saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1326 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurzuwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 623 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 369 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 370 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 136(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئانا ھەققىدە ئويلىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما alqondi تەرىپىدىن كومپىيوتوردىن سوئال - جاۋاپ بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-05-17)
ئانا ھەققىدە ئويلىنىش
ئوتتا تاۋلانغان مۇھەببەت ھىكايىسى
1988- يىلى ئامېرىكىدىكى بىر باغچىدا بىر دەرەخ كەسكۈچى تاشلىۋەتكەن تاماكا قالدۇقى زور ئوت ئاپىتى پەيدا قىلدى. ئوتتا نۇرغۇن ئورمان كۆيۈپ كەتتى. ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى كونكىرېت زىياننى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولۇپ، باغچىنى ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئورمانلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن دەل- دەرەخلەردىن باشقا ئالاھىدە نەرسە كۆزگە چېلىقمايتتى.

ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرەيلەن ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز خارابىلىقتىن كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن بىر قۇشنى ئۇچرىتىپ قالدى. ھەيران قارلارلىق يېرى شۇكى، ئۇ قۇش بىر تۈپ دەرەخنىڭ كۆتىكى تۈۋىدە قانىتىنى يايغىنىچە ياتقانىدى. بۇ قۇشنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى كىشىگە گوياكى، بىرەيلەن مەخسۇس ئاشۇنداق كۆرۈنۈش ياساپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، لېكىن بۇ بىرەيلەن ياساپ قويغان ساختا كۆرۈنۈش بولماستىن، بەلكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھەقىقى مەنزىرە ئىدى. بۇ غەلىتە مەنزىرىدىن ھەيران بولغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قۇشنىڭ جەسىدىنى ئاستا ئىتتىرىپ باقتى. بۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن قۇشنىڭ قانىتى ئاستىدىن تېخى ئۇچۇرما بولمىغان ئۈچ قۇش بالىسى ئوماق كۆزلىرىنى ئەتراپقا ھەيرانلىق نەزىرىدە تىككىنىچە ئاستا مېڭىپ چىقتى. بۇ قۇش بالىلىرى ئانا قۇشنىڭ ھىمايىسىدە ھىچقانداق زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىماي ئامان قالغانىدى. ئەسلىدە زېرەك ئانا قۇش بالىلىرىنى بۇ چوڭ دەرەخ تۈۋىگە يىغىپ، ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىۋالغانىدى.

ئەمىلىيەتتە ئانا قۇش ئوت كەتكەن بۇ ئورمانلىقتىن ئامان- ئېسەن ئۇچۇپ كېتەلەيتتى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك بالىلىرىنى بۇنداق دەھشەتلىك ئوت يالقۇنىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە پەقەت كۆڭلى ئۇنىمىغانىدى. نەتىجىدە كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ناھايىتى تېزلا بالىلىرىنى قانىتى ئاستىدا ھىمايە قىلىۋاتقان بۇ ئانا قۇشنىڭ يۇمران پەي- قاناتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى گوياكى ھەيكەلدەك قاتۇرۇپ قويغانىدى. تېخىمۇ تەسىرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئانا قۇش ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تاكى ئوت ئۆچۈرىۋېلىنغانغا قەدەر خۇددى بىرى قاتۇرۇپ قويغاندەك، باشتىن- ئاخىر بىر خىل ھالىتىنى ساقلاپ قالغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ھېلىقى قارا ئىس- تۈتەكنى كۆرگەن چېغىدىلا بالىلىرىنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قۇربان قىلىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانىدى.

مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى، مۇھەببەت بولغاچقىلا بۇ دۇنيا گۈزەل ھەم سۈيۈملۈك. ئانا مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ قۇدرەتلىك مۇھەببەتتۇر. ئانا ئۆز ۋۇجۇدىدىن تامغان ئاشۇ سۈيۈملۈك بالىلىرىنىڭ ھاياتى، بەخت- سائادىتى، كېلەچىكى ئۈچۈن شىددەتلىك ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريالارغا سەكرەشكە، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلاردا ئازاپلىنىشقا، مۈشكۈل داۋانلاردا، ئۇزۇن سەپەرلەردە ھېرىپ- چارچاشقا ھىچبىر ئىككىلەنمەيلا رازى بولىدۇ.

ئانا قۇشنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك بۇ تەسىرلىك ھىكايىمۇ خۇددى بىزنىڭ مىھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ پەرزەندلىرىگە بولغان مۇھەببىتىدەك ساپ، پاك ھەم غەرەزسىز مۇھەببىتى ئىدى. بۇ ئانا قۇش ئەمىلىيىتى ئارقىلىق بىزگە ئۇلۇغۋار مۇھەببەتلا بارلىق ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئانا قۇشنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك، بۇ تەسىرلىك ھىكايە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئەبەدى يادلىنىدۇ.

خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

ئانىنىڭ قەبرىسى
قاتتىق قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئېگىز ھەم خەتەرلىك تاغ جىلغىسىغا ياشانغان بىر ئامېرىكىلىق ئەر بىلەن بىر كورىيىلىك يىگىت كەلدى. ئۇلار توپتوغرا بىر كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن، جىلغىدىكى بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كەلدى. قېلىن قار ئاستىدا قالغان بۇ قەبرە قارىماققا ناھايىتى ئاددى كۆرۈنەتتى. ئامېرىكىلىق كىشى يېنىدىكى يىگىتكە بۇ قەبرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:

ــــ ئانىڭىزنىڭ قەبرىسى مۇشۇ شۇ، ــــ دېدى.

يىگىت ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا قار ئۈستىگىلا تىزلاندى.

بۇ قەبرىگە ئۆزىنى بالىسىغا ئاتىغان ئاددى، ئەمما ئۇلۇغ بىر ئانا دەپنە قىلىنغانىدى. بۇ ۋەقە 1952- يىلى يۈز بەرگەن. ئۇ ۋاقىتتا كورىيە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولۇپ، كورىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ھىچنىمە ئۈنمەيدىغان قاقاس جايغا ئايلىنىپ قالغانىدى. كورىيىنىڭ يۇرت- ماكاننى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ب د ت كورىيىگە بىر تۈركۈم ئەسكەر ئەۋەتكەن، ۋېلسۇن شۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ كەسكىن بىر مەيدان ئۇرۇش مۇشۇ تاغ جىغىسىدا بولغان. بۇ قانلىق ئۇرۇش نەچچە كېچە- كۈندۈز داۋاملاشقانىدى.

ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، قايتىش يولىدا ۋېلسۇن قىسىمدىن بارا- بارا يىراقلىشىپ، ئۆزى يالغۇز باشقا بىر يولغا كىرىپ قالدى، يولدا تۇيۇقسىز بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاندى. ۋېلسۇن يىغا چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئاۋاز قار دۆۋىسىنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قېلىن قارنى ئىككى تەرەپكە ئىتتىرىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاراپ قېتىپلا قالدى. قېلىن قارنىڭ ئارىسىدا مۇزلاپ قېتىپ قالغان بىر يالىڭاچ ئايالنىڭ قۇچىقىدا بىر بوۋاق قىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى.

ئەسلىدە بۇ ئانا پاناھلىق ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا بۇ تاغ جىلغىسىغا قاپسىلىپ قالغان. بۇ يەردە نە كەنت، نە ماگېزىن يوق، يەنە كېلىپ قاتتىق قار يېغىۋاتقاچقا، بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئانا ئۇچىسىدىكى ھەممە كىيىمى بىلەن بالىسىنى ئوراپ، ئۇنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغانچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانىدى. بۇ ئانا ئالىبۇرۇن جان ئۈزگەن بولسىمۇ، قۇچىقىدىكى بالا ھايات ئىدى.

ۋېلسۇن بۇ ئانىنىڭ شۇ بالىسى ئۈچۈن جان بەرگەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن سايمانلىرى بىلەن مىڭ تەستە بىر قەبرە كولاپ، ئۇ ئايالنى يەرلىكىدە قويدى ھەمدە بالىنى قىسىمغا ئېلىپ كەتتى. ئۇ بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلدى. ھەمدە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنى ئامېرىكىغا ئەكىتىپ ئوقۇتتى. ئەمدىلىكتە ۋېلسون ئەينى يىللاردىكى شۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنى بۇ تاغ جىلغىسىغا باشلاپ كەلگەنىدى.

قەبرە ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ كۆز ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتاتتى. بىر ھازادىن كېيىن يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرە ئۈستىدىكى قارلارنى ئىككى تەرەپكە دۆۋىلىدى. ئەتراپتىكى قارلارنى تازىلىغاندىن كېيىن ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى سېلىپ، بىر- بىرلەپ قەبرە ئۈستىگە ياپتى ھەمدە قەبرىنى قۇچاغلىغان ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويغان چاغدىكى ھالىتىنى قىياس قىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان قەلبىدە ساقلاپ كەلگەن مۇنۇ سۆزلەرنى تەكرارلىدى:

ــــ ئانا، شۇنچە يىللاردىن بۇيان توڭلاپ كەتكەنسىز- ھە! مەن ھايات، سىزنىڭ مېنى ھايات قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە قانداق جاۋاپ قايتۇرسام بولار؟

تۇرسۇنگۈل ئابلا تەرجىمىسى

مەنبەئە: «ئامانلىق» ژورنىلى
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-28, 12:18
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-28 12:16 |
    taraza
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1524
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    شۆھرەت: 382 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 382 سوم
    تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 220 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەرۋەتسە ،بىر قولىدا دۇنيانى تەرۋىتىدۇ
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 14:14 |
    huxnur
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4227
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 108
    شۆھرەت: 765 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
    تۆھپە: 419 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 419 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈ -ئانىنىڭ سۆيگۈسىدۇر .
      ئانا دۇنيادىكى تەڭدىشى يۇق ئۇلۇغ ئىنسان .
    ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىقىدا ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتەيلى !
    گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 17:22 |
    muhlisa0903
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5214
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دۇنيادا   ئەڭ    ساپ   بولغان   مۇھەببەت  -----       ئانىنىڭ    بالىغا    بولغان    مۇھەببىتىدۇر   .   ئانىلىرىمىزنى   قەدىرلەيلى    ،  
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 22:46 |
    سةنةم
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 225 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
    تۆھپە: 134 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 134 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېزىزلىگىن ئاناڭنى قەۋەت ،
    گەر بولسىمۇ نادان ھاماقەت .
    ئامەت  كېلەر ساڭا بىر نۆۋەت ،
    لېكىن ئاناڭ پەقەت بىر نۆۋەت .
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 23:23 |
    tanhaburkut
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5215
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانا شۇنداق ىۇلۇغ ىنسان لېكىن ئاشۇ جاپاكەش ئانىلار بۇ دۇنيانىڭ ھىچبىر خىوۋلۇقىنى كۇرمەيلام بۇ دۇنيادىن  مەگگۇلۇك ئايرىلدۇ
    lutun
    ئاپا سېنى سېغىندىم
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 00:09 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر