تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىن ئىجدىمائى ئەخلاققىچە
قومۇل شەھەرلىك قارادۆۋە ئوتتۇرا مەكتەپ
قادىرگايىز(قارلۇقى)
خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى نىكاھسىز بىللە بولۇش، ۋە3-شەخسكە بولغان ھېسداشلىق قەلبىدە ئازراق ۋىجدان، غورور ئىپپەت نومۇس تۇيغۇسى بولغان كىشىلەرنى ئىزتىراپلىق خىياللارغا مۇپتىلا قىلماقتا.
مەدەنىيەت نامى بىلەن ئوتتۇرغاچىقىۋاتقان پەسكەش قىلىقلار ئازكېلىۋاتقاندەك،ئەخلاقى چۈشكۈنلۈككە يېشىل چىراق ياقىدىغان بۇخىل قىلمىش ۋىجدانلىق ھەربىر كىشىنى ئويلاندۇرماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
دوكتورئابدۇرەشىد جېلىل قارلۇق ئەپەندى مەدەنىيەت ئاتالغۇسىغا«مەدەنىيەت-مىللەتلەرگە ئورتاق قىممەتلەر سەۋىيىسىگە يۈكسەلگەن كۆز قاراش ،ھەركەت شەكىللىرى ۋە ياشاش ۋاستىلىرىنىڭ تامامىدۇر»دەپ تەبىر بېرىدۇ.بۇتەبىرگە كۆرە بىزمەدىنيەت دەپ ئىنتىلىلۋاتقان ،قوبۇل قىلىۋاتقان،كۆزقاراش ،ئىدىيۋى خاھىشلارنىڭ مەدەنىيەتكە زىت بولغان ئازغۇنلۇق قىلمىش ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.
جۇڭگو تۇپرىقىدا ئەسىرلەر داۋامىدا ياشاپ،ئىجاد ئېتىپ كەلگەن كۇڭزى مۇتەپپەككۇرلىرى بىلەن ئىسلام مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇنداق بىر ئورتاقلىق مەۋجۇت .يەنى ئاتا-ئانىغا بولغان ۋاپادارلىق ،ئىپپەت نومۇس ،ئائىلىنى سۆيۈش،ئائىلىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى .ئەپسۇس چاكىنا غەرىب مەدەنىيتى بۇ ئېسىل مەدەنىيەت دۇردانىلىرىگە خىرىس پەيدا قىلدى .مەدەنىيەتتىكى ياتلىشىش ئالدى بىلەن بىر قىسىم يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان يازغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش مودىرنىزىملىق ئەسەرلىرىدىن جىنسىي قىلمىش تەسۋىرى ۋە 3-شەخىسكە بولغان ھېسىداشلىقنى مۇكەممەل تەسۋىرلەش خاھىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى .بۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىدى .چۈنكى كىتاب كۆرىدىغانلار يەنىلا ئاز ئىدى .ئەپسۇس ئۆز تەبىئىتىدىن ياتلىشىش ،روھى چۈشكۈنلۈك تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كىيىن جەمىيەت ئەخلاقىغا زور خىرىس ئېلىپ كەلدى .قېنى كىم نىكاھسىز بىللە تۇرىدىغان پەسكەشلەرنى مەھەلە مەسچىتلەردە تۇيۇقسىز پەيدا بوپقالىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئاتالمىش ئارلىشىپ يۈرۈشنى نىكاھتىن ئىلگىركى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ پىراكتىغا مەيدانىغا ئايلاندۇرىۋالىدىغان پەسكەش قىلمىشلارنى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرى ئەمەس دىيەلەيدۇ .ئەنە تېلىۋىزورنى ئاچتىم :چىرايلىق بىر قىز ئالىي مەكتەپتە يىگىتى بىلەن بولۇپ ،ھامىلدار بولۇپ قېلىپ مەكتەپتىن قوغلانغاندىن كىيىن قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالدى.قىز بارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە ئىگە ئىدى .كىيىن ئۇ باش كۆتىرىپ چىقىپ كاتتا خوجايىنغا ئايلاندى .ئەجىبا بۇ نەتىجە قانچىلىغان قىزلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغاندۇ –ھە! ئەنە ،چوڭ خوجايىننىڭ ئايالى بىلەن مۈرىنى –مۈرىگە تىرەپ قۇرۇپ چىققان ئىناق ئائىلىسى ،بەخىت-سائادىتى بار ئىدى .توساتتىن بىر كاتىپ قىز پەيدا بولۇپ قالدى .خوجايىن ئايالى بىلەن ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ماس كەلمىگەن تەرەپلەرنى ھېس قىلدى ۋە ئايالى بىلەن يالغۇز قىزىنى قىيالماسلىق ئىچىدە ئايرىلىپ كاتىپ قىز بىلەن كەتتى.ئوخشىشلا 3-شەخس بولغان بۇ كاتىپ قىزمۇ مۇكەممەل ئايال قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
ھازىر جەمئىيەت ،دۆلەت ئىجدىمائىي ئەخلاققا چىرىكلىككە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە .مېنىڭچە بۇ خزمەتنى ياخشى ئشلەشنىڭ تۇنجى قەدىمى رادىئو-تېلىۋىزىيە تەپتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش،ئجدىمائىي ئەخلاقنى چۈشكۈنلەشتۇرىدىغان تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىغا دەرھال قىزىل كارتا چىقىرىشتۇرخالاس.