turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 423 قېتىم كۆرۈلدى
huxnur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4227
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 695 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 700 سوم
تۆھپە: 382 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خىزمەتتىكى ئاياللار كىيىمنى قانداق تاللىشى كېرەك

 
        كەسپىي خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ : بىر خىلى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ، يەنە بىر خىلى مەخسۇس تاشقى مۇناسىۋەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار . ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشتە ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھەم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
  ئادەتتە ، كەسپىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاياللار كىيىنىش جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەك :
  1. كېيىمنىڭ پاسونى ئاددىي ، شەكلى ئېنىق بولسا ، باشقىلارغا تېتىكلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ ، بەك كۆپ بېزەكلەر بىلەن زىننەتلىۋېتلگەن كېيىملەر سۆرەلمىدەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ .
  2. رەختى ئاسان پۇرلاشمايدىغان كېيىملەرنى تاللاش كېرەك ، بولمىسا ئەتىگىنى قاتۇرۇپ كېيىپ چىققان كېيىملەر چۈش بولغىچە پۇرلىشىپ كېتىدۇ -دە ، باشقىلاردا بىر خىل رەتسىز ئايالكەن  ( قىزكەن ) ، دېگەن تەسىرنى قالدۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاسان يۇيغىلى ھەم ئاسان دەزمال سالغىلى بولىدىغان ئارىلاشما رەختلىك كېيىملەرنى تاللاش كېرەك . مەسلەن ، كەندىر ، پاختا قاتارلىقلار بىلەن سۈنئىي تالانىڭ ئارىلاشمىسىدىن توقۇلغان كېيىملەرنى تاللىغاندا ، ئاسان پۇرلاشمايدۇ ھەم بۇخىل رەختلىك كېيىملەرنى كىيگەندە تەر سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئادەمگە يەڭگىللىك ھەم ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ .
  3. كەچلىك سورۇنلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇنۋېرسال كېيىم بولۇش كېرەك . چۈنكى ، كەسپىي خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار كۆپىنچە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بەزى زىياپەت ۋە كەچلىك ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۆيىگە بېرىپ كېيىم ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ ، شۇڭا ئۇچىسىغا پۈتۈن كۆينەك كېيگەن بولسا ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئېسىل زىننەت بويۇملىرى تاقىۋالسا ياكى ئۆزگىچە بەلباغدىن بىرنى ماسلاشتۇرۇۋالسىلا  زىياپەتكە ۋاقتىدا بارالايدۇ . ئەگەر چىرايلىق كوپتىنىڭ ئۈستىگە كاستىيۇم كېيگەن بولسا ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا چاقناپ تۇرىدىغان نەپىس زىننەت بويۇمى تاقىۋالسا ، بۇ ھەم ئىشقىمۇ ھەم زىياپەتكىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان  يارىشىملىق قىياپەت ھېسابلىنىدۇ .
  4. كېيىم تاللىغاندا پاسونىنى ئاساس قىلىش ، ئەمما يېڭىلىق يارىتىمەن دەپ بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك . تاللىغان كېيىملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئېسىل ، مەدەنىي ، كۆركەم بولۇش كېرەك . شۇنداقلا ماسلاشتۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن رەڭ جەھەتتىن بىر ياكى ئىككى خىل رەڭ سېستىمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇشى كېرەك . مەسلەن ، توپ رەڭ سېستىمىسىدىكى رەڭلەرگە ئامراق بولسىڭىز ، قوڭۇر ، سېرىق ، ئاچ سېرىق ، ماش رەڭ ، قارامتۇل قىزىل قاتارلىقلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .
  5. كېيىمنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇرا ھال رەڭلەر ( يۇقىرىقىدەك توپا رەڭ سېستىمىسى قاتارلىقلار ) نى تاللاپ ئۇنىڭغا ئوچۇق رەڭلىك زىننەت بويۇمى ، كوپتا ، شارپا ، ياغلىق قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك .
  6. بىر نەچچە قۇر كاستىيۇمىڭىز بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، كاستىيۇم كېيگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز بەك مۇزلاپ كېتىشتىن ساقلىنالايسىز . يەنە بىر تەرەپتىن كاستىيوم كىشىنى روھلۇق كۆرسىتىدۇ .
  7. يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە تىزنى  بېسىپ تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم بىخەتەر بولىدۇ . قىسقا يوپكا كېيمەكچى بولسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ يېشىڭىز ، سالاھىيىتىڭىز شۇنداقلا سورۇن ، فىگورا قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك .


                    مەنبە  :   << شىنجاڭ ئاياللىرى >> دىن ئېلىندى
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-28, 18:02
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-28 17:04 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەر لەر قانداق كىيىم تاللاش كىرەك دىگەن تېمىنى كىم يوللايدۇ ؟    
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 21:25 |
قارلۇق007
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4048
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 446 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 448 سوم
تۆھپە: 265 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 267 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

200كويلۇق كىيىمىنى 500كويدىن زورلاپ تاڭسا لوپپا لوپپاڭ بولسىمۇ بۇلىۋېردۇ
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل ئەخلاقتۇر
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 21:44 |
merdan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 97
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 197 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 197 سوم
تۆھپە: 114 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىڭىز يازمىغان بولسىڭىز ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولاتتى.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-28 23:51 |
erpan0996
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4173
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 291 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 291 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پۈتمىگەن كىيىملەرنى كىيمىسىلا بولىدىغۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 17:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر