسى مەن ئۇ ھەدىمىزنى فاكولىتقا باشلاپ چىقىپ ،رىشىد مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قويدۇم .
دەرىستىن چۈشسەم ئۇ ئايال سىرتتا مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ .
-سىزنى ئۇ  ئوقۇتقۇچى  يىنىمغا كىرسۇن دەيدۇ .
مەن رىشىد مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم .
 
-مەن سىزگە چۈشتىن كىيىنكى دەرسىڭىزنى رۇخسەت ئېلىپ بېرەي ،سىز شەرىپەنىڭ ئاپىسىنى بىكەتكە ئاپىرىپ يولغا سىلىپ قۇيۇڭ .
-ماقۇل .
مەن قايتىپ چىقىپ شەرىپەنىڭ سىنىپىدىكى بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشى شەۋكەت بىلەن ئۇنى ياتاققا قايتۇرۇپ كەلدۇق .بىز كىرىپ شەرىپەنىڭ يۈك -تاقلىرىنى بىرنى قويماي ،تىڭىپ تەييار قىلدۇق .
ئەڭ ئاخىرىدا قالغان كارۋاتتىكى ماتراسنى قولغا ئېلىپ :
-بۇ ماتراسنىمۇ ئېلىۋالاي .بىزنىڭ ئۆزىمىز ئېچىۋالغان بىركىچىك دۇكىنىمىز بار ،ئۇ دۇكانغا مۇشۇنداق بىر نەرسە لازىمتى .خاپا بولماي ماۋۇ يېرىدىن تۇتۇپ بەرىسڭىز ،تىڭىۋالاي .
مەن شۇ دەمدە ئۇ ھەدەشكە ‹‹ياق بولمايدۇ ،بۇ دىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەس .مۇشۇ ياتاقلارنىڭ ››دىيىشكە تىلىم بارمىدى .بوپتۇ ،كۆرمىسە ،ئەكەتسە ئەكەتمەمدۇ ؟ھاجتىىدىن چىقسا ،شۇ كۇپايە .
مەن پەسكە چۈشكۈچە شەۋكەت يۈك باسقۇدەك كىچىك تىپتىكى ماشىنىدىن بىرنى باشلاپ كەلگەنىدى .
بىز ماشىنىغا يۈك-تاقنى بىسىپ بولۇپ ،ئالدىغا چىقتۇق .
         ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ تۇراتتى ،ئىچىم ئېزىلىپ كەتتى .نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم ، ئايالمۇ ھەم شۇ ،ئۇ يەنە نىمە دىسۇن ؟ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان قىزنىڭ قىلغان تۇزكورلىقىدىن زارلىنىپ ئۆزگىگە ھال ئېيتسۇنمۇ ؟
--بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ھەدە ،-دەپ تەسەللى بەردىم مەن .- يولغا چىقىپ كېتىۋاتسىز ،كۆز يىشى قىلماڭ .شەرىپەدىن باشقا بالىلارمۇ بارمۇ ؟
-بار ئوغلۇم ئەمدى يىگىرمە ياشقا كىردى ،شارائىت يار بەرمىگەچكە ئۇنى مەكتەپتىن توختىتىۋالغان ،كىچىك بىر دۇكىنىمىز بار ،ئۇ شۇنىڭغا قارايدۇ . ئۇنىڭدىن كىچىك بىر قىزىم بار 17ياشقا كىردى ،ھازىر تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ .
-مەيلى .شۇ قىزىڭىزنى بولسىمۇ ياخشى قاتارغا قوشۇڭ ،شەرىپەمۇ ھامان بىر كۈنى قىشىڭىزغا قايتىپ بارىدۇ .بىر ھىسابتا بۇمۇ بولغىنى ،-دىدىم مەن ئامالنى بارىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ .-ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئىسسىق -سوغاقنى بىر بىشىدىن ئۆتكۈزسە ،كىيىنكى كۈنلەرنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ ئەمەسمۇ
-ئەمدى ،ئۇ مېنىڭ قىشىمغا كەلسە ،ۋە ياكى بىرەر ھارامدىن شۇمىنى يىتىلەپ كېلىدىغان بولسا ،مەن ئۇنى ئۆمۈرۋايەت كەچۈرمەيمەن ،ئۆيگىمۇ دەسسەتمەيمەن !
ئايال ھاياجاندىن ئاۋازلىرى تىترەپ چىقاتتى .مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇپ تۇراتتى .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ،ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ .ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ . ھازىرقى كۈنلەرنىڭ قەدرىنى قىلىڭ ،ئالدىڭىزدا يەنە بىر قىزىڭىز باركەن ،بولسا شۇنى ياخشى تەربىيلەڭ ،قىز ئەمدى 17گە كىرىپتۇ .ئۇچۇشقا تەمشەلگەن چاغلىرىدا ،بالىلارنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بەرمەڭ ،ئالىمەن دىگىنىنى ئېلىپ بېرىڭ ،بولمىسا ،خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ .ئەمما قولىغا جىق پۇل بېرىپ كۆندۈرۈپ قويماڭ . مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنىمۇ چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ .سەپىرىڭىزگە ئامان -ئىسەنلىك تىلەيمەن .
ئايال يىشىنى توختىتىپ ئېغىر ئۇھ تارتتى .
بىز كىرىپ  ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يولۇچىلار بىلىتىدىن بىرنى ئالدۇق .ئۇ ئايال ئويغۇرچە خەتنىمۇ تۇنۇمايدىكەن .شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدۇق .
-مەن  ئۆزۈم ئاقسۇ ئاۋاتتىن بولغىنىم بىلەن  ئۆمرۈمدە ئاقسۇغىمۇ كىرىپ باقمىغان ئايالمەن ،-دىدى ئۇ ئايال .
بىكەتنىڭ ۋاقتىدىن يەنە ئىككى سائەتچە ۋاقىت بار ئىدى .
-ئەتىگەندىن بېرى ناشتىمۇ قىلمىدىڭىز ،-دىدىم مەن ،بۇ يەردىن كوچا ئابۇتۇبۇسىغا ئولتۇرساق كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيى يىراقمۇ ئەمەس .بېرىپ ئۆي تامىقى يەپ قورسىقىڭىزنى توقلاپ ئاندىن مېڭىڭ .
-بولدى ،رەھمەت قىزىم ،ھېلىمۇ ئىككىلارنى بەك ئاۋارە قىلدىم ،خۇدايىم ئىككىڭلارنىڭ بەختى تەلىيىنى بەرسۇن .
ئايال شۇنچە تۇتساممۇ ،پەقەت بارغىلى ئۇنىمىدى .
-ئۇنداق بولسا .مۇشۇ ئەتراپتىن تاماق يەڭ .تاماقنى چوقۇم يەيسىز ،بولمىسا بىز كەتكەندىن كىيىن ئاشخانا ئىزدەيمەن دەپ جىق ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ئېزىپ قالسىڭىز چاتاق بولىدۇ .
-شۇنداق ،بىكەتنى تاپالماي قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويماڭ .-دىدى شەۋكەتمۇ .
 
بىز ئۇ ئايالنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ تاماق يىگۈزۈپ ،ئابتۇبۇسقا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئاندىن مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق .
 
ئەي ئانىلار ،جاپاكەش ئانىلار ،تارتقان جاپاسىنى ئاز دەپ ،جاپا ئۈستىگە جاپا تاپقان ناتىۋان ئانىلار
داۋامى بار !
    ئەتە كەچ .بەك توڭلاپ كەتتىم ،ئۆي سوغاق . ئەسلى ئەتە يازاي دىگەنىدىم ،سىلەر ئۈچۈن قاتتىق ئۈچ سائەت ئولتۇۋەتتىم .ھى.........ھى......ھىكايىنى ئوقۇپ بولۇپ ياخشى چۈش كۆرۈڭلار .كاۋكاز ئەتە سىلەرگە يىڭى ھىكايىسىنى ئېيتقۇسى .
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-14 15:50قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-14, 15:50
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-12 23:37 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 972
شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپ ھاياتىنى ياخشى ئېچىپ بىرىپسىز جۇمۇ ، يەنە شۇ قىزلار قىززىق نۇقتا ، ئالدىنقى قېتىم   باش پىرسۇناز  بىر خىجالەتچىلىكتارتىپ ھامىلەچۇشۇرۇش دورىسى سېتىۋالغان ئىدى ، مانا ئەمدىلىكتە باش پرىسۇناج يەنە بىر ئەخمەق قىزنىڭ بىكارتەلەتنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىىغى ھەم ئۆزىنىڭ ئايىغى گۇمانلىق مۇھەببەت ھىكايسىىنى ناھايىتى ياخشى بايان قىلىپتۇ ،
مەن  بۇ ھىكايە ئارقىلىق ھازىرققى زامان قىزلىرىنىڭ سەككىز سۇرىتىنى كۆرىۋالىدىغاندەك تۇرىمەن ،
ھېلقى بىچارە ئانا قىزنى داشۆگە ئەۋەتكەندىن مەھەلسىىدىكى بارات تازغا ياتلىق قىلۋەتكەن بولسا بوپتىكەن ،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 11:07 |
kawkaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 229 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 118 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 124 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تۆتىنچى قىسمى ئىكەن .كەچۈرۈڭلار تورداشلار .بۇ مەندىكى سەۋەنلىك.
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 19:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى