بۇ تېما 203 قېتىم كۆرۈلدى
nijat
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 19
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 571 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 478 سوم
تۆھپە: 250 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 253 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قۇمۇلدىكى بىر قىسىم كونا تۈگمەنلەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-06)
رەسىم:
       

         قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە تۈگمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىغا تەۋە بولغان. چۈنكى 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە جاساقلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈلگەچكە،قۇمۇلنىڭ يەر زىمىنى ۋە قۇمۇلدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى قۇمۇل ۋاڭلىقىغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. شۇڭا غول-ئېقىنلاردا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۈگمەن سېلىشى چەكلەنگەن. پەقەت 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بىشىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يەنى 1867-يىلىدىن كېيىن ئاندىن بىر قىسىم ئوردا ئەمەلدارلىرى ، باي سودىگەرلەر تۈگمەن سېلىشقا باشلىغان. چۈنكى بۇ دەۋردە قۇمۇلدا يۈز بەرگەن ‹بەييەنخۇ يېغىلىقى› قاتارلىق ئىككى قېتىملىق قاچ-قاچتىن كېيىن قۇمۇلدا ئاھالە جىددىي ئازلاپ كېتىپ، تېرىلغۇ يەرلەر تاشلىنىپ،سۇ مەنبەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، چوڭ ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەن . مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنىڭ ئايالى مېھىربانۇ فۇجۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدا كىشىلەرنى يەرلەرنى ئاق تاشلىماسلىققا ، سۇ مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 1910-يىلللارغا كەلگەندە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كېلىپ زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. شۇڭا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈگمەنچىلىك يەنىمۇ تەرەققىي قىلغان. مەخسۇس تۈگمەن،تۈگمەن تېشى ياسايدىغان ئۇستىلار بارلىققا كەلگەن. تۈگمەن تاشلىرى تارانچىدىكى تاش كېسەر دېگەن جايدىن ئېلىپ كېلىنگەن. تارانچىدا ياسالغان تۈگمەن،يارغۇنچاق تاشلىرى تۇرپان،گۇچۇڭلارغىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا شەرقىي ئۆستەڭ ، غەربىي ئۆستەڭ ،قاراسۇ،لەڭگەرلەرنىڭ باش ئېقىنلىرىدىن بوغاز يېزىسىغىچە 60 نەچچە جايدا 80 نەچچە تاشلىق تۈگمەن بار ئىدى. شەرقىي ئۆستەڭ يۇقىرى ئاقيەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ئۆستەڭ بويىغا يۇقىرى ئاقيەر،ئارا ئاقيەر،تۆۋەن ئاقيەر، ئوردا باغ، قاراسۇ، بوياقتۇر،تاشتۇر،قاراڭلا،شۇمشۇق قاتارلىق كەنت-مەھەللىلەر جايلاشقان.
غەربىي ئۆستەڭ سۈيىنىڭ بىر ئۇچى دۈڭگۈرساقا (ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ غەربى) دىن، يەنە بىر ئۇچى ئۈچ قۇرۇل (ۋىلايەتلىك خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ غەربى) دىن باشلىنىدۇ. غەربىي ئۆستەڭنىڭ سۈيى شەرقىي ئۆستەڭنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، ئۇ سۇ بېشى (ھازىرقى ‹تەنيۆ›مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ غەربى) ، ئېزىزىم ، چاھارباغ،يار تۈگمەن، شەھەر ئىچى تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، چاڭغۇ بىلەن قاراڭلا ئوتتۇرىسىدا شەرقىي ئۆستەڭ بىلەن قوشىلىدۇ. قۇشقاچتۇردا غولئۆيلەڭ (لەڭگەردىن ئۆتىدۇ) بىلەن بىرلىشىپ، شامالچاھارباغ، ئەلكى ،چوڭگۇمبات، دۆشتۇر، چوڭتۇر، چۆلتۇر، قارا تال ، بوغاز قاتارلىق مەھەللە-كەنتلەردىن ئۆتۈپ بوغاز يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۇلغۇن، توغراقلىقلارغا قاراپ ئاقاتتى. بۇ جايلاردىكى دېھقانلار مۇشۇ سۇ بىلەن بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ، بۇ تۈگمەنلەرنى ماڭغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىك ئاشلىقىنى تارتاتتى. كېيىنكى كۈنلەردە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئەسلىدىكى بۇلاق-ئېقىنلار قۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى. يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ، شەھەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ ئۆستەڭدىكى سازلىقلار ، غولئۆيلەڭدىكى ياز كۈنى خۇددى يېشىل مەخمەلدەك كۆرۈنىدىغان سازلىقلار، ئۇنىڭ تېگىدىكى تومۇز ئىسسىقتىمۇ ئېرىپ كەتمەيدىغان مۇزلۇقلار (ياز كۈنلىرى شەھەردىكى مارۇژنا قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىك قىلىدىغانلار مۇزنى شۇ جايدىن ئالاتتى) قۇرۇپ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بەزى بۇلاق-ئېرىقلار،ئۆستەڭ بويىدىكى تۈگمەنلەر ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
ئۆتكەندە مەن بىر مەرىكىدە ياشلار بىلەن بىر داستىخاندا بولۇپ قالدىم. ئارىدىن بىرسى تۈگمەنلەر توغرىلىق سۆزلەپ ،‹تاشكۆل تۈگمەن› ، ‹پەن تۈگمەن›، ‹ئوتلۇق تۈگمەن› ، ‹يارغۇنچاق تۈگمەن› دېگەندەك تۈگمەنلەرنى تىلغا ئېلىپ قالدى. مەن ئۇ كىشىدىن ‹بۇ تۈگمەنلەرنىڭ ئورنى قەيەردە؟ قانداق بولۇپ شۇنداق ئاتىلىپ قالغان؟› دەپ سورىسام ئۇ توغرا جاۋاب بېرەلمىدى. بۇ ئىش ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. مەن ئەجەپلەندىم . بۇ تۈنۈگۈنكىلا ئىشلارغۇ ؟ ئەگەر چوڭلار كېتىپ قالسا ، بۇ ئىشلار كېيىنكىلەرگە سىرلىق بىر ئىش بولۇپ قالامدۇ-قانداق؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، يەر ئىسلاھاتى ۋاقتىدا ناھىيىلىك دېھقانلار جەمئىيىتىنىڭ تۈگمەنچىلەر جەمئىيىتىگە رەئىس بولغان نىياز ئاخۇن ئاكامنىڭ تۈگمەن توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىنى بويىچە ئەينى ۋاقىتتا خاتىرلەپ قويغان دەپتىرىمنى مۈشكۈلدە تېپىپ ، بۇرۇنقىسى ئاساسىدا بۇ قېتىم تولۇقلاپ ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
بىرىنچى ، شەرقىي ئۆستەڭنى بويلاپ سېلىنغان تۈگمەنلەر
1. ئەمەت ھاجىنىڭ تۈگمىنى :
ئورنى يۇقىرى ئاقيەردىكى كۆۋرۈكنىڭ ئاستى، ئىسمايىل باقىش ھاجىلارنىڭ كونا ئۆيىنىڭ ئۈستىدە.

2. ھەسەن بالا ھاجىنىڭ قوش تۈگمىنى:
ئورنى ھازىرقى قۇمۇل شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارقىسىغا توغرا كېلىدۇ.

3.ئىبراھىم ئىمامنىڭ تۈگمىنى:
ئورنى ئاقيەردە ، ھازىر گاھىت ئىبراھىملار ئولتۇرۇۋاتقان جايدا.

4. ئىبراھىم سوپىنىڭ تۈگمىنى (يالاڭ تۈگمەن) :
ئورنى تۆۋەن ئاقيەردە ، ھازىرقى ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا.

5.تاللىق تۈگمەن:
ئورنى لەڭگەر،بوياقتۇرلارغا ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنىڭ بويىدا، بۇ بىشىرنىڭ تۈگمىنى (نەزەر ۋاڭ ئوتلۇق تۈگمەن بىلەن تاللىق تۈگمەننى بىنا قىلىپ، ئىككى ئوغلىغا بىردىن بەرگەنىكەن)

6.روزى ئەمەت دېھقاننىڭ تۈگمىنى (ئىمرەمزە ھاجىنىڭ تۈگمىنىمۇ دېيىلىدۇ) :
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ، ئورنى بوياقتۇرنىڭ ئۈستىدە.

7.تارىچىتۇر تۈگمەن:
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ، ئورنى قاراڭلارغا يېتىپ بارغان جايدىكى كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا. تۈگمەن ھۆسۈتۈن ئاخۇن،ئوغلى كىچىك ئاخۇنلارنىڭ .

8.توختى دورغىنىڭ قوش تۈگمىنى:
ئورنى قاراڭلاردىكى ئەمەت ئىشاننىڭ باغچىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كېلىدۇ .

9.چاشقانتۇر تۈگمەن:
بۇ ۋاڭنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ تۈگمىنى بولۇپ، ئورنى چاشقانتۇر مەھەللىسىدىن راھەتباغقا ئۆتكەن چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئىدى. بۇ تۈگمەنگە بۇرۇلۇق چوپاق يۈسۈپ ئاخۇن قارىغان.

10.شۇمشۇقتىكى مەرۇپ ئىسمائىل ئاخۇننىڭ قوش تۈگمىنى:
بۇ ناھايىتى مەنزىرىلىك جاي بولۇپ، ياز كۈنلىرى قۇمۇلدىكى مەشرەپ ، باراۋەت ۋە تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى مۇشۇ جايدا بۇلاتتى.

ئىككىنچى ، غەربىي ئۆستەڭنى بويلاپ سېلىنغان تۈگمەنلەر
1.باش تۈگمەن:
بۇ ئوردىنىڭ تۈگمىنى بولۇپ، بۇنىڭغا ئامان موللا دېگەن كىشى قارىغان. ئورنى لوڭۋاڭمياۋنىڭ ئايىغىدا (ھازىرقى جاغدا مېھمانخانىسىنىڭ غەربىدە)

2.ئارا تۈگمەن:
تۇرسۇن مىراب دېگەن كىشىنىڭ بولۇپ، ئورنى ھازىرقى خەلق باغچىسىدىكى كۆلنىڭ بويىغا توغرا كېلىدۇ.

3.بۇتنىڭ تۈگمىنى:
ئورنى بېيگۇئەندىكى سۇجۇ مەسچىتىنىڭ يېنىدا بولۇپ، چاڭ موزا (ئېگىز بۆك) دېگەن بىر خەنزۇ قارىغان.

4.شېرىف ھاجىنىڭ تۈگمىنى:
كونا چايخانىنىڭ ئۈستىدە ، ئوغلى ئابدۇراخمان ھاجىلار ھازىرمۇ شۇ جايدا ئولتۇرىدۇ.

5.تاشكۆل تۈگمەن:
غايىپ مازارلىق ناسىربەك ، ئابدۇلبەكلەر بىنا قىلغان. ئورنى كونا چايخانىنىڭ ئاستىدا ، دەسلەپتە ئەخمەت ئاخۇن قارىغان. خوتۇنىنىڭ نامى بىلەن قەمبەرخاننىڭ تۈگمىنى دەپمۇ ئاتالغان. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ تۈگمەنگە نىياز ئاخۇن قارىغان. بۇ تۈگمەن ئەينى چاغدا ئوردا تەرىپىدىن تاشتىن كۆل ياسىلىپ ئىچكىرىدىن بىر خىل سۇ ھايۋىنى كالتۈرۈلۈپ بېقىلغان بولغاچقا ‹تاشكۆل تۈگمەن› دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.

6.پەن تۈگمەن:
بۇ ئوردىدىكى تاجىدىن تەيجىنىڭ تۈگمىنى بولۇپ، پەندە سېلىنغانلىقى ئۈچۈن ‹پەن تۈگمەن› دەپ ئاتىلىپ قالغان. ئورنى ئۇۋەس ھاجىلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، كېيىن ئۇۋەس ھاجىلار قارىغان.

7.يار تۈگمەن:
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ، ئورنى يار تۈگمەن مەھەللىدىكى پەتتۇل مۇدىرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا ئىدى (بىر تاشلىقى بوسۇق ئاخۇننىڭ ، بىر تاشلىقى پەتتۇل ئاخۇننىڭ)

8.ئوتلۇق تۈگمەن:
بۇ ئاغدۇل غوجىنىڭ تۈگمىنى بولۇپ، بۇ جايدا چاتقال ۋە باشقا ئوت-چۆپلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ‹ئوتلۇق تۈگمەن› دەپ ئاتالغان.

9.يارغۇنچاق تۈگمەن (قوش تۈگمەن) :
ئورنى ئوتلۇق تۈگمەننىڭ ئاستىدا. ئەمەت قالتىسنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا بولۇپ، بىر تاشلىقى غوجامنىياز ھاجىنىڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇكىسى ئەبەيدۇل ھاجىغا قالغان. يەنە بىر تاشلىقى يۈسۈپ تەيجىنىڭ بولۇپ، كېيىن بۇنىڭغا مەنسۇر غوجا دېگەن كىشى قارىغان. بۇ تۈگمەن دەسلەپتە كىچىك تاشلىق چاققان قىلىپ سېلىنغاچقا، كىشىلەر ئۇنى يارغۇنچاققا ئوخشىتىپ ‹يارغۇنچاق تۈگمەن› دەپ ئاتىغان. كېيىن چوڭ تاشلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

10.سۇ قۇۋۇق تۈگمەن:
ئورنى سۇ قۇۋۇقتىن كۆتەمىگە ئۆتكەن يولنىڭ ئاستىدا. ئابلەي ھاجىلارنىڭ باغچىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، دورا ئېرىقنىڭ سۈيىدە ماڭىدۇ. بۇ تۈگمەن مەدرىسنىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېمىت ئىمام ۋە دادىسى ئابدۇل ئېزىز ئاخۇنلار قارىغان.

11.زىكيا ھاجىنىڭ تۈگمىنى(مەرۇل پەششاپنىڭ تۈگمىنىمۇ دېيىلىدۇ) :
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ، ئورنى ئاپپاقتۇردا يەنى ھازىرقى ئەمەت نەمتۇللا ئولتۇرۋاتقان جايدا ئىدى. بۇ تۈگمەنگە ئاقبەك (كېيىن بۇ كىشى نەمتۇل پومېشچىك دەپ ئاتالغان) بالىلىرى بىلەن قارايتتى.

12.يۇنۇس تەيجىنىڭ تۈگمىنى:
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ، ئورنى تالىپ خېتىپلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا. بىر تاشلىقى يۇنۇس تەيجىنىڭ بولۇپ، ئوغلى كىچىكبەك قارىغان. يەنە بىر تاشلىقى تالىپ خېتىپنىڭ ئىدى.

13.ئېلىھشاھ بەگنىڭ تۈگمىنى:
بۇ تۈگمەن 1946~1947-يىللىرى ۋەيران بولغان. كېيىن ئىمىن ئۇستا (ئەلا ئۇستا) بۇ جاينى ھۆكۈمەتتىن سوراپ ئېلىپ قايتا تۈگمەن سالغان. كېيىن بۇ ئەلا ئۇستىنىڭ تۈگمىنى دەپ ئاتالدى.

14.تۆت تۈگمەن:
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ يۈسۈپ پاششاپنىڭ تۈگمىنى، بۇنىڭغا سالى سوپا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، باسىت ئاخۇنلار قارىغان. ئورنى باسىت ئاخۇن ، سالى سوپىلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا . بۇ تۈگمەننىڭ ئاستى ۋە ئۈستى تەرىپىدە قاتار تۆت تۈگمەن بولغاچقا تۆت تۈگمەن دەپ ئاتالغان.

15.ئاخۇنبەك غوجىنىڭ تۈگمىنى:
بۇ يالاڭ تۈگمەن بولۇپ، ئەسلى ئاخۇنبەكنىڭ ئىدى. كېيىن ئىمىن شياڭجاڭ يېڭىدىن سالغان. شۇڭا بۇ يېڭى تۈگمەن دەپمۇ ئاتالغان.

16.ئاخۇنبەك غوجىنىڭ قوش تۈگمىنى:
ئورنى راھەتباغ سۇ ئامبىرىدا. بۇ تۈگمەنگە دۇگامەت ئۇستا قارىغان.

17.ئاقتۇر تۈگمەن:
بۇ قوش تۈگمەن بولۇپ (يۇنۇس تەيجىلەرنىڭ بولسا كېرەك). ئورنى ئەسلىدىكى راھەتباغ گۇڭشې ئىشخانىلىرىنىڭ يېنىدا. بۇ تۈگمەنگە چاڭغۇلۇق يارى ئۇستا قارايتتى. بۇ جايدا ئاق تۇرا دەپ بىر تۇرا بولغاچقا بۇ تۈگمەن ئاقتۇر تۈگمەن دەپ ئاتالغان.

يۇقىرىقى تۈگمەنلەردىن باشقا شەھەر ئىچىدە مەگەش ئېرىقنىڭ سۈيىگە سېلىنغان مەۋۇل سوپىنىڭ قوش تۈگمىنى بار ئىدى. ئورنى دورىلىقتىكى مەۋۇل سوپىنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا سۇلايمان كۆنچىنىڭ يالاڭ تۈگمىنى بار ئىدى.
ئورنى ھازىرقى ياچى بوسۇقلارنىڭ باغچىسىنىڭ ئىچىدە. ئۇنىڭ ئاستىدا گالى ھاجى،ئەبەيدۇل ھاجىلارنىڭ قوش تۈگمەنلىرى بار بولۇپ، ئورنى ھازىرقى ياچى بوسۇقلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئايىغىدا ئىدى
.
بۇنىڭدىن باشقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل 8-پولكى قۇمۇلدا تۇرغاندا (1940-يىللاردا) چوقايتۇردا يوفاڭ تۈگمەننىڭ ئورنىغا چاقپەلەكتە ئايلىنىدىغان زاۋۇت تۈگمەن دەپ ئاتىلىدىغان زامانىۋى تۈگمەن ياسالغان. ئورنى ھازىرقى چوقايتۇر مەسچىتنىڭ يېنىدا .

ئۈچىنچى ، قاراسۇ، لەڭگەر ،شامالچارباغ ،تۆۋەنتۇر، بوغازلاردىكى قول-ئېقىنلارنى بويلاپ سېلىنغان تۈگمەنلەر :
1. نەمەت ئاخۇننىڭ تۈگمىنى .
2.ياسىن ئۇستامنىڭ تۈگمىنى .
3.مارەك شېيىخنىڭ تۈگمىنى.
4. لەڭگەر مەھەلىدىكى جولۇڭ موللا ئاخۇننىڭ تۈگمىنى .
5.لەڭگەر غوجامنىڭ شەرقىدىكى سېرىقسۇ تۈگمەنلەر، بۇ تۈگمەننىڭ ئۈستى تەرىپىدە مامۇت شېيىخنىڭ تۈگمىنى بار.
6.نىياز ئىمامنىڭ تۈگمىنى .
7.رېھىم بوۋىنىڭ تۈگمىنى .
8.ئابدۇل ئۇستىنىڭ تۈگمىنى.
9.شوتۇر دېگەن جاينىڭ باش تەرىپىدە توختى دورغىنىڭ تۈگمىنى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئوغلى ھاپىز ئاخۇن،ئاۋۇت شېيىخلار قارىغان (قوش تۈگمەن) .
10. شوتۇردا زىكيا ئىمامنىڭ تۈگمىنى (قوش تۈگمەن)
11.جۇرۇغدايدىكى ئەمەت ھاجىنىڭ تۈگمىنى (قوش تۈگمەن)
12.چوپاقتۇردىكى يۇنۇس ھاجىنىڭ تۈگمىنى (قوش تۈگمەن)
13.پەروزانتۇردىكى يارى ھاجىنىڭ تۈگمىنى (قوش تۈگمەن)
14.ئەلكى پادىچىتۇردىكى ئاخۇنبەك غوجىنىڭ قوش تۈگمىنى.
15.داشمان ئېرىقىدىكى ئوردىنىڭ قوش تۈگمىنى.
16.چوڭ گۇمباتتا يارى دورغىنىڭ قوش تۈگمىنى.
17.دۆشتۇردا كۆككۆز مەمەتنىيازنىڭ تۈگمىنى (قوش تۈگمەن)
18.توخۇتۇردا ھاجى ئۇستامنىڭ تۈگمىنى (يالاڭ تۈگمەن)
19.توخۇتۇر زارەتلىكىنىڭ يېنىدا ئۇلۇغ ئېرىققا سېلىنغان مەدرىسنىڭ تۈگمىنى، بۇ تۈگمەنگە غىياسىدىن بوۋاي قارىغان (يالاڭ تۈگمەن) .
20.قۇمتۇردا ئالتۇنلۇق ئىبراھىم ھاجىلارنىڭ قوش تۈگمىنى، بۇنىڭغا ئابدۇكېۋىر سوپىلار قارىغان.
21.چوڭتۇردا ئىبراھىم بوۋىنىڭ تۈگمىنى. بۇنىڭغا ھاپىز ئاخۇن قارىغان (يالاڭ تۈگمەن) .
22.چوڭ تۇرا بىلەن چۆلتۇر ئارىلىقىدا موللاتۆمنىياز بوۋىنىڭ قوش تۈگمىنى.
23. تازتۇردا مەمەتنىياز ئىمامنىڭ تۈگمىنى.
24.قاراتالدا ھەمدۇل موللامنىڭ تۈگمىنى.
25.قاراتالدا ۋاڭنىڭ جۈپ تاشلىق تۈگمىنى بولۇپ، ۋاڭدىن كېيىن يۇقىرى ئاقيەرلىك ئەسەتخان ئېلىپ،تۈگمەن شۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن (قوش تۈگمەن) . بۇ تۈگمەنلەرگە قاراتاللىق يارى شاڭجاڭ قاراپ ئۆتكەن.
26.بوغازنىڭ ئاققۇم دېگەن يېرىدىكى باسىت پالۋاننىڭ قوش تۈگمىنى.
27.بوغازنىڭ تارغول دېگەن يېرىدىكى تۇرسۇن ۋەلى،مەمەتنىياز ۋەلى ئاكا-ئۇكىنىڭ جۈپ تۈگمىنى.

بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى بوغازدا تۆمۈر خلپىنىڭ تۈگمىنى بولغان.1960-يىللاردا بوغاز ئامبارنىڭ سۈيىگە داۋادا ئىككى جۈپ قوش تۈگمەن سېلىنغان. كېيىن،توك تۈگمەنلەرنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ تۈگمەنلەر ئىشلىتىلمىگەن.
يۇقىرىقى تۈگمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۈزدە يەرلەرگە توڭ ياتقۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تارتىپ قىشقىچە يەنى ئەتىيازدا ئېتىزلارنى سۇغارغىچە تەخمىنەن يېرىم يىل ماڭغۇزۇلاتتى. بىر ئاشلىق تۈگمەن بىر سوتكىدا بىر دادەندىن 1.2 دادەنگىچە بۇغداي ، ئەگەر كۆممىقۇناق بولسا شۇنىڭ يېرىمىغىچە ئۇن تارتقىلى بۇلاتتى. تۈگمەنچى بىر دادەن بۇغدايدىن بەش شىڭ ،كۆممىقۇناقتىن بىر كۈرە غەللە ئالاتتى، بىر تاشلىق تۈگمەندىن يىلدا 10~12 دادەنگىچە غەللە يىغىلاتتى. شۇ چاغلاردا شىڭ، كۈرە ، دادەن ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنغان بولۇپ، 10 شىڭ بىر كۈرە ، 10 كۈرە بىر دادەن ، تەخمىنەن 440~450 جىڭ بۇلىدۇ.

ئاپتورى : ئابدۇكېرەم رېھىم
‹شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى› ژورنىلىدىن ئېلىندى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-29 03:26 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 138 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 138 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر مۇشۇ تۈگمەنلەرنىڭ قانچىسى قالغاندۇ  !!!!!1
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-06 22:35 |
kaga
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قاراتال تەۋەسىدە بىر تۈگمەننىڭ يېقىنقى يىللارغىچە ساقلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم  .
مەندە تۈگمەن تېشىدىن بىرنەچچىسى بار .  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-10 17:44 |
aybulak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 171
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ  چوڭ ئۆينىڭ ئالدىدا كونا تۇگمەن تېشىدىن ئىككىسى بار بولۇپ بۇلتۇر ئاسارە-ئەتىقە يىققۇچى ياش يىگىتكە 500 يۇئەنگە ساتمىغان ئىدۇق.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 15:36 |
gang
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 209
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

16.چوڭ گۇمباتتا يارى دورغىنىڭ قوش تۈگمىنى.
بۇ بوۋامنىڭ تۈگمىنىكەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 21:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى