turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 284 قېتىم كۆرۈلدى
kawkaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 229 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 118 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 124 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم  9-قىسىم

     ئىمتىھان ۋاقتىمۇ يىقىنلىشىپ قالدى . مېنىڭ تەكرارلىرىممۇ ئاساسەن جايىدا بولۇۋاتىدۇ .بۇ يىقىندىن بېرى شامىل بىلەن كۆپ ئالاقىلەشمىدىم . چۈنكى ئۇ بۇ يىقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ تورغىمۇ تۈزۈك چىقمايۋاتاتتى .بۈگۈن بىز ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن ئىدى . ئىمتىھان مەيدانىدىكىلەر ھەممىسىلا ماڭا ناتۇنۇش ئىدى .شۇندىمۇ مەن ئۆزۈمنى توختىتىۋىلىپ بىرىنچى كۈندىكى ئىمتھاننى ياخشى بەردىم .ئىككىنچى كۈنىمۇ ناھايىتى جىددىيچىلىك ئىچىدە تېزلا ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئىمتىھاننى بېرىپ تۈگەتكەن كۈنى شامىلنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم .ئۇ مەندىن ‹‹ئىمتھاننى ياخشى بەردىڭمۇ قوزام ،مەن سېنى شۇنداق سېغىندىم ››دەپ يازغانىدى .ئىمتىھاننى تۈگەتكەن كۈنىنىڭ ئەتىسى مەن نورمال ئىشقا چۈشۈرۋەردىم .ئاڭلىسام ،مەن روخسەت سوراپ دەم ئالغان ئۈچ كۈندىن بېرى بۇ يەردە ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،ئادەم قىسقارتىش تۈزۈلمىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ .ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئىشخانىدىكى بەش قىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئىككىسىنى قىسقارتىدىكەن .ئەمما كىمنى قىسقارتىپ كىمنى قالدۇرۇش تېخى ئېنىق ئەمەسكەن .مەن ئىچىمدە ئۆزۈمنى بىرىنچى نامزاتلىققا كۆرسەتتىم .چۈنكى مەن بۇ يەرگە كىرىپلا ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ،خوجايىننىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزىۋالغان قاراق قوساق ياقۇپنىڭ چىشغا تىگىپ قويغانىدىم .ھالبۇكى ،مەن خوجايىننىڭ كۆزىگە سىغىپ تۇرۇۋاتقان ھالەتتىمۇ ،ياقۇپ مېنى خوجايىنغا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا قالدۇرۇۋىتىشكە چامىسى يىتەتتى .مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردىكى قىسقىغىنا خىزمەت تەجرىبەمدىن ئۆزۈمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئىخچاملاپ چىقتىم .ئېنىقكى ،مەن باش كۆتۈرمەي ئىشلەيتتىم ،ئارتۇق سۆزگە ھەپسىلەم يوق ئىدى .باشقا قىزلار گازىر چېقىپ پاراڭلىشىپ ،قانداقتۇر يىگىتلىرىنىڭ ،كىيىم –كىچەكنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقان چاغلىرىدىمۇ مەن ئىككى قولۇمنى بىكار قويماي جىمجىتقىنا ئولتۇرۇپ ،جەدۋەل تولدۇراتتىم .خوجايىننىڭ بەزىدە جىددى –ئالدىراش ۋاقىتلىرىمىزدا ،جەدۋەل تولدۇرۇشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان چاغلىرىمىزدا پۇل بېرىپ باشقىلارغا يازدۇرۇش تەىكلىۋى بەرگەن ۋاغدىمۇ مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ كېچىچە ئولتۇرۇپ ئۆزۈم تولدۇرۇپ ،تەقلىگەن چاغلىرىممۇ بولغانىدى ،ئۆيدە مەن باشقا بۇ يىقىندىن بېرى بىر نەۋرە سىڭللىمۇ بار ئىدى ،ئۇ دەرستىن چۈشكەن چاغلىرىدا مەن ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ ،زورمۇزۇر ،بەزىدە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ يازدۇراتتىم. باشقىلار يازغىنىچە نەچچە ۋاراق يېزىپ ئەكەلسە ،مەن بىر باغلام جەۋەلنى ھەتتا نەچچە باغلامنى بىر ئاخشامدا يېزىپ تەييار قىلىپ ئەكىلەتتىم .بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەن خوجايىنغا ياخشىچاق بولماقچىمۇ ؟ياق !خوجايىن كىرگەن چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردەك ۋىچىرلاپ يۈرۈپ خىزمەتلەردىن دوكلاپ بېرىپ يۈرمەيتتىم.بەلكى جىمجىت ئىشىمنى قىلاتتىم .مېنىڭ قارىشىمدا ،ئادەم  قىلغان ئىشىنى كۈرۈك توخۇدەك قاقاھلاپ سۆزلەپ يۈرمەسلىكى ،داۋراڭ سالماسلىقى كېرەك .بولمىغاندا ئۇ ياخشى ئىش بولماي قالىدۇ . ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلىشنى خالىمىغاندا ،ئۇ چوقۇم خالايدىغان ئىشنى قىلىدىغان يەرگە بېرىشى ،ھەرگىزمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىپ نانقېپىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ ،ھارامزەدىلىك قىلماسلىقى كېرەك ئىدى .مەن ئەنە شۇنداق بىر قاتار  پىرىنسىپلىرىمغا تايىنىپ ،ئىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولساممۇ ،ئاغزىمنى يۇمشاق قىلالماسلىقىم ،كىرگەن خوجايىنغا كۈلۈپ تۇرۇپ ،خىزمەتلەرنى تۇنۇشتۇرالماسلىقىم ،پەقەت ۋە پەقەت گاچىدەك  جىمجىت ئولتۇرۇپ قىل دىگەن ئىشنى قىلىشنىلا بىلىشىم ،بەلكىم ئۇلارنىڭ تازا –دىققەت ئېتىۋارىنى تارتالماسلىقى تەبىئىي .مانا بۇ شۈنچە يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ  باشقىلاردىن ئارتۇق ئىشلەپمۇ بەزىلەرنىڭ ئۆسۈپ مەنسەپكە ئولتۇرالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى .مەن ئۇنى كىيىنكى كۈنلەردە خىزمەتكە چۈشكەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن ھەقىقى ھېس قىلىپ تۇنۇپ يەتكەنىدىم .بىلمىدىم ،مېنىڭ بۇ يەردە يەيدىغان يەنە ئازراق رىسقىم بارمۇ ،يەنىلا كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئىشلارمۇ يوققا چىقىپ ئوخشاشلا ھەممىمىز ئىشلەپ كېتىۋردۇق .ۋاقىت بىر–بىرلەپ ئۆتۈپ ،مېنىڭ ئىمتىھان نەتىجەممۇ چىقتى ئەپسۇس ئىككى نومۇر بىلەن قالدۇرۇلۇپتىمەن .مەن تىزىملاتقان ئورۇنغا ئىمتىھان بەرگەن بىمانچىلا جىق ئادەمدۇ دەيمەن .توۋا ،بىر ئورۇننىڭ ئۆزىگىلا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتقان بارمۇ ؟بەرىبىر ،مەن تاللىغان ئورۇن ئۈرۈمچىنىڭ بولغاچقا ،ھەممىلا ئورۇننىڭ ئوخشاش پەرقى كۆپ بولمايتتى . تۇرۇپلا ئاشۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىن كىيىن بىر نەچچە ۋاقىت كۆڭلۈم شۇنچىلىك سوۋۇپ كەتتى .
ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن ئۆيۈمگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم .مەن قايتىپ كەلدىم .ئاتا-ئانامنىڭ ئىللىق باغرى ھەممىدىن ئەلا ھەم ئەزىز ئىدى .ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبى دۇنيادىكى ئەڭ غەرەزسىز ئەڭ مىننەتسىز قەلىب ئىدى .ئاشۇ قەلىبتىنلا بىز مېھىر -مۇھەببەتنى ھەقىقى ھېس قىلالايتتۇق .ئاشۇ قەلىبتىنلا بىز قەلبىمىزنى سۆيگۈ چىچەكلىرى بىلەن سۇغىرالايتتۇق .
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بىر كۈنى مەن ئۈرۈمچىدە شامىلنى  ھاياجانغا تولغان خۇشال كۆز ياشلىرىم كۈتۈۋالدىم .
-ئادەمنى شۇنداقمۇ سېغىندۇرامسەن ،ھۇ تۆت كۆز !،-قىيدىدىم مەن ئۇنىڭغا شېرىن قىيداپ .
-مېنى سېنى سېغىنمىدى دەمسەن ؟-دىدى ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاغلاپ تۇرۇپ ،-سۆيگۈنىڭ قەدرىنى پەقەت سەندىن ئايرىلغاندىلا ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم .
-بىز توي قىلايلى ،-دىدى ئۇ ماڭا يانچۇقىدىن چىقارغان بىر تال بىليارنىت ئۈزۈكنى چىقىرىپ ،-مانا بۇ سېنى سېغىنىشىمغا بېرىلگەن جاۋاب ،-ئۇ شۇنداق دەپ بارمىقىمغا ئۈزۈكنى تاقاپ قويدى .
مەن ئىمتىھان بېرىپ مايتاغدا خىزمەتكە چۈشتۈم . چۈنكى ئۆتكەن ئىمتىھانىم شۇ ئىدى .ئۇمۇ كىيىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مايتاغقا خىزمەتكە چۈشتى .بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ نەۋقىران مەزگىللىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىشتۇق .
-مەنبەسى ئۆز قەلىمىم .
تۈگىدى

مۇندەرىجە
 بىرىنجى قىسىم
ئىككىنجى قىسىم
ئۈچۈنجى قىسىم
تۆتىنجى قىسىم
بەشىنچى قىسىم
 ئالتىنچى قىسىم
يەتتىنجى قىسىم
سەككىزىنجى قىسىم
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-22, 22:38
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-22 21:18 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 972
شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ خزمەتكە ئشىتىياقى قىزغىنلىقى بار ئادەملەرگە شۇنداق مەسلىگىىم كىلىدۇ .بولۇپمۇ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى سۆيۇپ قىلغانلار ئاجايىپ ھە ،
مەن بۇنداق قەھرىمانلارنى بەك ھۆرمەت قىلساممۇ لېكىن چوقۇنمايمەن ،
مېنىڭ ئارزۇيۇم ئۆزەم ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى قىلىش ، ئۆزىمىزنىڭ قەلىپ ساداسىغا قۇلاق سېلىش مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۇنلەردە بىر ئازاپلىق ئىش ، ئاڭلىماي دىسە تېخى ئاڭلاي دىسە بۇ رىئاللىق  ئۇنۇڭغا ئازراقمۇ ئوخشىمايۋاتقان ،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 03:06 |
happy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3748
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:ممېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم  9-قىسىم

ئالدىنقى قىسىملىرى نەدىدۇ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 09:59 |
سةنةم
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 210 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 125 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزى پاك ، ساپ ، ھەققانىي ، سەمىمىي ئادەملەرنى ئۇلۇغ ئاللاھ يۆلەيدۇ .
ئاخىرىنىڭ تولىمۇ نەتىجىلىق ئاخىرلاشقىنىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈم تىندى .
بۇ مېنىڭ باغداش تورىغا كىرىپ ،نەتىجىسىنى تاقەتسىزلىك ئىچىدە ساقلىغان قىسىملىق ئەسەرلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولدى .
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 19:43 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 337
شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېما  مېنى قىزىقتۇردى ، ئەسەرنىڭ باش قىسمىنىمۇ كۆرۇپ باقسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ ...
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-24 00:06 |
alqondi
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 521
شۆھرەت: 2854 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2862 سوم
تۆھپە: 1691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇندەرىجىنى تىزىپ قويدۇم . ئامما پۈتۈن تېمىنى سانىسام ئاران سەككىز لېكىن سىز 9 - قىسىم دەپسىز ، قاراپ باقسام ئارىدا تۆتىنجى قىسىم يوقكەن ، بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز رەت نومۇرىنى خاتا يېزىپ قويدىڭىزمۇ ياكى تۆتىنجى قىسىم يوللانماي قالدىمۇ .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-24 00:14 |
dilnaz
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1289 سوم
تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 755 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمنى ئۇمۇت ئىچىدە ياشاشقا تۇرتكە بولىدىغان ياخشى ئەسەر بوپتۇ . بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى كىشىنى تولىمۇ خاتىرجەم قىلدى . ئاپتۇرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا چەكسىز بەخت ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن . كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رەزىللىكلەرنى كوپ ئوقۇپ ،كۆرۇپ كوڭلۇم بەكمۇ ھېرىپ كەتكەن ئىدى .ھەممە نەرسىگە گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . تۇرمۇشتا ئاپتورنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار دائىم يۇزبېرىپ تۇرىدۇ . كىشىلەر ساپاسىنىڭ توۋەنلىكى ،مۇشۇنداق توقچىلىق زاماندىمۇ كىچىككىنە نەپ ئۈچۈن ئاق قارىنى ئايرىماسلىق؛ ھەق مەيداندا تۇرالماسلىق ؛پەسكەشلەرچە بولگۇنچىلىك قىلىش ؛بىكار ۋاقىت تاپسا غەيۋەت قىلسا ،قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ، يىل ئاخىرىدا ئىلغارلىق تالىشىپ ھوكۇرەش ؛باشلىقنى قولغا كەلتۇرۋېلىپ، باشلىق كەينىدە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ،خىزمەتداشلارغا كېبىر كۆرسۇتۇش كۆرسۇتۇش ؛باشلىقلارنىڭ ھېچبىر ساپاسى بولماسلىغى ؛ئاق قارىنى توغرا ئايرىپ ،ئىشلارغا توغرا ھوكۇم چىقىرىپ ،ئادىل ئىش بېجىرىشنى ئويلاپ قويماسلىغى ،قول ئاستىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلىققا ،ئىلغارلىققا يېتەكلەشنى كۆزلىمەسلىكى، يېقىنچىلىق قىلىپ، ئاستىرتتىن سوۋغا بەرگەنلەرنى ئوستۇرۇشى ،ئىلغارلىق سانىنى بېرىشى ، تىرىشىپ ،ياخشى ئىشلەۋاتقانلارنى كۆرۇپ تۇرسىمۇ ، كۆرمەسكە سېلىشى  ............  ھەي يەنە ئادەمنى بىئارام قىلىپ، ئۇمىتسىلەندۇرىدىغان  مىساللارنى كەلتۇرۇپ كېتىپتىمەنغۇ ......بولدى كۆزۇمنى چىڭ يۇمۇپ ،ھېچنىمىنى ئويلىماي ،دۇنيادىن چىقىپلا كېتەيچۇ ...................
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-24 10:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى