turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 269 قېتىم كۆرۈلدى
kawkaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4908
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 229 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 118 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 124 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېنىڭ گالۋاڭ قىز دوستۇم

         بۇ بىر نەچچە كۈن كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچقا ئىنتىرنىت تورىنى كۈندە دىگۈدەك پەتىھ قىلىپ تۇرالمىدىم . سەۋەبىنى تورداشلارغا دىسەم ، ناھايتى ئاددىي – مەن يىراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن باتنىشىپ   قالدىم .مەن ھازىر ئۇنىڭ مەندىن تىلفۇن قىلىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنى ساقلاپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىلى ھەپتە بولاي دىدى .ئەمما تىلفۇنۇم ئۈن –تىنسىز ھالدا دىمى تۇتۇلۇپ كېتىۋاتسىمۇ  بوغۇلۇپ قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمەيۋاتىدۇ . مەن يەنىلا يىگىتلىك سۈپىتىمنى چۈشۈرمەي ،گۇناھسىزلىقىمنى ئىسپاتلاپ ، بۇ نەچچە كۈندە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. 
       بىلىمەن مېنىڭ قىز دوستۇم ئىزاغا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدىغان  ئۇنداق قالتىس ناملارغا قىلچە قىزىقمايدۇ . ئەمما ۋاقىت سوزۇلۇپ كېتىۋەرسە ،ئۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،يىڭى يول تىپىپ ، مەندىن كېلىشكەن ،ئەخلاقلىق ،خىزمىتى بار ...بىرەر ھارامزادىنى تىپىۋىلىشى تەبىئىي .


           مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ،مەن يەنە كۇنۇپكا ئۈستىدە بارماقلىرىمنى دەرھال ئىشقا سىلىپ ،سىلەردەك كۆيۈمچان ،ئاقىل پىكىرلىك تورداشلىرىمدىن ئەقىل سورىماي تۇرالمايمەن . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كېچىكسەم ،ئەمدى ئۆمۈرۋايەت كېچىكىشىم مۇمكىن .چۈنكى مەن ئۇ گالۋاڭ قىز دوستۇمنى بەك ياخشى كۆرىمەن . ئەمما ياخشى كۆرىمەن دەپلا ئۇ مەندىن سورايدىغان كەچۈرۈمنىڭ ئورنىغا مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ نىمە دەيمەن ؟ سەت بولدى فىلورە ،خىجىل بولماڭ ،كۈندەشلىك ئاقىۋەت ئۆزىڭىزنى  مۇشۇنداق خىجالەت قىلىدۇ دەمدىم ؟ 
    بۇنداق قىلسام قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خىجىل بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ ، ئىككىنچى ئۇ ماڭا بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالماي شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشسىچۇ ؟...ياق ...ياق ...ئۇنداق بولسا بولمايدۇ . توختاڭلار ،ئالدى بىلەن ئىشنىڭ جەريانىنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي ،ئاندىن ئاقىۋىتىدىن تەڭ ئېغىز ئاچايلى.


         يەنىلا گەپنى باشتىن باشلاي ،بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ،ئاپامنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىگە ئىككى كۈن باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ خاتىرە كومپىيوتىر سىتىۋالدىم . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان كونا ماركىدىكى قوپال كومپىيوتىر ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاپام ئۈچۈن مېنى سېغىنغاندا قاراپ ئولتۇرىدىغان بىر تەسەللى ئىدى . ھەر قېتىم ئاپامنىڭ تىلفۇندا <<بالام قاچانمۇ قىشىمىزغا يۆتكىلىپ كىلەرسەن ،داداڭ بىلەن ئولتۇرۇپ بەزىدە سېنىڭ ئەبجەق كومپىيوتىرىڭغا قاراپ كىتىمەن . ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتقىنىڭدا شەنبە يەكشەنبە كىلىپ ، ئاشۇ تۆمۈر –تەسەككە كۈنلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتسەڭ ،بىزدىن مېھرى قالدى دەپ ،ئەپچىقىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكۈلىرىم كىلىپ كىتەتتى .مانا ئەمدى ئاشۇ تۆمۈر جېنىدا كۆزۈمگە ئسسىق كۆرۈنىدۇ ...>>دەپ مىچىلداپ كەتسە ، مېنىڭمۇ بۇرۇنلىرىم ئىختىيارسىز ئېچىشىپ كىتەتتى . مەن ئاخىرى ئاپامنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئازراق خۇشاللىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولدۇم .بىلىمەن بۇ سوۋغام ئۇنىڭ مېنى توققۇز ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ،ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان مۇشەققەتلىك مىنۇتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنىمە ئەمەس . بىراق ئۇنى خوتەن شىۋىسىدە <<گىدىككىنە >>خوش قىلالىسا ، شۇنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئالەمچە خۇشاللىقىم .

        مەن ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنلا يۇرتۇمدىكى ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلىپ ،ئۇنىڭغا ماركىلىق ،سۈپىتى ياخشى خاتىرە كومپىيوتىردىن بىرنى سىتىۋىلىشنى تاپشۇردۇم .يىللىق مۇكاپات پۇلۇمنى ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئاجراتقىنىمدىن بەكمۇ خوش بولدۇم . پۇلنى ئاغىنەمنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم :

      -ئاداش ، سېنى ئاۋا قىلىدىغان بولدۇم ، بۇ قىلغانلىرىڭنى يۇرتقا بارغاندا چوقۇم قازا قىلماي ياندۇرىمەن . سەن ئاشۇ قول كومپىيوتىرىنى ئۆيگە ئاپىرىپ ،ئاپامغا تورغا چىقىشنىڭ يوللىرىنى ئاسانراق ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ قويساڭ بوپتىكەن . بىلىسەن ئاپام تورغا چىقىشنى بىلسىمۇ كوت –كوتتا پاراڭلىشىپ باقمىغان . مەن ئاپام بىلەن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىكراندا  يۈز تۇرانە  كۆرۈشۈپ ،ئاۋازلىق ئۇچۇرلىشىپ تۇراي دەيمەن .

       -پاھ سەن ،قالستقۇ ، نىگار ھەدەمنى تورغا ئۆگىتىپ قويما جۇمۇ ،-چاقچاق قىلدى ئاغىنەم ،-چاتاق يوق ، سەن غەم يىمە ،ئاغىنىدارچىلىقتا ياردىمىمنى ئايىمايمەن ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ،سەن يۆتكىلىپ ،بىز كۆرۈشكىچە ئامان بول ،ئالاقىلىشىپ تۇرايلى .

           مەن ئاپامنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلماقچى بولدۇم . ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئۆزۈم يازغان قاپىيىسىز شېئىرلىرىمدىن دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردىم .ئاپام خۇشاللىقتىن كۆز يىشى قىلدى . مەن بەلگىلىگەن ۋاقىت بويىچە  دەل شۇ چاغدا ئىشكنى چېكىپ ئاغىنەم ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى ، ئاپامنىڭ شۇچاغ خۇشاللىقتىن  ئاغزىنى يۇمالماي ، ھاياجاندىن يېشىنى سىغدۇرالماي ، ئۆيگە بىر كەلگىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم .

شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن ،ئاپامنىڭ ئاغزىدىن تىلفۇندا يىڭى –يىڭى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم :
-بالام ، ئاغىنەڭ ماڭا  ئىلتىماس قىلىپ  بەرگەن چ چ نۇمۇرۇمنى يېزىۋالغىن 1254638
مەخپى نۇمۇرۇم بولسا داداڭنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ،مەن ئۇنتۇپ قالساممۇ سەن يادىڭدا تۇتىۋالغىن ھە ،ھى......ھى.....
-بولىدۇ ،بولىدۇ ،-دىدىم مەن كۈلۈپ كېتىپ ،ھەر قانچە بولسىمۇ دادامنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالماسسىز .
-ياقەي ،ئەمدى مەخپى نۇمۇر بولغاندىن كىيىن دەيمىنا ، ھە راست ،30يىللىق خىزمەت ھاياتىمىزدا خاتىرە قەلەم تۇتۇپ ،جاپا تارتىپ كىتىپتىكەنمىز ،ئىلگىركى لاتىنچە يېزىقىمىزنىمۇ تۇنۇغاندىن كىيىن كومپىيوتىردا خەت ئۇرماقمۇ تەسكە توختىمىغىدەك . ھازىر مەن كۈندە چۈشتىن كىيىن بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئويغۇرچە خەت ئۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن . داداڭ كىچىكىڭدە ساڭا كومپىيوتىردا ئويۇن ئوينىساڭ ۋاقىت بەلگىلەپ بەرگەندەك ئەمدى ماڭىمۇ ۋاقىت ئۆلچەپ تورغا چىقىش ۋاقتىمنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىمنى تەستىقلىمىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە قورۇق باسقان بۇ چىرايىم بىلەن كۈنلەپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىۋەرسەم ، ئاز كۈن ئۆتمەي غەلىتە سىياقلىق موماي بوپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەيدىكەن .

        -شۇنداقمۇ ،دىمەك دادام سىزنىڭ ھۆسنىڭىزنى بۇزۇۋىلىشىڭىزدىن غەم يەيدىكەن ئاپا ،دادامغىمۇ كومپىيوتىرنى بېرىڭ .
         -مەن ئۇنىڭغا بەرمەپتىمەنما ،ئۇچۇ مەن تاماقنى پىشۇرۇپ ئالدىغا ئېلىپ كەلگۈچە توردا قارت ئوينايدۇ ......
       ئاشۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن مەن ئىشقا ئالدىرايمەن :
       -ئاپا مەن ئىشقا كېتىۋاتىمەن ،كەچتە توردا كۆرۈشەيلى ،سالامەت بۇلۇڭ ،مۇمكىن بولسا مېنىڭ ئۇچۇر ساندۇقۇمغا خەت قالدۇرۇپ قۇيۇڭ .
         -ماقۇل .886 بالام .

         چۈشتىن كىيىن ئىدارىنىڭ ماتىرىياللىرىنى رەتلەپ يىللىق خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم . بۇ بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ خۇشاللىق ،بۇ ئالدىراشلىق ، ئالدى كەينى چېپىشلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى قىز دوستۇم فىلورەنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ،ئۇ بىچارە مېنىڭ كۈندە ئالدىراش ئۆتىۋاتقىنىمدىن ئىچى سىقىلسىمۇ ،ئارتۇق گەپ قىلالماي دىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدۇ . تىلفۇن قىلىپ باقاي :

  -ۋەي سوپىسوپىياڭ ،بارمۇسىز ؟
-ۋاي بارغۇ ھوقۇش ؟سىز بار يەردە مەنمۇ بارغۇ ؟
شۇنداقمۇ ،ئەمىسە كىرىڭە ئىشخانامغا .
-توختاپ تۇرۇڭ ، بىرەر سائەتقىچە يېنىڭىزدا ئۈنىمەن .
      ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى ،قايتا قىلسام ،تىلفۇنى ئېتىك ،ئىچىم تىت –تىت بۇلۇپ ئولتۇرسام دىگەندەك بىرەر سائەتنىڭ قارىسىنى كۆسەتمەيلا ئۇ ئىشخانامغا مېنى يۈرەكزادە قىلىپ كىرىپ كىلىۋاتمامدۇ .ئاھ خۇدا ،بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى .مېنىڭ بۇ كىچىككىنە يۈرىكىم يېرىلىپ كېتىشكە ئاز قالدىغۇ.زامان ئاخىرى يىقىنلاپ قالدىمۇ قانداق ؟كىمنى خىيال قىلسا ئالدىدا ئۈنىدىغان .
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم :

-بۇ ...بۇ ...جېنىم مەن چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن ؟-بېرىپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ،يۈزلىرىمنى چىمداپ باقتىم .
-ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ ،سىرتتىن بىرسى كىرىپ قالىدۇ .–دىدى ئۇ سەل قىزارغان ھالدا .
مەن شۇندىلا ئۇنى قۇيىۋەتتىم .ئۇ بېرىپ ئىشىكنى ئاستا  يېپىۋەتتى .
-ھە قېنى ئېيتىڭە سىزنى بۇ يىراقلارغا قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى ،نىمىشقا ماڭا ئېيتىپ قويمايلا يولغا چىقتىڭىز ؟سىز سەل بەڭباش بۇلۇپ قىلىۋاتامسىز قانداق ؟
مەن شۇنداق دىگەچ قۇشۇمىلىرىمنى زورىغا تۈردۈم .
-بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز ؟
-قانداق كۈن ؟ئالاھىدە كۈنما ؟ ئىشقىلىپ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئەمەس ؟سىزنىڭمۇ يە ؟خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

ب       ۈگۈنچۇ ؟ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى . مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق نوم يادلاپ ئەرشىنىڭ يۈگۈر –يېتىم ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدىغىنىڭىزنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ،ئۆزۈم سىزنى تۇيۇقسىز خوش قىلىپ ،بۇ قۇتلۇق كۈننى بىرگە ئۆتكۈزەيلى دەپ كىلىشىم قانداق بولماپتىما ؟-دىدى فىلورە،ئالدىمدا تۇرغان سومكىسىنى ئېلىۋىتىپ ،بوينۇمغا گىرە سالغانچە. 
       –بىراق مەن ئىشلەۋاتقان تۇرسام قەدىرلىكىم ،يەنە كىلىپ بۇ بايرام بىز ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىراس قالغان بايرىمىمۇ ئەمەس .بىزنىڭ پەقەت نورۇز بايرىمىز يەنە قۇربان ھىي...

      -بولدى .بولدى ، مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق ،–دىدى ئۇ بىردىنلا گىپىمنىڭ بېلىگە ۋاققىدە قۇيۇپ ،–مۇشۇ گەپمىدى ؟سىز بىلەن بۇ كۈننى ئۆتكۈزەلمەيمەن دىمەكچى شۇنداققۇ ؟
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس .
-ئەمىسە نىمە دىمەكچى ، مېنىڭ نەچچە سائەتلىك يوللارنى بېسىپ  ئۇچۇپ كەلگىنىم مۇشۇنىڭ ئۈچۈنما ؟
بىز ئەشۇنداق خېلى تالاش –تارتىشلاردىن كىيىن ،ئاران پەسكويغا چۈشتۇق .
– سىز ھازىرچە ياتىقىمغا كىتىپ تۇرۇڭ ،ئاچقۇچ مانا .
مەن ئامال بار ئىشنى بالدۇر تۈگىتىپ ،قايتىمەن .
-ماقۇل .مەن ئۇنى بەزلەپ يۈرۈپ تەستە يولغا سالدىم .

     ئالدىرىغان يولدا قالار دىگەندەك باشلىقنىڭ يەنە بىر تاپشۇرۇقىنى تاپشۇرىۋالدىم.‹‹ئەتە يۇقىرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كىلىدىكەن .شۇڭا پۈتۈن ماتىرىياللارنى بۈگۈندىن قالماي تەقلەپ بولمىساق بولمايدۇ ،سىز شىياۋجاڭغا تىلفۇن قىلىسىڭىز ئۇ كىلىپ سىزگە ياردەملەشسۇن .››
پاھ ،كۆرىڭە ما ئىشنى ،بۈگۈن ئىشىم ئوخشايدىكەندە ،ماقۇل بۈگۈن ئاخشام ئىشنى پاك پاكىزە تۈگىتىپ ،ئەتە تەكشۈرگۈچىلەرنى يولغا سىلىۋىتىپ ،ئارامخۇدا ئىككى كۈن رۇخسەت سوراي .
-ئادىل! ئىشكىڭىزنى ئاچالمايۋاتىمەن !
-ئاچقۇچنىڭ كەمتۈك يېرىنى توغرىسىغا كەلتۈرۈپ ئاندىن ئوڭغا قايرىڭ .
–ئادىل ،كومپىيوتىرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرى قانچە ؟ مەن تورغا چىقىپ ئولتۇراي دىگەن .
–ئادىل چ چ رىڭىزنى ئېچىپ سۈرەتلىرىڭىزنى كۆرەيچۇ ، مەخپى نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ ؟
–ئىشكنى چىڭ ئېتىپ ئولتۇرۇڭ قوزام .
 ئالدىراشلىقىمدا  ئارقا ئارقىدىن كېلىۋاتقان تىلفۇندىن بىزار بۇلۇپ  كەتتىم ئەمما تىلفۇننى ئېتىۋىلىشقا ئامالسىزمەن .
ئۇنىڭغا قاتتىقراق گەپ قىلاي دىسەم تېخى ، كۆڭلىنى ئايىدىم . نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۇ مېنى دەپ كەپتۇ . بۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن ئاسانمۇ ؟
       ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىنى سەزگىنىمدە  ، تىلفۇنۇمنىڭ ئۈچىنچى قىتىملىق سايراشتىن كىيىن توختاپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم .تىلفۇن قىلىپ باقاي ئۇ بۇ چاغدا ئۇخلاپ قالدى ھەقىچان . بولدىلا ئۇنىڭ ئويقىسىنى بۇزماي ،ئەتە ئەتىگەندىلا بېرىپ ئۇنى بىرچۆچىتىۋىتەي .

