turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 321 قېتىم كۆرۈلدى
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
شۆھرەت: 720 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 730 سوم
تۆھپە: 412 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 412 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەدىمقى ئۇيغۇر شائىرى كەكمىنېر

قەدىمقى ئۇيغۇر شائىرى كەكمىنېر
كەكمىنىر 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەدىمقى مىرەن(ھازىرقى چارقىلىق)شەھىرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسىرى خەنزۇ تىلىدايېزىلغان بىر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ،بىز بۇ توپلامدىكى<<خەت ئۇگىنىش>>،<<بالامغا تەلىم>>،<<چىلبۆرىلەر ئۇستىدىن شىكايەت>>قاتارلىق شېئىرلىرىدىن بۇ كىشىنىڭ يېتىلگەن شائىرلارنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز.ئۇنىڭ <<بالامغا تەلىم>>دىگەن شېئىرىدا مۇنداق قۇرلار بار.
بالام گۇدەك ئوقۇشقا كۆڭۇل قويمايدۇ،
كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار،ئۇنى ئۇقمايدۇ.
بىلسە ئىدى كىتاپتىكى ئالتۇن قەدرىنى،
ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە،يېقىپ چىراقنى.
شائىر بۇ شېئىرىدا كىتاپنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئوبرازلىق سۇرەتلەش ئارقىلىق،كىشلەرنى تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەشكە چاقىرغان.بۇنىڭدىن شائىرنىڭ كىتاپقا بەك ئامراق،ئىلىم-پەنگە خۇشتار خاراكتىرىنى ئېنىق كۆرۇپ ئالالايمىز.
شائىرنىڭ ئىجادىدىكى يەنە بىر ۋەكىللىك ئەسىرى مىلادى815-يىلى يېزىلغان<<چىلبۆرىلەر ئۇستىدىن شىكايەت>>ناملىق شېئىرى بولۇپ،ئۇنىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تىبەت باسقۇنچىلىرى ئۇستىدىن شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى نامايەن قىلغان.
چەتتىن  كەلگەن چىلبۆرە نېنىمىزنى يەپ كەتتى،
شوراپ قانۇ-يىلىكنى بارىمىزنى ئەپ كەتتى.
ئاشلىقىمىز خاماندا،بوزلىرىمىز دۇكاندا،
تۇرغان پېتى شۇلارنىڭ ئولجىلىرى بوپكەتتى.
قاچان بولسا بىر كۇنى يەر ۋە جاھان ئۆزگىرەر،
چىلبۆرىلەر يوقىلىپ،بىزگە ئىللىق تاڭ كۇلەر.
شېئىر ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقنى توغرا ئەكس ئەتتۇرۇش جەھەتتە ۋە ئالغا سۇرۇلگەن ئىدىيىسىنىڭ يۇكسەكلىكى جەھەتتىنلا ئەمەس،تىلىنىڭ ئاددى-ساددا چۇشىنىشلىك،ئاممىبابلىق،ئوبرازلىقچانلىقى،ھىسسىياتىينىڭ ساغلام ھەقىقى بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ،قەدىمقى زامان شېئىرىيتىنىڭ ئۇلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىلىمنى قەدىرلەش،ۋەتەنگە،ھەققانىيەتكە بولغان چوڭقۇر  مۇھەببىتى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىگە ئۇلگە بولۇشقا تېگىشلىك. 
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-15, 09:29
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-14 19:33 |
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 665 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 670 سوم
تۆھپە: 364 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 364 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 207(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بالام گۇدەك ئوقۇشقا كۆڭۇل قويمايدۇ،
كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار،ئۇنى ئۇقمايدۇ.
بىلسە ئىدى كىتاپتىكى ئالتۇن قەدرىنى،
ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە،يېقىپ چىراقنى.

