بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ablikimدە2012-05-02 00:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىرقى بۇ تەرەققىياتنىڭ ، بىز شىنجاڭ خەلقىنى قانچىلك نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلغانلقىنى تەسەۋۋۇر قىلمەق تەس ئەمەس . ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە بارغىچە ، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىن كىرىپ - چىقىش دائىرسى تەخمىنەن 50 كىلو مىتىر ئارلىقتا ، يولنىڭ ئىككى ياقسىدىن ئاسمانغا كۈتۈرلىۋاتقان قاپ -قارا ئىس -تۈتەكلەرنى كۈرۈپ شۇنداق يىغلىغىم كەلگەن . ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىت بۇلغىنشى جۇڭگۇ تەۋەسىدە ئەڭ ئېغىر بولسا كىرەك . بۇنداق ئېغىر بۇلغانما قويۇپ بىردىغان كارخانىلار ، مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 50 كىلو مىتىر دائىر ئىچىدە << ئۈرۈمچىنىڭ ئالتاي تەرەپ يۈلنىشى >> ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇردىكەن . مانا بۇمۇ بىر مىسال ! قىسقىسى 30 يىل ئەمەس 15 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم يىزا -قىشلاقلىرىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇ ئۈزۈلمەيتتى ، << بىزنىڭ يۇرتتىمۇ شۇنداق ئىدى >> مانا ھازىر يىزا -قىشلاقلاردا دىھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئۈچۈن بىر تېمىم سۇ بىر تامچە قانغا باراۋەر بوپ قالدى .ھەتتا سۇ قىسلىقىدىن بزنىڭ يۇرتتا سۇ تالشىپ جىدەل قىلىپ ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىمۇ كۈرۈلدى تېخى . دەپ كەلسەم گەپ جىق بۇ تېخى شۇ تەرەققىياتقا تۆلگەن بەدەللەرنىڭ ئاز بىر قىسمى . ياققا يۇرتلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورۇنسىز بەدەل تۆلەشلەرمۇ بار تېخى .