saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/10     Go
بۇ تېما 15407 قېتىم كۆرۈلدى
bagdax
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 15
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 1210 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1138 سوم
تۆھپە: 638 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 641 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1427(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جەسۇر پۇتبول كۇلۇبى ھەققىدە(تەۋسىيە)


<جەسۇر >پۇتبول  كۇلۇبى ماركىسى بېكىتىلدى . يوقىرىقى ماركىنى باغداش تورى تور بېكەت لاھىيەلەش گۇرۇپپىسىدىن  TAJIN ( نىجات شاۋكەت) لاھىيلىگەن .

  ماركا چۈشەندۈرۈلىشى :
   ماركىغا چۈشۈرۈلگەن ئات غەلبىنىڭ سىموۋولىدۇر ، ئاتنى چىقىرىشتىكى مەقسەت <جەسۇر> كۇلۇبى ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇسابىقىلەرنى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈندۈر ، ئات ئۈستىدىكى ئۇيغۇر يىگىتى  بىر قولىدا مىللى چالغۇلارنىڭ بىرى بولغان سۇناينى ،بىر قولىدا پۇتبولنى كۆتۈرۈپ تۇرغان جەسۇرانە قىياپىتى  <جەسۇر> كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن شان -شەرىپىگە تەنتەنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.




















<جەسۇر> پۇتبول كۇلۇبى دەسلەپكى لاھىيەسى

************
        بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ پوتبولچىلىقى كۈندىن –كۈنگە راۋاجلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى .ئارقا –ئارقىدىن  يېتىشىپ چىقىپ جۇڭگو بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى دۆلەتلىك پوتبول كوماندىسىغا  يېڭى بىر سوئال قويدى.جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پوتبول كومانسىدىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىدا شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
     ئاساسى گەپكە كەلسەك ،97-98- يىللىرى قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىمىت مۈسا  مۇئەللىم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىزچىلار پوتبول كوماندىسى ۋە شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ‹ئابلىمىت موسا لوڭقىسىنى تالىشىش› پوتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن قومۇل رايونىدا بىر مەزگىل پوتبول ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى،شۇ مەزگىللەردە ھېچقانداق ئىقتىسادى كۈچى بولمىغان‹ ئابلىمىت موسا ئىزچىلار پوتبول كوماندىسى ›جاپالىق سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈرۈمچى ،خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ دىيارىمىز قومۇلغا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى.
       مانا بۈگۈنكىدەك مەملىكەت مىقياسىدا ھەممىنىڭ كۆزى شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا تىكىلگەن .ئۇيغۇر پوتبول ئەزىمەتلىرى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى تونىتىۋاتقان خوشاللىق مىنۇتلاردا ئەسلىدىكى ئىزچىلار كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت مۈسا مۇئەللىم ۋە ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ، پوتبول سۆيەر كارخانىچىلار بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ‹جەسۇر پۇتبول كۇلۇبى› نى كېڭەيتىپ مۇنتىزىم بولغان كۇلۇپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش دەسلەپكى لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېكىتتى.



‹جەسۇر پوتبول كۇلۇبى›نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى :

      جەسۇر پوتبول كۇلۇبىدا ھازىر ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى  ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ،جەمئىيەتتىكى پوتبول سۆيەر ئەزىمەتلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كۇلۇپ ئەزاسى بار .گەرچە كۇلۇبىمىزنىڭ مۇنتىزىم ئۆلچەملەشكەن مەشق مەيدانى تولۇق ھازىرلانمىغان بولسىمۇ كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتەك قىزغىلىنلىقى بىلەن مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆلچەملىك مەشىق ۋە مۇسابىقە مەيدان شارائىتى ھازىرلاش تولىمۇ زۆرۈر خىزمەتتۇر .

       جەسۇر كۇلۇبىنىڭ مەقسىتى :

        1.ئوقۇتقۇچىلار كوماندىسى :
     ئوقۇتقۇچىلار كوماندىسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ئەزا سانى دەسلەپكى قەدەمدە 50دىن ئاشتى ، بۇ كوماندىنى تەشكىللەشتىكى ئاساسى مەقسەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ۋە چېنىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش .(رايونىمىزدىكى مائارىپ سېپدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قارشى ئالىدۇ)

         2.‹جەسۇر› كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى:
بۇ كوماندا ئاساسلىق  بەلگىلىك پۇتبول ماھارىتى ئىگەللىگەن ،مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن ، تېخنىكىسى يوقىرى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ،بەلگىلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ كېيىنكى قەدەمدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىلەردە قاتنىشىشىتا قومۇل ئۈچۈن كوزۇر كوماندا بولالايدۇ. 

        3. ياش –ئۆسمۈرلەر كوماندىسى (ياش –ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش كۇرسى ):
       بۇ كوماندا ئاساسلىق ياش نوتىلارنى تەربىيلەشنى ئاساس قىلىنغان بولۇپ پۈتكۈل قومۇل رايونىدىكى ئۆسمۈرلەرنى كەڭ كۆلەملىك تەربىيلەش نۇقتا قىلىنىپ رايونىمىزدىكى ئۆسمۈرلەردە پۇتبول قىزغىنلىقى قوزغاش .تەربىيلەش شەنبە-يەكشەنبىلىك ،تەتىللىك تەربىيلەش ئۇسۇللىرى بىلەن پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆسمۈرلەرمۇنتىزىم تەربىيلىنىدۇ.

         4.يېقىندا شىنجاڭ رايونىدا قانات يايدۇرىلىۋاتقان ‹يېزىلارغا پوتبول ھەركىتىنى يەتكۈزۈش›،‹دېھقان بالىسىنى پوتبولچى قىلىش› ھەركىتىگە ئاۋاز قوشۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 100 نەپەر يېزا رايونىدىكى ھەۋاسكار ئۆسمۈرلەرگە ‹جەسۇر كۇلۇبى›پوتبول كىيىمى ۋە بىردىن پۇتبول تەمىنلەش ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش.

          5.كېيىنكى قەدەمدىكى لاھىيە ۋە پىلانلار كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ،رايونىمىز پوتبولچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزگە قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .دىيارىمىز پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى قوللاش ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇررىيىتى.پوتبول سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ،كارخانىچى دوستلارنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ ‹جەسۇر كۇلۇبى›نى ھەر-قايسى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!




     قومۇل دىيارىدىكى ئىۋىرغول رېستۇرانى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قىزغىن قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئىقتىسادى جەھەتتىن3000يۈەن ياردەم بەردى .
    باغداش تور بېكىتى جەسۇر كۇلۇبىنىڭ ۋە مەزكۈر كۇلۇبنىڭ يېزىلارغا پوتبول ھەركىتىنى يەتكۈزۈش ھەركىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى . پات ئارىدا <جەسۇر >كۇلۇبىغا باغداش تور بېكىتى ئارقىلىق ئەزا بولۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ .



ئەسكەرتىش: ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش كوماندىسىغا تىزىملاتقان ئەزالاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. ياشلار كوماندىسىغا تىزىملىتىش يىللىق ئەزالىق ھەققى : 240يۈەن. كېيىنكى تەپسىلاتلار داۋاملىق تۈردە باغداش تورى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ تۇرىلىدۇ.
  <جەسۇر >كۇلۇبىغا ئەزا بولماقچى ياكى پىكىر -تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشڭ ، يەنە يېزىلارغا پوتبول يەتكۈزۈش سېپىمىزگە قوشۇلماقچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭىز : پەقەت 3 كىشى 30 يۈەندىن خىراجەت قىلسا بىر يېزا بالىسىغا بىر يۈرۈش كىيىم ۋە پوتبول سوۋغا قىلغىلى بولىدۇ .

   ئالاقىلاشقۇچىلار : ئابلىمىت موسا مۇئەللىم : 13999448114    ، قادىر مەممەت مۇئەللىم : 13565199973
    قادىر ئوسمان : 13899353862   ئەسقەرجان : 13999686240   ئەلىجان : 18299369759 ،

            ھۆرمەت بىلەن :
                           ‹ جەسۇر› پوتبول كۇلۇبى ، باغداش تور بېكىتى :


[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-27 12:37قايتا تەھرىرلىدى ]
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-19 20:17 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 195
شۆھرەت: 1083 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1099 سوم
تۆھپە: 638 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 777(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋىلايەتلىك ئوتتۇرىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان قانداق بوپ كېتىۋاتىدىكىن؟
lutun
دۈشمەن ئالدىغا قالقىنىڭ بىلەن ئەمەس قىلىچىڭ بىلەن چىق.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-19 20:21 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لاھىيە ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپتۇ. مېنىڭچەماركىنىڭ تىگى ئاسمان كۆك رەڭدە چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...ھەمدە ئاۋۇ ئىنگىلىزچە خەت ئاستىغا چۈشۈپ، ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىگە چىقىرىلىشى كېرەك...سەمىمىي تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ كۆرەرسىزلەر!...
چۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەرقانداق ماركا، ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە خەت بارلىق يېزىقلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلىدۇ.
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-19 20:46 |
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 108
شۆھرەت: 765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 419 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 419 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ جەسۇرلىرىرىمىزغا مەدەت بەرسۇن! بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، قومۇلدىكى بارلىق پۇتبولچىلار بىر يەرگە يىغىلىپ، بىر نىيەتتە ئىلگىرلىسە نىمە دىگەن ياخشى، تېما ئىگىسىگە رەھمەت........
saltanat
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-19 20:50 |
batur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
شۆھرەت: 338 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 339 سوم
تۆھپە: 199 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 200 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىدە يېزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-19 22:26 |
qatakqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1537
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 298 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 299 سوم
تۆھپە: 172 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 173 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 578(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېسىل تېما !!! ھەقىقەتەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قومۇل پۇتبولچىلىقى بىر ئىزدا توختاپلا قالغان ئىدى ھەتتاكى كەيىنىگە چىكىنىشمۇ بولغان بولساكېرەك.بىز يۇرۇتتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا توپ ئوينايدىغان بالىلار بەك جىق ئىدى .شەھەر ئىچى باشلانغۇچ بىلەن ۋىلايەتلىك ئۇتتۇرىنىڭ پۇتبول مەيدانى بۇزۇلغاندىن كىيىنلا بىزنىڭ قومۇل پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ تەرەقىياتى يوقاپلا كەتتى . ھەتتا بىز بۇرۇن مەھەلىلەردىكى تار كوچىلار دا توپ تىىپەتتۇق ھازىرقى كىچىكلەردە بۇئشلارمۇ يوق ! مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن بىچارە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ،«كۇرۇس»بېسىمى بەكلا ئېغىر ،  دىگەن ئىككى بىسلىق پىچاقنىڭ ئشى يانا بىر سەۋەپ ئاتا ئانىلاردىمىكىن دەپ ئويلايمەن .بالىلىرى كۈنلەپ «دىلبۇزۇر»،كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن كەتمەي ئولتۇرسا بالام ماڭ سىرىتلارغا چىقىپ ئۇيناپ كىر دىمەيدۇ ھەرگىز. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئابلىمىت ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى تۆھپىكارلىرىمىز بۇ قەدەمنى ياخشى بېسىپتۇ .ھەممىمىز ماددى،مەنىۋى ۋە ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن قاتتىق قوللايلى !ئاخىردا  كۇلۇپنىڭ تەرىقىياتىنڭ تېز ئوڭۇشلۇق ۋەئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن دىلىمدن تىلەيمەن!    ئۇلۇغ اللا يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن !
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-19 23:26 |
eco
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                 بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، داۋاملىق تىرىشقايسىلەر
simfoniya
بەخىت ياربولسۇن !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-20 10:23 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماركىدىكى ئات بىلەن چەۋەنداز شۇ قەدەر ماسلاشقان، سۇنايمۇ مەڭگۈلۈك غەلبە چىلاشنىڭ سىموۋولىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
بىراق ماركىنىڭ رەڭگى ئىسسىق رەڭگە ماھىل بولۇپ قاپتۇ. پۇتبول تەنھەركىتى لاھۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان جاسارەتنى تەلەپ قىلىدىغان تەنھەركەت تۈرى. ئەگەر تەنھەركەتچى يان بىلەك ۋە مەيدىسىگە توق چىلان رەڭلىك ماركا بىلەن بېزەلگەن مايكىنى كەيسە قىسمەن بولسىمۇ روھى كەيپىياتىغا تەسىر (تەرلەپ كەتكەندەك) يەتكۈزىدۇ. بەدەن ئوتتتەك، ماركىمۇ بەك قىزىق رەڭدە...ئىككى ئىسىق بىرلىشىپ ئەزىمەتلەرنى بىئارام قىلماسمۇ؟!
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا تەگ رەڭگىنى ئاسمان كۆك رەڭگىدە ئېلىش كېرەك. چۈنكى، كۆك رەڭ مەڭگۈلۈك غەلبىگە سىموۋول بولالايدۇ. ئاسمان كۆك رەڭ ئۇ ھەرقانداق جايدا  ئوچۇق،ئاشكارە، مەردەنە رەڭدۇر! ئاسمىنى كۆك، ھاۋاسى ساپ مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارمۇ قەيسەر ، مەردۇ-مەردانە ،ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ھاۋاسى تۇتۇق مۇھىتتا ياشىغانلار قىتىغۇر، كۆرەلمەس، چىدىماس، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىنى بېسىپ تۇرىدىغان رەڭ بىلەن بېزەلمەستىن چوقۇم ئۆزىنى تېخىمۇ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرغۇزالايدىغان ئاسماندەك كۆك رەڭ بىلەن بېزەلسىمىكىن دېگەنتىم.
يەنە كېلىپ ماركىدىكى ئىنگىلىزچە خەت چوقۇم ۋە قەتئىي ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئاستىغا يېزىلىشى كېرەك...
saltanat
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-20 11:33 |
yoluqii
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3870
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 44 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماركىنىڭ تىگى ئاسمان كۆك رەڭدە چىقىشىنى قوللايمەن.چۈنكى بۇ مەڭگۈلۈك رەڭ!
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-20 12:24 |
oylangqiogli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 100 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«جەسۇر»پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن! ئاجايىپ بەلەن بوپتۇ.        تەكلىپ: «جەسۇر» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ «مارشى» نى ئۇنتۇپ قالمىغايسىزلەر.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-20 13:19 |
hulja
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5078
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىلەرنىڭ  تىخىمۇ تىرششىڭلارنى ئۇمۇد  كىلمەن .  ماركىنىڭ  گىپگە كەلسەك  مىنىڭ كارشىمچە  ياخشى چىكىپتۇ    
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-20 13:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/10     Go
Bagdax bbs » مۇنبەر ئۇقتۇرىشى