saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 12173 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 405 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 405 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جاۋبېنشەننىڭ خۇارۇڭ يولىدىكى مەغلۇبىيىتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-12-25)

      مەزكور تەرجىمە ئەسەر <شىنجاڭ مەدەنىيىتى > ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىكى <تىلماچلار چايخانىسى>دىكى پاراڭلاردىن ئېلىنغان بولۇپ  باش تېمىسى " مەدەنىيتىمىزنىڭ نەرىدىن چاتاق چىقتى "بولۇپ ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ، ماقالىدە جۇڭگودا ئەڭ داڭ چىقارغان كۈلدۈرگە ئارتىسى جاۋ بېنشەننىڭ ئېتوتلىرىدىكى باشقىلارنى كەمسىتىش قىلمىشى قاتتىق  تەنقىد قىلىنغان. 
  بۇ ئوبزور بەلكىم بىزنىڭمۇ ئۇيغۇر كۈلدۈرگە ئارتىسىلىرىمىز ۋە ئېتوتلىرىمىزگە قايتىدىن ئويلىنىپ باھا بېرىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس !
 


جاۋبېنشەننىڭ خۇر رۇڭ يولىدىكى مەغلۇبىيىتى




مەدەنىيەتنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىش مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭلا بولىدىكەن چوقۇم دۇنيانىڭ بولىدۇ دېگەن ئىدىيەگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ ،لېكىن پاكىت جۇڭگونىڭلا بولسا دۇنيانىڭ بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى، يەنە شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى ئامىرىكىغا ھەتتا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كىرگۈزۈش دەيدىغان شوئار ئۇزاقتىن بۇيان پەسكويغا چۈشمەي كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەت جۇڭگو مەدەنىيتىدىن زادى نېمىلوەرنى باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغاا سۇنۇش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش لازىملىقىنى ئادەم چۆچىگىدەك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.
  بۇ توقۇپ چىققان ھېكايە ئەمەس ، توردىكى خەۋەرلەر ئۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
  جۇڭگودىكى داڭلىق ئېتوت ئۇستازى جاۋ بېنشەن جۇڭگو سەھنىلىرىدە مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمدىكلەر ،بىر تالاي جۇڭگولۇق ئاغىنىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىش بىلەنلا بولدى قىلمايمىز،بەلكى ئۇنىڭغا مەپتۇن بولىمىز ،ھەر يىلى چاغاندا ئۇنىڭ نومۇرلىرىغا تەلمۈرۈپ جېنىمىزنى قىينايمىز .بىزنى ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ساداقەتمەن مەستانىلىرى دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.
   2008-يىلى جاۋ بېنشەن ئۆمەك باشلاپ ئامىرىكىغا زىيارەتكە كەلدى .يولبويى سۈر كۆرسەتتى ،كۆرەڭلەپ ئالچاڭلاپ كەتتى.ئامىرىكىنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى مەدەنىيىتىنى جۇڭگونىڭ سەھرا مەدەنىيىتى ئارقىلىق بويسۇندۇرۇشقا قەسەم ئىچتى .ئۆزى كەلمەي تۇرۇپ ،ھەيۋىسى كېلىپ بولدى،نام -شەرىپى ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچتى ،ئاڭلىغانلا يەر ئوپۇر - توپۇر بولدى .بېلەت باھاسى ھەدەپ ئۆرلىدى .جۇڭگولىقلارنىڭ نەپسى تاقىلداپ ،تاقىتى تاق بولدى .

   جاۋ بېنشەن ئامىرىكىغا كېلىپ،خۇددى گۈەنيۈ خۇا رۇڭ يولىدا مەغلۇپ بولغاندەك مەغلۇپ بولغىلى تاس-تاس قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆپتىن -كۆپ قېرىنداشلار بىلمىگەن بولىشى مۇمكىن .دۆلەت ئىچىدىكى يەتكۈزۈش ۋاستىلىرىنىڭمۇ تولۇق يەتكۈزگەنلىرى ناھايىتى ئاز بولدى.ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى ،جاۋ بېنشەن ئامىرىكىدا سەييارە ئويۇن قويۇش جەريانىدا ،ئۇ ھەققىدە يېزىلغان سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ھەتتا قانۇنغا چېتىلىدىغان ماجرا كېلىپ چىقتى،گەرچە ئۇ ئامىرىكىدىكى ئويۇن مىسىلسىز مۇۋاپپىقيەتكە ئېرىشتى.كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قارشى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى دىگەن گەپتە چىق تۇرغان بولسىمۇ ،ئەمەلىي پاكىت ئۇنداق بولماي قالدى .
   جاۋ بېنشەننىڭ نومۇرلىرى مەجرۇھلارنى ،ئەقلى كەمتۈكلەرنى ،كېكەچلەرنى ،سېمىزلەرنى كومىدىلىك مازاق قىلىش ۋە دوراش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى كۈلكە بىلەن تەمىنلەشتە پۈتۈن جۇڭگوغا مەشھۇر،شۇڭا ئۇنىڭ نومۇرلىرىنى ھەمما ئادەم بىلىدۇ.بۇنداق قىلىشنىڭ جۇڭگودا كارايىتى چاغلىق ،ھېچكىم ئەيىپلەپ يۈرمەيدۇ.ھېچكىممۇ بىئارەم بولمايدۇ، قانچە مازاق قىلسا شۇنچە قارشى ئېلىنىدۇ ، قانچىكى ئوخشىتىپ دورىسا شۇنچىكى قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ.
  بىراق ،ئامىرىكىدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
  ئامىرىكا ئىنسانىي ھوقوقنى تەكىتلەيدىغان،باراۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ئىرقىي ۋە فىزولوگىيىلىك كەمسىتىشنى توسىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان دۆلەت ھەرقانداق بىرىگە قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش ۋە مەسخىرىگە بولۇپمۇ مەجرۇھلار ۋە ئەقلى كەمتۈك ئادەملەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىككە ھەمدە شۇ خىلدىكى سۆز -ھەركەتلەرگە ئامىرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەبىئىي رەۋىشتە جان-ئەھلى بىلەن قارشى چىقىدۇ،مۇنداق قىلمىشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ.
  جاۋ بېنشەن <مەجرۇھلارنى مەسخىرە قىلدى > دىگەن ئەيىپلەش ئويلىمىغان يەردىن سوتنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋەتتى، دەۋرەپ كېلىۋاتقان تەنقىد ۋە گۇمان تۈپەيلى ئادەملەر شۇ ھامانلا جاۋ بېنشەننىڭ كۆزىگە قولىنى تىققۇدەك بولدى.
  ئامىرىكىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى بى رۇشىې ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە :< جاۋ بېنشەننىڭ نومۇرلىرىنىڭ مەزمونى چاكىنا ،گەپ سۆزلىرى سەت، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەزىم دەريانىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدە يەنىلا بازار تاپتى ،بېلەت باھاسى ئاسترونومىيەلىك سان بىلەن ھېسابلىسا بولغۇدەك قىممەت ياراتتى. جاۋ بېنشەننىڭ ئۆزى چاغاندىكى كېچىلىكنىڭ غوللۇق ئارتىسى سۈپىتىدە ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە ،جاۋ بېنشەن بۈگۈنكى جۇڭگودا يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ مەھسۇلى.، بۈگۈنكى جۇڭگودا جامائەتنىڭ سەنئەت قىزغىنلىقى ، مەنىۋى مەنزىلى ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا ،ئۆز مەنىسىدىكى مۇنتىزىم مەدەنىيەت چەتكە قېقىلدى. جاۋ بېنشەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تارىخنىڭ ھارۋىسىنى كەينىگە ماڭدۇرماقچى بولدى، كونا جۇڭگونىڭ كوچىلىرىدىكى يايمىلاردىلا بولىدىغان ھەييارلىقنى قايتىدىن ئىزدەپ تېپىپ ،ئۇنى گۆھەر تەرىقىسىدە كۆز -كۆز قىلدى.ئۆزىنىڭ خۇپسەنلىكى نامايەن قىلدى،مۇشۇنداق بىر ھەزىلكەش تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇلۇق بالىسىغا ئايلىنىپ قالسا ،ئۇنىڭغا توۋۋا دېمەي بولمايدۇ > دەپ يازدى .

   نىيوروكتىكى كەسپىي ئادۇۋكات چېن مېي گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي :< جاۋ بېنشەن ئويۇن قويغاندىن كېيىن بىر مۇنچە ئادەمدىن تېلىفۇن كەلدى. ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۇنىڭ ئويۇنىنىڭ مەزمونىغا نارازىلىق بىلدۈردى . مەندىمۇ شۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولدى .ئىككىنچى كۈنىدىكى <جياڭ كۇن> ئويناپ چىققان نومۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا جاۋ بېنشەننىڭ بازارغا سالغان نېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . جاۋ بېنشەننىڭ ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار سەھنىگە چىقىپلا بىرىنچىدىن مەجرۇھلارنى مەسخرە قىلدى ، ئىككىنچىدىن سېمىزلەرنى مەسخىرە قىلدى، ئۈچىنچىدىن روھىي كېسەللەرنى مەسخىرە قىلدى .ئۇنىڭ ئارتىسلىرى ئاقساق-چولاق قاتارلىق مېيىپ ئادەملەرنى دوراپ ئۆزلىرىنىڭ خوشاللىقىنى باشقىلارنىڭ ئازابلىنىش ئۈستىگە ئۆرە تۇرغۇزدى .مېنىڭچە ،جاۋ بېنشەننىڭ ئۆمىكىدىكىلەر نومۇرلىرىنىڭ مەزمونىنى ئۆزگەرتمىسە ،قايتا چەتئەلگە چىقماسلىقى كېرەك، چۈنكى مۇنداق ئويۇن ئەگەر ئاساسى ئېقىمنى تەكىتلەيدىغان جەمئىيەتكە كۆرسىتىلسە ئويۇن قويۇش زالىنىڭ دارۋازىسى نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان مەجرۇھلار ۋە سېمىزلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. <جياڭ كۇن> باشلاپ كەلگەن جۇڭگو رادىيو -سەنئەت ئۆمىكىگە قاراپ باقايلى ،ئوخشاشلا ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان ئېيتىشىش بولسىمۇ ،مەزمونى ساغلام ،ئاكتۇئال بولدى ، سېلىشتۇرمىساققۇ مەيلى ، سېلىشتۇرساقلا ئادەم قورقىدىغان ئىش چىقىدۇ > دېدى .
    نەق مەيداندىكى ئادەملەرنىڭ تىنىمسىز بويۇنداشلىرى ،گۈلقەقەلىرىنىڭ ئېچىلىپ ،شامىسىنىڭ چاي بولۇپ كېتىشلىرى ھەرقايسى قاتلامدىكى تاماشىنبىلارغا ئەمەس،پەقەت بىر قىسىم دوست تارتىدىغان مەستانىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ،خالاس! ئامىرىكىدىكى بىر تاماشىبىن ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھاجاتخانىدىكى بىر دۆۋە قەغەزنى چىرايلىق بولاق قىلىپ يۆگەپ ،ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغان .ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ،ئۇ ئۇنداق گول ئادەملەردىن بولمىسا كېرەك، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ،تېشى پال-پدل،ئىچى غال-غال بۇ ئىشنى پىسەنتىگە ئالمىغان،ئۇ جاۋ بېنشەنىڭ مېيىپ مەجرۇھلارغا قىلغان ھاقارىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنماقچى بولغان.
    ئۈنچىقمىغان ئادەمنىڭ كۈچى ۋارقىراپ -جارقىرىغانلاردىن قۇدىرەتلىك بولىدۇ.
    دۆلەت ئىچىدە يۈز مىليونلىغان تاماشىبىن چېكىسىگە گۈل قىلىپ قسماقچى بولغان بېنشەن تاغىمىز ئامىرىكىغا كەلگەندە قاراپ تۇرۇپلا ۋاتىرلوغا دۇچ كېلىپ قالدى ،ھەتتا كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك مېيىپ-مەجرۇھلارغا ھاقارەت قىلدى، دېگەن جىنايەتنى ئۈستىگە ئالدى .ئۇۋال بولدىمۇ ؟ راست گەپنى قىلساق ،ئۇۋال بولمىدى،ئېتوت دىگەن سەنئەت ،مەدەنىيەت،لېكىن ئۇ تاماشىبىنلارغا يۈزلەنگەن چېغىدا ئۆزىنىڭ تاۋارلىق ئالامىتىنى بىلىندۈرۈپ قويدى .جۇڭگولۇقلار ئۇنىڭ تاۋارلىق ئالامىتىنى ئالغان بىلەن ، ئامېرىكىلقلار ئالمىدى .ئامىرىكىلىقلار ئۇنى مەدەنىيەت خاسلىقى ،مەنىۋى خاسلىق يېقىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.بۇنىڭدىن بىزگە كەلگەن بىشارەت شۇكى ،مەدەنىيەتنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ، باشقىلارنىڭ تېمىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ سېنىڭ مەدەنىيىتىڭنى ئېلىش -ئالماسلىقىغا قاراپ بېقىشىڭ كېرەك.ئەگەر مەھسۇلاتقا ئايلانغان مەدەنىيەتتىكى روھنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرەپ كەتكەن بولسا ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۆينىڭ بىرەر بۇلىڭىدا قويۇپ قويغان ياخشى .


 كىرىستىيان .جىن (ئامىرىكا) ئاپتورلىقىدىكى بۇ يازما <كىتاپلاردىن تەرمىلەر> ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 10-سانىدىن ئىمىن ئەھمىدىي ( شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ پىنسىيونىرى ) تەرجىمە قىلغان .
 باغداش تور بېكىتى تور يۈزىگە يوللىدى ، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ !

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-25, 18:06
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئىسىل تەرجىم ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-25 18:05 |
    arkim
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 255
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 586
    شۆھرەت: 3523 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3684 سوم
    تۆھپە: 2026 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2032 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 729(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يەنە بەش مىڭ يىل ئۆتسىمۇ جاۋبىنشەننىڭ نامى ئۆلمەيدۇ!چۈنكى ئۇنىڭ سەنئەت ئاساسى مۇستەھكەم
    lutun
    مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 18:16 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 1024
    شۆھرەت: 5709 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5683 سوم
    تۆھپە: 3356 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3343 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 3067(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    جاۋ بىنشەننىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى قارا قولنىڭ ئاتامىنى دەيدىكەن. بىچارە شىياۋ شىنياڭغىمۇ 10 تۈمەن يۈەنلىك ئويۇن قويسا ئاران 1 تۈمەننى بىرىدىكەن. بۇ توغرىسىدا جاۋ بىنشەننىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە كىرگۈزۈپ باقسا نۇرغۇن ئۇچۇر چىقىدۇ.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 18:43 |
    turan
    سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 159
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 572
    شۆھرەت: 3272 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3293 سوم
    تۆھپە: 1907 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1914 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 498(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يەنىلا بېرىپ ساپاغا تاقىلدۇ،نوپوز ئادىمىلكتىن ئۇستۇن تۇرغان ئەلدە  ساپا ئەمەس نۇپوز ئولچەمقىلندىغان ئۇخشايدۇ....
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 18:54 |
    naprat2009
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 79
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 1041 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1038 سوم
    تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 605 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلاردىمۇ موشۇ بىر نېمىنىڭ ئەخلەت نومۇرلىرىنى كۆرىدىغانلار باركەن دېسە، ئاتالمىش كېچىلىك بىلەن جاھاندا خوشام يوق مېنىڭ...بىر بىرىدىن ماز
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 19:42 |
    saadat
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5162
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    شۆھرەت: 150 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 90 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     


    ئامىرىكا يەنىلا ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتتە.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 19:54 |
    etikad
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 155
    شۆھرەت: 788 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 789 سوم
    تۆھپە: 472 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 473 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجەب ئېسىل تەرجىمە قىلىنغان ئەسەركەن، ھوقۇقۇم يەتكەن بولسا، باھالايتتىم.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 20:33 |
    sarwang01
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1224
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئامىرىيكىغا بارغىچە ،شىنجاڭغا كەلسىچۇ، شىنجىاڭغا كەلگەن بولسا ئالقىشلىق ماقالىلار بەس-بەس بىلەن يېزىلغان  ھەم شىياۋ شىنياڭغىمۇ 20-30 تۇمەن بېرىۋالاتتىكەن.
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 20:43 |
    karwani
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3628
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    شۆھرەت: 250 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 279 سوم
    تۆھپە: 140 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنى بىز < مەدەنىيەت مۇستەبىتلىگى > دەيمىز.
    بۇ قانداق گەپ ؟ بۇ مەدەنىيەت نامراتلىقى دىگەن سۆز ،
      بۇ جوڭگودىكى شەخىسكە چوقۇنىشىتىن كېلىپ چىققان  ھادىسە.
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-25 23:44 |
    mahsat
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4795
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 225 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 245 سوم
    تۆھپە: 130 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 130 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆز مەدىنىيىتىنى خەقنىڭ بازىرىغا سېلىشنى كۈچەشتىن ئاۋال، ئۆز مەدىنىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادىمى ساپانى، ئادەملەرنىڭ توغرا-خاتالىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    يېزىلىقلارنى مەسخىرە قىلىپ باشقىلارنى زورلاپ كۈلدىرىدىغان ئىتوتلار بىزدىمۇ يوق ئەمەس.
    مەدىنىيەتنى بازارغا سېلىشنى  ئەمەس، مەدىنىيەتنى بازارلىق قىلىش كېرەك.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 01:00 |
    bahdaxohli

    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1151
    شۆھرەت: 6211 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6261 سوم
    تۆھپە: 3671 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3711 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى naprat2009دە2011-12-25 19:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئۇيغۇرلاردىمۇ موشۇ بىر نېمىنىڭ ئەخلەت نومۇرلىرىنى كۆرىدىغانلار باركەن دېسە، ئاتالمىش كېچىلىك بىلەن جاھاندا خوشام يوق مېنىڭ...بىر بىرىدىن ماز

    ئۈزىمىزنىڭ سەنئەت كىچىلكى بىلەن ئانچە مۇنچە خوشاڭ بولسۇن ،
     ماۋۇ خەقنىڭكى 10كۈن تاماق يىمىسەممۇ قۇستىرۋېىدۇ
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-26 01:51 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «123»Pages: 1/3     Go
    Bagdax bbs » تەرمىلەر