saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 8999 قېتىم كۆرۈلدى
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 419 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 419 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇرمۇشنىڭ چاقچىقى    ( ھېكايە )

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-12-22)




      ئاۋات بازارنىڭ كۆزىدىن << زەرگەرچىلىك دۇكىنى >> ئېچىۋالغان بۇ بىر جۈپ ياش ئەر - ئايالنىڭ ئىناقلىقىغا قاراپ ، دوست-بۇرادەر ، ئۇرۇق -تۇغقان ، خولۇم - خوشنا ھەممىنىڭ  مەستلىكى كېلەتتى . ئايال ھەر كۈنى ئائىلىدە تاماق ئېتىپ ، كىر-قات يۇيۇپ ، ئۆي تازىلاپ ۋە بىر-بىرىدىن ئوماق ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى . ھەتتا بەزىدە چۈشلۈكى دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسىمۇ ، ئېرىگە تاماق ئېلىپ بارغاچ ھال-مۇڭ قىلىپ كېلەتتى . ئەلۋەتتە بۇمۇ بالىلىرى مەكتەپكە كېتىپ ئۆيدە ئاز-تولا غېرىبلىق ھېس قىلىپ قالغان كۈنلىرى شۇنداق قىلاتتى . ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ ئىناقلىقى ھەم ھەر ئىككەيلەننىڭ بەش ناماز بولغانلىقىدىنىمۇ بۇلارنىڭ تۇرمۇشى گۈلدەك كېتىپ باراتتى .
    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ دۇكاندىن چاچلىرىنى ساپسېرىق بوياپ ، بۈدرە قىلىۋالغان ، يۈزىگە قويۇق گىرىم قىلىۋالغان ، كۆزىگە كۆزى ئاجىزلار تاقايدىغان كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىر ئايال خېرىدارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى . دۇكاندىكى ئەر ئادەتتە خېرىدارلىرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى . لېكىن ھېلقى<< سېرىق چاچ >> دۇكانغا كەلگەندە ، ئالاھىدە تەكەللۇپ قىلىپ كېتەتتى . (ئىسمىنى بىلمىگەندىكىن شۇنداق ئاتاپ تۇراي )كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى . ھېلقى << سېرىق چاچ >> دەسلەپتە كۈنىگە بىر -ئىككى قېتىم كەلگەن بولسا ، ھازىر كۈندە بەش-ئالتە قېتىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ھەر قېتىم كەلگىنىدە ئەر بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ ، ناھايىتى قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ھەتتا كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالمىغان ۋاقىتلىرىدا ئەرنى قىچىقلاپمۇ قوياتتى . كىرىمى ياخشى بولۇۋاتقان بۇ دۇكاندىن تۇيۇقسىزلا خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلۈشكە باشلىدى . كېيىنچە ھېلقى << سېرىق چاچ >> بىلەن ئەرنىڭ مۇناسىۋېتى قويۇقلاشقاندىن كېيىن ، ئەتراپتىكى خولۇم-خوشنىلار ئايال دۇكانغا كەلگەنلەردە ئانە-مۇنچە پۇرىتىشقانمۇ بولدى . لېكىن ئاقكۆڭۈل ، مۇلايىم ، ئەخلاقلىق بۇ ئايال ئۆزىنىڭ بەش ناماز ئېرىدىن قىلچە گۇمان قىلمايتتى ھەم ئۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنەتتى . شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىدى . ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىش ئۇنىڭ مۇشۇ بىپەرۋالىقىدىن باشلانغانىدى . تۇرمۇش قۇرغان 15يىلدىن بېرى ئىناق ، ئامراق ئۆتۈۋاتقان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولدى . ئەر ئايالغا ھەركۈنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىش قىلىشنى ، دۇكانغا ھەرگىز بارماسلىقىنى تاپىلاپ چىقىپ كېتەتتى . دەسلەپ ھەپتىدە بىر - ئىككى كۈن << سودا ئىشى >> بىلەن ئۆيگە قەيتىپ كەلمەيدىغان بولدى . ئايال ئېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ بىر تۇرۇپ ئەجەبلەنسە ، بىر تۇرۇپ ئاللاھدىن ئېرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيتتى . ئەر ئۆزىگە گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن ئايالىنى كۆرسىلا ، كۆزىنى ئالايتىپ قاراپ ، << مەن سەندەك بىكارچىلارنى باقىمەن دەپ سىرتتا پالاقلاپ يۈرسەم ، نېمە ئادەمگە تاغدىن - باغدىن سۆزلەپ يۈرىسەن ؟ >> دەپ ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە چىقىپ كېتىپ ، كېچىلەپ قايتىپ كەلمەيتتى . ئايال ئامراق ئېرىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى . شۇنداقتىمۇ ، ئېرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىككى ئوغلىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ ، كۈن ساناپ ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەپسوس ، ئەر ئەمدى بىر ھەپتىنىڭ بەش كۈنىدە سىرتتا قونسا ، ئۆيدە ئاران ئىككى كۈن قونىدىغان بولدى . بۇمۇ تېخى بالىلىرىنىڭ زورى بىلەن بولاتتى . ئۆيگە كەلگەندە بولسا ، ئايالنىڭ مۇھەببەتلىك ، ئىنتىزارلىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپمۇ قويمايتتى . ئەردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئايالنىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى .
    ئارىدىن بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ ، بىر ئەتىگىنى ئايال ئوغۇللىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ ، ئۆزىگە ئالدىرىماي گىرىم قىلدى . ئەمەلىيەتتە بۇ يۈز تېرىسى ئاپئاق ، سۈزۈك ئايال گىرىم قىلمىسىمۇ چىرايلىق ، يېقىملىق كۆرۈنەتتى . ئايال كىيىملىرى ئىچىدىن ئېرى ياقتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن بىر كۆينىكىنى  كىيىپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدى . ئېرى :<<دۇكانغا بارما ! >> دېگەن كۈنىدىن باشلاپ ، ئېرىگە سادىق بۇ ئايال دۇكان تەرەپكە بىر قېتىممۇ ئۆتۈپ باقمىغانىدى . ئايال بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ دۇكىنىغا كەلدى . ئىشىك ئىچىدىن تاقاق ئىدى . بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن ئايال << ئېرىم ئالدىراش ئوخشايدۇ ، كەينى ئىشىكتىن كىرەي >> دەپ ئويلاپ ، دۇكاننىڭ كەينىگە ئۆتتى .ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا ئەمدىلا  قول ئۇزاتقان ئايالنىڭ قولى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى .

      داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .
  
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-22, 22:38
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-22 18:48 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 544
شۆھرەت: 3514 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3505 سوم
تۆھپە: 1963 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2003 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسىل بىر ھىكايە ،ئىسىل بىر ۋەقەلىك. كەينىنى تىزراق يازارسىز.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-22 22:44 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1526
شۆھرەت: 8195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8255 سوم
تۆھپە: 4829 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4837 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2392(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناماز ئۆتەش بىلەن يامان ئشىنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نىمىسى ،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇنىداق رىئاللىقنى مەنمۇ ئاڭلىماي قالمىغان ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 03:00 |
hanjar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1327
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 264
شۆھرەت: 1459 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1520 سوم
تۆھپە: 853 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 856 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىپسىز ،  داۋامىنى تىزراق  يازارسىز .....
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 10:24 |
hikmat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5113
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 273 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 274 سوم
تۆھپە: 163 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 164 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ئالدىراش ئىشلەۋېتىپتىدە ، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 10:25 |
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 419 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 419 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<< تۇرمۇشنىڭ چاقچىقى >> نىڭ داۋامى
چۈنكى ، ئايال دۇكان ئىچىدىن ئۇنىڭ ئېرى بىلەن يات بىر ئايالنىڭ ناز ئارىلاش قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالغانىدى . << قاچان ئاجرىشىسىز ئۇ  مەتودىن ؟ ئىشقىڭىزدا ساراڭ بولايلا دەپ قالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا مەسخىرىلىك قاراۋاتسا ....>> ئايالنىڭ ئەمدى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى . پۇتلىرىنى مىڭ تەستە سۆرىگىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى . زامانغا لايىق ئوتقاشتەك بېزەلگەن بۇ ئۆي ئۇنىڭ كۆزىگە << دوزاخ>> بىلىندى . ئايالنىڭ يۈرىكى ئازاب ئوتىدا پۇچۇلاندى . ئۆز-ئۆزىگە :<< ھەممە ئەر شۇنداق ئەسكى بولارمۇ ؟ ياق ، مېنىڭ ئېرىم ئىنتايىن ياخشى ئادەم . ئەسكىسى ئېرىمنى ئازدۇرغان ئاشۇ ئېزىتقۇ ...>> دەپ تەسەللىي بېرەتتى ئايال .
     شۇ كۈنى كەچ ئەر ئۆيىگە بالدۇرلا قايتىپ كەلدى . ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچ ، بالىلىرىنىڭ كەچلىك تامىقىنى بېرىۋېتىپلا ، ئورۇن سېلىپ يېتىۋالغانىدى . ئايال شۇ تاپتا ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا ، كۆز ياشلىرى قىياندەك ئېقىپ كېتىشى ئېنىق ئىدى . دېمىسىمۇ دۇكاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تولا يىغلاپ ، يۈز-كۆزلىرىمۇ ئىشىشىپ كەتكەنىدى . ئەر ئايال ياتقان ئۆيگە بىر قاراپ قويۇپ ، ئىشىكنى ياپقان پېتى يەنە چىقىپ كەتتى .
     ئەتىسى سەھەر بالىلىرىنى مەكتەپكە ئۇزىتىۋېتىپ كىرگەن ئايال دەرۋازا تۈۋىدە بىر سېرىق رەڭلىك كونۋېرتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى -دە ، ئىتتىك قولىغا ئېلىپ ئۆيگە يېنىپ كىردى . كونۋېرت ئۆستىگە << ئايىمبۈۋىگە تېگىلىدۇ >> دېگەندىن باشقا سۆز يېزىلمىغانىدى .
ئۇ ئالدىرىماي كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى يىرتىپ ئاچتى .
    << ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئايىمبۈۋى ، ياخشىمۇسىز ! ئەلۋەتتە ، مۇشۇ كۈنلەردە كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ، سىزنىڭ ھېچنىمىنى بىلمەس بولۇۋېلىپ يۈرۈشىڭىز  مېنى سىزگە خەت يېزىشقا مەجبور قىلدى ، سىز مېنى تونۇمايسىز ، بىراق دوكىنىڭلاردا مېنى نەچچە رەت ئۇچراتقان ، ئەمما ماڭا  ئانچە پەرۋا قىلمىغان ، شۇڭا مەنمۇ سىزنى سىرتتىن تونۇۋالغان . گەپنىڭ  راستىنى دېسەم ، سىزنى كۆرگەن چاغلاردا ، يۈزلىرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈكلىكىگە ھەۋىسىم كەلسىمۇ ، لېكىن سىزنىڭ ياغلىقنى ئېڭەك ئاستىن چىڭ چېگىپ ، ئۇزۇن كۆينەك ، ئۇزۇن ئىشتان كېيىۋالغان تۇرقىڭىز كۆزۈمگە بەكمۇ << مەتو >> كۆرۈنەتتى . ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، مەن ئېرىڭىز بىلەن سودا جەريانىدا تونۇشۇپ قېلىپ ، ئالاقىمىز كۈچەيگەنسېرى ، ئېرىڭىز مېنىڭ خۇشخۇي ، ئوچۇق-يورۇق مىجەزىمنى ياقتۇرۇپ قالدىمۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ھەر ئىككىلىمىز بىر - بىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قېلىشتۇق ، مەنمۇ ئىلگىرى سىزگە ئوخشاش ئەخلاقلىق ، ياخشى ئايال ئىدىم ، لېكىن ، ئېرىمنىڭ زىيادە ، ئورۇنسىز كۈنلەمچىلىكى تۈپەيلىدىن ( ئەيتاۋۇر مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرسە كېرەك ) كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتۇق ، ھازىر مەندەك ئېرىدىن ئاجرىشىپ ، بىر بالىنى ئۆزى يالغۇز بېقىۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايالنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن سىزنىڭ ئېرىڭىزدەك ھال-ئوقىتى ياخشى ، كېلىشكەن  ئەرنىڭ نەزەرىگە ئىلىنىپ قېلىشىم مېنىڭ بەختىم . مەن ھازىر  گەرچە سىزدەك چىرايلىق ، سىزدەك ئەخلاقلىق ئايال بولالمىساممۇ ، لېكىن ئېرىڭىز ئاغرىپ قالغان چاغلاردا ، ئەتراپىدا پەرۋانا بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم . ھەر قېتىم سودا بىلەن ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا ، مەنمۇ بىللە ھەمرا بولۇپ ، ئۇنىڭغا يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىدىم ، (بېلەتنى ھەر قېتىم ئېرىڭىزگە سىز ئېلىپ بەرسىڭىزمۇ ، بىراق ئېرىڭىز پويىز ئىستانسسىغا چىقىپ ، يەنە بىر كىشىلىك بېلەتنى ماڭا ئېلىپ قوياتتى ، سىز ئەلۋەتتە بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋەرسىز )
مەن ھەتتا ئېرىڭىزگە بانكا ئامانەت قەرز كارتىسى بېجىرىپ بەردىم . بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ ، چۈنكى سىز دېگەن بىر ئائىلە ئايالى . ئېرىڭىزمۇ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى بىلىدىغان ئادەمكەن ، ھەر ئايدا ئۆيۈمنىڭ بانكىغا قايتۇرىدىغان قەرزنى قايتۇرغاندىن سىرت ، ئۆينىڭ يىللىق پار پۇلىنى تۆلەپ كەلدى . بىز ھازىر بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتۇق . مەن نەچچە قېتىم ئېرىڭىزگە سىزدىن ئاجرىشىپ كېتىشنى ئېيتقان بولساممۇ ، ئېرىڭىز سىزنىڭ قوشۇلمايۋاتقانلىقىڭىزنى باھانە قىلىپ ، مۇشۇ كۈنگە كەلدى ، ( ئەمەليەتتە ، ئەر ئەزەلدىن ئائىلىسىدىن ، بالىلىرىدىن ئايرىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى ) مەن ئەمدى ھەرگىز ئېرىڭىز بىلەن ئىككىڭلار ئوتتۇرسىدا 3-شەخس بولۇشنى خالىمايمەن . ئەقەللىيسى ئېرىڭىزنىڭ << ئاشنىسى>> بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايمەن . شۇڭا يەنىلا سىزنىڭ چىرايلىقچە ئاجرىشىپ ، ئېرىڭىزنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن . بۇ تەلپىمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن ، بىراق ، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئامالىم يوق ، چۈنكى بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز ئاللىقاچان خەلقى ئالەمگە ئاشكارا بولۇپ كەتتى ، قوشۇلماي تۇرۇۋالسىڭىز ، بىز سىزگە ئىقتىسادى تۆلەم بېرەيلى ، ئويلىنىپ باقسىڭىز .....
            دەپ دىلىڭىزغا قاتتىق ئازار بەرگۈچى :
                                                 گۈلئاي>>
   ئايال  خەتنى ئوقۇپ بولۇشىغىلا ئۆينىڭ تېلفۇنى ئەنسىز جىرىڭلاپ كەتتى . ئايال بىر تەرەپتىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ، بىر تەرەپتىن تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى :
   << ۋەي ! ئەسقەرنىڭ ئائىلىسىمۇ ؟ ئەسقەر ئەتىگەن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ، قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ، تېزراق .....>> تېلېفون تۇرۇپكىسى چۈشۈش بىلەن تەڭ ئايال ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى .

    مەنبە : ئىجادىيىتىم
lutun
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 12:08 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 544
شۆھرەت: 3514 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3505 سوم
تۆھپە: 1963 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2003 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەينىنى تىزراق يېزىڭ..مەن بەك ساقلاپ كەتتم.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 17:14 |
saadat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5162
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 150 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە داۋامى يوققۇ دەيمەن تۈگىگەندەك قىلدۇ.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 21:22 |
zoklan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 666 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 678 سوم
تۆھپە: 380 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 463(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بۇ ھېكايىنى تۇگۈدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 22:31 |
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 765 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 419 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 419 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ، ھېكايەمنىڭ ئاخىرى تەسەۋۇردۇر ....
  رەھمەت سىزلەرگە !      
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 09:43 |
etikad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3746
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 743 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 744 سوم
تۆھپە: 446 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 447 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 229(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سەل تېز ئاياغلىشىپ قالدىمۇ ياكى بىر يەرلىرى كام يېزىلىپ قالدىمۇ؟ ئەجەب بىر قىسمىلا بىلىنىدۇيا
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 10:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر