turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1050 قېتىم كۆرۈلدى
tatlikuygur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5178
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 84 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 49 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كەچۈرۈڭ تاتلىق خۇتۇن مەن ئەيدىس(ھېكايە)



چۇقۇم تولۇق ئۇقۇپ چىقىڭ!

 

              كەچۈرۈڭ تاتلىق خۇتۇنۇم، مەن ئەيدىس(ھىكايە)

ئاپتورى:ئابدۇراخمان،تاتلىق ئۇيغۇر 

 
مەن توي قىلىدىم. ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،ھەم سۆيىدىغان،مىنىمۇ قەۋەتلا ياخشى كۆرىدىغان،لايىىقىم بىلەن توي قىلدىم.مەن شۇنداق بەخىتلىك، كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىلىك.مەن ئوقىمىغان بولغاچقا مۇقىم خىزمىتىم يوق ئىدى.ئۆزەمنىڭ تىرىشچان،ئوڭلۇق مىجەزىم بولغاچقا،تىجارىتىم بەك ئوبدان ئىدى.باشقىلار مۇقىم خىزمەتنى بەك چوڭ بىلسە كىرەك.باشقىلارنىڭ خىزمىتى بار كىشلەرنى چوڭ بىلگەننى كۆرسەم، ئۆزەمچە ئاچىقلىنىپ قاللاتتىم.نىمىشقا دەمسىز؟چۈنكى ئوقىغان زىيالى، بىلىملىك، مۇقىم خىزمەتلىك كىشلەر توغرىلىق نۇرغۇن بولمىغۇر ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان، ھەم ئوقۇغان مەن. بىر ھىكايىدە ئۆزىنىڭ قىزىدەك بىر قىزبىلەن ئاشنا ئويناپتۇ دىسە؛ يەنە بىر ھىكايىدە،دادىسى بىلەن تەڭ قۇرداش ئادەم بىلەن ئاشنا ئويناپتۇ دىگەندەك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۇقىغانمەن.ئۆزەم ئوقىمىغان بولغاچقا مۇنبەردىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيتۇم.شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىم ۋە ئەدەپ ئەخلاق يىتىلدۈردۈم. شۇڭلاشقىمىكىن.ئاشۇنداق ئوقىغان، بىلىملىك، مۇقىم خىزمەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىدىن سىرت يەنە ئاقكۆڭۈل كىشلەردىن پارا  يەيدىغان، ئاتالمىش «زىيالى» كىشلەرنى قەتئىي ياراتمايتىم.مېنىڭ راسچتىل سەمىمى تىجارەت قىلىش پىرىنسىپىم ئارقىلىق ئايدا بەشمىڭ سوم كىرىم قىلالايدىغىنىم ئېنىق ئىدى.شۇڭلاشقا ئاشۇ زىيالى كىشلەر بىر ئايدا تاپقان پۇلنى مەن 15 كۈندە تاپالايتىم.تاتلىق ئايالىم بىلەن مەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش قۇردۇق بىر-بىرمىز بىلەن تا ھازىرغىچە،ئۇرۇشۇپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن.يول ماڭساقمۇ شۇنداق تەبى پاراڭلىشىپ ماڭاتتۇق.قىزلار ئۇغۇللاردىن سەل رومانتىك بۇلامدۇ؟! بۇنى بىلمەيمەن،
يول ماڭغان ۋاقىتلاردا دائىم،قولۇمغا ئېسلىۋالاتتى.ئايالىمغا شۇنداق ئامراق بولساممۇ بۇ نىڭغا قەتتى كۆنەلمەيتىم.چۈنكى، بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرلاردەك يول مىڭىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ مۇشۇ قول تۇتۇشۇپ مېڭىشلىرىمىزنى باشقا كىشلەر كۆرسە «ئۇيغۇر دېگەن ئاشۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ قالىدۇ دەپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىلى ئۇنىمايتىم. ئۇمۇ ئەركىلەپ،ياق ئۇنداق بولمايدۇ،مەن دىگەن سىزنىڭ ئايالىڭىز،باشقىلار قانداق ئويلاپ قالسا بىزنىڭ نىمە ئىشمىز دەپ قولۇمنى مەجبۇر تۇتقۇزۇپ قوياتتى.مەنمۇ ئادەم يوق يەرلەرگە كەلگەندە ئايالىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭاتتىم.بىز شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقىتلاردا ئايالىمنىڭ بويىدا قالدى. مەن چەكسىز خۇشال بولدۇم، ئايالىممۇ مەندىن بەكرەك خوش بولغان ئىدى.بىز دائىم ئاخشاملىرى بالىمىزنى قانداق بېقىش توغرسىدا قىز ئوغۇل توغرسىدا دىگەندەك قىزغىن ئەركىلىشىپ پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق.تاتلىق خۇتۇن سىز قىزتۇغامسىز،يا ئوغۇل تۇغامسىز؟
-بىلمەيمەن.خۇدا قىز بەرسە قىز تۇغىمەن ئۇغۇل بەرسە ئۇغۇل.
سىزچۇ قىز تۇغۇشىمنى خالامسىز،يا ئوغۇل تۇغۇشۇمنىمۇ؟
-مەنمۇ ياراتقان ئىگەم قايسىنى بەرسە شۇنى ياخشى كۆرىمەن.
-ئۇنداقتا قىز تۇغۇپ قالسام ئىسمىنى نىمە قويساق بۇلا؟
-قىز تۇغۇپ قالسىڭىز ئىسمىنى مۇسلىمە قويايلى. ئۇغۇل تۇغۇپ قالسىڭىز ئىسمىنى مىرزى قۇش قويىمەن دەيتىم.
-نىمە مىرزىقۇش ؟
شۇنداق مىرزىقۇش.
-ياق مەن ئادەم تۇغىمەن قۇش تۇغمايمەن. ھې ھې ھې....ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-ئۇنداق ئەمەس مىرزىقۇش دىگەن ئىسىم ھەرگىز قۇشنىڭ ئىسمى ئەمەس بۇ ئىسىم
بۇرۇن بىزنىڭ خاندانلىق دەۋرىمىزدە ئىسمايىل خاننىڭ بىر جەسۇر تالانتلىق ئەسكىرى بۇلۇپ بۇ ئىسىمنى،جاللات خېنىم رومانىدىن ئاڭلاپ بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇڭلاشقا ئەگەر ئايالىم ئۇغۇل تۇغۇپ قالسا مۇشۇ مىرزىقۇش دىگەن ئىسىمنى ئوغلۇمنىڭ ئىسمى قىلىمەن دەپ ئويلايتىم.
-ياق-ياق .ئۇئىسمنى ھەرگىز قويمايمەن.نەدە ئۇنداق ئىسىم با ئۆزىڭىز بالا تۇغۇپ شۇ ئىسىمنى قويۇڭ دەپ ئاچچىقلاپ كىتەتتى.
-ماقۇل ئەمسە ئوغلىمىزنىڭ ئىسمىنى نىمە قويىمىز؟

-ئېھسان.ئوغۇل تۇغۇپ قالسام ئىسمىنى ئېھسان قويىمەن.
-ھە بۇمۇ بولىدىغان ئىسىمكەن.دەپ ئامراق ئايالىمنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدىغىنىمنى بىلدۈردۈم.
شۇنداق قىلىپ تۇرمىشىمىز شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاتاتتى.ئاتا-ئانىمىزمۇ بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ بىزدىنمۇ  خوش بۇلۇپ نۇرغۇن تىلەكلەرنى تىلىدى.
قىزلارنىڭ بويىدا قالسا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇپ كىلىدىغان قائىدە بار بولۇپ ئايالىمغا چىدىمىساممۇ، ئاپىسنىڭكىگە ئاپىرىپ قويدۇم.بىز بىر يۇرتلۇق بولمىغاچقا ئايالىمنىڭ يېنىغا دائىم بارالمايتىم.يەنە كېلىپ تىجارىتىم ئىشتىك بولغاچقا ئالدىراش ئىدىم. قولۇمدىكى ماللار تۈگەپ ئۈرۈمچىگە مالغا بارماقچى بولدۇم.ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن دوستلۇرۇم بولغاچقا،ئاغىينە باللار،چاققان كىلىشىمنى ئېيتتى.مەنمۇ ئۈرۈمچىگە چۈشۈمگىلا ئاغىينىلەر ئالدىمغا چىقتى.ھەممىسى بىلەن قۇچاق لىشىپ كۆرۈشتۈم. بۇيەردە تىجارەت قىلۋاتقانلارمۇ،ئوقىۋاتقان دوستلۇرۇممۇ بار ئىدى.بالىلار بىلەن ياتاققا كىرىپ ھالمۇڭ بۇلۇپ تاماق يەپ دىگەندەك بىر كۈن ئۆتتى.بىر دوستۇم بۇلدىغان، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولغاچقا مىنى ئايرىم مىھمان قىلماقچى بولدى.مەنمۇ بۇ دوستۇمغا قەۋەتلا ئامراق بولغاچقا قۇشۇلۇپ.مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنغا باشلاپ كەلدى.مەن ئەزەلدىن بۇنداق جايلارنى ياقتۇرمايمەن.
ئاداش سەن بىلسەنغۇ مەن ئەزەلدىن بۇنداق جايلارغا كەلمەيمەن.
-ۋاي ئاداش بىلىمەن خاتىرجەم بۇلە مەن سىنى قالايمىقان يەرگە باشلىمىدىم دەپ قۇلۇم دىن تارتىپلا بىر قاڭسۇق پۇرايدىغان ئايرىم خانىغا ئەكىردى.كۆڭلۈم تاتمىغان بولسىمۇ دوستۇمنىڭ بايامقى پىكىرىنى رەت قىلغۇم كەلمەي زورىغا كىردىم.
ئۇ ئۆزىگە ئىچىملىك ئېلىپ مىنىڭ قانداق ئىچىملىك ئىچىشىمنى سورىدى.
مەن كەيىپ قىلمىغان بولغاچقا قارقات .ئىچىملىكى ئىچەي دىدىم.
-ۋاي ئاداش نەدىكى قىزبالنىڭ ئىچىدىغان نەرسىسىنى ئىچمەن دەيدىكەنسەن باشقىنى ئىچە.

-ياق ئاداش باشقىنى مەن ئىچەلمەيمەن،دەپ چىڭ تۇرۋالدىم.خېلى زورلىغاندىن كىيىن.
- بوپتۇ ئاداش. ئەمسە قىزىل كالىدىن تۆتنى بىرىڭ دەپ ئىچىملىك ساتقۇچىغا جىكىلەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتۇق. بىردەمدىن كىيىن تاماق ئىچىملىكلەر كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بۇلغان بولغاچقا خېلى ئۇزۇن ھالمۇڭ بولدۇق .
-ئاداش سىنىڭ تويۇڭغىمۇ بارالمىدىم.مەندىن رەجىمەسلىكىمنى ئېتتى.
-مەنمۇ ئاداش ئۇ ۋاقىتتا سىنىڭ ئەھۋالىڭ ماڭا ئايان تۇرسا دەپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاردىم.
دىمىسىمۇ  مەن توي قىلغان ۋاقىتلاردا بۇ ئاغىينەم ئازراق ئىش چىقىرىپ قۇيۇپ تۇرمىدە جازا ئۆتەۋاتاتتى.
بىردەم ئولتاغاندىن كىيىن،ئىشىك چىكىلىدى. -كىرىڭ دىگەن ئاۋاز بىلەن ئىككى قىز كىرىپ كەلدى.ئەمدى كەلدىڭلارمۇ نەۋاق سىلەرنى ساقلىغىلى جەنۇبتىن ئەڭ يېقىن دوستۇم كىلىدۇ دەپ دىدىمغۇ سىلەرگە، بەك ساقلاپ كەتتۇق سىلەرنى دىيشىگە،
خاپا بولماڭچۇ،شۇ سىزگە ۋەدە بەرگەچكە، باشقىلار جىق پۇل بىرەيلى دىگەن ئىدى،بىزشۇ سىزنى دەپ كەلدۇق دەپ نازلىنىپ ئەركىلىدى.
-ھە شۇ يەرلىرىڭلارنى دەيمەن ئەمەسمۇ سىلەرنىڭ. ھە بوپتۇ بۇنىڭدىن كىيىن ئەمدى كىچىكىپ قالساڭلار سىلەرنى تونىمايمەن جۇمۇ!
-ماقۇل دىگەن ئىشارەت قىلىپ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇشتى.
ھە ئەمسە سىلەرنى تۇنۇشتۇرۋىتەي،ماۋۇ ئاغىينەمنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان مىنىڭ بالا ئاغىينەم.كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان.
بۇياق مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىسمى ئاينۇر،بۇياق بولسا ئىسمى گۈلنۇر ھەر ئىككىلىسى يېقىن دوستۇم. تۇنۇشۇپ ئۈتىشىمىزنى ئۆتتى. ئەلۋەتتە بولىدۇ دەپ كۆزلىرىمىنىڭ ئىچىگە نۆۋەت-نۆۋەت بىلەن قارىۋەتتى.مەن قىزارغان ئاناردەك يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.  ئاداش ئەركىن ئولتىرە بىزدىگەن ھەممىمىز دوست تارتىنمىساڭمۇ بولىدۇ دىدى.  لەۋلىرىمنى چىشلەپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ماقۇل دەپ ئاستا جاۋاپ بەردىم.
قىزلاردىن بىرى تارتىنغىنىمنى بىلۋالدى بوغاي، ۋۇيەي جېنىم بىز سىزنى دەپ كەلدۇق جۇمۇ،بىز ئادەم يىمەيمىز دىگىنىچە كىلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى.تارتىنىشتىن تەرلەپ بىر تۈكۈمدىن مىڭ تەر چىقىپ كەتتى.ھەرخىل سۇرۇننى قىزتىش ئۈچۈن ئېيتىلىۋاتقان ھەرخىل بولمىغۇر گەپلەر ئۆزەمنى شۇنداق تۇتۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ بۇ سۇرۇندىكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك چاقچاقلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ قىزىپ قالدىممۇ بىلمىدىم ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.گەپ قىلىپ ئولتۇردۇم،بىر ۋاقىتتا سۇرۇن خېلى ئەۋجىگە چىقىتى بولغاي ئۇسۇل ئويناشقا چۈشۈپ كەتتى.بايامقى قىز قۇلۇمنى تاتقان پېتى بوينۇمغا گىرە سېلىپ قۇلۇمنى بېلىنى تۇتقۇزۇپ تاڭسىغا چۈشۈپ كەتتۇق. كاللامدا مەن بۇنداق ئۇغۇل بالا ئەمەس مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق ئايالىم بار،دەپ ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشىنى،ئۆزەمگە ئەسكەرتتىم. مىنىڭ يىگىتلىك غورورۇم بۈگۈن دەپسەندە بۇلۋاتىدىغۇ. ئىچىمنى نەچچە يۈزمىڭلىغان قۇرۇت چېقىۋاتاتتى. مىنى مۇشۇ سۇرۇنغا باشلىغان ئادەم قىلىپىدىن چىققان دوستۇمنىڭ بايامقى بىر قىز بىلەن ئىرمىشىپ چىرمىشىپ كىتىشنى كۆرۈپ كۆزلۈرۈمنى چىڭ يۇمدۇم.كاللام ئىشلىمەيلا قېلۋاتاتتى.يەنە بىر قىزمۇ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ مىنى قەتئىي ئارامىمدا قۇيماۋاتاتتى.
بىر چاغدا بۇ ياتاقنى بۇ قىز بىلەن ماڭا تاشلاپ قۇيۇپ ئىككى ئىشەك چىقىپ كەتتى.
`ئۇلانى ئىشەك دىيىشكە سالاھىتىم يوق، ھازىر مەنمۇ شۇلاغا ئوخشاش ئىشەك بۇلۇپ قالدىم.
مانا مەن ئويلاپمۇ باقمىغان مەن قەتئى خالىمايدىغان ئىش ئاخىرى يۈ بەردى.ھەش- پەش دىگۈچە بۇ ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.قۇرلۇشتا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىمدا ھېرىپ قالغان ۋاقتىمغا ئوخشاش ئېىرپ كىتىم ياتقاندەك،ھاسىراپ يېتىۋاتمەن.ھايال ئۆتمەي

قايتا-قايتا بىرنەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كىيىن،كەينىمنى قىلغان پېتى،ئاچچىق خىياللار ئىچىدە كۈزۈمدىن بىرنەچچە تامچە ياش چىقىپ كەتتى.ياشلىرىمنى ماۋۇ مەينەت يوتقانغا سۈرۈتكۈم كەلمىدى،شۇپېتى كۈزۈمنى يۇمغىنىمچە ئۇيقۇغا كىتىپ تىمەن. ئەزەلدىن ئەتىگەن تۇردىغان ئادىتىم بولغاچقا،ئىشتىكلا ئۇيغۇنۇپ كەتتىم.ئۇيقۇم قانمىغان بولسىمۇ كۈزۈمنى يىرتىپ ئېچىپ ئەتىراپقا قاراپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.يېنىمدا ئۇرۇق چاشلىرى سېرىق تەنلىرى تاماكا پۇرايدىغان چەتنىڭ كىنولىرىدىكى چەتئەل قىزلىرىغا ئوخشايدىغان بۇ قىز ئۇخلاۋاتقان ئىدى.ئاخشام بۇلۇنغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىۋەتكەندىن كىيىن ئورنىمدىن زەردى بىلەن تۇردۇم.تۇرۇپلا مۇنچىغا كىردىم.بۇ سۇنىڭ سۇغۇق لىقىغا بىر نەرسە توغرا كەلمەيتى.شۇنداق بولسىمۇ ئەندىكىپ تۇرۇپ زورىغا يۇيۇندۇم.بەدەن سۇپۇننى كۈچەپ سۈرۋاتمەن. سۈپسۈزۈك سۇ تامچىللىرى،بەدىنىمگە نەشتەر بۇلۇپ ئۇرلىۋاتاتتى. قانچە غەيرەتكە كىلىپ يۇيۇنغان بولسام سۇمۇ ماڭا قارشىلىق كۆرسەتكەندەك مەنىدە،سىنى بىز پاكلىيالمىدۇق،سىنىڭ پەرىشتىدەك ئايالىڭ ئايالىڭنىڭ قوسىقىدا سىنىڭ پەرزەنتىڭ بار،سەن شۇلاغا يۈز كىلەلەمسەن دەپ سۇ تامچىلىرىدىن نىدا كىلەتتى.شۇنداق مەن ئۆزەمگە ئوخشىماي قالدىم،مەن بۇنداق بۇلۇشنى ئويلاپ باقمىغان.مەن  ئايالىمدىن بۆلەك ئاياللار بىلەن بىللە بۇلۇپ باقمىغان،پاك ئۇغۇللۇق غۇرۇرۇم مانا مۇشۇنداق مەينەت، زەي پۇراپ تۇرغان كىچىككىنە ئۆيدە بۇلغاندى.مەن ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيمەن. مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم. مەن ئەزەلدىن يىغلىمايتىمغۇ،بۈگۈن مەن نىمە قىلىپ قويدۇم.مەن يىغلايدىغان ئادەممىتىم، مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. مۇنچىدىن چىقىپ تۇرشۇمغا ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان ئىدى. نىمە؟ يىغلاۋاتامسىز؟
نىمانداق ياسالمىلىق قىلىسىز. قىلدىغاننى قىلىپ بولۇپ قىزبالىدەك يىغلاپ يۈردىڭىزما؟   ۋاي قۇغام ھېلىقى نەرسىڭىز يوقاپ كەتمىگەندۇ؟ ئەتىگەندە ئۇيقۇمنىمۇ ئۇخلاتمىدىڭىز دىگىنىچە، مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ قانداق يىگىت ئىكەنلىكىمنى بىر تۇنۇتۇپ قويماقچى بولغان بولساممۇ،ئاخشامقى ئىشلار كاللامدا كىنو لىنتىسدەك ئايان بولدى، ياق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن،مىنىڭ ئۇنداق قىلدىغان جاسارىتىم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى.كۆزلۈرۈمدە لىققىدە ياش يەرگە قارغىنىمچە كىيىملىرىمنى،كىيىپ سىرتىقا چىقتىم،ئۆزەمنى چۈشەنمىگەن ئاساستا ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا مېڭىۋاتمەن،بۇ قەيەر مەن نەگە ماڭدىم ئۇمۇ كاللامدا يوق ئىدى. شۇنداق ئايلىنىپ يۈرسەم ئاخشامقى ھايۋان دوستۇم تېلفۇن قىپتۇ،تېلفۇنۇمنىڭ ئېكرانىغا قاراپ،ئالايمۇ ئالمايمۇ دەپ ئىككىلنىش ئىلكىدە تېلفۇننى ئالدىم. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قېنى سەن؟ ماۋۇ خۇتۇنىڭنى تاشلاپ قۇيۇپ نەدە يۈرۋاتسەن؟
ھەراس، قانداق ئاداش پەيزى بارمىكەن؟دېگەنلىرىنى ئاڭلاپلا تېلفوننى قويدۇم.ئاچچىق ئازاپلىنىپ قولۇمدىكى تېلېفون سىمىدىكى ئايالىمنىڭ سۈرىتىگە قارىدىم.تاتلىق خوتۇن مىنى كەچۈرەلەمسىز؟ مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويدۇم.رەسىمگە قاراپ ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلاپ كۆزلۈرۈمدىن يەنە ياش چىقىشقا باشلىدى.نۇمۇر ساقلاش تىزىملىكىدىن «تاتلىقىم» دىگەن نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلدىم.تېلفۇننى دەرۋەقە ئايالىم ئالدى.ئەسسالامۇ ئەلايكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ياخشى. ئىرىم،سىزنى كۆگۈم كەلدى.مال ئېپ بولغان بولسىڭىز مىنى كۆرگىلى كىلىڭ،سىزنى سېغىندىم تاتلىق ئىرىم.
-ئايالىمنىڭ ماڭا بولغان بۇ تاتلىق سېغىنىش سۆزلىرىگە، ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بۇلۇپ كەتتى.
-ماقۇل پەرىشتەم مەن بۈگۈن مالنى ئېپلا قايتاي دەپ گەپ قىلۋېتىپ ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى.
-نىمە مىجەزىڭىز يوقما ئاۋازىڭىز باشقىچىلا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغۇ؟
-ياق شۇ زۇكام بولۇپ قاپتىمەن ،ماقۇل ئەمسە ئ،اللاھقا ئامانەت دەپ تېلېفۇننى قويدۇم. ئەسلى مىنىڭمۇ ئايالىمغا تاتلىق پەرىشتەم، سىزنى سېغىندىم،سىزنى كۆرگۈم كەلدى.دىگىم بولسىمۇ،بۇنداق دىيىشكە ئاغزىم كەلمەي قالغان ئىدى.

ئايالىمنىڭ سىزنى سېغىندىم،مالنى چاققان ئېلىپ كىلىپ مىنى كۆرگىلى كىلىڭ دىگەن گەپلىرىدىن،مىنى قاتتىق يىغا تۇتقان ئىدى. كۆزلۈرۈمدىكى ياشنى شۈنچە تىز ئېيتقان بولساممۇ،يەنىلا شۇنچە تىز چىقىۋاتاتتى،كوچىدىكى كىشلەر ماڭا قايتا-قايتىلاپ قاراپ قۇيۇپ كىتىپ باراتتى. يىغلىماسلىققا شۇنچە ئىرادە قىلغان بولساممۇ،بۇ ئىرادىلىرىم.مەندىن ياتلاشقان ئىدى. باشقا ئاغىينىلەرگىمۇ خوشمۇ دىمەي مالنى ئەپلا شۇ ئاخشىمىسىلا يۇرتقا ماڭدىم. يۇرتقا كەپلا دۇكاننىمۇ ئاچماي ئايالىمنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدىم.ئايالىم مىنى شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى. قوللۇرۇمنى تۇتۇپ، قوسقىڭىز ئاچتىمۇ،نىمە تاماق يەيسىز؟سىزنى ئامراق دەپ چۆچۈرىگە تەييارلىق قىلغان ئىدىم سالساملا پىشىدۇ. بۇلانى ئاڭلاپ كۆزلۈرۈمدىن يەنە ئىختىيارسىز ياش چىقىشقا باشلىدى. ئايالىمنىڭ نىمە بولدىڭىز؟ دەپ قايتا-قايتىلاپ سورىغان سۇئالىدىن بولغان ئىشنىڭ ھەممىنى ئەينەن دىدىم.
گەپلىرىمنى ئاڭلاپ،ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى. مەن بۇ ئىشلارنى قەلبىمگە پاتقۇزالمىغان ئىدىم.ئاخىرى چىدىيالماي ئايالىمغا ھەممىنى دەۋەتتىم،ئايالىم كۆزلۈرۈمدىكى ياشلارنى ئېيتىپ تۇرۇپ مىنى بەك ئۈمىتسىزلەندۈردىڭىز.مىنىڭ سىزگە قانچىلىك ئىشىنىدىغىنىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ دەپ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى،مەنمۇ يىغلاۋاتىمەن.قانداق قىلىشىمنى قەتئىي بىلىپ بۇلالمىدىم كاللام تاش بۇلۇپ قاتتى.تۇرمۇشىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن مەنىسىزلەشتى ،ئەلۋەتتە.مەن يۇرتقا كىلىپ دۇكان ئېچىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدىم.قان تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۆيدىكى چوڭلارنى سورىدى.ئانام ياشىنىپ قالغان بولغاچقا ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدىم. نىمىش بولسا ماڭا ئېيتىشنى ئۆتۈندۈم،دوختۇر ماڭا مەنىلىك قارىۋەتكەندىن كىيىن ، سىز ئەيدىس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز.
قارىسام خېلى غەيرىتىڭىزبار جىگەرلىك بالىكەنسىز،شۇڭلاشقا سىزگە دەۋەردىم ئۇكام.ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ بەك ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاققان قۇزۇقتەكلا بولۇپ قالدىم.بۇ گەپكە قەتئىي ئىشنەلمەيۋاتاتتىم. قايتا- قايتا تەكشۈرتسەممۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولدى.دوختۇرنىڭ دىيىشىچە مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەم بەش  ئالتە يىل  ياكى  بىر ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەنمەن. بۇلانى ئاڭلاپ ئېچىلالمايدىغان، ئولتۇرسام ئولتۇرۇپ قالىدىغان ، ياتسام يېتىپ قالدىغان بۇلۇپ قالدىم.كاللامدا نە ئارزۇ ئارمان، نە دوستلۇق، نە مۇھەببەتتىن ئەسەر قالمىغىلى تۇردى.مەندەك روھى ئۆلگەن بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىدىغان ئادەمگە بۇلانىڭ نىمە كېرىكى،ئايالىمنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزى يورىدى ئوماق بالامنى كۆرۈپ جاھانغا نالە قىلدىم،بالام دەرۋەقە ئوغۇل ئىدى.لىكىن رىياللىق ھامان رىياللىق ئىدى.ماڭا مۇھەببەتلىك قاراۋاتقان ئاپام ئىنىم دادام ئۇرۇق تۇققانلىرىم.مىنىڭ پەرىشتە سۈپەت ئايالىم،ئەمدىلا دۇنياغا كۆزى يۇرۇغان ئوغلۇم، كىچىكىمدىن مىنى چوڭ بىلىپ ئەزىزلەپ كىلىدىغان يېقىن دوست بۇرادەرلىرىم.ماڭا ھەرقانچە قىلسىمۇ ياردەم قىلالمايتى. ئادەم پۇل تاپقانسىرى ،ئۆزى بىلىپ- بىلمەي مۇشۇنداق خاتا يولدا مېڭىپ قالامدىغاندۇ؟مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ياشىسام بولمامدۇ؟ بۇلانى ئويلاپ كۆزلۈرۈم يەنە ئىختىيارسىز ياشلىنىشقا باشلىدى. ئايالىم كىسىلىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بىز تىرىك مۇردىغا ئايلاندۇق.ئايالىمنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويدۇم ماڭا ئىشىنىپ قىلمىغىنى قالمىغان ئايالىمغا قايتۇرغان جاۋابىم مەنە مۇشۇ كېسەل بۇلۇپ قالدى. ئەمدىلا دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان بالام چوڭ بۇلۇپ مىنى تۇنۇپ بولغۇچە مەن ئاللا بۇرۇن دۇنيادىن خوشلىشىدىغان بولدۇم.بىچارە ئوغلۇم دادىسنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالدىغان بولدى.بۇلانى ئويلىغۇنىمدا،قىلىدىغىنىم يەنىلا يىغلاش بولىدۇ خالاس. مەن ئۆلۈپ كىتىمەن. بىر  ئىككى يىل   يا بولمىسا تۆت  بەش ئاي   يا  بىر ئىككى ئاي.مانا بۈگۈنمۇ كەچ بولدى قىممەتلىك ھاياتىمدىن بىركۈن ئازلاپ كەتتى. مەن دىن ئىبرەت بولسۇن ئەزىز قېرىنداشلار.ماڭا ئوخشاش ئاچچىق ئازاپلارغا يەم بولۇپ كەتمەڭلار، ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار! مۇشۇ نىجىس كېسەلدىن نېرى تۇرۇڭلار،ئازغىنە ھاياتنىڭ لەزىتىنى مەنىلىك سۈرۈپ ساپ ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. مۇشۇنداق قالايمىقان يوللاردا مېڭىپ قېلىپ ئازاپلىق ئاچچىق ياشلىرىڭلارنى ماڭا ئوخشاش كوچىلاردا سۈرتۈپ يۈرمەڭلار.ئۇغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزغا ئىگە بۇلايلى! قىزلىرىمىزمۇ بەختىڭلارنى ھەرگىز توزىتىۋەتمەڭلار!

         ئىھ  مېھرىبان ئاللاھ!    مىلللىتىمنى بۇ نىجىس كېسەلدىن نېرى قىلغىن ، ئامىن!

بۇ ئەسەر مۇشۇ يەردە تاماملاندى. قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەرنىڭ  تەكلىپ پىكىر بىرىشنى ئۈمۈت قىلىمىز، ئەسەر جەمىيتىمىزدە ئەيدىس كەسىلىنىڭ كەڭ تارقاپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىلدى.ئاپتورنىڭ ئەسەربىلەن ھىشقانداق مۇناسىۋىتى يوق. قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.

 

مەنبە:ئۆزقەلىمىم

 

 

ئىملايىڭىزدا خاتالىق راستىنلا بەك ئېغىركەن. مۇمكىن بولسا ئىملايىڭىزنى تۈزىتىشكە تىرىشقان بولسىڭىز! ____ مۇنبىرىمىز تەۋسىيەسى

[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-12-27 20:10قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-27, 12:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-27 02:49 |
tamche
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4002
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 157 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 157 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بۇگەرچە ھىكايە بولسىمۇ جەمىيەتتىكى ھەقىقى ۋەقەلىكلەر يېزىلىپتۇ. بولسا بۇنى بىر تەربىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلساق.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 12:57 |
tatlikuygur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5178
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 84 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 49 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنى ئەيدىس دەپ مۇنبەردىن قوغلىۋەتمەڭلار يەنە `
بۇ ئەسەرنى جەمىيتىمىزدە مۇشۇنداق كەسەل كۆپلەپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن
تۇرمۇش چۈشەنچىمگە ئاساسەن تۇقۇپ يېزىپ باقتىم
بۇ ئەسەر ئارقىلىق مۇشۇ كەسەلنى  جەمىيتىمىزگە روشەن كۆرسۈتۈپ بىرەلىسەم مەن ئۈچۈن بۇ ئەڭ چوڭ نەتىجە
ئەسەربىلەن مىنىڭ مۇناسىۋىتىم يوق!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 15:52 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 168
شۆھرەت: 925 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 545 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 545 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 645(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىلللىتىمنى بۇ نىجىس كەسەلدىن نېرى قىلغىن ئامىن!

__________________
ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەيدىس ئەمەس. مىللەت ئەزالىرىنى ياكى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ كىسەلدىن يىراق قىلغىن دېگەن بولسىڭىز مۇۋاپىق بولاركەن.
hawar
مەشئەل20!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 18:52 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 974 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 969 سوم
تۆھپە: 562 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 572 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى maxal20دە2011-12-27 18:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىلللىتىمنى بۇ نىجىس كەسەلدىن نېرى قىلغىن ئامىن!

__________________
ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەيدىس ئەمەس. مىللەت ئەزالىرىنى ياكى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ كىسەلدىن يىراق قىلغىن دېگەن بولسىڭىز مۇۋاپىق بولاركەن.


پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋمى بۇ كىسەل ئەمەس، ئەلۋەتتە. (ئاللاھ ساقلىسۇن!) بىراق، ھەرقانداق بىرىمىز خەۋپ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئالاقىدار مەلۇماتلارغا كۆرە دىيارىمىزدا بۇ خىل كىسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا بۇنى ئاشۇ خىل خەۋپنىڭ ئاسارىتىدىن نېرى قىلغىن دەپ ئاللاھتائالاغا نىدا قىلىش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن! توغرا، ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ مەينەت كىسەلدىن نېرى قىلغاي!
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 20:08 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىۋىرغول دىيارىمىزدا مىڭدىن ئاشىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم     
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 21:14 |
humar718
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4746
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 81 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز،ئاللا شۇ نىجىس كېسەللەردىن ،ئاشۇنداق ئادىمى شەيتانلار دىن بىزنى يىراق قىلسۇن.......ياخشى كىشىلەرگە ھامان دۈشمەن ھەمراھ ئىكەن.......ئاللا نىجاتلىق بەرسۇن ھەممىمىزگە.......گەرچە بۇ بىر ھېكايە بولسىمۇ ،ئىبرەت بولسۇن قېرىنداشلار،ئىبرەت!!!!
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 23:51 |
marco
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 760
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 100 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز،ئاللا شۇ نىجىس كېسەللەردىن ،ئاشۇنداق ئادىمى شەيتانلار دىن بىزنى يىراق قىلسۇن.......ياخشى كىشىلەرگە ھامان دۈشمەن ھەمراھ ئىكەن.......ئاللا نىجاتلىق بەرسۇن ھەممىمىزگە.......گەرچە بۇ بىر ھېكايە بولسىمۇ ،ئىبرەت بولسۇن قېرىنداشلار،ئىبرەت!!!!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 14:13 |
xahsada
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

thunder://QUFlZDJrOi8vfGZpbGV8bWlkZC04MzIuYXZpfDEzMTgxMjA3MTF8MjgxOUUzQkRCMjI1RTcyMUQ4RUU1MTNBMjZENjVCNTZ8L1pa
ئىسىت!!!...
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 20:23 |
tatlikuygur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5178
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 84 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 49 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى esma0999دە2011-12-28 23:20يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
   بۇ لاۋزا «تاتلىق»نىڭ ئەسىرى بۇ يەرنىمۇ  باركەنغۇ؟ مىسرانىمدا جىدەل چىقارغان لاۋزا  تېما

 نۇمۇس قىلماي بۇ يەرنىمۇ سېسىت قىلى كەلدىڭما ؟
ئەمدى بۇيەردىن كەينىڭڭە قارماي چىقىپ كەت ماقما !
ئىشەك تەلەت!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 15:20 |
نادىرە
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5118
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھېكايە " ماكانىم' مۇنبىرىدىمۇ باركەنغۇ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 22:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى