turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 1530 قېتىم كۆرۈلدى
qakmak4883
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 22 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 22 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاتۇشتا مايسا تارتىپ ئۆستۈرۈلمەكتە

ئاتۇشتا مايسا تارتىپ ئۆستۈرۈلمەكتە
        خەنزۇ تىلىدىكى « 双语教学 » دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»، «قوش تىلدا ئوقۇتۇش»، «قوش تىل بىلەن ئوقۇتۇش»، «قۇش تىل ئارقىلىق ئوقۇتۇش» قاتارلىق مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.  بۇسۆزلەر مەنىداش سۆزلەر بولۇپ، ئۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئىككى خىل(قوش) تىلدا ئوقۇتۇشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى « 双语教学 »  دىگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل سۆز بىرىكمىسىنىڭ قايسىسى بىلەنلا ئاتىساق بولىۋېرىدۇ. 2000- يىللىرىنىڭ بېشىدا بۇ ئىبارە ئۇيغۇر تىلىغا » قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ كۈلەمدە قوللىنىلىپ كىلىنگەن ئىدى.  ۋاھالەنكى 2006- يىلىدىن باشلاپ بۇ ئاتالغۇ » قوش تىل ئوقۇتۇشى» غا ئۆزگىرىپ، ھازىر بۇ ئاتالغۇ ئومۇملىشىۋاتىدۇ. كەمىنىڭ قارىشىچە » قوش تىل ئوقۇتۇشى» دېگەن بۇ سۆز ماھىيەتتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى قاتارلىق سۆز(ئىبارە)لەر بىلەن تەڭداش مەنىدىكى سۆز(ئىبارە) بولۇپ، ئانا تىلغا يانداشتۇرۇپ خەنزۇ، ئىنگىلىز ياكى باشقا بىر مىللەت تىلىنى ئايرىم بىر دەرسلىك سۈپۈتىدە ئوقۇتىشنى كۆرسىتىدىغان روشەن خاسلىققا ئىگە سۆز(ئىبارە).  نۆۋەتتە » قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاش » قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋىتىپلا قالماستىن، ئەمەلىي ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. جۈملىدىن ئاتۇش رايۇنىدا يىقىندىن بۇيان يولغا قويۇلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى يا » قوش تىللىق ئوقۇتۇش»غا ياكى » قوش تىل ئوقۇتۇشى»غىمۇ تەۋە ئەمەس ماھىيەتتە ‹‹خوش تىل ئوقۇتۇشى››غا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
     پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئاتۇش رايۇنىدىكى %100 مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىقى 2006- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، تىل ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا، باشقا دەرسلىكلەر بىردەك خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش يولغا قويۇلدى. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە  بىرلىككە كەلگەن ،قېلىپلاشقان،سىناقتىن ئۆتكەن  ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولمىغاچقا ھەر قايسى مەكتەپلەر،ھەر قايسى ئوقوتقۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئوقوتوش ئىلىپ بىرىپ،«قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى قولاشمىغان تەلەپپۇزدىكى تىل ئۈگۈنۈش دەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئوقوتوش تەربىيەلەنگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلدىكى تىل ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا بارلىق دەرسلەردىكى بىلىشى، چۈشەنچىسى، تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە. بۇ ھال ئاتا – ئانا بولغۇچىلار شۇنداقلا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنى ئۇھسىندۇرماي قالمايدۇ. بۇ يىل يەنى 2011- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ئاتۇش رايۇنىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كۈزلىك يېڭى ئوقۇش ماتىرىياللىرى تارقىتىلغاندا خەنزۇ تىلى( 汉语 ) دەرسلىكى بىلەن ماتىماتىكا( 数学 ) دەرسلىكى خەنزۇچە، باشقا دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىل يىزىقتىكى دەرسلىك كىتابلار تارقىتىلىپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇشمۇ دەرسلىك ماتىرىيال تىلى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى. كۈزلىك ئوقۇش مەۋسۈمى ئەمدىلا يېرىملىشىشغا يەنى 11- ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە 1- مەۋسۈملىك دەرسلىكلەر ئوقۇتۇشى يېرىملاشماستىنلا، ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىغى قاتارلىقلارنىڭ يوليورۇقى بىلەن  مەۋسۈم بىشىدا تارقىتىپ بىرىلگەن ئانا تىل يىزىقىدىكى تىل ئەدەبىيات ۋە خەنزۇچە ماتىماتىكا( 数学 ) دەرسلىكىدىن باشقا بارلىق مىللىي يىزىقتىكى دەرسلىكلەر تولۇق يىغىۋىلىنىپ ئورنىغا پۈتۈنلەي خەنزۇچە  دەرسلىكلەر تارقىتىلدى. خەنزۇ تىلى( 汉语 ) دەرسلىكىنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات ‹‹ 语文 ›› دەرسلىكى ئالمىشىپ ئىزچىل  ئانا تىل يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىۋاتقان تىل ئەدەبىيات دەرسى بىلەن تەڭ ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى. ئاتا - ئانىلارنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرگىنى شۇ بولدىكى؛ خەنزۇ تىلى( 汉语 ) دەرسلىكى ئوقۇتىشىنىڭ كەلگەن يىرى تەخمىنەن 11- دەرستە توختاپ، يېڭى تارقىتىلغان خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات ‹‹ 语文 ›› دەرسلىكى ئوقۇتۇش يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار قىشلىق دەم ئىلىشقا قويۇپ بىرىلىشتىن بۇرۇن تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا قاتارلىق ئاتالمىش ‹‹قوشۇمچە پەن››لەرنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ 20- دەرسكىچە ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىپ، مەۋسۈملىك ئىنتاھاندا خەنزۇ تىلى( 汉语 ) دەرسلىكىدىن 11- ئايغىچە ئۆتۈلگەن 10 دەرس، 11- ئايدىن باشلاپ ئۆتۈلگەن خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات ‹‹ 语文 ›› دەرسلىكىدىن 20- دەرسكىچە ئەبجەش سوئال چىقىرىپ ئىنتاھان ئىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەنزۇ تىلى( 汉语 ) دەرسلىكىنىڭ كىيىنكى 6 دەرسى بىلەن خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات ‹‹ 语文 ›› دەرسلىكىنىڭ كېيىنكى 12 دەرس ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلغان. 11- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا ھەر كۈنى پەقەت ئانا تىل يىزىقتىكى تىل ئەدەبىيات ۋە خەنزۇچە ماتىماتىكا( 数学 ) دەرسلىكلىرى ئەسلى سۈرئىتى بويىچە؛ خەنزۇچە تىل ئەدەبىيات ‹‹ 语文 ›› دەرسلىكى بىلەن ئەخلاق ۋە جەمئىيەت( 品德与社会 ) دەرسلىكلىرى بولسا مارافۇنچە ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىلىپ باشقا دەرسلىكلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قالدۇرۇلدى. 3- يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان ئىنگىلىز تىلى( 英语 ) دەرسلىكى خالىسا ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىدىغان خالىمىسا ئورنىغا باشقا دەرسلىكلەر ئالماشتۇرۇلۇپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىلىدىغان ئىتىبارسىز بىر دەرسلىك بولۇپ قالغان. مانا بۇ ‹‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش››( 拔苗助长 ) بولماي نېمە؟
     خوش، ھەقىقىي مەنىدىكى « 双语教学 » (قوش تىللىق ئوقۇتۇش) دېگەن نېمە؟ مەن بۇ سوئالغا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ  2007- يىلى 26- سېنتەبىردىكى سانىغا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتىشى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار تەربىيىلىنىۋاتىدۇ تېمىسىدا بىسىلغان، شۇ يىلى 16- ئاۋغۇست ئاپتونوم رايۇنىمىزدا خىزمەت تەكشۈرۈشتە بولىۋاتقان زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاچقان تۈنجى قوش تىللىق يەسلىسى – قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى تازغۇن يېزىسى 12- كەنتىدىكى قوش تىللىق يەسلىسىدە قىلغان ‹‹ئۇيغۇر تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ سۆزلەشنى ئۆگىنىپ، كۆپرەك تىل ماھارىتىنى ئىگىلەش خەنزۇ دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا پايدىلىق، زامانىۋى پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىلىق، قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئىنتايىن زۆرۈر››، دېگەن مۇھىم سۆزىنى نەقىل جاۋاب قىلىپ ئىلىشنى مۇۋاپىق كۆردىم. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى « 双语教学 » (قوش تىللىق ئوقۇتۇش) ھەققىدە ئىنىق يوليورۇق كۆرسىتىپ بەرگەن تۇرسا يەرلىكنىڭ ئۇنى ئۆز مەنىسى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكىنى نېمە دەپ چۈشەنگۈلۈك؟!!!
پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىلىم ئالىدىغان ئالتۇن ۋاقتىنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئىسلاھاتچى››لار تەرىپىدىن ئۈنۈمسىز تەجرىبە ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەر دەرىجىلىك مائارپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە رەھبەرلەرگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندا ئىرىشكەن جاۋاب ‹‹يەرلىك ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرسە بولىدۇ›› بولغان.
ئاتا – ئانىلار ئارقىلىق بۇ ئىسلاھاتتىن خەۋەردار بولغان ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى شەھەر ۋە ئوبلاستتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرگەندە ئىرىشكەن جاۋابى،- مۇبادا يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە رەھبەرلىك «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى پەيدىنپەي يولغا قويۇشنى ياكى يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ 1- مەۋسۈم بىشىدا(9- ئايدا) تارقىتىلغان دەرسلىك بويىچە ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلساڭلار بۇندىن كىيىن قىزىلسۇ جۈملىدىن ئاتۇش رايۇنىدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»تىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بولۇپ ئېغىزى تۇۋاقلانغان. بۇ ئىسلاھاتچىلار ھەتتا بىر ئوقۇش مەۋسۈمىدە 2 قېتىم دەرسلىك ئالماشتۇرۇپ نورمال ئوقۇتۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا قارشى چىققانلارنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مايمۇننى ئۆلتۈرۈپ يولۋاسقا سۈر كۆرسەتكەن. مائارىپ نازارىتىگە ئەھۋال ئىگىلەشكە چاقىرتىلغان ئىسلاھاتچىلارمۇ مەردانە ھالدا قايتىپ كېلىشكەن.
    ‹‹قوش تىل››لىق بولۇش زاماننىڭ، دەۋرنىڭ تەلىپى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، مەدەنىيەت ۋە پەن تېخنىكا سەۋىيىسى يۇقىرى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەن تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنىڭ كام بولسا بولمايدىغان ۋاستىسى، ئەلۋەتتە. كەڭ ئاتا – ئانىلارمۇ دەۋر بىلەن ئىلگىرىلەشنى قوللايدۇ. كىمنىڭمۇ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە دەۋرنىڭ كەينىدە قالغۇسى بار ؟ پەننىي بىلىم، ھۈنەر تېخنىكىلارنى ئىگىلەشمۇ ماس ھالدىكى ئوبېيىكتىپ رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بىلىشىمىزچە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل يېزىقىدىكى دەرسلىكلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغىنى يوق. بىز ئاتا – ئانىلار بۇ قىتىمقى ئاتۇش مائارىپىدىكى ئىسلاھاتنىڭ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئىلىپ بىرىلغان پارتىيىمىز تارىخىدىكى ئىغىر‹‹سول››چىل خاتالىق ‹‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش››( 大跃进 )نىڭ زامانىمىز مائارىپىدا تەكرارلىنىشى بولۇپ قىلىشىنى قەتئىي خالىمايمىز! بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز تەجرىبە بۇيۇمى ئەمەس بەلكى سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىللىرى!!! شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە رەھبەرلىكنىڭ بۇ تېمىغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
        مەن ئاخىرىدا 27– نويابىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3–نۆۋەتلىك شىنجاڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان،- «ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى كۆپرەك رايونلاردا، ناھىيەلىك مائارىپ تارماقلىرى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقى ئاساس قىلىنىپ ئوقۇتۇلىدىغان سىنىپلارنى ئېھتىياجغا قاراپ ساقلاپ قېلىشنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تاللىشىغا قويسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە مائارىپ قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوشتىل ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتىدە، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك» دېگەن مۇھىم سۆزىنى كەڭ تورداشلارنىڭ قايتا ئويلىنىپ بىقىشىغا سۇندۇم.
مەسىلە ۋە ئىنكاس :
1.نۆۋەتتە ئاتۇش رايونىمىزدا تەخمىنەن %80تىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مىللى مەكتەپلەردە مىللى تىل-يىزىقتا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن مىللىي تىلدا  تەربىيەلەنگەنلەر بولۇپ،  2-خىل لاھىيە بويىچە قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، يېشى بىر قەدەر كىچىك، ئاز-تولا ئاساسى بار  ، تەربىيەلىسە ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلار بەلكىم %10 نىمۇ ئىگەللىيەلمەسلىكى مۈمكىن، ئۇنداقتا  قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟
2.ئوقۇتقۇچىلارنى قوش تىل بويىچە تەربىيەلەشتە ،مۇھىت ،ياش ئالاھىدىلىكى ،پەن ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ھەمدە ئىلگىرى مىللىي مائارىپ ئۈچۈن مىللىي تىل-يىزىقتا تەربىيەلەنگەن ، ئون نەچچە يىللىق مىللىي تىل-يىزىقتا دەرس ئۆتۈش تارىخىغا ئىگە، يېشى 40قا يىقىنلاشقان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ئوقۇتقۇچىلارنى مەلۈم مەزگىللىك تەربىيەلەش ئارقىلىقلا ،قوش تىل ( خەنزۇ تىلى)ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدىغان قىلىش مۈمكىنچىلىكى قانچىلىك، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟
3.ھازىرقى شارائىتتا خەنزۇتىلى دەرسىنى ئۆتۈپ كىلىۋاتقان ، خەنزۇتىل ئەدەبىيات كەسپىدىن سېستىمىلىق تەربىيەلەنمىگەن  ئوقۇتقۇچىلار باشقا خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ تەڭداش يىللىقتىكى خەنزۇتىل ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارچۇ؟
4. مائارىپ قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا مائارىپ جەريانى مەكتەپ، جەمىيەت، ئائىلە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئىشقا ئاشىدۇ. مائارىپنىڭ ئاساسى مەقسىدى ئۈنۋىرسال ئىقتىدار ۋە مۈئەييەن ساپا يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت، قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئورۇنلاردا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشكە ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى بېلىم ئاساسىغا سەل قارىلىۋاتىدۇ، ھەتتا نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش سەۋىيەسى كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلىمەكتە.
رايونىمىز ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي دىگۈدەك دىھقان پەرزەنتلىرى، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋىي تەربىيە ئەھۋالىنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ جەمىيەت مۇھىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مۇھىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى مىللى تىل-يىزىقتا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان، بۇ خىل مۇھىتتا ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا دەرسلەرنى قانداقمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ كىتەلىسۇن؟ ئوقۇتۇش سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە بۇنىڭغا كىم جاۋاپكار بولىدۇ؟
5.تەبئىي پەنلەرنى قوش تىلدا ، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئانا تىلدا ئۆتۈش، خەنزۇتىلى دەرسنىڭ دەرس سائىتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىزچىللاشتۇرساق قانۇنغا ئۇيغۇن بولامدۇ؟
6. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛ » ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. لىكىن ئاتۇش رايونىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا تەتىل مەزگىلىدە تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، بېسىمىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا بېسىمنىڭ كۆپ بولۇشى كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-27, 12:07
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-27 11:05 |
    ilim
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 658
    شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
    تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز خالىمىغان مائارىپنى بىزدىن پىكىرمۇ ئالماي بىزنىڭ
    قارشىلىقىمىزغا قارىماي ھەتتا بۇنى مۇقىملىققا باغلاپ تۇرۇپ زورلاپ تېڭىشى زادى نىمە
    مەسىلىنى چۈنەندۈرۈدۇ ؟ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن خەنزۇ خەلقى بىلەن ئۆم ئىناق
    ياشاپ كەلگەن ئىدى .كەلگۈسىدىكى بۈيۈك مىڭ يىللىق ئىناقلىق ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىز
    ئۇيغۇر بالىلىرىغا تىل ئۆگىتىشنىلا ئاساس قىلىشىنى ھەرگىز خەنزۇچە قىممەت ۋە ئىتىقات
    قارىشىنى سىڭدۇرۇشكە ئالدىرىماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمىز .ھازىر خۇددى تىمەن كالىنى
    تۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ كىسەل ۋاكسىنىسى ئۇرغاندەك ئىشلار بولىۋاتىدۇ .ھەممە ئاتا ئانىلاردىكى ھازىرقى مائارىپ سىياسىتىگە نىسبەتەن
    بۇ خۇشياقماسلىقنى بارغانسېرى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان تەشۋىقات
    ئاپراتلىرى ئارقىلىق يوقاتقىلى بولارمۇ ؟مەن بالامغا چوقۇم بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى
    تاپىلايمەن .ئاللاھ خالىسا .
    بىز ئۆز قىممەت قارىشىمىز ئىچىدە جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدە ياشاشنى خالايمىز . تاجاۋۇزچىلار،جاھانگىر چىل بۆرىلەرگە
    قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خۇددى ھىندىستان ئۇرىشىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن مۇھەممەدلەر بىزگە كىرەك .
    ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئېلىپ بارسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .
    [ بۇ يازمىنىilimدە2011-12-27 12:57قايتا تەھرىرلىدى ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) توغرا گەپ
  • lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 12:17 |
    yadikar0428
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3432
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 20 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 12 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50_60_يىللىرىدا،<<سول>>چىل سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىگىدە سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە<<چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش>>ئېلىپ بېرىلىپ،دۆلەت ۋە خەلققە ناھايىتى زور،ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ھازىرقى مىللىي مائارىپىمىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان<<چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش>>كە كەلگۈسىدە قانداق باھا بېرىلىدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟   
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 12:35 |
    arkim
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 255
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 481
    شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
    تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتۇشتىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ!مەن ھازىرقى بۇ مەغلوپ بولغان مائارىپتىن بىزار! بۇ << قوش تىل ئوقۇتۇشى>> ئاپئاشكارە ھالدا تاق تىل ئوقۇتۇشىغا ئۆزگىرەپ كەتتى...بالىلىرىمىزنىڭ تەپپەكۈرى بۆشكىدىلا ئۇجۇقۇپ كەتمەكتە! بۇ بىچارە بالىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولماسمۇ؟!
    hawar
    مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 12:47 |
    ilim
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 658
    شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
    تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي!!! ئاشۇ يېڭى يېزىقتا تەربىلەنگەن ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بۇزۇقچىلىق بەك ئېغىر .
    بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا قارشى ئىشلارنى قىلىدىغانلار مۇشۇ ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن
    بەك جىق چىقىدىكەن .
    ھازىر ئازراقلا مائارىپ توغرىسىدا قارشى قارىشىمىزنى يازساق ئۇزۇنغا بارماي سىياسەتچىلەر
    پەيدا بولىدۇ .ئىدىيەڭدە مەسىلە بار دەپ .
    راھەتباغدا بىر تەجرىبە يەسلىسىنى كۆردۈم .ئىسمىمۇ شۇنداق قويۇلۇپتۇ .مۇشۇ تەجرىبە ئېتىزىدىكى
    بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى نىمە ئويلاۋاتقاندۇ ؟
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 12:48 |
    kayrak
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5185
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەتتا توردىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىمىزمۇ كەم ئىكەن ....مەن بۇ تېمىنى خېلى كۆپ مۇنبەرلەرگە يوللىغان بولساممۇ ،ئۇلار تەستىقلىمىدى.http://kayrak.cn/bilim/forum.phpقايراق ئوتتۇرا مەكتەپ مەرىپەت مۇنبىرىگە ئېلان قىلغاندىن كىيىن بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللىغان ئىدۇق....باغداش مۇنبىرىنىڭ بۇ تېمىنى ئېلان قىلغانلىقىغا بەك مەمنۇن بولدۇم.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 13:12 |
    qaraboran
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3400
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 200 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 200 سوم
    تۆھپە: 120 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 120 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ بۇ يەردە  <<چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش>>،<<داجەيدىن ئۆگىنىش>> .....ئەۋج ئەپ كەتتى. ھەي بالىلار....
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 13:40 |
    siyit-noqi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 90 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىر مائارىپىمىزدىكى بولىۋاتقان بۇ ئىشلار دىن  مەن خۇددى 60-يىللاردىكى مەدىنيەت ئىنقىلاۋىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەكلا بولىۋاتىمەن يۇقىرىدىكى زىيالىلىرىمىز بۇ ھادىسلەرنى كۆرىۋاتامدىغاندۇ     پەرۋەردىگارىم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن....................     
    hawar
    تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 13:59 |
    ablikim
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3437
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 250
    شۆھرەت: 1271 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1300 سوم
    تۆھپە: 760 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 762 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 774(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي....... بىزنىڭ مىللى مائارىپمىز دۇچ كىلۋاتقان خېىسلارنى  كۆرۈپ ، ئەمدى ياشاشنىڭمۇ ئەھمىيتى قالمىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا .
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 14:15 |
    dhkan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4945
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    شۆھرەت: 75 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
    تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 45 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەر بىر  ئاتا-ئانا بولغۇچى  ئوز پەرزەنىتلىرىنڭ ياراملىق ئادەم  بولىشىنى ئومۇد قىلىدۇ،             لىكن  ئوقۇتۇشنى  بۇنداق قالايمىقان قىلىۋاتسە ،  كەلگۇسىدىكى يۇرەك پارىلىرىمز ،ئائىلىگە،دۆلەتكە،يۇك بولۇپ قالماسمۇ؟
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 14:15 |
    tohotur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1012
    شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
    تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2000(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    6. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛ » ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. لىكىن ئاتۇش رايونىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا تەتىل مەزگىلىدە تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، بېسىمىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا بېسىمنىڭ كۆپ بولۇشى كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئادەمدەك ئىشلەتمەي ئىشەكتەك ئىشلىتىدىكەندە ،

    يولداش ۋىن جاباۋ تۇزۇلمىگە  ئۆزگەرتىش كىرگۇزىمىز دەپ سۆزلىگىلىمۇ ئۇزۇن بولدى بولدى بولمىسا ،
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-27 14:22 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «1234»Pages: 1/4     Go
    Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار