دىن ئىنسان ئۈچۈن بىر يۈگەندۇر ، ئەقىللىق ئەجدادىمىز دىننى ئۈزىگە ھەمرا قىلىپ كەلگەن ، مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دىننى توغرا تاللاش ،دىنلارنىڭ ئىچىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ئىسلام ، 1400 يىل بۇرۇن تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ ، 100 مەشھۇر شەخىسنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان ئالاھىدە كىشى ، ئېمپىراتور << مۇھەممەد (س،ئە،ۋ) نىڭ 23 يىللىق كۈرىشى جەريانىدا پەيدا بولدى ۋە ئىشەنگۇسىز دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلىپ قىتئەلەر ئاتلاپ ئىنسانىيەتكە سىڭىپ كەتتى ، چۈنكى ئىسلام ، ئىنسانىيەتنىڭ ئوتتۇرسىغا مۇھەببەتنى سالدى ، ئەڭ ياۋۇز بولغان << ئەبۇ سوفىيان >> دەك كىشىلەرنى ئەڭ مېھرىبان ۋە ھەقىقەتچىگە ئايلاندۇردى ، كىبىرى چوڭ ئەمەلدارلانى تۇيۇقسىز ، ئەمەل-مەنسەپ ۋە دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن كەچكۈزۈپ ، ئاجايىپ كەمتەر قىلىۋەتسە ، قۇۋ مەككارلانى شۇنچىلىك چىن قىلىۋەتكەن ئىدىكى مۇسۇلمان توپىدىكىلەرگە دۈشمەنلىرى ئۆز ئادەملىرىگە ئىشەنگەندىنمۇ بەكرەك ئىشىنەتتى ، لايدەك يۈرەكلەرنى سۈپ- سۈزۈك سۇدەك قىلىۋەتكەن دەل ئىسلام ئىدى.
ئىسلام ئەخلاقنى ئەڭ تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بۇلۇپ ، مەيلى قانچە ياخشى ئىش - ئەمەللەرنى قىلمىسۇن ، ئەخلاقسىز بولسىلا ئۇ مۇسۇلمان ھىساپلانمايتى ، شۇنچىلىك مېھرىبان بۇلۇشنى ئۈگىتەتتىكى ، بىراۋغا تىلى ئارقىلىق كۆڭلىنى رەنجىتىشمۇ قاتتىق چەكلىنىەتتى ، ئىنسانىيەتكە چەكسىز مۇھەببەتنى سالغانكى ، مەن ئاسىيادا ياشىدىم ئەمما ، ئافرىقىدا ياشىغان مەن ھىچ كۈرۈپ باقمىغان بىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلسەملا ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدىم ،يەنە شۇنداق باراۋەرلىكنى سالغانكى ، مەيلى ئاسىيانىڭ يايلاقلىرىدا ، مەيلى ئافرىقىنىڭ جاڭگاللىرىدا ، ياكى ياۋرۇ- ئامرىكىنىڭ رەڭگارەڭ چىراقلىرىدا ياشاڭ ، قايسى ئېرىق ، قايسى مىللەت بۇلۇڭ ، باراۋەرلىكنى ئىماننىڭ تەركىبى قىلغان ئىدى ، بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ، قىز - ئاياللارغا ئىززەت قىلىشنى ، تەبىئەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ، ھەيدىگەن ماشىنا ، ئىشلەتكەن يان تېلفۇنلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىگەن ئىسلام ئىدى .
ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىسلام ، بەدىنىنىڭ يېرىمىنى سايىدا ، يېرىمىنى ئاپتاپتا قۇيۇپ ئولتۇرۇشمۇ بەدىنىنىڭ يېرىمىغا قىلغان ئادالەتسىزلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رۇخسەت قىلمايتتى ، ئادەملەرنى ئەمەس ھايۋانلارنى تىللشقىمۇ بولمايتى ، ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىش ئادەملەرگە زۇلۇم قىلغانغا ئوخشاش ھارام قىلىنغان ئىدى، بۇگۇن ئىسلامغا كىرسە بىر خەنزۇ ، دىمەك ئۇ مېنىڭ قان - قېرىنداشلىرىمدىن بولدى ، ئۇ كىسەل بولسا يوقلىشىم ، ياردەم لازىم بولسا ياردەم قىلىش مېنىڭ مەجبۇر يىتىمدۇر ، ئاجايىپ كەڭ قورساق بۇلۇشنى تەكىتلەيدىغان ئىسلام ، ئىسلامغا ئىزچىل دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان يەھۇدىلاردىن بىر بوۋاي ھاسىراپ ماشىنىغا چىقسا ئۇرۇن بوشۇتۇپ بىرىشىمنى ماڭا ئۈگەتكەن ئىسلام ئىدى .....
ئەخلاقنىڭ يەنى باتۇرلانىڭ ، قەيسەرلەنىڭ ، مەرتلەنىڭ ، سەۋىرچاننىڭ ، كەڭ قورساق ، رەھىمدىلنىڭ ، تەمكىن ۋە كەسكىنلەرنىڭ دىنى بۇلۇپ قورقۇنچاق ، چىدىماس، نامەرت ، ئالدىراقسان ، ئىچى تار ، شەپقەتسىز ، ئىزلەڭگۈلەرنى ئەڭ ياقتۇرمايتى ،.... ھەر قايسى جەھەتتىن مۇكەممەل بۇلۇشقا قاتتىق ئۈندىگەن دەل ئىسلام ئىدى .
ئىسلام مەرھەممەت ، رەھىم - شەپقەت ، نۇر - ھىدايەت دۇنياسى ئىدى ، ئىسلام بىلىم ئۇقۇشنى يەنى ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان پايدىلىق بىلىم ئۇقۇشنى ئەڭ ئاۋالقى شەرتلىرىنىڭ بىرى قىلغان ئىدى .
ئسلام گۈللەنگەن دەۋىرلەردە شۇنداق كاتتا ئەخلاق پىشۋالىرى ئاجايىپ تەقۋالىق ۋە ئېسىل پەزىلى بىلەن داڭ چىقارغان بۇلۇپ << ئەبۇ ھەنىفە >> جەمەتىدىكىلەر شۇلارنىڭ بىرى ئىدى ، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى << نوئمان ئىبنى سابىت >> مۇ ئەخلاقلىق كىشى بۇلۇپ ، ناھايىتى سالىھ كىشىلەردىن ئىدى ، بىر كۈنى نوئمان ئېتىزدا سۇ قۇيىۋېتىپ ئېقىپ كەلگەن ئالمىنى بىر چىشلەپ سالىدۇ ۋە << توختا مەن بۇ ئالمىنىڭ ئىگىسىدىن رۇخسەت ئالمىدىم >> دىگەننى ئويلاپ دەر ھال يۇتۇپ كەتكەن بىر چىشلەم ئالمىنىڭ ھەققىنى تۆلەش ئۈچۈن ئالمىنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ ماڭىدۇ ، باغ ئارلاپ يۈرۈپ ئاخىرى سورتى ئوخشايدىغان ئالمىلىق باغنى تېپىپ ئىگىسىگە ھەممە ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن << قانداق قىلسام مەندىن رازى بۇلىدىلىكىن ؟ >> دەپ سورايدۇ ، باغۋەنمۇ نوئماننىڭ تەقۋالىقىنى ئاڭلىغان كىشى بۇلۇپ سىناپ باقماقچى بۇلىدۇ ۋە >> ئاۋال مۇشۇ بېغىمدا ئۈچ يىل ئىشلىسىلە ، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى >> دەيدۇ ، نوئمان رازىلىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ .
ئاللا نىڭ رازىلىقىنى دىمىسە كىممۇ بىر چىشلەم ئالمىغا ئۈچ يىل ئىشلىسۇن ، ئۈچ يىل توشقاندا يەنە پاراڭلىشىدۇ ، باغۋەن << مېنىڭ بىر قىزىم بار ، ئۇنىڭ قۇلى تۇتماس ، پۇتى باسماس،كۈزى كور ، قۇلىقى گاس ، شۇنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز مەن سىز دىن رازى بۇلىمەن . ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىر گۆشتىن پەرقى يوق بۇ قىزنى ئالماقچى بۇلىدۇ ، ۋە توي ئاخشىمى ھۇجىرغا كىرىپ چۈچىگىنىدىن دەرھال چىقىپ كېتىدۇ ، << مەن نا مەھرەمگە قاراپ سالدىم >> دەپ ئاللادىن گۇناھىغا مەغفىرەت تىلەيدۇ ، ۋە قېينا ئاتىسى باغۋەنگە << سىلى ئۇنى : قۇلى تۇتماس ، پۇتى باسماس،كۈزى كور ، قۇلىقى گاس ، دىگەن ئىدىلە ، ئەمما ئىچىدە ساپ- ساقلا بىر قىز ئولتۇرىدۇ ، ئۇ كىم ؟ ، قېينا ئاتىسى تەبەسسۇم بىلەن چۈشەندۈرۈپ << قۇلى تۇتماس دىگىنىم نا مەھرەمنى تۇتمىغان ، پۇتى باسماس دىگىنىم ، نا توغرا يولدا ماڭمىغان ، كۈزى كور دىگىنىم نا مەھرەمگە قارىمىغان ، قۇلىقى گاس دىگىنىم ، قالايمىقان نەرسىلەرنى ئاڭلىمىغان دىگىنىمدۇر . نوئمان بۇنى ئاڭلاپ خۇرسەن بۇلۇپ ئايالىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ، مۇشۇ ئايالىدىن ئىسلام ئالىمى << ئىمام ئەزەم نوئمان ئىبنى سابىت رەھمىتۇللاھى ئەلەي >> (ئىمام ئەزەم ، نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ) ئاجايىپ بىلىملىك ، تەقۋادار بۇ كىشى دۇنياغا كىلىدۇ .
ئىسلام دىمەك ئەخلاق دىمەكتۇر ، ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ ئەخلاقنى ئۆزلەشتۇرالمىغان ھەرقانداق ئىنسان ئىبادەتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ، ئىسلام مەنىۋى بايلىققا قىزىقىدىغان كىشىلەرنى ئۈزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىۋېلىشى ، قەلىپ دۇنياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىشى ، پەسكەش ئىنساننى پەزىلەتنىڭ گۈللىرىگە پۈركىۋېتىشى ، بىر ئىنساننىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان بولغىنى ۋە ھىدايەت تاپقىنىدۇر .
پەيغەمبىرىمىزمۇ تەكىتلەپ ، << : مەن دۇنياغا گۈزەل ئەخلاقنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم >> (سەھىھ ھەدىستىن ) دىگەن ئىدى .
مەنبە : قەلبىم.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-12-28 17:06قايتا تەھرىرلىدى ]