<< ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش >> ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى ، ئەمما جىن شۇرېن كونكرېت ئىسلاھات قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ھېسسىياتىغا تېگىدىغان خاتا سىياسەتلەرنى قوللانغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئوردىدىكى كونا ئەمەلدارلار ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ، مىنگونىڭ 20 - يىلى ( 1931 - يىلى ) 4 - ئايدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ .
مىنگونىڭ 22 - يىلى ( 1933 - يىلى ) << 12 - ئاپرېل >> سىياسىي ئۆزگىرىشى بولۇپ ، جىن شۇرېن ئاغدۇرۇلۇپ ، شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى ليۇۋېنلۇڭ نەزەرنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك قوغداش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەيدۇ . نەزەر قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قومۇلغا قايتىپ كېلىۋالىدۇ . بۇ چاغدا ، ئۆز ۋاقتىدىكى ھەشىمەتلىك ۋاڭ ئوردىسى ئۇرۇشتا خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانىدى . نەزەرنىڭ تۇرغۇدەك ئۆي - جايى بولمىغانلىقتىن ، ھەسەن ياڭخاڭنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرىدۇ ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، شەھەر ئىچىدە بىرقانچە ئېغىز ئۆينى ئوڭشاپ كۆچۈۋالىدۇ .
<< 12 - ئاپرېل >> سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوۋېنگەننى شىنجاڭغا تەشۋىق قىلىش ۋە ھال سوراشقا ئەۋەتىدۇ . مىنگونىڭ 22 - يىلى ( 1933 - يىلى ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ، لوۋېنگەن قومۇلغا يېتىپ كېلىپ ، ۋەيران بولۇپ كەتكەن شەھەر ئىچىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ ، ئاندىن مەركىزىي ھۆكۈمەت نامىدىن نەزەرگە 1000 تەڭگە بېرىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىشنى تاپشۇرىدۇ . قايتىش ۋاقتىدا لوۋېنگەن نەزەر بىلەن خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشىدۇ . نەزەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەركەز بىلەن ئالاقە باغلاپ ، ۋاڭلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خامخىيالىدا بولىدۇ . لېكىن قومۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، ئۇنىڭ بۇ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ . نەزەر شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈزۈل - كېسىل ئۈمىدسىزلىنىپ ، چېكىملىك ۋە ئىچىملىككە بېرىلىپ ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ ، ئاخىرى بېرىپ ئېلىشىپ قالىدۇ . مىنگونىڭ 23 - يىلى ( 1934 - يىلى ) 9 - ئايدا نەزەر ئەپيۈن سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ .
نەزەرنىڭ توققۇز خوتۇنى بار ئىدى ، ئۇ ئىككى ئوغۇل ، ئىككى قىز پەرزەنت كۆرگەن .
نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىرمۇ ۋاڭلىق ھوقۇقىنىڭ قولدىن كەتكىنىگە تەن بەرمەيدۇ . قومۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغدا ، بېشىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ، ئۇلارنى نۇرغۇن پۇل - مال بىلەن قوللايدۇ . مىنگونىڭ 20 - يىلى ( 1931 - يىلى ) 10 - ئايدا ، جىن شۇرېن ئۇرۇمچىدە نەزەربەنت قىلىپ تۇرغان نەزەر بېشىرگە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرماسلىق توغرىسىدا خەت يازغانىدى ، لېكىن بېشىر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ . مىنگونىڭ 22 - يىلى ( 1933 - يىلى ) 5 - ئايدا ، ماجۇڭيىڭ 2 - قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ، قومۇل ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، بېشىرنى تۇرپاننىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ . مىنگونىڭ 23 - يىلى ( 1934 - يىلى ) ماجۇڭيىڭ مەغلۇب بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ ، بېشىر بولسا قومۇلغا قايتىپ كېلىدۇ . بۇ چاغدا ، يولۋاسمۇ قومۇلغا كېلىپ ، ئۆزىچە ھاكىم بولۇۋېلىپ ، پۇرسەت كۈتۈپ ياتاتتى . ئۇ ، بېشىرنىڭ قومۇلغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ياقتۇرماي ، ئۇنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن چەتكە قاقىدۇ . بېشىر پىچان سۇبېشىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ . بۇ جەرياندا بېشىر ئەل ئارىسىدا پۇقرالارغا ئارىلىشىپ يۈرىدۇ . مىنگونىڭ 35 - يىلى ( 1946 - يىلى ) ھەرقايسى ناھىيىلەردە ئاتالمىش ھاكىم سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە ، بېشىر ھەر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىش يولى بىلەن قومۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولىۋالىدۇ . 1949 - يىلنىڭ بېشىدا ھاكىملىقتىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ .
بېشىر زالىم ، ئىشرەتپەرەس بولغاچقا ، خەلقنىڭ غەزىپى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى . قاينام - تاشقىنلىق ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ، فېئوداللارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ ، بېشىرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ . 1951 - يىلى بېشىر تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ ، ئازادلىقتىن كېيىن ھەممىسى دېھقان بولىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
ئەسكەرتىش : باشقا مۇنبەرلەرگگ كۆ چۈرۈشكە بولمايدۇ