بۇلتۇر 8-ئايدا ئاللاھ بىزگە بىر قىز پەرزەنىت ئاتا قىلدى، قىزىمنىڭ چوڭ ئىسمىنى "مۇسلىمە" ، كىچىك ئىسمىنى "مەيمۇنە" قويدۇق. مېنىڭمۇ ئۇزۇندىن بۇيان فامىلە قوللىنىش ئىستىكىم بار ئىدى، ئەپسۇس قىزىمنىڭ نوپۇس ئىشىنى بېجىرگىلى بارغاندا، ج خ ئىدارىسىدىكى بىر خەنزۇ جىنتەك بىر مۇنچە باھانىلەرنى كۆرسىتىپ فامىلە قوللىنىشىمغا قوشۇلمىدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىسمىم قىزىمنىڭ فامىلىسى بولۇپ تىزىملاندى!!! ھازىر جەمىيەتكە نەزەر سالساق فامىلە قوللىنىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئىكەن.قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان خەلىق ۋەكىللىرى جەمىيەتنى ھەرتەرەپلىمە كۈزەتمەمدىغاندۇ؟؟؟ بۇنىڭدىن باشقا سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى خەنزۇچە يېزىلغان ئىسىم-فامىلىمىز ئورنىغا ھېچ بولمىغاندا يېڭى يېزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىسىم-فامىلىمىز ئالماشقان بولسا، ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشاش ھالەت شەكىللىنەتتى.
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2012-02-06 16:24قايتا تەھرى ]