پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەلق ئىچىدە مىجەزى ئەڭ ياخشى،ئەڭ راسچىل،ئەڭ سادىق ئىدى،كىشىنى بۇلغايدىغان ناچار قىلىق، يامان ئەخلاقلاردىن خالى ئىدى؛ئادەمگەرچىلىكى ئەڭ ئۈستۈن،خەلق بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق،قوشنىدارچىلىغى ياخشى،بەك مۇلايىم،بەك راسچىل ئىدى.ئاللاھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇلايىملىق، سەۋرىچانلىق، شۈكرى قىلىش،ئادىللىق،كەمتەرلىك،ئىپپەت،كەڭ قوللۇق،قەھرىمانلىق،نومۇسچانلىق قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى،توغرا قىلىقلارنى جەم قىلغانلىقى ئۈچۈن،خەلق ئۇنى ئەمىن دەپ ئاتىشاتتى. ھەتتا ئابدۇددار جەمەتىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئەششەددى دۈشمىنى بولغان نەزرى ئىبنى ھارىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى خىسلەتلەرگە قايىل بولۇپ: مۇھەممەد سىلەر (قۇرەيشنى دىمەكچى) نىڭ ئاراڭلاردا ئۆسكەن بالىلىق چېغىدا ئۇنىڭدىن مەمنۇن ئىدىڭلار،ئىچىڭلاردا ئەڭ راستكوي،ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ بولۇپ پەيغەمبەر بولغاندا ،ئۇنى سېھرىگەر دىدىڭلار. قەسەم قىلىمەنكى ،ئۇ سېھرىگەر ئەمەس دىگەن.
ئۇكازدا(مەدىنىگە يېقىن بىر بازارنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇيەردە يىلدا بىرقېتىم چوڭ سودا-سېتىق ئۆتكۈزىلەتتى) بولىدىغان سودا-سېتىققا كېلىدىغان ئەرەپلەرگە ئېيتىش مەقسىتىدە،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىلىق ھەممىگە ماقۇل كېلىدىغان بىر سۆزگە كېلىشىۋېلىش ئۈچۈن ئېچىلغان بىر مەسلىھەت يىغىنىدا نەزرى ئىبنى ھارىسنىڭ قىلغان سۆزى ئەنە شۇ. رۇمنىڭ پادىشاھى ھىرەقلى(قەيسەر) ئەبۇ سۇفياندىن:مۇھەممەد پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشتىن ئىلگىرى، سىلەر ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن قارىلىغانمىدىڭلار؟ دەپ سورىغاندا ، ئەبۇ سۇفيان: ياق ، دەپ جاۋاب بەرگەن . ھىرەقلى : "مۇھەممەد كىشىلەرگە يالغانچىلىق قىلمىغان ئىكەن ، ئاللاھقا يالغانچىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس " دىگەن . بۇسۆز << سەھىھۇلبۇخارى >> نىڭ باش تەرىپىدە بايان قىلىنغان . ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىچىگىدىلا جاھىلىيەت دەۋىرىنىڭ ئىسلام شەرئىتىگە زىت بولغان بارلىق يامان ئىشلىرىدىن ساقلىغان، ئۇنىڭغا بۇتلارنى ئۆچ كۆرسەتكەن،ھەتتاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەسلەرنىڭ بۇتلارئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان بايرام مۇراسىملىرىغا قاتناشمايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىلا بۇتلارنى ، شىرلارنى ياقتۇرمايتتىم، جاھىلىيەت دەۋىرىنىڭ ئىشلىرىنى پەقەتلا ئىككى قېتىم كۆڭلۈمگە كەلتۈرگەن ئىدىم ، لېكىن ئىككىلا قېتىم ئاللاھ مېنى ئويلىغىنىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ساقلىدى . ئۇندىن كېيىن تاكى ئاللاھ مېنى پەيغەمبەرلىككە مۇشەررەپ قىلغانغا قەدەر ، يامانلىقنى ئويلىغىنىم يوق . بىر كۈنى كېچىسى مەن بىلەن بىللە قوي باقىدىغان بالىغا قويۇمغا قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ قويۇپ ، مەككىگە كىرىپ ياشلارغا ئوخشاش كېچىلىك پاراڭغا قاتناشماقچى بولۇپ ماڭدىم .
مەككىگە كىرىپ 1-قورونىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ، بىرسىنىڭ توي مەرىكىسىدە ئېيتىلىۋاتقان ناخشا ، چېلىنىۋاتقان داپ ، نەيلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ شۇيەردە ئولتۇردۇم ، ئاللاھ مېنىڭ قۇلىقىمغا ئاڭلاتماي ، مېنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپتۇ . ئەتىسى قۇياشنىڭ تەپتى ئۈستۈمگە چۈشكەندىلا ئويغاندىم ، ھېچ ئىش قىلمىدىم . ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنىڭغا .ئوخشاش ئەھۋال بولغان ئىدى . ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇسۇپ ( قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ ئىبادەت قىلىندىغان تىكلىنگەن تاش )ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ گۆشىنى يىمەيىتتى ، ھاراق ئىچىش ئەرەپلەردە كەڭ تارالغان بولسىمۇ ، پەيغەمبىرىم ئۆزىنى ھاراق ئىچىشتىن چەكلىگەن ئىدى . ئاللاھ پەيغامبەرلىرىنى ۋەھىينى قوبۇل قىلىشقا تولۇق لاياقەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلىگەن . ئۇلار ، پەيغەمبەر بولۇش ئالدىدىمۇ ، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنمۇ ، بارلىق گۇناھلاردىن پاك ئىدى . ئۇلار پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلىدىغان چوڭ ئىشقا لايىقلىشىش ئۈچۈن پاك بولىدۇ ، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن بولسا ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پاك بولىدۇ .
پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ دىن يۈكسەك رەھمەت ۋە سالام بولغاي .
<< مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى >> دىن ئېلىندى .
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-12-21 11:15قايتا تەھرىرلىدى ]