بوستان دىگەن باغنى كۆردۇم ئېنتېرنېتنىڭ بېتىدە،
زەپمۇ خۇش نۇر چېچىپتۇ كونا شەھەرنىڭ ئىچىدە.
شالغۇت سۆزلەپ ئەۋلاتلىرىم ئۇنۇتقاندا ئۆزىنى،
ھەجەپ ياقتى ئۆز تىلدا ،پىشقان مىۋىسى قەن تەمدە.
بوستان دىگەن باغنى كۆردۇم كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي،
باغۋەنلىرى ساز بولغاچ كۆچەتلىرى بەك ئاينىپتۇ.
تار بولسىمۇ ھويلىسى شۇنچە كەڭكەن قۇچىغى،
بالام كۆرۈپ بۇ باغنى ئوقۇغىسى كېلىپتۇ.
بوستان دىگەن باغنى كۆردۈم كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي،
تۇرغۇساركەن يېقىلغاننى قوللۇرىدا يۆلىمەي.
ئاتا كەبى، ئانا كەبى يۈرۈگىدە پەپىلەپ،
بالىسىدەك پەرۋىشلەپتۇ كۆچەتلەرنى تىينېمەي.
ھەجەپ كاتتا باغنى كۆردۈم ئېتى ئۇنۇڭ بوستان ئېرۇر
ھەر بىر باسقان ئىزىدىن ئەن-ئەنىمىز بالقىپ تۇرۇر.
باغۋەنلەردىن ساقىغاچ يامغۇر كەبى مول-ھوسۇل،
باھار پارلاپ چېكرىدە قوزۇلۇرۇم سەكرەپ تۇرۇر.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-24 02:25قايتا تەھرىرلىدى ]