ئەمما لېكىن خۇددى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەنىدىم ئېيتقاندەك ، مەملىكىتىمىز زور بىر تۇركۇم ناتىقلارغا مۇھتاجدەك تۇرۇدۇ ، قاراپ باقساق سۆزلەش ھوقۇقى دىگەن سۆز چىقتى ،بۇنۇڭدىن تەبئىلا سۆزلەش ئىقتىدارى شۇنداقلا قايىل قىلىش ئىقتىدار غۇلجۇلۇقلارنىڭ سۆزى بويىچە پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغانلار ناتىق بولۇدۇ شۇ ،
يەنە بىر ئاشكارا ھوقۇق تالىشى بىلەن سۆزلەش ھوقوقى بىر گەۋدىلىشىپ خەلىقنى قايىل قىلالمىساڭ ، خەلىقنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلالمىساڭ ،قىسقىسى خەلىقنىڭ نەزىرىدە نوچى بولالمىساڭ ئۇنداقتا ئاخۇن چۇش بولدى بۇ ئورۇندىن ، كەپەڭنى تاپ ، داداڭدىن مىراس قالغان ئورۇن ئەمەس ،دەيدىغان يەرگە خالا خالىماي كەپ قالدۇق
مۇنۇ ھاراقكەش سەل كۇلكىلىىكتەك كۆرۇنسىمۇ ، يەنە كىلىپ تازا بىر مۇتەم كالۋا بولسىمۇ بۇنۇڭدىن پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ ،
بەلكىم ئۇ شۇ پېتى سۆزلەپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئاقتۇرماقىچى بولغان بولسا كېرەك ،
بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسەلە ئۇنۇڭ سۆزلىشىگە يول قويۇلىشى ،