   تاڭ سۈزۈلۈپ ، باشقىلار ئىشلىرىنى تاپقۇچە مەن رەتلەپ قويغان ماتىرىياللارنى شياۋ جاڭغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ياتىقىمغا قاراپ چاپتىم .
ئىشك ئېتىك قانچە ئۇرساممۇ ئىچىدىن سادا يوق ،ئارلىقتا فاڭدۇڭ ئايال چىقىپ كەلدى :
-ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىكىنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئۇرغانمۇ بارمۇ ؟ ماڭا بۇ خەتنى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن بىر قىز ئۆيگە كىرىپ سىزگە بېرىپ قۇيۇشۇمنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى .

كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى :
–ئۇزۇن چاچ ، ئورۇققىنا كەلگەن كاشتان رەڭ چاپان كىيگەن قىزما ؟
-دەل شۇ .مەڭ ئاچقۇچىڭىزنى .
مەن ئۆيگە ئىتتىك كىرىپ ئىشكىنى يىپىپ خەتنى ئالدىراش ئوقۇدۇم :
‹‹ئادىل ، مەن بۈگۈن قانچىلىك شېرىن خىياللار بىلەن كەلگىنىمنى بىلەمسىز ؟ بىراق بىز يۈرگەن بۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى قەلبىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە بۆسۈپ كىرەلمىگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم .
بىراق ،بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى سىز مېنىڭ پاك مۇھەببىتىمنى ئاياغ ئاستى –قىلدىڭىز .››
نىمە ؟بۇ نىمە گەپ ئۆزى ،مەن قانداقمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە خائىنلىق قىلاي ؟داۋامنى ئوقۇيچۇ ،
 ‹‹سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز كەلگىنىمگە بۇنچە چۆچۈپ كەتكىنىڭىزنىڭ ،ھەمدە خاپا بولغانلىقىڭىزنىڭ ،باھانە ئىزدەپ كەلمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم .سىز ئەسلى بۇ كۈننى ماڭا ئەمەس باشقا ناتۇنۇش خوتۇن  بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەنسىز ،ھېلىمۇ مەن بۇنى بالدۇر بايقاپ قالدىم . ئەمما مەن  شۇ تاپقى ھېسسىياتىم بىلەن سىزنى قانچۇچە تىللاشقا جۈرئىتىم يوق ، مەن كەتتىم . ئىككىنچى مېنى ئىزدىگۈچى بولما ئالا كۈڭۈل چۈپرەندە !!!››
       نىمە ؟ئۇ ..ئۇ قاراپ تۇرۇپ مېنى تىللاپتىغۇ ؟مەن كىم بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپتىمەن ؟! ئاچچىقتىن كۈچەپ تارتقان كومپىيوتىرنىڭ كونوپكا تاختىسى يەرگە تاراقلاپ چۈشۈپ ،ئوچۇق تورغان كومپىيوتىر مېنى سەگتتتى .
ئۇنىڭدا <قېرى قوزام>دىن ماڭا كەلگەن ئۇچۇر تۇراتتى . 
 سېنى كەچتە شۇنچە ساقلىساممۇ كەلمىدىڭ ،ھە راست ، ماڭا كومپىيوتىېر ئېلىپ بېرىپ ،يىڭىچە چ چ نۇمۇردا سەن بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇۋاتقىنىمنى  ھېلىقى لايىقىڭغا دىمىگەنسەن ؟ 
 دىمەي تۇرغىن . بولمىسا مېنى شاش خوتۇنكەن دەپ قالمىسۇن يەنە . مېنى ئەڭ ياخشىسى خىجىل قىلما .

    مەن كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلمەي قالدىم .چۈنكى چ چ دا ماڭا ئۇچۇر قىلغان دەل مېنىڭ ئاپام ئىدى .ئۇنىڭغا  تىلفۇن قىلدىم .تىلفۇنى ئېتىك .ئۆيىنىڭ نۇمۇرى جاۋاب شۇ < ئۇ يوق .>(بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس )

     مەن ئاخىرى ئۇنىڭ بىر دوستى ئارقىلىپ بۇ ئۇقۇشماسلىقنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمەكچى بولدۇم ۋە شۇنداق قىلدىم .ئاڭلىشىمچە مېنىڭ ئۇ گالۋاڭ قىز دوستۇم بۇ گەپلەرگە يەنە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي يۈرۈۋىتىپتىمىش ،ئەمما ماڭا تىلفۇن قىلمايۋاتىدۇ .مەن تىلفۇن قىلسام ئۇمۇ ئالمايۋاتىدۇ ، سىلەرچە ئەزىز تورداشلىرىم ،ماڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرسەڭلار ،سىلەرچە مەن يەنە قانداق قىلسام بولىدۇ ...
بۇ بىر ئىجادىي تىما تورداشلار جاۋاب بېرىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ .



مەنبەسى -ئۆز ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-26 22:47قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-26, 22:47
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-26 15:01 |
~sawapkar~
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5179
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشدا ئۇقۇشماسلىق ئادەمنى بەك بىزار قىلدۇ
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 03:20 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 1010 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1010 سوم
تۆھپە: 596 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 596 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇقۇرقى بەلكىم بىر توقۇلما ھېكايە بولۇشى مۇمكىن  .   ھىكايىدىكى قىسمەن قاملاشمىغان سۆز -ئىبارىلەر   :   ئانىسىنىڭ ئىسمى نىگار قويۇلىشى   ،   چ چ دىكى ئىسمىنىڭ بولسا   << قېرى قوزا  >> ئاتىلىشى قاتارلىقلار   . ئشقىلىپ نىمىسىدىكىن بۇ ۋەقەلىك ماڭا بىر خىل قاملاشمىغاندەكلا بىلىندى . كۆپچىلىك نىمە دەيدىكىن  ؟ 
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 10:18 |
qoggumbat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3358
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 216 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزمۇنى دىگەندەك قاملاشماپتۇ ....ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن ئاپىسىنى قېرى قوزام ئاتايدىغان ئىشنى ھەي-ھەي؟؟؟؟؟؟
hawar
قۇمۇل ئوغلانى::::::::
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 10:46 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 616
شۆھرەت: 3338 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3333 سوم
تۆھپە: 1959 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1968 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 264(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چ چ دىكى ئۇ ئۇچۇرلارنى ھېلىغۇ « گالۋاڭ» قىز دوستىڭىزكەن، ھەر قانچە ئوڭلۇق ئادەم بولسىمۇ توغرا چۈشىنىشى ناتايىن. مېنىڭچە، بۇ ھېكايىگە قويۇلغان تېما مۇۋاپىق بولماپتۇ. مەن تېخى قىز دوستى قانداق گالۋاڭلىق قىلغاندۇ دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن، ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىنىڭ گېپى چىقىۋىدى مۇشۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش توغۇرلۇق ئېيتىشىپ قېلىپ بىرەر ئىش چىققان ئوخشايدۇ دېسەم گەپ باشقا يەردىن چىقىۋاتىدۇ. ئانىنىڭ چ چ دىكى نامىنى نېمىشقا ئۇنداق ئاتايدۇ؟ ئەقلى بار ئادەم چوقۇم ئانىسىنى ئائىلە ئەزالىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ مېھرىبان ئاپام دېگەندەك ئىسىملارنى قويىدۇ چوقۇم.
چوقۇم مۇشۇ ۋەقەلىك بويىچە ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن «مېنىڭ گالۋاڭ قىز دوستۇم» ئەمەس، ئەكسىچە « مېنىڭ گالۋاڭلىقىم » دەپ ماۋزۇ قوياتتىم.
ھېكايىدىكى مەن، مېنىڭ توغرا دەپ ئولتۇرۋالماي قىز دوستىدىن ئۆزىنى بىلىپ ئالدىغا بېرىپ كەچۈرۈم سوراپ ئۇقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرسە ئەڭ مۇۋاپىق بولغۇدەك.
كەچۈرۈڭلار، قولۇمدىن يېزىقچىلىق كەلمىسىمۇ قالايمىقان بىلجىرلاپ قويدۇم، ئىشقىلىپ بۇ تېما ماڭا شۇنداق تەسىر بەردى.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 11:09 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 464
شۆھرەت: 2715 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2820 سوم
تۆھپە: 1569 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1574 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 602(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ قىزچاق سەل ئالدىراڭغۇ ئىكەن! چۈشەنچە بەرسىڭىز چۈشەنمىگەن بولسا ھەقىقەتەن<<گالۋاڭ>>لىق قىپتۇ. بولسا، بۇ ئەسىرىڭىزدىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جايلىرىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولغۇدەك، ئەسىرىڭىز كورىيەچە پۇراقتا چىقىپ قاپتۇ!
 ئۇ قىزچاق سىزدىن تېخىمۇ بىزار بولۇپ قالمىسۇن! يۇشاق سۆز تاشنىمۇ ئېرىتىۋېتىدۇ...يۇمشاق سۆزلەپ كەچۈرۈم سوراڭ! بەختىڭلارنى خۇدايىم بەرگەي!
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 11:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى