turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 3670 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 658
شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 1946-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى

-يىلى موللا راجى ، 1912-يىلى تۆمۈر خەلىپە ،1931- خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغان قۇمۇلنىڭ غەرىبىي تاغ رايۇنىدا ،1946-يىلى 8-ئايدا ،سىيىت باتۇر ،ئونانباي باتۇر ،دۆلەتخان باتۇرلار باشچىلىقىدا دېھقانلار گومىنداڭنىڭ دەھشەتلىك ئېزىشى ۋە باستۇرۇشىغا قارشى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى ئاز، دائىرىسى ئانچە كەڭ بولمىسىمۇ ئۇنىڭ قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ .
 گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تېنىچلىق بېتىم ئىمزالاپ ئۇزاق ئۆتمەي ،ئوسمان ئىسلام ئۈچ ۋىلايەتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتىدۇ -دە ،كونا ئادىتىنى ئىشقا سېلىپ ،بارىكۆلگە كېلىپ خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ .قۇمۇل ۋالىيسىلى لاڭشىڭ ،ناھىيە ھاكىمى چېن شۇ پىڭلار تاغ رايۇنىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە غەرىبىي تاغ رايۇنىدا ئۆزىنى قوغداش مەقسىتىدە مىلتىق ،ئوق-دورا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىككى ئەترەت تۈزۈپ ،سىدىق دېگەن كىشى بىلەن نۇرغالىلارنى بۇ ئىككى ئەترەتكە باشلىق قىلىدۇ ،لېكىن قوشۇن يۆتكەش ،ئۇرۇش بۇيرىقى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا يېزا باشلىقلىرىدىن سېيىت باتۇر بىلەن ئونانباي باتۇرلارنى مەسئۇل قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە بۇلاڭچىلار قۇمۇلنىڭ غەرىبىي تاغ رايۇنىغا كېلىپ 800يۈزدىن ئارتۇق قوي ،50 تۆگە ،40 ئات ،80 كالىنى بۇلاپ كېتىدۇ .ئونانباي باتۇر قىسىملىرىنى يىغىپ ،بۇلاڭچىلاردىن بۇلانغان ماللارنى قايتۇرۇپ كەلسە گومىنداڭ ھەربىيلىرى ماللارنى تارتىۋالىدۇ .
   1946-يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى قۇمۇلدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ساڭ فامىلىلىك ئۇيغۇر ،قازاق تىلىنى بىلىدىغان بىر پەيجانى يېزىغا ئەۋەتىدۇ ، ئۇ «كۆشۈتىدە يىغىن بار ،ئونانباي باتۇرنى يىغىنغا چاقىرىپ كەلدىم . باتۇر سەكسەن تۆگە ئوتۇن ئېلىپ كېلىشى كېرەك » دەيدۇ .ئونانباي بۇ پەيجاڭنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ ،ئۇنى سوراق قىلغاندا ئۇ ئەسلىدە ،ئونانباي كەلسە ئېلىپ كېلىش ،كەلمىسە ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ .ئەتىسى ئونانباي يۇرت خەلقىنى تەڭرىتاغنىڭ تۆمۈرتى دېگەن كەنتىگە كۆچۈشنى ئۇقتۇرىدۇ . ساڭ پەيجاڭنىمۇ بىر گە ئېلىپ ماڭىدۇ .دەل شۇ چاغدا دۆلەتخان سېيىت باتۇرغا گومىنداڭنىڭ بىر لىيەن ئادىمى ئونانباينى يولدا توسۇپ ياتقانلىقىنى ئېيتىدۇ .ئەھۋالدى خەۋەر تاپقان ئونانباي ساڭ پەيجاڭنى ئېتىۋېتىدۇ .سېيىت باتۇر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرىنى ئونانبايغا ياردەمگە ئەۋەتىپ ،ئۆزى 40 ئەسكەر بىلەن دۇشمەننىڭ يۇرتقا كىرىش ئېغىزىنى توسۇپ تۇرىدۇ .كەچ كىرگەندە كۆشۈتىدىكى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ .دۈشمەن چېكىنىدۇ .كېيىن قوزغىلاڭچىلارمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن گومىنداڭنىڭ قۇمۇلغا ئورۇنلاشقان 178-لۈيى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭچىلارنى قورشاپ يوقىتىش جېڭى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتلىق تۈەننى ئىشقا سالىدۇ .ھەر قېتىملىق جەڭدە قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە بوي بەرمەيدۇ .1946-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتخان 20ئاتارلىق بىر ماۋزۇر ،بىر دانە تاپانچا ،يېتەرلىك ئوق ئېلىپ ،سېيىت ۋە ئونانباي باتۇرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ،ئۆزىنىڭ دۈشمەنگە ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ .8-ئاينىڭ 10-كۈنى گومىنداڭنىڭ بىر ئۆفىتسېرى بىر قانچە ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ كېتىۋاتقاندا قوزغىلاڭچىلار ئوفىتسېرنى ئېتىپ تاشلايدۇ .يەنە 178-لۈينىڭ 30 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئولتۇرغان ماشىنىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ،ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . شۇ كۈنلەردە گومىداڭنىڭ قۇمۇلدىكى ساقچى باشلىقى خالىق ۋە يۈسۈپ مۆمىنلەرنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ۋە نەسھەت قىلىشقا چىقىرىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ گومىنداڭغا قارشى ھەركەت قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە قوزغىلاڭچىلار 300 دىن ئاشقان بولۇپ ،150 كىشىنى سېيىت باتۇر ،150 كىشىنى ئونانباي باتۇر ئېلىپ تاغنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ دۈشمەندىن مۇداپىئىلىنىدۇ . يۈسۈپ مۆمىن قوراينى ساقلاشقا قالىدۇ . بۇ ئەھۋال قۇمۇل ۋىلايىتىنى زىلزىلگە سالىدۇ .شۇ چاغدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، بۇرھان شەھىدى ،ئابدۇكېرىم ئابباس ،زاكاشىن باشچىلىقىدا ۋەكىل ئەۋەتىپ ، گومىنداڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرسىدا ئالتە ماددىلىق سۈلىھى تۈزۈپ ۋەقەنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سېيىت باتۇر ، ئونانباي باتۇر ۋە دۆلەتخان باتۇرلار ئىلىغا كېتىدۇ .
 
                                                         سېيىت باتۇر
 
 سېيىت باتۇر قۇمۇل كۆشۈتىلىك بولۇپ ،1915-يىلى تۇغۇلىدۇ ،1931-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر لىيەنىدە مۇھاپىزەتچى بولىدۇ . خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدۇ .كېيىن كۆشۈتىگە يېزا باشلىقى بولىدۇ .1946-يىلى 8 -ئايدا كۆشۈتى خەلقنىڭ گومىنداڭغا قارشى كۆرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ .1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا بارىدۇ .ئۇ يەردە قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلى قۇمۇل ناھىيىسىگە ھاكىم ،كېيىن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ .تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قامىلىدۇ .سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ ،نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1980-يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ .
 
                                                           ئونانباي باتۇر
 
 ئونانباي باتۇر ،قازاق ،قۇمۇل غەرىبىي تاغدا 1919-يىلى تۇغۇلۇپ ،1930-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . 1939-يىلىدىن 1943- يىلىغىچە غەرىبىي تاغ رايۇنىدا مۇئاۋىن رايۇن باشلىقى بولىدۇ .1944-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە يەرلىك قوراللىق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دۈيجىڭى بولىدۇ .1946-يىلى 8- ئايدا يۇرت خەلقنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە 1946-يىلى 12- ئايدا غۇلجىغا بېرىپ ،قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلى 1-ئايدا بارىكۆل ناھىيسىگە مۇئاۋىن ھاكىم ،1952-يىلى 12 -ئايدا ئۈرۈمچى پاختا توقۇلما ماللار شىركىتىنىڭ جىڭلىسى ،1954- يىلىدىن 1984-يىلىغىچە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسى خەلق ئىشلار بۆلۈم باشلىقى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ . 1955-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ .1990-يىللاردا قازا قىلىدۇ .
 
                                                           دۆلەتخان باتۇر
 
 دۆلەتخان باتۇر 1910-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلۇپ ،چۆچەكتە خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ .1936-يىلى شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي مەكتىپىنىڭ مال دوختۇرلۇق بۆلىمىدە ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،قۇمۇلدا 178-لۈي ئاتلىق تۈەن ھەربىي دوختۇرخانىدا باشقارما باشلىقى بولىدۇ .1946-يىلى كۆشۈتى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ،1947-يىلى 12 -ئايدا غۇلجىغا بارىدۇ ۋە غۇلجىدا قۇمۇل باتۇرلىرى دېگەن نام بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ھەربىي رايۇن سىياسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،1953-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ .1990-يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ .
 
 
 مەنبە:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر»
 
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-31 19:20 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي باتۇرلۇرۇم...سىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز...
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 19:24 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 490 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىلىغا  بېرىپ قومۇل باتۇرلىرى دىگەن نام  بىلەن ئاتىلىشى  شەكلى ئۆزگەرگەن سۈرگۈن قىلىشتىن  ھىچ پەرقى يوقكەنتۇق . تاغدىكى يولۋاسنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا سولاپ قويغاندەكلا ...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 21:25 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ سېيىت باتۇرنىڭ كىلىپ چىقىشى سەل قاراڭغۇ ئدى.رەخمەت
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 22:58 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 665 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 665 سوم
تۆھپە: 397 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى arsilanدە2011-01-31 21:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىلىغا  بېرىپ قومۇل باتۇرلىرى دىگەن نام  بىلەن ئاتىلىشى  شەكلى ئۆزگەرگەن سۈرگۈن قىلىشتىن  ھىچ پەرقى يوقكەنتۇق . تاغدىكى يولۋاسنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا سولاپ قويغاندەكلا ...


بۇ ئىنكاسنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدىم :
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-01 01:39 |
tianshanparz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 199
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەزمۇنلار< ئويغانغان زىمىن>رومانىدا بارغۇ!ئۆتمۈشنى ئەسلەتكىنىڭىزگە رەخمەت
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 00:07 |
arsilan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 825 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 490 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئىنكاسنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدىم :
دىگەنگە...



مەنمۇ چۈشەنمەيلا يازغان ئوخشايمەن..كەچچۈرۈڭ ھە  
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 00:20 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 658
شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى apandimدە2011-02-01 01:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


بۇ ئىنكاسنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدىم :

مەن چۈشەنگەندەك قىلىۋاتىمەن .تور يۈزىدە دىگىلى بولماس .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 00:32 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 319
شۆھرەت: 1735 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1751 سوم
تۆھپە: 1015 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1019 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆكۈمدارلار خەلقنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولىدۇ، تېنچ زاماندا تېنچ جەڭ بولىدۇ.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 00:58 |
sardar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 495 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 495 سوم
تۆھپە: 295 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 295 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭمۇ يۇرتىمىزنىڭ ئۆز  تارىخىنى تولۇق بىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، رەھمەت سىزگە.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-22 08:16 |
taraza
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سېيىت باتۇر قۇمۇل كۆشۈتىلىك ،كېيىن كۆشۈتىگە يېزا باشلىقى -----بۇ سەل خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە تەڭرىتاغ يېزا نەرناسۇ كەنتتىنغۇ دەيمەن ،بۇنى يازغان كىشىى ئىزدىنىپ باقسا    
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-12 02:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى