turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 352 قېتىم كۆرۈلدى
kuxlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2867
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 71 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 71 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۆيمىزگە بىنا چۈشكۈدەك!


ئاپتورى:پەرھات ئەمەت


بىزنىڭ مەھەللىمىز ناھىيە ئىچىدە. نەچچە يىللار ئاۋۋال  يەنى مەن كىچىك ۋاقتىلاردا بۇ مەھەلىدە ئاددى ئاسفالىت يول بار ئىدى، تار كوچىلار بولسا ئوڭتەي توڭتەي توپلىق يوللار ئىدى،  ياز ئايلاردا يامغۇر يېغىپ قالسا، ياكى ئەتىياز پەسىلدە قىشنىڭ قېلىن قارلىرى ئېرىغان مەزگىللەردە بۇ كوچىلارخۇددى سايرام كۆلىدەك چوڭ- چوڭ كۆللەرگە ئايلىنىپ كېتەتتى، بىز بولساق ئىككى قاسناقتىكى تېرەكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تامنىڭ قىرى بىلەن  چوتكلاپ يۇيۇپ ئاقارتىۋەتكەن چوقەيلىرىمىزنى ئاياپ مىڭ تەستە مەكتەپكە بېرۋالاتتۇق. نەچچە يىللار ئۆتۈپ ناھىيمىزنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەھەللىمىزنىڭ يول بويىدىكى  ئائىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلنىپ يول قىلىپ كېڭەيتلىدى. قارىسىڭىز ھەممە يەر تۈپتۇز ئاسفالىت يوللار بولۇپ كەتتى،بۇرۇن ئاندا ساندا ماڭدىغان ماشنا پىكاپلار كۆپلەپ ماڭىدىغان بولدى، مانا ھازىر بولسا قاتناش كۆپيىپ  مەھەلىمىزنىڭ تۆت  دوقمۇشقا  قىزل،سېرىق يېشىل رەڭلەردە يېنىپ تۇردىغان كوچا چىراق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى  تەرەققىيات.
تەرەققىيات بولسا بىنالار كۆپيىەمدۇ، ياكى نوپۇس كۆپيىپ كەتكەچكە ئادەملەر ئولتۇردىغان ئۆيلەرگە ئېھتياجلىق بولامدۇ ئىشقىلىپ ھازىر ھەمملا يەردە يېڭدىن بىنالار سېلىنىپ تۇرۋاتىدۇ. بەلكىم چوڭ شىركەتلەر،ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى بۇنداق ناھىيە بازارلىرىدا رىقابەتلىشىپ نۇرغۇن مەبلەغ خەجلەپ يەر سېتىۋىلىپ بىنا سېلىپ پايدىغا ئېرشمەكچمۇ بىلمدىم. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسلا تەرەققىيات ئۈچۈن دېگىلى بولماس.
