turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 764 قېتىم كۆرۈلدى
miras
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 1113 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 575 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 604 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا

         ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.

     خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…

     ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

     چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت تۈزۈم، خالاس!
     چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

     ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ. بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن، كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن. بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.

     كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

     چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!

   مەنبە قىسمەت بىلوگى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-28 17:26قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-28, 16:21
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-28 16:20 |
maslakdax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ مۇشۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى تىزىملاتتىم.ھەقىقەتەن پېچەت يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.
تۇنجى قەدىمىمنى ئىنكاس بىلەن باشلاپ تۇراي.
lutun
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 17:15 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
شۆھرەت: 1041 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1057 سوم
تۆھپە: 624 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 626 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 839(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى maslakdaxدە2011-12-28 17:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزنىڭ مۇشۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى تىزىملاتتىم.ھەقىقەتەن پېچەت يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.
تۇنجى قەدىمىمنى ئىنكاس بىلەن باشلاپ تۇراي.

كەچۈرۈڭ ،سورىۋالسام ...سىز مۇرات مۇئەللىممۇ ؟
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 17:49 |
sewrigul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4620
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىراس قېرىندىشىم، بىر بىر چاغلاردا «خاس ھاجىپ مۇنبەر»ىگە «زىيالىلار ۋە سېسىق 9-»نى سىز يوللىغانمۇ؟  بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ  دەرھال شۇ ئەسەر ئېىسىمگە كەلدى.شۇ چاغدا   «زىيالىلار ۋە سېسىق 9-»نى ئوقۇپ يىغلاي دېسەم تېخى، كۈلەي دېسەم تېخى.......قالتىس يېزىلغان ئەسەركەنتۇق ئۇ.
شۇمۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزمۇ؟
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 18:23 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىم ئەپەندى سىزدە ئەھمەت نىجاتتەك ئىمان ئىسلاممۇ يوق تۇرسا، سوتسيالىزىم دىگىنىڭىز بىر يالغانچىلىق بولاپ قالسا سىز ئۆز جەمەتىڭىزنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن كونۇپكا باسمايدۇ دىگىلى بولاتتىمۇ ،

ئاپتۇرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ۋە جىگەرلىك پىكرىگە   تولىمۇ قايىل بولدۇم
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 18:35 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن! 
ئەمما، بىر قېلىپتىن چىققاندەك ، مۇم ھەيكەلدەك سىياقتىكى ئوغلىنىڭ تۇرقىدىن ھېچبىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈنمەيدۇ!
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 18:39 |
maslakdax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى بارخاندە2011-12-28 17:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كەچۈرۈڭ ،سورىۋالسام ...سىز مۇرات مۇئەللىممۇ ؟

ياق.مەن مۇرات مۇئەللىم ئەمەس.
sarkar
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 19:56 |
قارلۇق007
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4048
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 446 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 448 سوم
تۆھپە: 265 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 267 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بارىكاللا!مەن يەنە بىر بوزقىرنى كۆرگەندەك بولدۇم.
مەن چاۋشىيەندە ئاشلىقنى دېھقانلار تېرىپ ھۇسۇلىنى ئەسكەرلەر يىغىپ كوممۇناچە تەقسىملەپ بىرىشىدۇ دەپ ئاڭلىغان بۇ راستمىدۇ؟
hawar
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل ئەخلاقتۇر
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 21:41 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 1072 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1062 سوم
تۆھپە: 623 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 626 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 634(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاۋشىيەن خەلقى يىغلاۋاتىدۇ ؟ راستلا ئۆلىمىگە يىغلاۋاتامدۇ ؟ ياكى ئۆلگىنىگە خوش بولۇپ يىغلاۋاتامدۇ ؟

مەنچە بولغاندا ئۆلگىنىگە خوش بولۇپ يىغلاۋاتامدىكىن............. ھا ھا...
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 23:42 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بوپتۇ ئۇنداقتا ئوبدان يىغلىسا بولغۇدەك ، خوشاللىق يىغىسى دىگەنمۇ بىر بەخىت
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 23:45 |
merdan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 97
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 197 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 197 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاۋشىيەندە ئاياللارنىڭ بىر كۈنلۈك ئاشلىق نورمىسى 300گىرامكەن.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 23:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز