turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 539 قېتىم كۆرۈلدى
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۈرك(ئۇيغۇر) تىلى - دۇنيا تىلى!

نوپۇز: تۈرك(ئۇيغۇر) تىلى - دۇنيا تىلى!


پىروففىسور، دوكتۇر شۈكۈر خالىق ئاكالىن.
(تۈركىيە تۈرك تىل قۇرۇمى‹جەمئىيتى› باشلىقى)
ئۇيغۇرچىسى: تاھىر ئىمىن
 

«5-ماي ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ئۈچۈن بىغىشلاندى!
 

ئىزاھات:
ماقالە ئاپتورى شۈكۈر خالىق ئاكالىن تۈركولوگ، تىلشۇناس ئالىم، ئالىمدىكى ساپ ئىلمى روھ، ئۆز تەتقىقات نشانى - پۈتۈن تۈركى مىللەتلەر مەدەنىيتى-گە بولغان مۇھەببەت ۋە باشقا تۈركلەرگە ئوخشاش كەلگۈسگە بولغان زور ئۈمۈتۋارلىق ئۇنى ئىزچىل تۈرك تىلى، تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئىلمي ۋە مەدەنى بىرىش-كىلىشى، ئۆز-ئارا تاينىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئشلىرىدا كۈچ چىقىرىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا ئالىمنىڭ «مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋە مىڭ يىل كىينكى مەھمۇد قەشقەرى »ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدا، ئاپتور تۈرك تىلى (تۈركې تىللارنى شۇنداق ئاتىغان) دۇنياۋى تىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن شەرھىيلىگەن.

بۈگۈن تەخمىنەن 220 مىليون سۆزلىگۈچىسى بار بولغان تۈرك تىلى(تۈركې تىللار)، موڭغۇل ۋە مانجۇ-تۇڭگۇس تىللىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتاي تىل ئائىلسدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلىگۇچىگە ئىگە بولغان ئەزادۇر.
19-يۈز يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جىددى ئىلىپ بىرىلغان (تىلشۇناسلىق)تەتقىقاتلىرى قاتارىدا ئالتاي تىللىرى سۈپىتىدە نام بىرىلگەن تۈرك، موڭغۇل، مانجۇ-تونگۇس، ياپون ۋە كورىيە تىللىرى بىلەن فىن-ئۇگۇر تىللىرى دەپ ئېيتىلغان فىن، ھونگىر تىلى (ماجار تىلى) ۋە سامويەد تىللىرىنىڭ ئۇرال-ئالتاي نامىدا بىر تىل ئائىلىسى شەكىللەندۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچە دۇنيادا ئورتاق قوبۇل قىلىنغان بىر ھالەت بارلىققا كەلگەنىدى.
لىكىن 20-يۈز يىلنىڭ ئىككىنچى يىرىمىدىن ئىتىبارەن ئىلىپ بىرىلغان تىل بىلىمى تەتقىقاتلىرى بىلەن ئۇرال ۋە ئالتاي تىللىرىنىڭ بىر تىل ئائىلىسى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچە تارقىلىشقا باشلىدى. فىن، ھونگىر ۋە سامويەد تىللىرى بىلەن تۈرك، موڭغۇل، مانجۇ-تۇنگۇس، ياپون، كورىيان تىللىرى ئارسىدا ئوخشاشلىقلار بايقىلاتتى ئەمما بۇ ئوخشاشلىقلار بىر تىل ئائىلىسى شەكىللەندۇرۇشكە يەتكۇدەك ئۆلچەمدە بىر قايناق (مەنبە)تىلدىن مىراس قالغان ئورتاق تىل ئىلمىنىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى.
بۈگۈن دۇنيا تىل بىلىم ساھەسىدە تۈرك، موڭغۇل ۋە مانجۇ-تونگۇس تىللىرىدىن شەكىللەنگەن ئالتاي تىل ئائىلىسى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنماقتا.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كورىيان ۋە ياپون تىللىرىنىڭ بۇ تىل ئائىلىسدە يەر ئىلىپ-ئالماسلىقى ھەققىدىكى تارتىشمىلار داۋاملاشماقتا.
بۇ ئىككى تىل ئالتاي تىل ئائىلىسغا مەنسۇپ بولغان تۇرق(تۈركچىسى-دۇرۇم)دىمۇ تۈرك تىلىنىڭ ئالتاي تىلى ئائىلىسىدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلىگۈچىگە ساھىب ئەزاسى بولۇش ئەمەلىيتى ئۆزگەرمەيدۇ.

تۈرك تىلىنىڭ قسقىچە تارىخى

تۈرك يازما تىلىنڭ تارىخى 7- ۋە 8-يۈز يىللىرىدا ئورخۇن ۋادىسغا تىكلەنگەن ئابىدىلەردىن باشلىنىدۇ.
«ئورخۇن ئابىدىلىرى»دا قوللىنىلغان تىل تەرەققىيات سەۋىيسى ۋە كۆپ ئشلىتىلگەن تىل، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قوشنا دۆلەت قايناقلىرى(مەنبەلىرى)دە يەر ئالغان بىلگىلەر (ئۇچۇرلار)، تۈرك يازما تىلى تارىخى باشلىنىشنىڭ خىلى بەك قەدىمگە بارىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.
يېقىنقى مەزگىلىدە تىپىلغان يېڭى ئابىدىلەرنىڭ ئوقۇلۇشى تۈرك يازما تىلى تارىخىنىڭ تىخىمۇ قەدىمگە بارىدىغانلىقىنى ئسپاتلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سىلىشتۇرۇلما تاۋۇش، شەكىل ئىلمې تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا تىللارغا كىرگەن سۆزلەردىن تۈرك تىلى يىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش يولىدا مۇھىم بەرگۈلەر (سانلىق مەلۇمات)قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.
تۈرك تىلىدىن سۈمەر تىلىغا كىرگەنلىكى ئسپاتلانغان 168 تۈركچە يېلتىزلىق سۆزلۈك، تۈرك تىلى بىلەن سۈمەر تىلىنىڭ تەڭتۇش ئىكەنلىكى قارىشنىڭ ئاساسىنى كۈچلەندۈرگەنىدى.
ئەسكى (قەدىمى)قۇرغان تىپىلمىلىرى ئارىسدا يەر ئالغان ۋە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-يۈز يىلغا ئائىت بولغانلىقى ئىنىقلانغان بىر ئىدىشدىكى ئورخۇن ئابىدىلىرىگە ئوخشاش ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئىككى سەترىلىك يازمىنىڭ ئەڭ ئەسكى (قەدىمكى) تۈركچە تېكست ئىكەنلىكى بىلىمەكتە.
چىن(جۇڭگو)يىللىقلىرى (تارىخى خاتىرىلەر*)دىكى ھۇن قەسىدەسى (تۈركچىدە-ئاھىت)كە ئائىت ئىككى مسرا بىلەن بىر نەچچە سۆزلۈك مىلادىيدىن كىينكى 4-يۈزيىل تۈركچىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكتە. پەقەت، ئەدەبى مەتنى ئالاھىدىلىكىدىكى تۇنجى بۈيۈك مەتىنلەر تۇنيۇقۇق (725)، بىلگە قاغان (731)ۋە كۆلتېگىن (732)نامىغا تىكلەنگەن كۆكتۈرك ئابىدىلىرىدۇر. تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكا كىتابى دىۋانۇ-لۇغاتىت-تۈرك-بولسا 1072-يىلىدا كاشغارلىك مەھمۇد تەرىپىدىن يىزىلغانىدى.
9 مىڭغا يېقىن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر يالغۇز بىر سۆزلۈك، يالغۇز تىل گىرامماتىكىسى كىتابىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈرك يازما تىلى ئېغىز تىلىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، كۈلتۈر قىممەتلىرىنىڭ يىزىققا ئىلىنغان ئاجايىپ كاتتا بىر مەنبەدۇر. كاشغارلىق مەھمۇد قاراخانلىق، ئۇيغۇر، ئوغۇز، قىپچاق، قىرغىز ۋە باشقا يىقىن قەۋىملەرنىڭ سۆز بايلىقىنى بىر يەرگە يېغىپ ھازىرلىغان ئەسىرىگە دىۋانۇ-لۇغاتىت-تۈرك-يەنى ‹تۈرك لەھجىلىرى سۆزلۈكى› نامىنى بەرگەنىدى. كاشغارلى مەھمۇدنىڭ يىگىرمىدىن ئاشىدىغان يازما تىل ۋە ئېغىز تىلىنى تۈرك نامى ئاستىغا توپلىشى-ئىلمي ئاساسقا تايانغان بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. چوڭ دائىرىدە ئورتاق تىل ئەزالىرىغا تايانغان بۇ يازما ۋە ئېغىز تىللىرى دەۋرگە ئەگىشپ ئۆزىنڭ ئىچكى تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ بۈگۈنكى يازما تىللار ۋە رەسمى تىللار ھالىتىگە كەلگەنىدى.

تۈرك تىلى جۇغراپىيەسى

تارقىلىش دائىرسى شمالى مۇز ئوكياندىن باشلىنىپ ھىندستاننىڭ شىمالىغىچە، جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى ئىچىدىن ياۋروپانىڭ ئەڭ يىراق مۇساپىسگە قەدەر سوزۇلغان تەخمىنەن 12مىلىيون كۇۋادىرات كىلومتىرلىق بۇ جۇغراپىيەدە ئەڭ كەڭ تارقالغان تىل-ئالتاي تىل ئائىلىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئەزاسى بولغان تۈرك تىلىدۇر.
19-يۈز يىلدا مەشھۇر تۈركولوگ ئا. خ. ۋامبېرى تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرسىنڭ كەڭلىكىنى ئۆز كەزمىسى(سەپىرى) داۋامىدا كۆرگەن ۋە بالقانلاردىن مانجۇرىيەگە قەدەر يولچىلىق قىلغان بىر كىشنىڭ تۈرك تىلىنى بىلگەن تۇرۇم (ئەھۋال)دا، بۇ يولچىلىقنى ئەڭ قولاي بىر پىچىمدا قىلالايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ جۇغراپييەدە ئەڭ (ئاقىدىغان)كەڭ تارقالغان تىلنىڭ تۈرك تىلى ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدى.
بۈگۈن بۇ دائىرە تىخىمۇ كىڭەيدى. بولۇپمۇ 1960-يىللىرىدىن ئىتىبارەن ئاۋۋال ئشلەش ۋە ئوقۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن سانائەتلەشكەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تۈركلەرنىڭ كۆچۈشى نەتىجىسدە تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرسى بالقان رايونىدىن ھالقىپ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا ئۇلاشقانىدى.
تۈرك تىلى، مەركەزلىك ھالدا ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە بار بولغان ۋە ھىچبولمىغاندا كىينكى مىڭ يىلدىن بىرى يەرلىك خەلق ھالىتىدە بولغان ؛تۈركىيە جۇمھۇرىيتى، ئەسكى سۆۋىتلەر بىرلىكىدىن بىقىندسىز(مۇستەقىل) بولغان ئازەربەيجان، تۈركمەنستان، ئۆزبەكستان، قازاقستان، قىرغىزستانغا ئوخشاش تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، بالقان دۆلەتلىرى، روسيە فىدراتسيەسى، ئىران، ئىراق، ئافغانستان، جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتىغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئىچىدە ئالاقە تىلى ياكى يازما تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان يىگىرمە يىزىق تىلى تۈرىگە ئايرىلماقتا.
ئوتتۇرا چاغ (ئوتتۇرا ئەسر) بىلەن يىڭى چاغ (يىڭى دەۋر)ئوسمانلى ئىمپىراتۇرلۇقى ۋە ئالتۇن ئوردا دۆلىتىگە ئوخشاش كەڭ جۇغراپىيەلىك رايونلارغا تارقالغان سياسى بىرلىكلەر ئىچىدە مەۋجۇت بولغان بۇ تۈرك قەۋىملىرى 20-يۈز يىلنىڭ تۇنجى چارىكىگە قەدەر تەسرى بولغان كىلاسسىك يازما تىللىرى -ئوسمانلى تۈركچىسى ۋە چاغاتايچىنى بىرلەشتۈرگۈچى خاراكتىرى كۈچلۈك بىر يازما ئەدەبىيات ۋە مىللى بولغان خەلق ئەدەبىياتىنى تەرەققى قىلدۇرغانىدى.
تىل مىراسنىڭ ناھايتى زور بىر قىسمىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان سۆزلۈكلەر، ئاتا سۆزلىرى (ماقال-تەمسللەر)، ئادەت سۆزلىرى ۋە ئاساسى ئۇقۇملار-بۇ تۈرك قەۋىملىرىنىڭ تىللىرىدا ئورتاقتۇر.
تۈرك تىلىنىڭ بۇنداق ئورتاق ۋە پۈتۈنلەشتۈرگۈچى ئالاھىدىلىكى-، سۆھبەت تىلى، ئېغىز تىلىدىكى پەرقلىرى تۇرۇقلۇق، يازما تىلىدىكى خىلمۇ-خىل لەھجىلەر، ئوخشىمايدىغان ئېغىز تىلى بار بولغان ئەرەب تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ياكى ھىندى تىلىنىڭ تۇرۇقى (ئەھۋالى)بىلەن ئوخشاشلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە تارماق تىللار سۈپىتىدە تەرەققى قىلغان نۇرغۇن پەرقلىق ئېغىز تىلى بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنە بىر تىل بولغىنىغا ئوخشاش، تۈرك تىلىمۇ سۆۋىتلەر بىرلىكى (سۆۋىتلەر ئېتتپاقى)نىڭ ئالاھىدە سياسى شەرتلىرى ئاستىدا پەرقلىرى ياسالما(سۈنئى)رەۋىشتە ئارتتۇرۇلغان يازما تىللارغا ئايرىلغانىدى. بۇ يازما تىللار تۈركىيە تۈركچىسى، ئازەربەيجان تۈركچىسى، تۈركمەن تۈركچىسى، ئۆزبەك تۈركچىسى، قازاق تۈركچىسى، قىرغىز تۈركچىسى، تاتار تۈركچىسى، ئۇيغۇر تۈركچىسى، گاگاۋۇز تۈركچىسى، قارا قالپاق تۈركچىسى، كۇمۇك تۈركچىسى، قاراچاي تۈركچىسى، بالقار تۈركچىسى، نوغاي تۈركچىسى، خاكاس تۈركچىسى، ئالتاي تۈركچىسى، تۇۋا تۈركچىسى بىلەن چۇاشچە ۋە ياقۇتچىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، زور كۆپچىلىكى تۈركيە جۇمھۇرىيتى ۋەتەندىشى(پۇقراسى) بولغان ۋە ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرىگە يەرلەشكەن 6مىلىيونغا يېقىن تۈرك بار. ياۋروپا ئەزاسى بولمىغان بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ مۇھىم ساندا تۈرك نوپۇسى بار. بۇ نوپۇسنىڭ مۇھىم بىر بۆلۈكى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ۋەتەندىشى(پۇقراسى)دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يېڭى ئەزالىرىدىن بولغان رۇمنىيەدە، يەنە بۇلغارىيەدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى سۈپىتىدە نۇرغۇن تۈركلەر ياشىماقتا. ماكىدونىيە، كوسوۋۇ غا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسدىكى تۈرك نوپۇسنىڭ 7مىلىيوندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ياۋروپادىكى بۇ نوپۇسنىڭ ھەممىسنىڭ تىلى-تۈركيە تۈركچىسدۇر.
بۇ دۆلەتلەردە، تۈركلەر تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان گېزىتلەر، تەرگىلەر(ژۇرناللار)، يېغىن ، مۇھاكىمە ۋاستىلىرى تۈركيە تۈركچسنى قوللانماقتا.
ئوخشىمىغان مەزگىللەردە، ئەرەب يىرىم ئارىلى ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە، شمالى ۋە جەنۇبى ئامېرىكا قېتئەسىدە، ئامېرىكا قاتارلىق تۈرلۈك دۆلەتلەر ۋە ئاۋستىرالىيەگە يەرلەشكەن سۆزلىگۈچىلىرى سايىسدە بۈگۈن تۈرك تىلى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدا مەۋجۇت بولغان، سۆزلنىدىغان، قوللىنلىدىغان تىل ماقامىغا ئۇلاشقانىدى. ئالەمنى قاپلىغان رادىئو ۋە تىلىۋىزىيە تارقاتمىلىرى، نازۇك ساھەلەردە تارقىتىش، يۇرت تىشدىمۇ تارقىتىلىۋاتقان گېزىتلىرىمىز ۋە تەرگىلىرىمىز، ئوقۇتۇش قۇرۇم(جەمئىيەت)لىرى ۋە كۇرسلار ئارىچىلىقى(ۋاستىچىلىقى) بىلەن-بۈگۈن تۈرك تىلى يەر يۈزىدە ئىتەلەيدىغان بىر پىچىمدە رولىنى سۇرىۋاتقان تىل ئورنىغا ئۇلاشتى.
بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سياسى خەرىتىسگە قارايدىغان بولساق، پەرقلىق ھۆكۈمرانلار ئاستىدا ئەمما چىگىرداش دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولغان ۋە بىر-بىرىگە بەك ئوخشايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان تۈرك سوي(نەسەپ)لىك خەلقلەرنىڭ تىل ئوخشاشلىقىدىن باشقا يەنە، نەھايەت زور دائىرىدە كۈلتۈر ئوخشاشلىقلىرى كۆرسەتكەنلىكى بىلىنگەن بىر ھەقىقەتتۇر.
ئانادولۇدىكى بىر خەلق ناخشىسى (تۈركۈ)-بالقان دۆلەتلىرىدە، ئوتتۇرا شەرقتە، كاۋكازىيەدە، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسيادا بىلىنمەكتە، ئاڭلانماقتا ۋە ئىيتىلماقتدۇر.
تۈرك تائاملىرىدىن ياقتۇرۇپ يىيىلىدىغان مانتا، شەكلى ۋە ئسمى ئۆزگەرسىمۇ، سىبىرىيەدىن جۇڭگوغا، ئوتتۇرا ئاسيادىن ئانادولۇغا قەدەر ئورتاق بولۇپ كەلمەكتە.
نەسىرىدىن خوجا (ئەپەندى)نىڭ شۆھرىتى ۋە لەتىپىلىرى تۈرك سوي (نەسەپ)لىك خەلقلەر ئارىسدا تارقالغىنىغا ئوخشاش، ئوخشاش جۇغراپىيەدىكى خوشنا ئەللەر ئارسىدىمۇ تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۇ پەقەت تۈرك تىلىدا سۆزلەشكۈچىلەر ئارسىدا ئەڭ دىققەت چىكىدىغان ئوخشاشلىق - سۆز بايلىقى ۋە قائىدە ئالاھىدىلىكىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.
دۇنيادىكى خىلى كۆپ دۆلەتلەردە بىقىندىسز ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئاكادىميەلىك تۈركولوگىيە ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، بۇ تۈرك يازما تىللىرى سۆزلۈك بىلىمى ئۆلچەملىرىگە كۆرە تېزىلىپ كەلگەن سۆز بايلىقى ماتېرياللىرىغا كۆرە بىر-بىرىى بىلەن تەڭداش تاۋۇش تىپىلىدىغان سۆزلەرگە ساھىبتۇر. ھىچقانداق يات تىللاردىن سۆز ئالغۇسى (كىرىلمە سۆزلەر-)بولمىغان ئاساسى سۆز بايلىقى سايىسدا، تۈرك خەلقلىرى ئارىغا باشقا ئارىچى قويماستىن ئۆز تىللىرىنىڭ ئارىچىلىقى بىلەنلا بىر-بىرى بىلەن ئاڭلىشپ، چۇشىنىشپ كىلىشمەكتە.
بۇ يازما تىللار ۋە لەھجەلەردە سان ئىسملىرى، ئالماشلار، پېئىللار ئورتاقتۇر. ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن جۇڭگونىڭ ئىچكى قسمىغا قەدەر سوزۇلغان جۇغراپىيەدە 220مىلىيون ئنسان بىر ئىكى، ئۈچ، دۆرت-تۆرت، بەش، ئالتى، يەدى-يەددى-جەتى، سەكىز، دوكۇز-توقۇز، ئون. دەپ سانايدۇ. بىر نەچچە ساننىڭ ئىچىدىكى كىچىك تاۋۇش ئۆزگەرگەنگەندىن باشقا پۈتۈن سان ئسىملىرى پۈتۈنلەي بىر ئورتاقلىق كۆرسىتىدۇ. لەھجەلەر ئارسىدىكى بۇ تاۋۇش پەرقلىرى ئاساسى پەرقلەردۇر، ۋە تەرتىپلىك ھالدا باشقا سۆزلۈكلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ.
خىلمۇ خىل ساھەلەر ۋە ئۇقۇملاردىكى سۆز بايلىقىغا بىر قانچە ئۆرنەك بىرىش بىلەن بولدى قىلىمىز:

مۇھىت ۋە تەبئەت سۆزلىرى:

تۈركىيە تۈركچىسى: توپراك،
ئازەربەيجان تۈركچىسى: توپراغ،
تۈركمەن تۈركچىسى: توپراق،
تاتار تۈركچىسى: تۇفراق،
قازاق تۈركچىسى: توپراق،
ئۇيغۇر تۈركچىسى: تۇپراق،
ئۆزبىك تۈركچىسى: تۇپراق،
قىرغىز تۈركچىسى: توپۇراق.

تۈركيە تۈركچىسى: داغ،
ئازەبەيجان ت: داغ،
باشقۇرت تۈركچىسى: تاۋ،
تاتار ت: تاۋ،
قازاق تۈركچىسى: تاۋ،
قىرغىز ت: توۋ.
ئۆزبىك ت: تاغ،
تۈركمەن تۈركچىسى: داغ،
ئۇيغۇر ت: تاغ.

تۈركىيە تۈركچىسى: ئاھاچ،
ئازەربەيجان ت: ئاغاج،
تۈركمەن ت: ئاغاچ،
تاتار ت: ئاغاچ،
قازاق ت: ئاغاچ،
ئۇيغۇر ت: ياغاچ،
خاكاس ت: ئاغاچ.

تۈركىيە تۈركچىسى: چىچەك،
باشقۇرت ت: سەسەك،
قازاق ت: شەشەك،
ئۆزبىك ت: چىچەك،
تاتار تۈركچىسى: چىچەك،
ئۇيغۇر ت: چىچەك.

تۈركىيە تۈركچىسى: دىكەن،
ئازەربەيجان ت: تىكەن،
قازاق ت: تىكەن،
قىرغىز ت: تىكەن،
ئۆزبىك ت: تىكەن،
تۈركمەن ت: تىكەن،
ئۇيغۇر ت: تىكەن.

تۈركىيە تۈركچىسى: ياپراق،
ئازەربەيجان، ياپراغ،
باشقۇرت ت: ياپراق،
تاتار ت: يافراق،
قازاق ت: جاپىراق،
ئۆزبەك ت: يەپراق،
تۈركمەن ت: ياپراق.
ئۇيغۇر ت: ياپراق (ئەسلى تېكستتە بۇ ئۇنتۇلغان-ت).

رەڭلەر:

تۈركىيە ت: ئاك،
ئازەربەيجان ت: ئاھ،
تاتار ت: ئاق،
باشقۇرت: ئاق،
قازاق تۈركچسى: ئاق،
قىرغىز ئاق، ئۆزبەك ئاق.
تۈركمەن ت: ئاق،
ئۇيغۇر ت: ئاق.
 
تۈركىيە ت: قارا،
ئازەربەيجان ت: گارا،
باشقۇرت: قارا،
تاتار: قارا،
تۈركمەن: گارا،
قازاق: قارا،
قىرغىز: قارا،
ئۇيغۇر: قارا.

تۈركىيە ت: سارى،
ئازەربەيجان: سارى،
باشقۇرت: ھارى.
تاتار: سارى.
قىرغىز: سارى،
ئۆزبەك: سارىق،
تۈركمەن: سارى.
ئۇيغۇر: سېرىق.

تۈركىيە ت: كىزىل،
ئازەربەيجان ت: گىزىل،
باشقۇرت: قىزىل،
قىرغىز: قىزىل،
ئۆزبەك: قىزىل،
تۈركمەن: گىزىل،
ئۇيغۇر: قىزىل.

تۈركىيە ت: بوز،
ئازەربەيجان ت: بوز.
باشقۇرت ت: بۇز،
قازاق ت: بوز.
قىرغىز ت: بوز.
ئۆزبەك ت: بوز.
تۈركمەن ت: بوز.
ئۇيغۇر ت: بوز.

ھايۋانلار:

تۈركىيە تۈركچىسى: ئات،
ئازەربەيجان ت: ئات،
باشقۇرت ت: ئات،
تاتار ت: ئات،
قازاق ت: ئات،
قىرغىز ت: ئات،
ئۆزبەك ت: ئات،
تۈركمەن ت: ئات،
ئۇيغۇر ت: ئات.
تۈركىيە: كۇيرۇك،
ئازەربەيجان: گۇيرۇك،
باشقۇرت: قويورۇق،
قازاق: قۇيرۇق،
قىرغىز: قۇيرۇق،
ئۆزبەك: قۇيرۇق،
تاتار: قويرىق،
تۈركمەن: گۇيرۇك،
ئۇيغۇر: قۇيرۇق.

تۈركىيە: ئاسلان،
ئازەربەيجان ت، ئاسلان،
باشقۇرت ت: ئارىسلان،
قازاق ت: ئارستان،
قىرغىز ت: ئارستان،
ئۆزبەك ت: ئەرسلان،
تاتار ت: ئارىسلان،
تۈركمەن ت: ئارسلان،
ئۇيغۇر ت: ئارسلان.
 
تۈركىيە ت: كويۇن؛
ئازەربەيجان ت: گويۇن،
باشقۇرت ت: قۇيىن،
قازاق ت: قوي،
قىرغىز ت: قوي،
ئۆزبەك ت: قوي،
تۈركمەن ت: گويۇن،
ئۇيغۇر ت: قوي.

تۈركىيە ت: كۇش،
ئازەربەيجان ت: گۇش،
باشقۇرت ت: قوش،
قازاق ت: قۇش،
قىرغىز ت: قۇش،
ئۆزبەك ت: قۇش،
تۈركمەن ت: گۇش،
ئۇيغۇر ت: قۇش.
 
تۈركىيە ت: كۇرت،
ئازەربەيجان ت: گۇرد.
باشقۇرت ت: قورت،
قازاق ت: قۇرت،
قىرغىز ت: قۇرت.
ئۆزبەك ت: قۇرت.
تاتار ت: قورت،
تۈركمەن ت: گۇرت،
ئۇيغۇر ت: قۇرت.

تۈركىيە ت: تۇرنا.
ئازەربەيجان: دۇرنا،
باشقۇرت ت: تورنا،
قازاق ت: تىرنا،
قىرغىز ت: تۇرنا،
ئۆزبەك ت: تۇرنە.
تاتار ت: تورنا.
تۈركمەن ت: دۇرنا،
ئۇيغۇر ت: تۇرنا.
 
تۈركىيە ت: بالىك،
ئازەربەيجان ت: بالىغ،
باشقۇرت ت: بالىق،
قازاق ت: بالىق،
قىرغىز ت: بالىق.
ئۆزبەك ت: بالىق،
تۈركمەن ت: بالىق.
ئۇيغۇر ت: بېلىق.

مەدەنلەر:

تۈركىيە ت: دەمىر،
ئازەربەيجان ت: دەمىر،
باشقۇرت ت: تىمىر،
قازاق ت: تەمىر،
قىرغىز ت: تەمىر،
ئۆزبەك ت: تەمىر،
تۈركمەن ت: دەمىر،
ئۇيغۇر ت: تۆمۈر.

تۈركىيە ت: ئالتىن،
ئازەربەيجان ت: ئالتۇن،
باشقۇرت ت: ئالتىن،
تاتار ت: ئالتىن،
قازاق ت: ئالتىن،
قىرغىز ت: ئالتىن،
ئۆزبەك ت: ئالتىن،
تۈركمەن ت: ئالتىن،
ئۇيغۇر ت: ئالتۇن.

تۈركىيە ت: گۈمۈش،
ئازەربەيجان ت: گۈمۈش،
باشقۇرت ت: كۆمۈش،
تاتار ت: كۆمىش،
قازاق ت: كۈمىش،
قىرغىز ت: كۈمۈش،
ئۆزبەك ت: كۈمۈش،
تۈركمەن ت: كۈمۈش،
ئۇيغۇر ت: كۈمۈش.

تۈركىيە ت: تاش،
ئازەربەيجان ت: داش،
باشقۇرت ت: تاش،
تاتار ت: تاش،
قازاق ت: تاش.
قىرغىز ت: تاش.
ئۆزبەك ت: تاش،
تۈركمەن ت: داش،
ئۇيغۇر ت: تاش.

ئنسان ۋۇجۇدى:

تۈركىيە ت: باش،
ئازەربەيجان ت: باش،
باشقۇرت ت: باش،
تاتار ت: باش،
قازاق ت: باش،
قىرغىز ت: باش،
ئۆزبەك ت: باش،
تۈركمەن ت: باش،
ئۇيغۇر ت: باش.

تۈركىيە ت: دىل،
ئازەربەيجان ت: دىل،
باشقۇرت ت: تىل.
تاتار ت: تىل،
قازاق ت: تىل،
قىرغىز ت: تىل،
ئۆزبەك ت: تىل،
تۈركمەن ت: دىل،
ئۇيغۇر ت: تىل.

تۈركىيە ت: دىش،
ئازەربەيجان ت: دىش،
باشقۇرت ت: تىش،
تاتار ت: تىش،
قازاق ت: تىس،
قىرغىز ت: تىش،
ئۆزبەك ت: تىش،
ئۇيغۇر ت: چىش. (ئەسلىسىدە تىش دەپ ئىلىنغان).

تۈركىيە ت: ئاياك،
ئازەبەيجان ت: ئاياك،
باشقۇرت ت: ئاياك،
تاتار ت: ئاياق،
قازاق ت: ئاياق،
قىرغىز ت: ئاياق،
ئۆزبەك ت: ئاياق،
تۈركمەن ت: ئاياق،
ئۇيغۇر ت: ئاياق. (ئەسلىسىدە ھەممىسى ئاياك دەپ ئىلىنغان. ت).
 
تۈركىيە ت: كول،
ئازەربەيجان ت: گول،
باشقۇرت ت: قۇل،
قازاق ت: قول،
قىرغىز ت: قول،
ئۆزبەك ت: قول،
تۈركمەن ت: گول،
ئۇيغۇر ت: قول. (ئەسلىسدە ھەممىسى كول دەپ ئىلىنغان. ت)

بىرىلگەن بۇ ئۆرنەكلەردىن باشقا يەنە تۈرك لەھجىلىرىدە پىئىللاردىمۇ خىلىلا كۆپ ئورتاقلىق بارلىقى بىلىنمەكتە.
بىرىلگەن ئۆرنەكلەردە كۆرۈلگىنى كەبى، تۈرك يازما تىللىرىنىڭ سۆزلىرى بىر-بىرىدىن بەزىدە پەقەت بىر تاۋۇشنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بىلەن ئايرىلىپ تۇرماقتا. تۈرك تىلىنىڭ بۇ غوللىرىىنڭ بىقىندىسز چىگرالارغا ئىگە دۆلەتلەردە يازما تىلى بولۇپ قوللىنىلىشى، ئۇلارنى بىر-بىرىگە بىقىندىسز تىللار ھالىتىدە قوبۇل قىلىشىمىزغا ئىمكان بەرمەيدۇ. بۇ تىللارنىڭ سۆز تېزىمىمۇ ئوخشاش قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى نامايىش قىلماقتا.

تاملامادا تاملايان دائىما

جۈملىدە بۆلەكلەرنىڭ تېزىلىشى:
ئىگە + تولدۇرغۇچى+خەۋەر.

گاگاۋۇز ۋە قاراي تۈركچىسى كەبى ئاز ساندىكى لەھجەلەردىن باشقا پۈتۈن تۈرك لەھجىلىرىدە سۆز تېزىمى ئوخشاشلىقى ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.

ئانا تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تىللىرى ۋە تۈرك تىلى

تىللارنىڭ نۇپۇس تەرتىۋى -ئانا تىلى (بىرىنچى تىلى)، ئىككىنچى تىلى، چەتئەل تىلى سۆزلىشىدىغانلار نۇقتسدىن بىر قانچە ئۆلچەم نەزەرگە ئىلىنىپ ھىسابلىنىدۇ. ئانا تىلى، بىرىنچى تىلى، ئىككىنچى تىل ۋە چەتئەل تىلى سۈپىتىدە سۆزلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئنگىلىزچىنىڭ ئىككى مىلىياردقا يىقىن سۆزلىگۈچىسى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئانا تىلى قىلىپ سۆزلىگۈچىلىرى سانى تەرەپتىن ئىلىپ بىرىلغان رەت بويىچە چىن(خەنزۇ-ت) تىلى-پەرقلىق لەھجىلىرى بولسمۇ بىرىنچى تىل بولۇپ كەلمەكتە. بىر-بىرىدىن تاۋۇش ۋە سۆز بارلىقلىرى ئالاھىدىلىكلىرى نۇقتسدىن ئايرىلغان سەككىز ئايرىم لەھجىلىرى تۇرۇقلۇق چىن تىلى ۋە نەھايەت نۇرغۇن لەھجىسنىڭ يەنە ئوردۇ تىلى بىلەن بىرلىكتە ھىندى تىلىنىڭ بىر تىل دەپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە بۇنىڭغا كۆرە دۇنيادا ئەڭ كۆپ سۆزلەشكۈچىسى بولغان تىللار رېتىدە، چىن تىلى بىرىنچى، ھىندى تىلى تۆتىنچى تىل دەپ قوبۇل قىلىنىغان يەردە، تۈرك تىلىمۇ 220مىلىيونغا ئۇلاشقان سۆزلەشكۇچىلىرى بىلەن رەت تەرتىپتە يالغۇز بىر تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كىرەك. بۇ ئۆلچەملەر بىلەن تۈرك تىلى دۇنيادا ئەڭ كۆپ سۆزلەشكۈچىسى بولغان تىللار ئارسىدا بەشىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

خەنزۇ تىلى
ئىنگىلىز تىلى
ئسپان تىلى
ھىندى تىلى
تۈرك تىلى
ئەرەب تىلى
پورتۇگال تىلى
بىنگال تىلى
ياپون تىلى
گىرمان تىلى
فىرانسۇز تىلى

دۇنيادا تۈرك تىلى مائارىپى

ئانا تىل سۆزلەشكۈچىلىردىن باشقا تۈرك تىلى لەھجىلىرىنىڭ بىرىنچى تىل، ئىككىنچى تىل ۋە ياكى چەتئەل تىل ھالىتىدە سۆزلەشكۇچىلىرىمۇ بار. بولۇپمۇ تۈركىيە تۈركچىسنىڭ كۆپ دۆلەتتە سۆزلەشكۈچىسى بارلىقى ئىنىقلانماقتا.
«ئىتنولوگىيە»دە كەلتۈرۈلگەن ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىن باشقا 34 دۆلەتتە تۈركىيە تۈركچىسى سۆزلىشدىغانلار بار. تۈركچىدە سۆزلىشدىغانلارنىڭ سۆۋىتلەر بىرلىكىنڭ پارچىلىنىشى، قولتۇق ئۇرۇشى كەبى يىقىن تارىختا بىشمىزدىن ئۆتكەن ئشلار، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنڭ بۆلگە (رايون)ۋە دۇنيادىكى مۇھىملىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈركىيە دىققەت مەركىزى ھالىغا كەلگەنىدى.
بۇ تەرەققىيات تۈركىيە تۈركچسنڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى خىلمۇ-خىل يۈكسلشلەرگە ئىرىشۋاتقان يىڭى ئوقۇتۇش قۇرۇلمىلىرىنىڭ، ئۇنىۋىرستلاردا يىڭى بۆلۈملەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئالاھىدە دەرسخانىلاردا كۇرسلارنىڭ ئىچىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
دۆلەتلەردىكى تۈرك نوپۇسنىڭ قويۇق بولۇشى ۋە ئستىكىگە ئاساسەن ئورتا مائارىپ قۇرۇلمىلىرىدا تۈرك تىلى ئۆگىتىلىۋاتقان 87 دۆلەت بار. ئەڭ ئاز بولغاندا، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلمىسىدا تۈركچە ئۆگىتلىۋاتقان دۆلەتلەر مونۇلاردۇر: ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلەتلىرى (ئامېرىكا قوشما شتات دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىدا شتات دەپ گەپ يوق، شتات دىگەن، دۆلەت مەنىسىدىكى ستات-ستەيت دىگەن سۆزدىن خاتا ئۆزلەشتۈرۈلگەن، ت. ).
ئافغانستان، گىرمانىيە(تۈركچىدە ئالمانىيە. ت)، ئانگولا، ئارگىنتىنا، ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، ئازەربەيجان، باڭلادىش، بىلگىيە، بوسنىيە-گىرتسگوۋىنا، بىرازىلىيە، بۇلغارستان، بۇركىنا-فاسو، بىرما، چاد، چىخ جۇمھۇرىيتى، دانىيە، ئىكۋاتۇر گنيەسى، ھندونېزىيە، ئىفئوپىيە، موروككو، پىل چىشى ساھىللىرى، پىلىپپىن، فىرانسيە، گابون، گانا، گېنيە، جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيتى، جەنۇبى كورىيە، گىرۇزىيە، ھىندستان، گوللاندىيە، ئىراق، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، كامبودژا، كامىرۇن، كانادا، قازاقستان، كېنيە، قىرغىزستان، كونگو دىموكراتىك جۇمھۇرىيتى، كوسوۋۇ، لائوس، لىتئونىيا، لىۋىيە، لاتۋىيە، ماجارستان، ماداغاسقار، ماكىدونىيە، مالاۋى، مالدىۋى تاقىم ئاراللىرى، مالايسيا، مالى، مېكسكا، موڭغۇليە، مولدوۋا، ماۋرىتانىيە، موزامبىك، نىپال، نىگىر، نىگىرىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيتى، پاكستان، پاپۇئا يىڭى گىۋىنىيسى، پولونىيە، رومانىيە، روسيە، سنىگال، سېربىيە، سىرىلانكا، سۇدان، سەئۇدى ئەرەبستان، تاجىكستان، تانزانىيە، تايلاند، تەيۋەن، توگو، تۈركمەنستان، ئۇگاندا، ئۇكرائىنا، ئىئوردانىيە، ۋىتنام، يەمەن.
بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا مائارىپ قۇرۇلمىلىرىدا تۈرك تىلى ئوقۇتۇلۇشدىن باشقا يەنە ئالاھىدە كۇرسلاردا تەلەپكە ئاساسەن تۈركچە ئوقۇتۇلماقتا. مەكتەپ دەرىسلىك (كۇرسلار)دا تۈرك تىلى ئۆگىتىلىۋاتقان قىرىق ئالتە دۆلەت بارلىقى ئېنىقلانماقتا: بۇ دۆلەتلەر بولسا، ئا ب د (ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلەتلىرى)، گىرمانيە، بىلگىيە
بىلوروسيە، بوسنيە-گىرتسگوۋىنا، ئالجىرىيە، چىن، دانىيە، ئستونىيە، فىنلاندىيە، فىراسيە، گىرۇزىيە، گوللاندىيە، ئىراق، ئەنگىلىيە، ئىرلاندىيە، ئسپانىيە، شىۋىتسيارىيە، شىۋىتسيە، ئىتالىيە، ئسلاندىيە، ياپونيە، قىرغىزستان، كولۇمبىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىۋان، لىيۇكسىمبۇرگ، ماكىدونىيە، مالتا، مېكسكا، مىسر، موڭغۇلىيە، نورۋىگىيە، پىرۇ، پولونىيە، پورتۇگالىيە، روسيە، سىنگاپور، سلوۋاكىيە، سلوۋىنيە، چىلى، تۈركمەنستان، گىرتسيە (يۇنانستان-تۈركچىدە ).
توققۇز دۆلەتتە تۈركچە مائارىپ ئىلىپ بىرىلىدىغان ئۇنىۋرسىتىتلار بار، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئالبانىيە، ئازەبەيجان، بوسنيە-گىرتسگوۋىنا، گىرۇزىيە، ئىراق، قازاقستان، قىرغىزستان، رومانىيە، تۈركمەنستان.
تەۋەلىكىدە تۈركچە ئۆگىتىلىدىغان، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىلىدىغان، تۈركولوگىيە بۆلۈملىرى بار بولغان يىگىرمە سەككىز دۆلەت بار، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: گىرمانيە، ئاۋسترالىيە، ئازەربەيجان، بىلوروسيە، بوسنيە-گىرتسگوۋىنا، بۇلغارىيە، ھىندونىزىيە، پىل چىشى ساھىللىرى، گىرۇزىيە، ئىراق، ئىران، شىۋىتسارىيە، ياپونىيە، كامىرون، قازاقستان، قىرغىزستان، كولۇمبيە، كوسوۋا، لىتۋانيە، ھونگىرىيە، مىسر، مولدوۋا، رومانيە، روسيە، تۈركمەنستان، ئۇكرائىنا، ۋىنسۇئىلا، يەمەن.

تۈگەنچ

بۈگۈن تۈرك تىلى 12 مىلىيون كۇۋادىرات كىلومىتىرغا يىقىن بىر دائىرىدە 220 مىلىيون نوپۇس سۆزلىشىدىغان، يۈزگە يىقىن دۆلەتتە ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىۋاتقان، تىگى تارىخى ئەڭ قەدىمى دەۋرلەرگە قەدەر ئۇزايدىغان، 600مىڭدىن ئوشۇق سۆز بارلىقىغا ئىگە بىر دۇنيا تىلىدۇر. كەچمشلەردە، چىنچىدىن پارسچىغا، ئەرەپچىدىن ھونگىرىيەچىگە (ماجارچە-تۈركچىدە)قەدەر بەك كۆپ تىل بىلەن تەسرلەشكەن تۈرك تىلىنڭ بىر غولى سۈپىتىدە پەقەت تۈركىيە تۈركچىسنڭ دۇنيا تىللىرىغا بەرگەن سۆزلۈكلىرىنىڭ سانى 11مىڭ ئەتراپىدا، ئومۇمى تۈرك تىلى سۈپىتىدە باشقا تىللارغا بەرگەن سۆزلۈك سانى 20مىڭ ئەتراپىدا. بولۇپمۇ، كىيم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك، ھەربى ئشلاردىن باشلىنىپ، ھەممە ساھەدە نۇرغۇن ساندا تۈرك تىلى يىلتىزلىق سۆزلۈك بىلەن، تارىختا ۋە بۈگۈن تۈرك سوي (نەسەپ)لىك خەلقلەر ياشىغان جۇغراپىيەلەردىكى تۈرك تىلىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى يەر ناملىرى- دۇنيا تىللىرىدا ھازىرمۇ قوللىنىلماقتا.
دۇنيانىڭ ھەممە بۆلگىلىرىدە ئۆگىتىلىۋاتقان، ئىلمى تەتقىقاتلارغا تىما بولۇۋاتقان، دۇنيا تىللىرىغا قاتقۇ (ھەسسە، تۈركچىدە كاتكى. ت)سى بولغان تۈرك تىلى ئەڭ كەڭ تارالغان ۋە يىلتىزى ئەڭ چوڭقۇر دۇنيا تىللىرىدىن بىرىدۇر.

قوشۇمچە:
1- بەزى تاۋۇشلار ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئىلىپبەسى بويىچە ئىپادىلەشكە ئامالسز بولغانلىقى ئۈچۈن تاۋۇشنىڭ قارالما ئوقۇلۇشى بويىچە ئىلىندى، ئەسلى ماقالە تۈركيە تۈركچىسدە يېزىلغانلىقى، تۈرك ئىلپبەسىدە بولسا، باشقا كۆپ قىسىم تۈرك لەھجىلىرىدە بار بولغان ق تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ماقالىدىكى تۈرك تىلىنڭ بۇ نۇقسانىدىن ساقلىنىشقا تىرىشلدى.
2- سۆز ئىشلىتىشتە ئىمكانقەدەر تۈركىيە تۈركچىسدىكى سۆزگە مەنە ۋە تاۋۇشلىرى باراۋەر بولغان سۆزنى تاللاشقا تىرىشتىم. ئۇسلۇبتا-تۈركچىگە يىقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. خاتالىقلىرىمنى كۆرستىپ بىرىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.tarimi.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-28 23:58 |
isyankar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 365 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 222 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قومۇلدا نۇرغۇن ئادەم تىش دەمدىكى...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 12:25 |
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 800 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايتى ئېسىل ماقالىدىن بىرنى يوللاپسىز. سىزگە بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ، جۈملىدىن تۈركىي قېرىنداشلار نامىدىن كۆپ تەشەككۈر.
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» تۈرك دۇنياسىنى تەتقىق قىلىشتا قانچىكى قىممەتلىك بولسا شۈكۈر خالۇك ئەپەندىنىڭ «مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن» ناملىق ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نى تەتقىق قىلىشتا شۇنچىلىك قىممەتلىكتۇر. ئۇ خۇددى «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشاش ھەم بىلىم بېرىشچانلىققا ھەم دىۋان ئۈچۈن قامۇسلۇق خارەكتېرلىككە ئىگە بولغان، چۈشۈنۈش ئاسان بولغان ئەسەر. ئەسەرنىڭ يەنە بىر قىممىتى دىۋاندىكى خەرىتىنى تۈرك يېزىقى بىلەن ئىپادە قىلىپ، بىزنىڭ ئوقۇپ چۈشۈنىشىمىزگە قولايلاشتۇرغانلىقىدا.
مەن تورداشلارنىڭ ئۇ كىتابنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىشىنى، خۇددى ئۆز ۋاقتىدا دىۋاننى (3 قىسىم 19.5 يۈەن بولۇپ، مەن 2 نۇسخا ئالغان) ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» نى (شېئېر نۇسخىسى 7 يۈەن، نەسىري نۇسخىسى 15 يۈەن، ۋېنا نۇسخىسى 39 يۈەن، قاھىرە ۋە پەرغانە نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئېسىمدە قالماپتۇ. مەن ئاخىرقى 3 نۇسخىسىنى ۋە مائىيتىرسىمىتنىڭ تولوق نۇسخىسىنى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنۋېرستېتى كۇتۇپخانىسىغا ھاۋالە بىلەن سوۋغا قىلىۋەتكەن) سېتىۋېلىشقا كۆڭلى بارمىغان كىشىلىرىمىزنىڭ كېيىن پۇشمان قىلغىنىدەك پۇشايمانغا قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 18:49 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1174 سوم
تۆھپە: 685 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆك تۈرۈك ئۇكام:_ زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نادىر يوللانمىلىرىڭدىن   بىرى كۆپۈيۈپتۇ. باغداش تورى ساڭا ئوخشاش مېھنەتكەشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن غايەت زور بىر قامۇسقا ئايلىنىدىغان بولدى.  ئەجىرىڭگە كۆپ رەھمەت.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 23:00 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 103 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 104 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۈرك تىلى ھەقىقەتەن دۇنيا تىلى بۇلۇشقا ھۇقۇقلۇق چۇنكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ95% تىن يۇقىرى كىشلىرى ئۈز ئارا تەرجىمانسىز ئالاقىلىشەلەيدۇ ئىنتايىن يېقىن تىللاردا سۈزلىشىدۇ. ئەمما ئەرەبلەرنىڭ مىسىر، ئىراق، يەمەن، سەئۇدى كۈۋەيەت، پەلەستىن دىئالىكىتىدىكلەر ھەمىسى ئەرەب بۇلسىمۇ زۇر پەرىقلىنددىغان تىللارادا سۈزلىشىدۇ، بەزى دىئالىكىتلار ئارا تەرجىمانسىز ئالاقىلىشەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال ھىندىلاردىمۇ ،خەنزۇلاردىمۇ بار.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 21:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى