saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 902 قېتىم كۆرۈلدى
naser
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4998
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاتاقلىق ئالىم مۇسا جارۇللاھ

                                                    جاھانكەزدى ئەپۇچان ئۆلىما  -  مۇسا جارۇللاھ                       


مۇسا جارۇللاھ ئابدۇلكەرىم  1875-يىلى روسىيەنىڭ روستوۋ-(تاتارچە رۇستاغ دىگەن مەنىدە)شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۇنياسىنى پۈتكۈل دىگۈدەك ئايلىنىپ ئۇسۇلى جەدىدنى تەشۋىق قىلغان، دىندا مېھرىبان ۋە كەڭقول بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە مائارىپ ئۈچۈن تەر تۆككەن مائارىپچىلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.                   مۇسا جارۇللاھ  6 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قالغان. 11ياشقىچە ئائىلىدە دىنى تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى روستوفتىكى دۆلەتكە قاراشلىق رېئال ئوتتۇرا مەكتىۋىگە ئوقۇشقا بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنى بۇ مەكتەبتىن چىقىرىپ قازاندىكى كۆل بۇيى مەدرىسىگە ـ ئاكىسى زاھىرنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. ئەمما مۇسا قازاندىكى مەدرىسنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا كۆنەلمەي، قايتا روستوفقا قايتىپ كېلىپ يېرىم قالغان ئوقۇشىنى تۈگەتكەن.
   تاتار زىيالىلىرى پانتۈركىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچمەن بولغاندا مۇسا جارۇللامۇ  بۇخاراغا بارغان ۋە ئەرەبچە، پارسچە ۋە باشلانغۇچ ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. بۇخارادا يېڭىلىق تەرەپدارى بولغان داموللا ئىكرام ھەزرەتلىرى بىلەن داموللا ئىۋاز ھەزرەتلىرىدىن فىقھى ۋە پەلسەپە دەرسىلىرىنى ئۆگەنگەن. ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ئالىمى داموللا شىرىپ ھەزرەتلىرىدىن دەرس ئالغان. ئېۋكلىد، فىساگور ۋە ئارخېمىتنىڭ ماتىماتىكا نەزىرىيىسىنى، پىلاتون ۋە ئارىستوتىلنىڭ پەلسەپەسىنى ئوقۇغان. دىكارت ۋە باجۇننىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ماتېماتىكا ساھەسىدە يېزىلغان بەزى رۇسچە كىتابلارنى ئۇستازى مىر شىرىپنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ جەرياندا ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشى بارغانسىرى كۈچىيىپ، كەلگۈسىدە مېترولوگ بولۇش ئارقىلىق ماتىماتىكا ئارقىلىق ئۆز ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلماقچى بولۇپ داۋاملىق ئوقۇماقچى بولىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن مۇۋاپىق مەكتەب ۋە مەدرىسە تاپالمىغانلىقتىن1896 ـ يىلى روسىيەگە قايتىپ كېلىپ تەبىئى پەن پاكولتىتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ لاتىنچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەبكە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
   روسىيەدىمۇ ئاقۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغان مۇسا جارۇللاھ ئانىسىنى قايىل قىلىپ ئىستانبولغا كەلدى. بۇ يەردە ئىنجىنىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستانبولدا مالىيە ۋە ھەربىي مەكتەبلەردە روس تىل ۋە بوغالتىرلىق ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مۇسا ئاق يىگىت زادەنىڭ دەسلەپ ئۆگەنگەن ئىسلام بىلىملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بۇ يەردە ئوقۇش قارارىدىن ۋاز كېچىپ مىسىرغا كەتتى. مۇسا جارۇللاھ قاھىرىدىمۇ ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىدى. مەدرىسلەرگە ئىشەنچسى قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى يالغۇز ئۆگىنىش قارارىغا كەلدى ۋە باشقا ـ باشقا ئۇستازلاردىن دەرس ئالدى. بۇ جەرياندا مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ دەرسلىرىگە قاتناشتى. شەيخ بەخت ھەزرەتلىرىدىن دەرس ئالدى. باشقا تەرەپتىن دارول كوتوبىل مىسىرىيەدە بار بولغان مۇسھەپلەر ۋە قۇرئان تارىخى ھەققىدە تەتقىقاتىنى باشلىدى. مۇسا جارۇللاھ يەنە ئىلىم ئىزدەپ -پەيغەمبەر دىيارى ھىجازغا باردى، مەككىدە تۈرلۈك دەرسلەرگە قاتناشتى. شەيخ سالىھتىن، نىسائىنىڭ «سۈننەن» دېگەن ھەدىس كىتابىنى ئوقۇدى. مەدىنىدە «مۇۋەتتا»نى تەتقىق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ھىندىستانغا باردى ۋە دىيۇبەند مەدرىسىسىدە ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن قاھىرىگە قايتىپ كەلدى. بۇ يەردە قۇرئان تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى «تارىخۇل قۇرئان ۋەل مەساھىپ» تېمىسىدا يېزىپ چىقتى.
   مۇسا جارۇللاھ مىسىردا ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن،شۇ چاغدا فرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان لىۋان پايتەختى بېيرۇتقا باردى. قولى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىن دەمەشىققە پىيادە بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. مۇسا جارۇللاھ 11 يىللىق ساياھىتىدە ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمەي، 1903 ـ يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى ئەمما يۇرتقا قايتىپ كەلگەن باشقا كەسىپداشلىرىنىڭ مۇددەرىسلىك قىلغىنىغا ئوخشاش مۇددەرىسلىك قىلمىدى. قاھىرىدە تۇنۇشقان قازاننىڭ چىتاي يېزىسىدا ئىمام ۋە مۇددەرىسلىك قىلىدىغان شەيخ زاھىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىم شەۋكەت كامالنىڭ سىڭلىىسى ئەسما ئالىيە خانىمنى نىكاھىغا ئالدى. ئالتە قىز ئىككى ئوغۇل بولۇپ، جەمئى سەككىز پەرزەنتى دۇنياغا كەلدى. ئايالىنى ئانىسىنىڭ يېنىدا قويۇپ پېتربورگقا باردى. روس قانۇن فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىردى. قازاندا مېھمان بولغان ماراكەشلىك ئەھمەد شەنقىتى (1872 – 1913) بىلەن تونۇشتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جاھىلىيەت دەۋرى شائىرلىرىدىن تەرەفە ئىبنى ئابدۇ (مىلادى 563 ـ يىلى) نىڭ مەشھۇر دىۋانىنى تەتقىق قىلدى.  
   روس ـ ياپۇن ئۇرۇشىدا روسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نېكولايII نىڭ يېڭىلىققا كۆچۈشىگە يول ئاچتى. روسىيەدە يۈزبەرگەن 1905 ـ يىلىدىكى قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن چەكلىك دىموكراتىيە مۇسۇلمانلارغا ئازراق ئەركىنلىك ئېلىپ كەلدى. مۇسا جارۇللاھ بۇ ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ گېزىت چىقاردى. «ئەل ئەسرول جەدىد» ۋە «ۋاقىت» گېزىتلىرىگە ماقالە يازدى. قازى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇلپەت» گېزىتىنى چىقاردى. تۈركچە «تىلىمىز» گېزىتىگىمۇ ماقالە يازدى. سىياسى ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە بۇ دەۋرىدە ئېچىلغان 5 چوڭ قۇرۇلتايغا قاتناشتى. 1906 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە نىجنى نوۋگورودتا ئېچىلغان مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىدا كاتىپلىق قىلدى. قۇرۇلتاي قارارلىرىنى كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى. ئۇنىڭ «ئىسلاھات ئاساسلىرى» ناملىق ئەسىرى بۇ ھەقتە مۇھىم مەلۇماتلار بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۈچىنچى قۇرۇلتايدا يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ قارار بېرىشى بىلەن «مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى» ئىسىملىك بىر سىياسى پارتىيە قۇرۇلدى. پارتىيەنىڭ 15 كىشىلىك كومىتېت ئەزالىرى ئىچىدىن مۇسا جارۇللاھمۇ بارئىدى.   
    1907 ـ يىلىغا كەلگەندە مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن ئەركىنلىكلەر قايتىدىن يوق قىلىندى. «ئۈلپەت» گېزىتى پىچەتلەندى. ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ياپونىيىگە قېچىپ كەتتى. جارۇللاھ قازانغا قايتىپ كەلدى ۋە بۇيەردە شەرق كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد ئىسھاقى ھەزرەتلىرى بىلەن تونۇشتى. بۇ يەردە 1917 ـ يىلىدىكى كوممۇنىست ئىنقىلابىغا قەدەر 20 گە يېقىن ئەسەر نەشىر قىلدى. ۋە  باش قازى رىزائىددىن فەخرىدىن ھەزرەتلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن روسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن «مەجەللەئى ئەھكامى شەرئىيە» نى ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. «قاۋائىدى فىقھىيە» ناملىق ئەسىرى بۇ مەجەللىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ سانىلىدۇ. 1910 ـ يىلىغا كەلگەندە ئىسلاھ قىلىنغان مەدرىسلەردىن ھۈسەينىيە مەدرىسىسىدە ئەرەبچە ۋە دىن تارىخى دەرسلىرىنى بېرىش ئۈچۈن ئورونبورگقا تەكلىپ قىلىندى. ئەمما بۇ يەردىكى مۇدررىسلىك ئىشى ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. ئىبنى ئەرەبىنىڭ (ھىجرى 1163 ـ 1230 ـ يىللار) رەھمەتى ئىلاھىيەنىڭ ئومۇمىيتى يەنى مۇشرىكلىكتىن داخىل ھەرقانداق كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى لېكسىيەلىرى ۋە رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىن ھەزرەتلىرىنىڭ چىقارغان «شۇرا» ژورنىلىدا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يازغاندىن كېيىن، مەدرىستىكى باشقا ئۇستازلار بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. ئورونبورگ «جەمئىيەتى خەيرىيە» زالىدا بۇلارنى سۆزلىشى بىلەن خەلقنىڭمۇ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. مەدەرىسە مۇدىرى ۋە باشقا ئۇستازلار ئۇنىڭغا نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى. زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرسلىرىنى يېرىم يولدا توختىتىپ ئىستىپا بەردى ۋە ئورونبورگتىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماقالىلار يېزىلدى. ئۆزى «رەھمەتى ئىلاھىيە بۇرھانلىرى» ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  
   1910 ـ يىلى لۇتپۇللا ئىسھاقى بىلەن بىللە فىنلاندىيەگە باردى. (مۇسا جارۇللاھ شىمالى قۇتۇپنىڭ قۇياش پاتمايدىغان شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۇلاپلام بامدات نامىزى ئوقۇلىدىغان بۇ ئۇزۇن كۈنلىرىنى روزا تۇتۇش ئارقىلىق رامىزاننىڭ مۇشەققەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر، مۇستەھكەم چۈشەنچلەرگە ئېرىشمەك ۋە شىمالى قۇتۇپنىڭ بۇ قۇياش پاتمايدىغان مەنزىرىسىنى كۆرمەك ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.) 1913 ـ يىلى پېتىر بورگتا ئامانەت باسمىخانىسىنى قۇردى. ئاياز ئىسھاقى بىلەن بىرلىكتە "ئىل" گېزىتىنى چىقاردى. 1913 ـ يىلى 6 ـ ئايدا چاقىرىلغان روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 3 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. بۇ قۇرۇلتايغا روسىيەنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن تۈرك زىيالىلاردىن سەبرى مەقسودى، رىزائىددىن فەخرىددىن، ئەلى مەردانلارمۇ قېتىلدى.   
   ئالىمجان ئىدرىسى مۇسا جارۇللاھنىڭ روس ئىلمى جەمئىيىتىگە ئەزا بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. كۈننىڭ تۇتۇلۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۈزىتىش ئۈچۈن ساھايەت تەشكىللەيدۇ. 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر يەردە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى كۆتۈرۈپ «بىرەست لىتۋىسكى» شەھىرىگە يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل بىنورمال ھالىتى رۇس ژاندارمىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ ۋە گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۆت ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. نەتىجىدە كۈننىڭ تۇتۇلىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
    1917 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئېچىلغان 5 ـ قۇرۇلتايغا قاتنىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا «ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھەقلىرى» توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېتىرازىغا ئۇچرايدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا قۇرۇلتاي دائىمى ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان 12 كىشىنىڭ ئىچىدىن بىرى بولۇپ سايلىنىدۇ. بۇندىن باشقا 10 كىشىدىن تەركىب تاپقان مىللى ئىتتىپاققا سايلانغانغا ئوخشاش قازىلىققا ۋەكىل كۆرسىتىلگەن 5 ئەزانىڭ ئىچىدىمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالىمجان ئەل بارۇدى كۆپ سانلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن قازى بولغان ئىدى.   
  دەسلەپكى زامانلاردا 1917 ـ يىلىدىكى كوممۇنىست ئىنقىلابىنى خەلقنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. 1915 ـ يىلى نەشىر قىلالمىغان «ئىسلاھات ئاساسلىرى» كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. كىتابىغا يېڭىدىن كىرىش سۆز يېزىپ «زۇلۇم تۈگىدى، مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى» دەيدۇ. ئەمما ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. نۇرغۇنلىغان بىلىم ئىگىلىرى چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋەتەندە قېلىپ كۈرەش قىلىشقا قارار بېرىدۇ.
   مۇسا جارۇللاھ 1918 ـ يىلى پېتىربورگتا «ئەل مۇنبەر» ئىسملىك بىر ژۇرنال چىقىرىدۇ. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كۈچەيگەن ۋە ئۇندىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ شەھەردە تۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم موسكۋاغا بېرىپ كېلىدۇ. ھىندىستان ئالىملىرىدىن مەۋلانا بەرىكەتۇللاھنى ئۆز ئۆيىدە 6 ئاي مېھمان قىلغان ئىدى. ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىشى بىلەن موسكۋاغا كەلگەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىدىن مەۋلانا ئۇبەيدۇللاھ، ئەبۇ سەئىد ئەل ئەرەبى، مەۋلانا ئابدۇراب، ئابدۇجاپپار، راجا پورتابلار بىلەن كۆرۈشكەن.   
   1920 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە ئۇفا شەھىرىدە ئېچىلغان نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان بىر قۇرۇلتايغا قاتناشتى. بۇ يەردە زىيائۇددىن كامالى ۋە قىرىم قازىسى ئىبراھىم ھەزرەتلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى رەسمى ئېلان قىلدى.  
    1922 ـ يىلى مىسىردا نەشىر قىلىنغان «تۈركىيە پارلامىنتىغا مۇراجىئەت» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى ۋە پارلامىنتىنىڭ ئىسلامى ھالىتىنى ساقلاشقا تىرىشتى. 1921 ـ يىلى روسىيىگە كەلگەن تۈركىيە پارلامىنت ئەزاسى ئىسمائىل سۈبھى ئەپەندىگە بۇ ماقالىنى بېرىش ئارقىلىق بۇنى مۇستاپا كامالغا تەقدىم قېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بۇ ماقالە مۇستاپا كامالنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتمىغان.
    236 ماددىلىق ئاساسى قانۇن رولىغا ئىگە بولغان ئىسلامىيەتنىڭ ئېلىپبەسىنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭ ئالدىنقى 68 ماددىسى روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قالغان 168 ماددىسى بولسا پۈتۈن مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك «خەلىپىلىك»، «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئۇرۇش قانۇنى» شەرتنامىلەر، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلاردا يېزىلغان ئىدى. بۇ ئەسەرنى نەشىر قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇفاغا يىغىلغان ئۆلۈمالار يىغىلىشىدا ئىككى كۈن ئوقۇدى ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالدى. بۇ ئەسەردىكى ماددىلار ئۇفا قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى نۇرغۇن قۇرۇلتايلاردا ئوقۇلدى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى  كاشغەر، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئەۋەتىلدى.
  
   ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدىكى ئۇسلۇب ئاساسلىق چۈشەنچىلەرنى، بىر تۈركۈم كوممۇنىست رەھبەرلىرى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇخارىننىڭ «كوممۇنىزمنىڭ ئېلىپبەسى» ناملىق ئەسىرىدىن ئالىغان بولغاچقا بۇ ئەسەرنى روسىيەدە نەشىر قىلدۇرالمايدۇ. DM,)nh6'  
   مۇسا جارۇللاھ 1923 ـ يىلى 236 ـ ماددىنىڭ ئالدىغا ئۇزۇن بىر مۇقەددىمە يېزىش ئارقىلىق فىنلاندىيەدە ياشايدىغان قازان تۈركلىرىنىڭ ئىمامى ۋەلى ئەھمەد ھاكىم ھەزرەتلىرىنىڭ باستۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەسەر يازغۇچىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە «دىنى، ئەدەبى، ئىجتىمائى، سىياسى مەسىلىلەر، تەدبىرلەر ھەققىدە ئىسلام مىللەتلىرىگە» ناملىق ئىسىم بىلەن بىرلىندا نەشىر قىلىندى. بىرلىندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بولغان سىياسى مولتەجى ئاياز ئىسھاقى ئەسەرنى مۇلاھىزە قىلىپ بەزى پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى. جارۇللاھ بۇ سەۋەبتىن پېتىربورگتىن موسكۋاغا كەلتۈرۈلۈپ نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇسۇلمان شېھىتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئەسەر چاناققەلئە قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان ئىدى. قولغا ئېلىنىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقىرىلىدۇ. شەھەرنىڭ بازارلىرىنى كونترول قىلغان پېتىربورگ تۈركلىرى ئۇنى قوللايدۇ. روس ۋە تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ئىسلامنىڭ تەجدىدى ئۈچۈن كۈرەشلەرنى داۋام قىلدۇرىدۇ. لېنىن بىلەن كېرمىل سارىيىدا ئۇزۇن مۇنازىرە قىلىدۇ. لېنىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان نازارەت تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. فىنلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلار تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەكىلى ئىسمەت ئىنۆنۈگە تېلېگىراپ ئەۋەتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. بۇ تېلېگىراپ تېكىستى ئىستانبولدا "ۋاقىت"، "جۇمھۇرىيەت"، ئەنقەرەدە "مىللىيەت" ۋە "يېڭى كۈن" گېزىتلىرىگە بېسىلىدۇ. دىپلوماتىيە يولى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرلگەندىن كېيىن مۇسا جارۇللاھ ئۈچ يىل موسكۋادا نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پىراۋىدا گېزىتىگە مەجبۇرى يېزىلغان  خەلىپىلىكىنىڭ يوق بولۇشىغا سۆيۈنۈپ كوممۇنىزم مەدىھىيلەنگەن بىر باياناتىنىڭ مەزمۇنى ئىستانبولغا قەدەر كېلىدۇ.
   1925 ـ يىلى 10 ـ ۋە 11 ـ ئايلاردا  مۇسا جارۇللاھ قىرىمغا كېلىپ خەلق ۋە ئۇستازلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئاق مەسجىدتە چىققان «ئەسرى مۇسۇلمانلىق» ژۇرنىلىدا ماقالە يازىدۇ. «مۇسكىرات مەسىلىسى» (مەس قىلغۇچى ئىچىملىك مەسىلىسى) ناملىق كىتاب بۇ يەردە تەييارلانغان. 1926 ـ يىلى ئۇفا دىنى تەشكىلاتى مەككىدە ئېچىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىندۇ. مۇسا جارۇللاھ يەتتە كىشىلىك بىر ھەيئەت بىلەن مەككىگە بېرىپ، كاشغەر مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا قانىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدىن كېيىن «مەككە قۇرۇلتىيى ۋە قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر» دېگەن رىسالىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. قايتىشىدا ھەيئەتلەردىن ئايرىلىپ ئىستانبولغا كېلىدۇ. بۇ يەردىن ئەنقەرەگە كېلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋفىق رۇشتى بىلەن كۆرۈشىدۇ. پارلامىنتنىڭ مۇزاكىرىلىرىنى ئاڭلايدۇ. مۇخپىرلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە قاھىرەدە ئېچىلىدىغان خەلىپىلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىنىيتىگە كېلىپ قاھىرىگە بارىدۇ. 1927 ـ يىلى ھەج ئۈچۈن روسلاردىن رۇخسەت ئالىدۇ. قايتىدىن ئىستانبولغا كېلىدۇ. «موسكىرات» ناملىق كىتابىنى بۇ يەردە نەشىر قىلدۇرىدۇ. «ئەل ۋەشىئە» ناملىق ئەسىرىدە ئىستانبولدىن قۇددۇسقا بېرىش ئارقىلىق 2 ـ قېتىملىق خەلىپىلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.   
   1930 ـ يىلى 10 ـ ئايلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ  روسىيە چېگرىسىغا يېقىن شەھەرلىرىدىن سىمخانىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتىدۇ. ئۇ يەردىن بىر سودىگەرنىڭ تۆگە كارۋىنىغا قوشۇلۇپ كاشغەرگە بارىدۇ. مەقسىتى بۇيەردىكى مەدرىسلەردە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بۇيەردە قىپ قالماق ئىدى. ئەمما جىنشۈرېن ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ. 3 ئاي داۋام قىلغان ئاتلىق سەپەردىن كېيىن كىچىك پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا بارىدۇ. موسكۋا ئىمامى ئابدۇللا سۇلايمانى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىدۇ.
   ئافغان شاھى نادىر مۇسا جارۇللاھنى ياخشى قارشى ئالىدۇ. بۇيەردە 30 كۈن تۇرغاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ ياردىمىدە ئالغان بىر پاسفورت بىلەن ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە بېرىپ، كونا دوسلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ ۋە 1931 ـ يىلى مىسىرغا بېرىپ «تۈركىيە پارلامىنتىغا مۇراجەت» ناملىق ئەسىرىنى باستۇرىدۇ. 1932 ـ يىلى فىنلاندىيەگە كېلىشىدە تۈركىيەدىن ئۆتىدۇ ۋە ئەنقەرەدە ئېچىلغان 1 ـ تۈرك تارىخ قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. ئافەت ئىنان، يۈسۈپ ھېكمەت بايۇرلارنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانلىقىنى «خاتون» ناملىق ئەسىرىدە يازىدۇ.
    مۇسا جارۇللاھ 1933ـ يىلى بىرلىنگە بېرىپ بىرلىندا ياۋروپادىكى ئىسلام مۇنەۋۋەرلىرىنى توپلاپ يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىتىش ئۈچۈن باسمىخانا قۇرىدۇ. بۇ يەردە باسقان «خاتون» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىچى ۋە سىرىت مۇقاۋىلىرىغا باسقان ئېلانلىرىدا «بۇ مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ مەركىزىدە ئىلمىي ۋە دىنىي بىر مەركەز. ئەگەر بۈيۈك ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدا پىكىر ۋە قەلەملىرى بوش قالغان، تىللىرى تۇتۇلغان ئىجتىھاد ئەھلى ئارزۇ قىلسا مۇھىم ۋە پايدىلىق ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىمىز» دەپ يازىدۇ ۋە 20 گە يىقىن كىتاب نەشىر قىلدۇرىدىغانلىقنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇنىڭغا ماددى جەھەتتە كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇ.   
   مۇسا جارۇللاھ 1933 ـ يىلى قايتىدىن فىنلاندىيەگە بېرىپ ئىران ۋە ئىراققا قىلىدىغان ساھايىتى ئۈچۈن ئىران ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئىستانبول يولى بىلەن ئاۋۋال ئىرانغا بارىدۇ. ئىراندا خەلق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. مەكتەبلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. مەدرىسە تالىپلىرى ۋە موللىلار بىلەن كۆرىشىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن شىئە، ھەدىس ۋە فىقھى كىتابلار ھەققىدە ئەستايىدىل تەتقىقاتلار يۈرگۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئىرانغا زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن موھسىن ئىمىن ھۈسەيىن ئەل ئامىلى (1867 ـ 1952) بىلەن كۆرىشىدۇ ۋە بۇزاتقا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى نەتىسىجىدە ھازىرلىغان شىئەلەرنىڭ فىقھى ۋە ئەقىدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 20 گە يىقىن سوئال سورايدۇ. ئىراننىڭ مەشھەد، تىبرىز ۋە تېھران شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان شىئە ئۆلىمالىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن باغداتقا بارىدۇ ۋە نەجەفتە 26 كۈن تۇرۇپ بىر دوستىغا يازغان خېتىدە «ئىمامى ئەزەمنىڭ مۇبارەك قەۋرىسى بىلەن ياتىقىمنىڭ ئارىسى 5 ـ 6 مېتىر كېلىدۇ. مەن ھەنەپى مەزھىبىدە، ئەبۇ ھەنىفە ھەزرەتلىرىنىڭ قەۋرىسىدە بىر مەزگىل تۇرۇشنى ئارزۇ قىلدىم. ياتىقىمدا ئىككى ھەپتىدىن جىقراق ئېتىكاپتا ئولتۇردۇم ۋە بۇ جەرياندا ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇدۇم. بۇلاردىن بېرى 15 جىلدلىق ھەر جىلدى 350 ۋاراق بولغان "باغدات تارىخى"، يەنە بىرسى بولسا 30 جىلدلىق "ئەل مەبسۇت" ناملىق كىتابتۇر. ھەممىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ پايدىلاندىم» دەيدۇ. 9oYE  
    مۇسا جارۇللاھ ئاخشاملىرى باغدات ئالىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئىراندىكى ۋاقتىدا ئالىملاردىن سورىغان سوئاللارنى بۇلاردىنمۇ سورايدۇ. سوئاللىرى قولدىن قولغا ئۆتۈپ جاۋابلار يېزىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جاۋابلاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئابدۇل ھۇسەين شەرەفىددىن ئەل ئامىلىنىڭ يازغان «ئەلجىبەتۇ مۇسا جارۇللاھ» ئىسىملىك 150 بەتلىك ئەسىرىدۇر.   
   مۇسا جارۇللاھ ئىران ـ ئىراقتا بىر يىلدىن كۆپرەك تۇرۇش جەريانىدا چۈشەنچلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. مۇددەرىسلىك تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ۋىزا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن دەمەشق چېگرىسىدىن ئارقىغا قايتىپ قايتىدىن باغداتقا كېلىدۇ ۋە پەلەستىن يولى بىلەن كېتىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەلچىخانىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان 60 ئالتۇننى بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋىزا ئالالمايدۇ. نۇسەيىبىن بېكىتىگىچە كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم سۈرىيەگە كىرىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما يەنە رەت قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا موسۇللۇق ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر پىلانى بىلەن تۈركىيەگە كېلىدۇ. لېكىن چېگرىدا قولغا ئېلىنىپ جىزرە ساقچىخانىسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. 3 كۈندىن كېيىن ماردىنغا كەلتۈرۈلۈپ سوراق قىلىنىدۇ. ماردىن ۋالىيسى ئۇنىڭ نام ـ ئاتىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ياخشى كۈتىۋالىدۇ. ماردىندىن ئاداناغا ۋە ئۇ يەردىن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ.   
   مۇسا جارۇللاھ1935 ـ يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بەزى يېرىم قالغان تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قاھىرىگە كېلىدۇ. ئىران ۋە ئىراقتا يۈرگۈزگەن تەتقىقاتلىرىنىڭ مىۋىسى بولغان «ئەل ۋەشىئە فى نەقدى ئاقائىدىششىئە» ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ ئىران، ئىراق ۋە مىسىردا تارقىتىدۇ. ئىسلامدىكى ۋاقىت ۋە كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «نىزامۇتتەقۋىم فىل ئىسلام»، «نىزاممۇننەسى ئىندەلئەرەب» ۋە«ئەييامۇ ھاياتۇننەبى» ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. قاھىرىدە ئەھمەت ئىمىن، مۇستاپا مەراغى، ئەلى ئابدۇررازىق، مەنسۇر فەھمى، ئابدۇل ۋەھھاب ئاززام قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەر بىلەن دوست بولىدۇ. مۇسا جارۇللاھ1937 ـ يىلى ھىندىستانغا كېلىدۇ. بومبايدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن بەنارىسقا بارىدۇ. بۇ يەردە سانسىكىرت يېزىقى ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇھاباراھا بىلەت تۆت ۋىدانى ئەسلى نۇسخىسىدىن تەتقىق قىلىدۇ. بىر خېتىدە شۇنداق يازىدۇ. «مەن بانارىستە ھىندى بىراھمانلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىنىڭ قېشىدا ئاددى بىر تالىپ سۈپىتى بىلەن ئەڭ كونا ۋېدالىرىنى، ھىندى ئەۋلىيالىرىنىڭ ئۇلۇغ كىتابلىرىنى، ھىندى پەيلاسۇپلىرىنىڭ پەلسەپەلىرىنى، ھېكمەتلىرىنى ئاز بولسىمۇ ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن.» C_Z/7x*>d  
   مۇسا جارۇللاھ1938 ـ يىلى ياپونىيەگە قېچىپ كەتكەن دوستى قازى ئابدۇررەشىد ئىبراھىمدىن تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ياپونىيەدە ئۇنىڭ بىلەن ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. جوڭگو، جاۋا ۋە سوماتراغا تەشكىللەنگەن بىر تەبلىغ ھەيئىتىگە ئەزا بولىدۇ. 1939 ـ يىلىغا كەلگەندە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. مۇسا جارۇللاھ ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ كابۇلدا قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما پىشاۋۇردا ئەنگىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئىككى يىل زور قىيىنچىلىقلار بىلەن تۈرمىدە ياتىدۇ. بىئوفال ھۆكۈمرانى مۇھەممەد ھەمىدۇللاھنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن تۈرمىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، 1935 ـ يىلىغا قەدەر بۇ يەردە نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدۇرىدۇ. ئەرەبچە 8 پارچە ئەسەر يازىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققىنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى بولۇشىغا قارىماي بومبايدا مۇساپىر بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان مەدرىسكە تەقدىم قىلىدۇ. مۇسا جارۇللاھ 1936 ـ يىلى يېڭى دېھلىغا ئۇ يەردىن بومبايغا كېلىدۇ ۋە سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئوپىراتسىيە قىلىنىپ ئىككى ئاي دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. _F8THYg (  
    مۇسا جارۇللاھ 1937 ـ يىلى قاھىرىنىڭ مائارىپ ۋەكىلى ئەلى ئابدۇررازىق پاشاغا يوللىغان تېلېگىراممىسىدا ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى، قاھىرىگە كېلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى سورايدۇ ۋە قاھىرىگە كېلىدۇ. ئايالى بىلەن بىرلىندا تېلىفۇندا كۆرۈشكەندىن باشقا ئالاقە قىلالمايدۇ. قاھىرىدە يۈسۈپ ئۇرالگىرايغا «ئوغلۇم كۆرۈپ تۇرۇپسەن مەن ئەمدى قېرىدىم، ئىچىمدە ھېچ توختىمىغان بىر تۇيغۇ بار، ئايالىمنى ۋە بالىلىرىمنى تاشلىۋەتتىم. ئۇ بىچارىلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلدىم، بەك قېرىدىم، ئەگەر كوممۇنىستلار مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا ئۆلتۈرسۇن. ئەمما مەن روسىيەگە چوقۇم كېتىمەن» دەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا فاسفورتنى بىرىپ روس ۋىزىسى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ ئىستانبولغا كېلىدۇ. ئايرۇپىلان ئىنجىنىرى بولغان ئوغلى ئەھمەدنىڭ 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. يۈسۈپ ئۇرالگىراي ئەھمەدنىڭ ئادرىسنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ خەت ـ ئالاقە قىلىشغا ياردەم قىلىدۇ. ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوغلى دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى كېلىپ ئۇنى يوقلىيالمايدۇ. )-0+O=v  
   مۇسا جارۇللاھ 1937 ـ يىلى ياز ئاخىرىدا ئاقسۇ ئىسىملىك تۈرك پاراخوتى بىلەن ئىستانبولغا يولغا چىقىدۇ. يولدا پاراخوتنىڭ پالابوسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ قولى ۋە پۇتى سۇنۇپ كېتىدۇ. گالاتا پورتىدىن ئۇدۇل غۇرەبا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئەنقەرەگە كېلدۇ. بۇ يەردە 10 كۈن ئەتراپىدا قازانلىق تۇنۇشلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبولغا قايتىپ كېلىدۇ. قىشقىچە ئىستانبولدا تۇرىدۇ. ئەھۋالى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن روسىيەگە كېتىش پىكرىدىن ۋاز كېچىدۇ ۋە قاھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ. P\WFm   
   ئالى ئابدۇررازىق پاشانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كالاۋۇم دوختۇرخانىسىدا ياتقۇزىلىدۇ. ۋە ھەر ئايدا 6 جۈنەي ئايلىق بېرىلىدۇ. بۇ يەردە ئىككى قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ. يۈرىكى ئاجىزلىشىدۇ. قازى ئابدۇررشىد ئىبراھىمنىڭ قىزى فەۋزىيە خانىم ۋە ئالىمجان ئىدرىس ئۇنىڭغا قارايدۇ. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ھىدىۋى تەۋفىقنىڭ قىزى خەدىچە خانىمغا يەتكۈزىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى مۇھەممەد ئاكىف ئەرسويغا ياردەم قىلغان بۇ خانىم ئانىسىنىڭ كونا مىسىرغا قۇرغان ئىگە ـ چاقىسىز ياشانغانلارنى بېقىش يېرىدە مەخسۇس دوختۇر ۋە سېستىراسى بولغان بىر ئۆي تەييارلاپ بېرىدۇ. .  
    مۇسا جارۇللاھ بۇ يەردە 1937 ـ يىلى  10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ۋاپات بولىدۇ. 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىدىكى «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا نامىزى سەييىدى نەفىسە مەسجىدىدە ئوقۇلۇپ، قاھىرەنىڭ ئەفىفىدىكى ھىدۋىيە جەمەتىنىڭ پادىشاھلىق مازارلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
`مەنبە:تارىخ
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-16, 18:42
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-15 23:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » نىكاھ ۋە ئائىلە