  ئاكام ئۆيلىنىپ ئاز ۋاقتتىن كېيىن ئىقسسادى ياخشى بولغاچ  بىنا ئۆي ئېلىپ بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆينى بىزەش ئۈچۈنلا 30 -40 مىڭ يۈۋەن كېتىپتۇ. لىكىن بۇ  چاغدا يەڭگەم بوشنىپ قالغاچقا ئۆيگە كىرشكە بولماسمىش.چۈكى ئۆينى ئاقارتقان نەرسىىدە ئادەم بەدىنگە زىيانلىق بىر ماددا بارمىش.شۇڭا بىر ئىككى ئايغىچە ئاكام بىنا ئۆيگە كىرمەي يەنىلا بىزنىڭكىدە تۇردى.شۇنداق بولسىمۇ  بىنانىڭ قولايلىق تەرەپلىرى كۆپكەن،بولۇپمۇ قىشنىڭ كۈنى مەش ئورناتمايسىز، پار بار.كۆمۈر چۈشۈرمەن، قار تازلايمەن دېگەنلەر يوق.تېخى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭدا ئەينەك قاچىدا بىلىق باقالايسىزكەن  بۇمۇ بىر تەرەققياتنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بىنا ھەممە يەرگە چۈشۈپ ئايلىنىپ ئايلىنىپ بىزنىڭ مەھەلىگە كېلىپ قالغاندەك مىش مىش گەپلەر تارقالغىلى بىر يىلچە بولاي دېدى. بەزىلەر :«پالانچنىڭ ئۆينى ئۆلچەپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھەر بىر پۇڭغا مۇنچە پۇل بەرگۇدەك، پالانچى ۋاقىتتا مەھەلىمىزگە بىنا چۈشكۈدەك ...»دېگەن گەپلەر مەھەلىمىزىدىكى «قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت»كە ئايلاندى.  بىزنىڭ ئۆيدىمۇ شۇ گەپ، ئاپام:«بىنا چۈشسە چۈشە، ئىككى بىنا  ئۆي بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىن بىر دۇكان بەرسە بولدى ھە راست ئۆينى بېزەش ئۈچۈنمۇ ئاز تولا پۇل تەلەپ قىلىمز. ھازىر ئۆينىڭ ھەربىر كۋادرات مېتىرى مانچە پۇل بولۇپ كېتىپتۇغۇ»دەيدۇ، ئاپام يەنە ماڭا (مەن ئوغۇلنىڭ كىچىكى)بىر بىنا ئۆي بىردىغانلىقى دادام ئاپاملارنىڭ يەنە بىردە ئولتۇردىغانلىقنى ئېيتتى..«دۇكاننى قانداق قىلارمىز ؟»دېۋدىم ___يا سەن ئاچاسەن ياكى ئىجارىگە بەرسەكم بولىدۇ دېدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمچە شېرىن خىياللارغا بەنىت بولۇپ قالدىم.
ئاز ۋاقتتىن كېىيىن يەڭگەم يەنە بىر بالا بوشاندى، شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئاكامنىڭ ئۆيگە بىرىپ كېلىن قىزغا قاراشقا توغرا كېلىپ قالدى.چۈنكى شارئىت شۇنداق بولۇپ قالغاچقا ئامالىسز ئاپام بېرىپ قارايدىغان بولۇپ قالدى.لىكىن ھەپتە ئۆتۈپ ئاپام «قويۇڭلار دادىسى شۇ بىنا ئۆينى ئىچىم سىىقىلپ ئۆلەي دېدىم مۇشۇ ئازادە ئۆيمىزگە يەتمەيدىكەن»دېدى،ئۇ ناۋادا بىزنىڭ ئۆيگە بىنا چۈشۈپ قالسا بىرنى بىزگە بىرىپ يەنە بىر يېزدىن قورۇ جاي ئېلىپ شۇ يەردە تۇرساق بولدىكەن، ياشلار تۇرسۇن بۇ بىنادا دەپ سۆزلەپلا كەتتى..
ئۆيمىزنىڭ ئورنىغا بىنا چۈشۈپ قالسا قانداق بولار دەپ ئويلىنىپ باقتىم .ھېچقاچان بۇنداق ئويلنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۆيمىزگە قارىدىم ئاددى بولسىمۇ  نەقىشلىك قىلىپ سېلنغان پىشايۋانلىق ئۆي، بىر تەرەپتە لاپاس، توخۇ كاتىكى، تونۇر، كۆمۈرخانا، ئەڭ ئاخىرقى بۇلۇڭدا ھاجەتخانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى، ئولتۇراقلىشىش ،ئۆي ماكان ئالاھىدىلىكى، پىشايۋاندىن چۈشكەن يەردە گۈللۈك، يازدا كىپنەكلەر،ھەرىلەر ئۇچۇپ تۇرغان، كىچىك بولسا تۆت بۆلەك قىلىنغان كۆكتاتلىق يەر،.،،،بۇ يەرنى ھەر ئەتىياز مەن ئاغدۇرىمەن، ئانام ئۇرۇق چاچىدۇ،،دادام سۇغۇرىدۇ.. سڭلىم كىچىك ۋاقتىدا پەمىدۇرلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە بىز يۈتۈپ كەتتى دەپ پۈتۈن مەھەللە ئۇرۇق تۇغقاننڭ ئۆينى ئىزدەپ كەلسەك بىر چاغدا ئاشۇ ئىگىز ئۆسكەن پەمدۇرلىقنىڭ ئىچىدە ھە دەپ پەمىدۇر يەۋاتقان ھالدا چىقىپ قالغان. .......بۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسزلا  بۇ ئۆيمىزگە مېھرىم،مۇھەببىتىم قوزغالدى.بىزنىڭ بالىلىقىمىز، مىللى ئالاھىدىلىكىمىز ،كەچۇرمىشلىرىمىز ۋە ھالال ئەمگەكلىرىمىز مۇشۇ ھويلىغا سڭگگەن.
ياق ياق بىنا ئۆيگە كۆچمەيمىز، بۇ ئۆينمۇ ساتمايمىز  بىنا چۈشسسە چۈشسۇن بىزنىڭ ئۆيگە چۈشمىسۇن.
دادام ئاپاملارغا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمىنى چۈشەندۇردۇم.ئۇلارمۇ راست دەپ دېرىزدىن ھويلىغا مۇھەببەت بىلەن نەزەر سالدى،كاشكى شۇ شۇم ئېغىز كىشلەرنىڭ ئاغزدىكى سۆزلەر يالغان بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلايمەن.
كىم بىلىدۇ تەرەققياتىمىز مەھەلىلەرنى يوقتىپ ئۆيمىزگە بىنا چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ ئېھتىياج بىلەن تەرەققىيات بىر گەۋدىلەشەمدۇ،كىشلەرنىڭ ئارزۇ قىلىنغدەك نەتجىدە ھەر قاچان يۈز بېرەمدۇ بىر نېمە دېگلى بولمايدۇ.لىكىن
تەرەققياتقا قۇربانلىق بىرىمىز دەپ قەدىمكى نەرسىلەردىن ئايرلىساق، ئۆرۇپ ئادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن نەرسىلەردىن ئايرلىساق ھەممىنى يېڭلاپ چاقىۋەرسەك بىزدە ئەتىۋرلىغۇدەك  نېمە قالىدۇ؟

مەنبە: ئۆز قەلەمىم

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-25, 16:39
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-25 13:11 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 972
شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر چېقىش سەل پەسكۇيغا چۇشۇپ قالىدىمۇ نىمە ، ؟ ما خەقمۇ زە پۇقرانىڭ كۆزىگە كىرىپلا ۋالدى ، قومۇلدا ساي دىگەن تولا بولغاندىن كىيىن ، يول دىگەننى كەڭ تاشا ياساپ سېلىۋەرمەمدۇ ،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 17:28 |
ezizim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 177
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 798 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 803 سوم
تۆھپە: 441 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 453 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى توغرا ئويلاپسىز!مەنمۇ بۇ ئىشلار توغرىلىق ئادەتتە بەك ئويلايمەن!
چۈنكى بىزنىڭ ئۆيمۇ شەھەر ئەتراپىدا،ھېساپتا شەھەر ئىچىدە بولۇپ كەتتى،بىزنىڭ بۇيەرلەرنىڭ ئالدى تەرەققىيات ئېچىش ئۇرۇنلىرى،ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنىپ كىشىلەر بىناغا چىقىپ كەتتى،باشقا كەلسە ئامال يوقكەن،ھۆكۈمەتكە ماسلاشمىسىڭىز تېخى بىر ئىش(چۈنكى نۇرغۇنىمىز ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلەيمىزچۇ!).مەن 4-ئايدا توي قىلدىم،ئۆزەم ھۆكۈمەت خادىمى،تويغا بىنا ئۆي ئالمىدىم،چۈنكى ئۇنچىلىك پۇل يىغالمىدىم،يەنى چوڭلار بىلەن بىللە تۇرغۇم كەلدى،چۈنكى مەن ئۆينىڭ چوڭى(بىر سىڭلىم بار).تويغا ئۆيلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىۋالدۇق!|خۇداغا شۈكرى!ئىككىنجى قەۋەتتە 150كىۋادرات مېتىر ئۆيدە ئولتۇرۋاتىمەن!بىناغا كۆنىشىم بەك تەس،ئىت ،مۈشۈك،بېلىق،قۇشقاچ......باقىدىغان قىزىقىشلىرىم كۆپ،بىناغا چىقىپ كەتسەم قانداق قىلارمەن دەيمەن!بۇ جايلىرىمىزغا ئاز قالدى،كۆڭلۈمگە ئايان،ھامان ھۆكۈمەت ئېلىپ كېتىدۇ،بەك كۆزۈم قىيمايدۇ،كېيىن بولمىسا يېقىنراق يېزىلاردىن يەر ئېلىپ چىرايلىق قىلىپ ئىككى قەۋەت ،ئىللىق ھويلىسى بار ئۆي قىلىۋالايمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قويدۇم!خىياللىرىم كۆپ،ئىشقىلىپ بۇ ھويلا،كىچىكىمدىن مۇشۇ كەمگىچە مېنى ئىللىق قوينىغا ئېلىپ ،چوڭ بولغانلىقىمنى،بۇ ھويلىنىڭ كونا قىياپىتىنى مۇمكىن ئەمەس ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن!بولسا مەنمۇ مۇشۇ ھويلىدا بالىلىرىم بولغاندا ،بالىلىرىمنىڭمۇ ئەركىن ئويناپ ،ئىللىق چوڭ ئۆيدە تېمەن چوڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن!بۇ يەرلەرنى چېقىۋەتسە نەدە تۇرۇپتۇ مۇنداق كەڭ،ئىللىق،ئازادە ھويلا-ئارام،ئۆيلەر!!
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىگە ئامال تېپىلىدۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 17:29 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 474
شۆھرەت: 2642 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2651 سوم
تۆھپە: 1541 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شەھەرلىشش بارا-بارا ئادەملەردىكى مېھىر-شەپقەتنى سۇسلاشتۇرۋىتىدۇ.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 18:57 |
ezizim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 177
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 798 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 803 سوم
تۆھپە: 441 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 453 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنىسى ئېنىقتە ، بىنادا قوشنىدارچىلىق قىلغىلى بولمىسا!
ھەتتا ئۇدۇل قوشنا بىلەن تونۇشمايدىغانلار بار!
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىگە ئامال تېپىلىدۇ!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 19:18 |
saadat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5162
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 150 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەردىن ئايرىلغىنىڭ ئەلدىن ئايرىلغىنىڭ !
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 20:00 |
sardar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 460 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 274 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 274 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساي دىگەن جىققۇ ، شۇ جايلارغا بىنا سالماي بىكاردىن بىكار تېپ-تېنىچ ئولتۇرغان ئاھالىلەرنى ئۆيۈڭنى چاقىمىز دەپ روھىنى تىينىتىپ، تۇرغىنى تۇرۇپ تۇرسا شەھەر ئەتىراپىدىكى بوش ئورۇنلاردىن پايدىلانسا شەھەرمۇ كېڭەيمەمدۇ؟
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 20:44 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 550
شۆھرەت: 3007 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3024 سوم
تۆھپە: 1765 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1797 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 223(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ چاۋاغ ، ھېزىزىملار 5يىلغىچە تۈزلىنىپ كىتىشى مۇمكىن    
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 23:25 |
jahan@kazdi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شەھەر كېڭەيگەنچە مېھرى-مۇھەببەت تارىيۋاتىدۇ....دىسەك گەپ جىق...
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 20:36 |
marco
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 760
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 100 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىنالاشتۇق --ياتلاشتۇق.
بۇرۇن ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ھازىرقى بالىلار ئوينىيالمايدۇ.ئىسسىق پارنىكتا كومپىيوتېر ئويناپ .......
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 21:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى