قاسساپمەن ئەپتىمدىن ماي تېپىپ تۇرار،
گۆشلىرىم ئىلغىدا سايغىرىپ تۇرار.
ئۆچكىنى پاخلان دەپ ساتقىنىم ئۈچۈن،
قاچىدۇ دوسلۇرۇم قارغىشىپ تۇرار.
ساتاتتىم ئەسلىدە مەنمۇ پاخلاننى،
چۈشەنگىن ئەي دوستۇم بۇ دىل يارامنى.
يىمەيسەن ماينى سەن قارا گۆش دەيسەن،
مەن نەدىن تاپىمەن مايسىز پاخلاننى.
سەن مەيلى تۇققىنىم قېرىدىشىم سەن،
ئۆزگىمۇ سەندەكلا<دا ۋېيبا> دەيدۇ.
گەر قوشساق بۇ مايدىن گۆشگە ئازىراق،
<ۋېيبا بۇ چۈۋ زىگې رۇۋ بۇۋ يوۋلا>دەيدۇ.
ئۇزۇن يىل گۆش ساتتۇق بەك بەلەن بولدى،
ئالغان پايدا ئاز ئەمەس قۇيرۇقلا بولدى.
ساتالماي بۇماينى نىسىيگە بەرگەچ،
يىغالماي قەرزلىرىم بىر پاتمان بولدى.
ئەي دوستۇم قارغىما چۈشەنگىن مېنى،
قاساپمۇ ئامالسىز دەرتمەن بوپ قالدى.
ياخشى گۆش ماڭمىسا پايدىغا ئاسان،
ساڭا سەپ بېرەيمۇ تەرگەن- تاپقاننى.
گەر مايدىن ئازىراق قۇشقىن دەپ قالساڭ،
پاخلاننىڭ گۆشىدىن ئۆچكە مەرەيدۇ.
گۆش بىلەن بۇ ماينى تەڭلا ساتساقلا،
سەنمۇ خۇش، مەنمۇ خۇش كۆڭۈل يايرايدۇ.
جان دوستۇم بېرەيمەن ئاددى مەسلىھەت،
گۆش ئالساڭ ئازىراق مايمۇ قوشۇپ ئال.
سەن مېنى قوللىساڭ دەيمەن مەن ساڭا؛
-بۇ ئۆچكە، سەن ئاۋۇ پاخلاننى ئال.
ئىشەنگىن سەن ماڭا گېپىم زادى گەپ،
يالغانغا باقمايمەن يىرگىنىپ پەقەت.
يالتىراپ تىللالار قىلسىمۇ شەيدا،
ئىمانىم مۇستەكەم تەۋرەنمەس پەقەت.
قۇيرۇق ماي لازىم بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
تېلفون؛13579666641
چچ.1822480382
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-12-25 23:47قايتا تەھرىرلى ]