<<ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى>>تورىدىكى ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ <<قوش تىللىق>> مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى ئاز دىگەندە بىرقۇر ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇ ساھەنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسىز. تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئەركىن سىددىق ئاكىنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى كۆرەلەيسىز.
http://uyghuracademy.com/?cat=30 بۇ <<قوش تىللىق>>مائارىپ بىزنىڭ دىيارىمىزدىلا بولغان ئەمەسكەن . دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھەرقايسى تىللاردا نۇرغۇنلىغان ئالىملار 200نەچچە يلدىن بۇيان تەتقىق قىلىپ <<قوش تىللىق>>مائارىپىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغۇرلۇق ئەڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرگەنىگەن.
بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ <<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا>>دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ چىقىڭ. بۇندىن باشقا بىز كۆرۈشكە تىگىشلىك نۇرغۇنلىغان كىتاپلار بار.
سىز كىتاپ ئوقۇسىڭىز،بالىڭىزمۇ سىنى دوراپ سىزدىن كۆپ كىتاپ ئوقۇيدۇ،سىز قانداق كىتاپ ئوقۇسىڭىز ،بالىڭىزمۇ شۇنداق كىتاپنى تېخىىمۇ كەڭ دائىرىدە ئوقۇيدۇ. سىز قانداق تەپەككۈر قىلسىڭىز، بالىڭىزمۇ شۇنداق تەپەككۈر قىلىدۇ.بۇ دىگەنلىك :سىز ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلسىڭىز بالىڭىزمۇ ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلىدۇ. ............ئۇيغۇرچە سۇئال سورىسا باشقا تىل بىلەن جاۋاپ بېرىدىغان<< تىل>> قەلەندەرلىرىدىن بولۇپ قالمايلى..........يەنىلا دەيدىغىنىم بىز كىتاپنى كۆپ ئوقۇيلى!!!!!!!!!!!!!!!!