يوللىغان تېمىڭىزدىن يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم . كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئولىيىتى .
lutun
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 10:51 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 473
شۆھرەت: 2765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2880 سوم
تۆھپە: 1598 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1603 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راسىتمىدۇ؟....ياكى....
  ئويدۇرمىدىمۇ؟
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 11:06 |
yolwastigin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4987
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

80-يىللاردا چىققان <شىنجاڭ داشۇي ئىلمىي ژورنىلى> دا بۇھەقتە مەخسوس مۇنازىرە بولغان بولۇپ،ئاخىرى شائىر كەكەمىنىر خەنزۇ  تىلىدا شېئىر يازغانلىقىنى ئىنكار قىلىنغان.بۇنى بىر خەنزۇ يولداش ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپ يەكۇن چىقىرىلغان.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 12:19 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 473
شۆھرەت: 2765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2880 سوم
تۆھپە: 1598 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1603 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ مېنىڭمۇ شۇنداقراق ئېسىمدە تۇراتتى...ئاڭلىسام،ئېيتىلىشىچە، گومۇرو ئەپەندىممۇ بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن!
ئاتالمىش يوق شەخىسنى ئىجاد قىلغانلار تېخى يالغاندىن ياسىغان قەغەزلىرىمۇ كاربونلۇق تەكشۈرەشتە يېڭى زاماننىڭ بولۇپ چىقىپتىكەن...
شۇڭا بەزى نەرسىلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمىگەن ياخشى!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 12:40 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 971
شۆھرەت: 5394 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5367 سوم
تۆھپە: 3171 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3154 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2910(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان شەخىس ئۇ، ئالدىراپ ئىشەنمەيلى.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 13:02 |
kroran
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەكمىنىر دىگەن بۇ شائىر ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش«شېر»لىرىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلانغان،شۇڭا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى،بىكەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ تېمىنى ئۈچۈرىۋېتىشىنى سورايمەن.
sarkar
تۇىسۇن سۇلھيمان
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 16:55 |
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 800 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەكمىنېر ۋە ئۇنىڭ "خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم" ناملىق شېئېرىنى جۇڭگونىڭ "تارىخچىسى" گومورۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، يۇقارقى شېئېر ئىچكىرىدىكى خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئەەەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 1980-يىللاردا بىر خەنزۇ نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ تارىخىي تەكشۈرۈش قىلىش ۋە كەكمېنىر شېئېرلىرىنىڭ قوليازمىلىرىنى ئارخېئولوگىيلىك باھالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، قەغەزنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ھەم ئىسپاتلاش ماقالىسى "تەڭرىتاغ ژۇرنىلى" غۇ دەيمەن 1990-يىللارنىڭ بېشىدىكى بىر سانىدا ئېلان قىلىندى. مەن يېقىندا ژۇرناللىرىم ئىچىدىن شۇ ماقالىنى ئىزدەپ زادىلا تاپالمىدىم. يوقۇتۇپ قويغان ئوخشايمەن.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-15 20:40 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 473
شۆھرەت: 2765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2880 سوم
تۆھپە: 1598 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1603 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمنى يالغان ئىجاد قىلىۋەتكەن يەردە...باشقا ئاتالمىش قىممەتلىك تارىخى تېپىلمىلارمۇ گۇمانلىق!
sarkar
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-16 10:18 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
شۆھرەت: 720 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 730 سوم
تۆھپە: 412 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 412 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇنبەردىكى نۇرغۇن بىلىملىك قېرىنداشلارنىڭ ئەسكەرتمىسىنى كۆرۇپ،ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيتى جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ تولىمۇ يۇزەلىكىنى ھېس قىلدىم.بۇ بەلكىم ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيتى،ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىمنىڭ، نان تېپىپ يەۋاتقان كەسپىم بولغان خىميە پېنى تەرىپىدىن ۋاقىت چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
ئەقلىي ئويغاق مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ مۇنبەرگە جەم بولغانلىقى مۇنبەرنىڭ بەختى.شۇنداقلا ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ بەختى.
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-16 11:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر