ئالۋاستىنىڭ سىياقىدا ياسىنىش،
جېكسون بىلەن مودا بولدى بىزلەرگە.
ياراشتىمۇ -ياراشمىسا نىم كارى،
قۇش چاڭگىسى گۈل كۆرۈندى كۆزلەرگە.
تېلفۇن بار قولدا، قولاي ھەممە ئىش ،
يېقىن قىلدى يىراق يەرنى بىزلەرگە.
تورداش دىگەن ئىش پۇشۇقى چالغىلى ،
ئەرمەك بولدى يېتىشمىگەن يەرلەرگە .
ئاشنا تاتلىق خوتۇن ئاچچىق دەپتىكەن ،
ھەپتە يوقلاپ تۇرۇش مودا بىزلەرگە .
خوتۇنلارنىڭ ئايدا قاتار چىيى بار ،
كەم بولمىدى سورۇن ئويناش ھىچكىمگە .
ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتقان شۇ ھىساب،
بالىلىرىمىز ئوقۇغىنى بىزلەرگە .
ئايلاپ -يىللاپ يوقلىمىدۇق چوڭ ئۆينى ،
تىلىفۇندا ئىش ئالدىراش بىزلەرگە .
ھاجەتمەنگە ئەتە كېلىڭ تۈگىمەس ،
خۇشياقمايدۇ قۇرۇق پاراڭ بىزلەرگە.
ئارقا ئىشىكتە ۋەدىلەشسەك قانداقكىن ...
پارا ئەمەس سەت گەپ قىلماڭ خەقلەرگە.
پادىچىنى سەھرالىق دەپ يۈرسەكمۇ ،
شۇ نيۇ–زەيكۇ مودا بولدى بىزلەرگە.
مەدەنىيەت دەپ يۈرگەن بىلەن ئەزىزلەر،
داغ ئەمەسمۇ ئەجدادىمنىڭ شەنىگە.
مەنبەسى -ئۆز ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-26 22:40قايتا تەھرىرلىدى ]