كۈچلۈكلەر ھامان ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلار بىلەن كۈچلۈكتۇر. گېتلىر تارىختا دەۋرداشلىرى تەرىپىدىن فاشسىت،جاھانگىر، قىرغىنچى دېگەندەك باھالارغا ئېرىشتى. تارىخ تەرىپىدىن ئىمپىراتور، ھەربى ئالىم، ناتىق دېگەندەك باھالارغا ئېرىشتى. مەن تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئىمپىراتورلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان،قىسمەن تارىخىدىن،تارىخنىڭ ئۇلارغا بەرگەن باھالىرىدىن خەۋەردار بولغان. گەرچە بۇ ئىمپىراتورلار ئاشۇ سەلتەنەت تاجىنى كېيىش ئۈچۈن ئوخشاش ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق تارىخى يېزىپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا تارىخ تەرپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە خاس ناملار بىلەن تارتۇقلانغان . گېتلىرمۇ ئوخشاش تارىخ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قىسقا مەزگىللىك ھۆكۈمران.
ئۇ مەيلى كىم بولسۇن ماڭىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن شەخس، قايىللىقىم بار. ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم ياخشى ئادەتلىرىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلغان ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانى تۇرغۇزغان. بولۇپمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان تەرىپى قەتئى تەۋرەنمەس روھ بىلەن كۆرەش قىلىش. ئۇ دەل شۇ خىل روھ بىلەنلا نامراتلىق، يىتىملىق كوچىسىدىن قەد كۆتۈرۈپ مەزگىللىك دۇنيا ھۆكۈمرانى بولغان.
http://www.uqur.net/