قادىر گايىز قارلۇقى
فامىلە ئەسلى ئىسىم ئاخىرىسىغا سۇپەت سوزى قوشۇش ئارقىلىق ئەجداتلارنى ئەۋلادىغا يەتكۈزۈش مەخسىتىدەئەۋلاتلارغا ئاتا كىملىك توغرىسىدا«فامىلە»قىلىپ قالدۇرۇشتى يېقىنقى 500يىللىق پاجىئەلىك تارىخىمىز بولسا بىزدىكى«فامىلە»توغرىسىدىكى چۇشەنچىنى تولىمۇ قالايماقان قىلىپ تاشلىدى. بەزىدە مەسخىرە شەكىلدە، بەزىدە دۇشمەنلىك مەقسىتىدە شەكىللىنىپ،«فامىلە»ئۇقۇمى ئارىمىزدىن تامامەن كوتۈرلىپ كەتتى خۇددى ئەنۋەر پارىس ئېتقاندەك«ئاسماندىن بالا-قازا يەرگە چۈشمەي تۇرۇپ ئەنۋەرنىڭ ئويى نەدە دەپ سورىغاندەك» بارلىق نەسلىك،پەسلىك بىزگە ئاشىق ئىكەنلىگى ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ بىرەر ئاپەت ۋە جاھالەت يەرگە چۈشمەي تۇرۇپ بىز ئۇيغۇرلارنى سورىغاندەك بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدى،بىزدە «فامىلە»ئۇقۇمى مىللى كىملىك توغرىسىدىكى ئائىلە شەجەرىسىنى بىلىش تامامەن كوتۈرلىپ كەتتى،بىزدىن يەتتىنجى ئەۋلاد بوۋىسىنى سانىيالايدىغان كىشىلەر بارماق بىلەن سانىۋالغاندەكلا ،ئۇيغۇر تارىخنى بىلىدىغانلار بەكلا ئاز بىز ھازىر«فامىلە»قوللىنىمىزمۇ،قولانساق زادى قانداق قوللىنىمىز؟«لەقەم» نى فامىلە ئورنىغا دەسىتىشكە بولامدۇ،دىگن تېمىدا زادى قانچىلىك ئويلاندۇق؟ بەزى ئۇشيۇرەك زىيالىيلىرىمىز،،جامائەتنى چاقىرىپ ئوزلىرىگە فامىلە قولانغان يۇرتقا «فلمىلەئىشى»تارقاتقان شۇنۇڭ بىلەن يۇرتتا ئۇنى ئەزان توۋلاپ قۇيغان فامىلىسى بويىچە ئاتاشنى لايىق كورگەن،فامىلىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوز بالىلىرىنىڭ توي قىلىشى چەكلەنگەن، نەتىجىدە فامىلىمىز« قارا نوپوس» تەدىرىجى تىزگنلەنگەن بىزنىمىشقا بۇھەقتە ئەمىلى ئىزلەنمەيمىز، بىز يوقالغان تارىخىمىزنى تېخىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇنماستىن،ئۆزلۇك ۋە مىللى كىملىك ھەققىدە ھەسسىلەپ بەدەل تولىشىمىز كېرەك.
ئۆزلىك ۋە ئۇمۇتسىزلىك
تارىخنىڭ كۆز ياشلىرى،بەزىدە توپانغا ئايلانسا بەزىدە زەمزەم باھار يامغۇرىغا ئايلىنىدۇ،بىز تارىخنىڭ ۋاراقلىرىدىن ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ،مىللى كىملىك ۋە ئۆزلۇك توغرىسىدا ئويلىسام كوڭلىمنى ھەسىرەتلىك پىكىرلەر ئىگللىۋالىدۇ،مىللى كىملىك خاسلىقتا ئوز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، بىز بۇ ئەسەردەتارىختا يوقاتقانلىرىمىزنى تولدۇرۇشقا ئامالسىز لېكىن ئۇرۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ،باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بىز تولەيدىغان بەدەل تېخمۇ كوپ بىز بۇ بەدەللەرنى ھەسسىلەپ تولىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ
1).ئانا تىل تەتقىقاتى
مىللى كىملىك ئالدى بىلەن ئانا تىل تەتقىقاتىدا كورۇلىدۇ شەخىسنىڭ پىكىر قىلىش شەكلى، چۈشەنچىسى،ھېسىياتى ۋە خارەكتىرى شەخىستە ئىپادىلىنىدۇ،شەخىستە ئانا تىل شەكلى بىلەن مۇۋازىننەت شەكلى بويىچە تەپەككۈر شەكلى شەكىلىنىدۇ،بىر تۇركۇم ئۆزلۇك روھىغا باي زىيالىيلارقوشونى مىللى تەپەككۇر قاتلىمى شەكىللەندۇرۇدۇ بىزدىكى زىيالىيلار قوشونى بىر پۇتۈن مىللەتنى تەربىيلەيدۇ،روھى دۇنيانى تاكاماللاشتۇرۇدۇ لېكىن زىيالىلار قوشونىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ئانا تىل توغرىسىدىكى تەرەقىياتلارغا سەل قاراۋاتىدۇ.تىل ئىشلىتىش شەكلى جەھەتىن ئالغاندائۆز ئانا تىلى قوينىغا ئېلىشقا ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ،يەنەبىرقسم زىيالىيلار باركى سوز ئۈلگىسدن ئۆز ئۆز ئۈلگىسى ئارتۇق دىگەندەك يازغىنى ۋە ئۆزلىك خارەكتىرى بىز ئۈچۈن مەڭگولۇك ئابىدە.
2).تارىخنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈش
بىزدىكى ئەجەللىك پاجىئە شۇكى ئۆز تارىخمىزنى بىلمەسلىك، بىلىشكە قىزىقماسلىق ۋە بۇ يولدا ئىزدەنمەسلىك،ئۆز تارىخىنى،ئەجداد تەزگىرىسىنى بىلمەيدىغان زىيالىيلار قوشونى ھەقەقەتەن پۈچۈك بىر قوشون.كىمدۇر بىر زىيالىيدىن ئاڭلىغان«چىن تومۇر » باتۇر توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەردىن كوزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى،بەلكىم تارىخ توغرىسىدا بىلمەيدىغانلىرى ئاز بولغانلىقتىن شۇنداق بولغاندۇ،لېكىن زىيالىيلاردا شۇنداق مەسئولىيەتسىزلىك بىر پۈتۈن گەۋدىگە نىسبەتەن مۇناپىقلارچە خزمەت.
فامىلە ئىشلىتىش-ئۇيغۇر دۇنياسىغا نىسبەتەن فامىلە ئىشلىتىش ئۇزاق تارىخى جەريان بولسىمۇ،تاشقى ۋە ئىچكى دۈشمەنلەرنىڭ تەسىرىدىن فامىلە توغرىسىدىكى ئورىپ-ئادىتىمىز ئاللابۇرۇن يوقاپ كەتتى ياكى يۈتۈپ كەتتى.
تارىختىكى بابىر خانلىغىنى قۇرىغان زوھرىدۈن مۇھەممەت بابۇرنىڭ ئەۋلاتلىرى بابۇرىلار دىيىلگەن بولسا،قاراخاندانلىقنىڭ خانلىق ئۇرىغىدىكىلەر بولسا بۇغرا دىيىلىپ كەلگەن،لېكىن ئاددى خەلىق ئارسىدا بولسا فامىلە ئىشلىتىش چەكلەنگەن،يوقىرى تەبىقە ئىچىدە فامىلە ئىشلىتىش كەڭ دائىردە ئوموملاشقان مەسىلەن:ئچكى توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان قەبىلىلەردە ياغلاقار،تۇرلەمۇر، قارلۇق قاتارلىق قەبىلە ناملىرى فامىلە ئورنىدا ئىشلەتگەن،كېيىن بىز بۇنى قەبىلە ناملىرى نامىدا تونۇپ كەلدۇق.ئەمىليەتتە بۇ خىل ناملار قەبىلە نامى بولۇپلا قالماي زەردار ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە نامى ئىدى.ھازىرمۇ قومۇل شەھىرىنڭ قەدىمىي شەھەر قارادوۋە يېزا لاپچۇق كەنىتدە«قارلۇق»نامىدىكى فامىلىنى قۇلىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بار .مانا بۇ تارىخمىزدىكى نەچچە مىڭ يىللىق«فامىلا»نىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن جانلىق پاكىتى ،بەزى يەر ۋەجايلاردا بولسافامىلە شەكلى ئۆزگەرگەن شەكىلدە بارلىققا كەلدى.مەسىلەن:قومۇل شەھەرىنىڭ قەدىمىي شەھەر قارادوۋە يېزىسىدا لەقەم بولسا بەزى يۇرت جايلاردا فامىلە شەكلىدە بارلىققا كىلدى،بەزىدە بۇخىل ئۇقۇم ئارلىشىپ، بەزىدە بىرلىشىپ كەتتى بەزى يۇت قىزىقچقلىرى بەزى كىشىلەرنى شاڭخو قىلىپ لەقەم شەكلى تېخمۇ قاليماقان قىلىۋەتتى.مەسىلەن:ئانىسى «ئىشەك» بولسا،بالىسى«تەخەي»،ئاتىسى «پوق» بولسابالىسى«شاتىراق»دىگەندەك مانابۇ فامىلە ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھەسىرەتلىك قىسمەت. دىمەك فامىلە تارىخىمىزساغلام تەرەقي قىلمىدى.
شۇنداقلا فامىلە توغرىسىدا 1950-يىللاردىن كېيىن بەزى تەتقىقاتچىلىرىمىز كۆپىرەك ئىزدىنىپ فامىلىنىڭ ئاتا ئىسمى ئەمەس بەلكى مەلوم مەدىنيەت ئارقا كورىنىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان مەدىنيەت ھادىسى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى بىز ھازىر ھېس قىلىپ يەتۇقكى فامىلە بىرمللە ت كىشىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم جەمەتىنىڭ بىر ئۇزاق يللىق تارىخى ئوتمىشىنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق كەچمىشى ئەۋلاتقا ۋارىسلىق يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ھالقا ئىكەن. بۇھەقتە بىزنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئەڭ دەسلەپ يازغۇچى مۇتەللىپ سېرىق قاھىرە تۇنجى بولۇپ فامىلە قوللىنىشنى تەشەبۇس قىلغان،كېيىن خەمىت تومۇر، نۇر مۇھەممەت دولەتمۇ ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ مەدىنيەت مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ ماقالىلەر يازغان.
يەنە بۇ ساھەدە كوپ كۈچ چىقارغان شائىر،يازغۇچى،پىراپىسورلاردىن ئازات سۇلتان ،ئەسەت سۇلايمان،ئارسىلان،ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلارنى كورسۈتۈپ ئۆتۈش مۇنكىن.فامىلە سوزى ئېنگىلىزچە«فامىلىشى»ئائىلە دىگەن سوزدىن كەلگەن ئىنگىلىزچە مەنىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى،قانداشلىغى بار بىر جەمەئەت كىشىلىرىنى بىلدىرىدۇ.ئاللا ئادەمگە تۇنجى ئۆگەتكەن نەرسە ئىسىم قۇيۇشنى ھەممە كىشىلەرنىڭ يەككە يىگانە ئىسمى بارلىغىنى ئۇرۇق تۇققانچىلىق ،نىكاھداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ئومومى نامى.
ئاتلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەئەتىدە فامىلە قوللانغان ،يەنى ئەرلەر ھوكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردىلا بالىلار ئاتا-ئانىلىرنى يونىدى.فامىلە شۇندىن ئېتىۋارەن قوللاندى .بۈگۈنكى كۈندە لەقەممۇ ئۆز نۆۋىتىدە فامىلە ئۇرنىدا قوللىنىپ كەلمەكتە .بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارسىدا 1949-يىلى ئەتىراپىدا قۇمۇلنىڭ قەدىمى شەھەرى قارادوۋە يېزىسىدا ئومومىيۈزلۈك دىگۈدەك لەقەم بىلەن ئادەم ئىسىملىرىنى ئاتاش ئادەتكە ئايلىنىپ كەلمەكتە،لەقەمسىز ئادەم بۇ يۇرتتا يوق دىيەرلىك ،بۇ لەقەملەر ئاساسەن خوسەنلەر ،جاماللار،جالاللار،مارجانلار،قۇرۋاۋشاھلار، قىرباشلار، دەدىۋالار،تاشۋايلار، كامىللار،كىلدانلار،ياغاچلار،ياڭخېلار جەمەتى دىگەن لەقەملەر بۇ قەدىمئى شەھەر قارادوۋە يېزىسىدا كەڭ ئوموملاشقان،ناۋادا ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇرايوندا،مەسىلەن:بىرەر باشقا يۇرتتىن ئادەم كېلىپ ،مەلوم كىشىدىن مەن قادىر ئىمىن دىگەن كىشىنى ئزدەيتتىم دىسە ئۇ كىشىگە شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇكى ،ئۇ،قادىر ئىمىن خوسەنمۇ، قادىر ئىمىن ياغاچمۇ ياكى قادىر ئىمىن ھەپىلەكمۇ دەپ سورايدۇ.ناۋادا بۇلەقەملەرنى دەپ بېرەلمىسە ئۇ قادىر ئىمىن دىگەن كىشىنى تېپىش سەل تەسكە توختايدۇ.
شۇڭا ھەممە كىشىلەردە لەقەم مەركەزلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: 1850-يىللىرى مابەينىدە تارىخ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان «خوسەن»لەر جەمەتى خوسەنلەر لەقىمى بىلەن كەلگەن،بۇلەقەم ھازىرقى مۇھەممەت ئاتىسى ئاخموللا خوسەن ھاجى ،ئاتىسى ئابلېز خوسەن ھاجى ،ئاتىسى تۇرسۇن شاڭيو خوسەن ئاتىسى سىدىق خوسەن قۇربان دىگەن كىشى بۇ لەقەم بىلەن ئاتىلىپكەلگەن،بۇ لەقەم ھازىرقى مۇھەممەت ئاخموللا ھاجىنىڭ 5-ئۇلۇغ بوۋىسى بولغان سىدىق خوسەن قۇربان كىشى تەرەپىدىن 1850-يىللار قوللىنىپ كەلگەن.
بۇلەقەم ئاشۇ يىللاردىكى سىدىق دىگەن كىشى ئىنتايىن باي،ھۆكتەم،دوڭخۇر بولۇپ،،ئۇ 18 ياش (ئويلەنگىلى بىر قانچە يىل بولغان)ۋاختىدا خوتۇنىنى يامانلىتىپ قويۇپ خوتۇننى نوچىلىق بىلەن ھوكتەم قەينانىسىنىڭ ئويىگە ئىككى دوستىنى باشلاپ يامانلىتىپ قويغان خوتۇننى ئېلىپ كەتكىلى كەلگەن،ئۇ،ئويگە كىرىپ ،قەينانىسىغا-قېيىنئانا خوتۇنى ئالغىلى كەلدىم دىگەن بۇ،گەپنى ئاڭلىغان قېيىنئانا بۇنداق بېيىت توقۇغان.
-خومۇسەن
-خوسەنمۇسەن
-ھەمىلىرىنىڭ چوڭىسەن
-ھېيىت ئۇچۇرى قىزىمنى ئۇرۇپسەن
-ئۆيىمگە كىرىپ قاپسەن
-دەپ ئۇن يايىدىغان خالونى سىدىقنىڭ بېشىدىن چوگىلىىپ،ئۆرگىلەي،چۆرگىلەي،بېشىڭدىن ئورگىلەي دەپ پاچاق تىزىغا ئۇن يايىدىغان خالونى بىرنى ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتكەن ئىكەن،شۇنۇڭ بىلەن سىدىق ھېچنىمە دىيەلمەي ئىككى دوستى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنكەن، ئاغىنىلىرى سىدىقنى «خوسەن»دەپ زاڭلىق قىلغان ئىكەن.شۇندىن ئېتىۋارەن «خوسەن»دىگەن لەقەم سىڭىپ تا ھازىرغىچە خوسەنلەر جەمەتى بولۇپ داۋاملىشىپ«خوسەن»لەقىمى بىلەن ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلمەكتە. خوسەن ئەسلى ئەينى دەۋىرلەردە ئەڭ باي كىشىلەرلا ئىشلىتەلەيدىغان قىممەت باھالىق يۇمشاق بوبىرىك رەخنىڭ ئىسمىغا قارىتا ھوكتەم سىدىققا «خوسەن»دىگەن لەقەم قۇيۇلۇپ قالغان ئىكەن. لەقەمنىمۇ بىر ئۇرۇق بىر جەمەت كىشىلىرى خاش ئەتسەياكى شۇ جەمەت كىشلىرىنى گۈللەندۈرگەن بولسالەقەمنىمۇ فامىلە ئۇرنىدا قۇللانسا بولىدىكەن دەپ قارىدىم.ئۇيغۇر مىلەتلىرى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادىنى جەمەتىنى ئۇنتۇپ قالماسلغى ئۈچۈن قۇلانسا بۇ بىر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق،ئەڭ زور مەڭگولۈك ئابىدە ئىكەن دەپ قارىدىم.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-27 18:44قايتا تەھرىرلىدى ]